گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 1

جانغا راھەت تەنگە شىپا (كېلىنتاش رىۋايىتى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
8
تېما
32
قىزغىنلىق
366
تىللا
1064
تۆھپە
277
توردا
22 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 21:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                  كېلىنتاش رىۋايىتى                                                                            (رىۋايەت)
باي ناھيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرەك تاغ باغىرىدا ‹‹ئىسسىق سۇ››دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار.ئسسىق سۇ بولاقلىرىنىڭ20 –30 مېتىرچە شمال تەرىپىدىكى تاغ چوققۇسىدا بىر ئايالنىڭ ئىككى بوۋاقنى ئىمىتىۋاتقان سىياقىدا چوڭ بىر پارچە تاش بار.(مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئەتىرەتنىڭ تىراكتورىدا ئىسسىق سۇ ئارشىڭىغا چىققان كىشىلەر بىلەن بۇ تاغ چوقۇسىنىڭ تەڭ يېرىمىغا چىقىپ بېقىپ ھېرىپ، قېلىپ چۈشۈپ كەتكەن ئىدىم .90-يىللاردا كىشىلەردىن ئۇ تاشنى كىملەردور چېقىپ ئېلىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم) كىشىلەر بۇ تاشنى ‹‹كېلىنتاش››دەپ،ئاتاپ، ئىسسىق سۇ ئارشىڭىغا كەلگەندە  سۇغا  كىرىپ داۋالىنىش بىلەن بىرگە، يەنە تاغ چوقىسىغا چىقىپ(ئەينى ۋاقىتتا ئىككى سائەتتە چىقىپ بولغىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم) كېلىنتاشتىن ئۆز كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىشىدۇ.مەن كىشىلەر ئاغزىدىن بۇ كېلىنتاش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك رىۋايەت ئاڭلىغان ئىدىم:
قەدىمكى زاماندا قايسى بىر ئۇلۇغ زات ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ كىشلىك سەرخىل قوشۇنى بىلەن كۇپارلارغا قارشى جەڭ قىلىپ،مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ناماز ۋاقتى بولۇپ قېلىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئۇلۇغ زات كېلىنىگە تاغ ئۈستىدە شورپا قايناتقاچ ئەتىراپقا ئوبدان كۆز- قولاق بولۇشنى،ئەگەر كۇپار قوشۇنلىرىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغۇدەك بولسا ئۆزلىرىگە خەۋەر قىلىشنى تاپىلاپ نامازغا ئولتۇرۇپتۇ.
كېلىن بولسا  شورپىنى قايناتقاچ ئولتۇرۇپ قوشكېزەك بوۋىقىنى ئىمتكىنىچە ئۆزۈمۇ تۇيماي ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.كۇپار قوشۇنلىرى تۇيۇقسىز  كېلىپ،ئۇلاردىن بىخەۋەر ھالدا ناماز ئوقۇۋتقان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قەتلى قىلىپتۇ.ھېلىقى ئۇلۇغ زات تاغ چوققۇسىغا چىقىپ قارىسا، كېلىنى ئىككى بوۋقىنى ئىمىتكىنىچە بىخارامان ئۇخلاۋاتقان ئىكەن.ئۇلۇغ زاتنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ :
-ئىلاھىم،ئۇ مۇشۇ ئۇخلىغانچە تاشقا ئايلىنىپ كەتكەي!-دەپ دۇئا قىلىپتۇ-دە،شورپا قايناۋاتقان قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ شورپىنى تۆكۈۋېتىپ كېتىپ قېلىپتۇ( ئىسسىقسۇ يولى ياقىسىدىكى تاغ تاغ ئۈستىدە بىر نەچچە يەردە ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئىزى بار دەپ ئاڭلىغان ئىدىم).شۇنىڭدىن باشلاپ ھېلىقى كېلىنچەك ئىككى بوۋىقىنى ئىمىتىۋاتقان ھالدا تاشقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ.تۆكۈۋەتكەن(ئات گۆشى)شورپا بولسا تاغ جىرا ۋە قورام تاشلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كېتىپ،دەريا بويلىرىدىن نەچچە ئون يەردىن شىپاللىق ئىسسىق سۇ بولاقلىرى بولۇپ چىقىۋېتىپتۇ.


Rank: 2

تېما
28
قىزغىنلىق
282
تىللا
780
تۆھپە
197
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 22:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز، رەھمەت سىزگە. بولسا سۇرەتلىك قىلىپ يوللاپ ئىسسىق سۇنىڭ ئىسىل مەنزىرلىرىنى يوللاپ  قويغان بولسىڭىز،بەك ياخشى بۇلاتتىكەندۇق.


يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 07:23 , Processed in 0.096539 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش