تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 7

ئەرگە تەگمەك تەس!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
78
ئەرگە تەگمەك تەس!

"تەس"لەر جىق سانىساق، بولار كۆڭۈل غەش،
بۇ غەشلىك يىغىلىپ بولىدىغۇ چەش،
شۇ بىلەن ساپ كۆڭۈل ھېسابلىنار خەس،
شۇ غەشلىك ئىچىدە بار بىر نەسلىك، نەس!
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

ئويلايسەن: "چوڭ بولسام بولاتتى،- دەپ،-تېز ،
ھەم بولسام چىرايلىق، خىزمەتتىكى قىز"،
ئاھ ! لېكىن، بۇ ئارزۇ قالدۇرماستىن ئىز،
ئۇشتۇمتۇت قالىسەن چوڭۇپ بەكمۇ تېز،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

تاق يۈرسەڭ دېيىشەر :" ئەركەك جىنى بار،
ۋە ياكى قېنىدا ئەرنىڭ قېنى بار،
بولمىسا تەگمەمتى، ئېھتېمال جىن يار،
يۈرمەيتتى ئۆزىگە ئۆزى بولۇپ خار"،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

"بوپتۇلا، توي قىلسام قىلاي" دېسەڭ گەر،
تۇرۇپتۇ نەدە –ھە، سېنى ساقلاپ ئەر؟
چۈنكى يوق خىزمىتىڭ، ئاققۇزساڭمۇ تەر-
كۆرۈنمەس باشقىغا، بەجايىكى يەر!
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

يىگىتلەر ئىزلەيدۇ خىزمىتى بارنى،
خىزمىتى بولمىسا تاشلايدۇ يارنى،
ئويلىماس ئىپپەت ھەم ئەخلاقنى، ئارنى،
شۇنچىلىك ئۇلارنىڭ كۆكسى ۋە قارنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

خىزمىتىڭ يوقلۇقى ئەڭ چوڭ جىنايەت،
يىگىتكە كېرىكى سەن ئەمەس، خىزمەت!
ئىپپىتىڭ، ئەخلاقىڭ ئاڭا بىھاجەت،
ئايدا پۇل ئەپكىرسەڭ تاپىسەن ئىززەت،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

"شۇ قىزىم تالالىق بولسا ئىدى" دەپ،
ھەر دائىم سەن ئۈچۈن تالاي غەملەر يەپ،
خۇدادىن بەختىڭنى، رىسقىڭنى تىلەپ،
پۇچۇلار جۈپ تېغىڭ بولۇپ سەپمۇ-سەپ،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

توي قىلساڭ ئېرىڭنى كۈتمىسەڭ تېخى،
سېسىق گەپ، دەشنامغا كۆنمىسەڭ تېخى،
يۈكىنى بىر ئۆينىڭ يۈدمىسەڭ تېخى،
بىر ئۆمۈر جاپادا ئۆتمىسەڭ تېخى،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

ئەر بولسا قىز ئالسا، خىزمەت ئالمىسا،
خىزمىتى يوقكەن دەپ ئەپسۇس قىلمىسا،
تەڭ كۆرسە، بىكار دەپ يۈزگە سالمىسا،
ئەر شۇنداق بولسا گەر، نېمە، چارچىسا؟
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!


مەنبە: قاراسۇ مۇنبىرى


ۋاقتى: 2014-5-17 22:06:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنىڭ جېنىغا تىگىدىغان بولدى -دە بۇ شىئېر


ۋاقتى: 2014-5-18 15:06:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى «خوتۇن ئالماق تەس» نىمۇ چاپلىمامسىز؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-18 17:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-18 17:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 15:06
ئەمدى «خوتۇن ئالماق تەس» نىمۇ چاپلىمامسىز؟

مىنە ئەمىسى دەپ چاپلىدىم!


ۋاقتى: 2014-5-18 17:19:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيييييي!!!  بۇ دۇنيادا ( تەس) لەر نىمىدىگەن كۆپ ....


ۋاقتى: 2014-5-18 21:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراغول يوللىغان ۋاقتى  2014-5-17 22:06
قىزلارنىڭ جېنىغا تىگىدىغان بولدى -دە بۇ شىئېر


يىگىتلەر ئىزلەيدۇ خىزمىتى بارنى،
خىزمىتى بولمىسا تاشلايدۇ يارنى،
ئويلىماس ئىپپەت ھەم ئەخلاقنى، ئارنى،
شۇنچىلىك ئۇلارنىڭ كۆكسى ۋە قارنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

خىزمىتىڭ يوقلۇقى ئەڭ چوڭ جىنايەت،
يىگىتكە كېرىكى سەن ئەمەس، خىزمەت!
ئىپپىتىڭ، ئەخلاقىڭ ئاڭا بىھاجەت،
ئايدا پۇل ئەپكىرسەڭ تاپىسەن ئىززەت،
جاھاندا ھەممىدىن ئەرگە تەگمەك تەس!

       مەن تېخى بۇ كۇبلىتلارنى ئوقۇپ ئوغۇللارنىڭمۇ ۋىجدانى خېلى ئويغۇنۇپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، تولىمۇ ئەپسۇس........
      


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-19 23:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىدا قىلچىمۇ غەيرى مەقسەت يوقتۇر،
كەمىنە ماختاش يا تەنقىدكە بىھاجەت، توقتۇر.
يازمىدا دېيىلگەن تۈگۈنلۈك مەسىلە شۇلدۇركى:
«خوتۇن ئەمەس، خىزمەت ئالغۇچى بىر دۆۋە پوقتۇر!»  ------------ دېمەكچىمەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-11 07:59 , Processed in 0.192535 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش