گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 203|ئىنكاس: 5

غاجىماقتا ھىجران قەلبىمنى(زۆھرەگۈل مەتنىيازگۈلچىن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
47
غاجىماقتا ھىجران قەلبىمنى



(زۆھرەگۈل مەتنىياز گۈلچىن)

                                       

دېرىزەمنى چىكەر تۇلۇنئاي،

ئېپ كەلدىمۇ يارنىڭ خەۋىرنى.

دومسىيلا كەتتى يىراقلاپ،

ئەزدى ئازاپ ئۇشبۇ قەلبىمنى.



يۇلتۇزلارمۇ مەيۈس تولغىنار،

سۆيگۈمىزگە بۇلۇپ پەرىشان.

تىلەكلىرى يەتمەيدۇ ساڭا،

يىغلىماقتا بىز ماڭغان نىشان.



سېغىنىشتا ئارزۇيۇم ھالسىز،

يۈرەلمەيدۇ ئارمىنىم مەغرۇر.

تۆت تام قارار چەكچىيىپ ماڭا،

تاپالمىغاچ زەرىچە ھۇزۇر.



ھىجرانلارغا تۇتقۇن بۇ قەلبىم،

ئەسنىمەكتە سوغۇق خانەمدە.

مەسخىرلىك ھىجىيىپ كارۋات،

تەنھالىقتا ئاچچىق ئەلەمدە.



غۇۋا چىراق شۇنچىلىك سۇلغۇن،

تاپالمىغاچ ئۇيقۇ زادىلا.

كۆزلىرىمدە ئۇرۇشار خىيال،

ئازاپلارغا بولغان مۇپتىلا.



يالغۇزلۇقنىڭ تەمسىز شارابى،

چىن سۆيگۈمنى قىلماقتا خامۇش.

غاجىماقتا ھىجران قەلبىمنى،

مۇھەببەتنىڭ ھېسلىرى بىھۇش.



تىترمەكتە كىرپىگىم جىمجىت،

يازالمىدى سۆيگۈ نەزمىسى.

ئازاپلاردا يۈرىكىم ئۈنسىز،

يىغلىماقتا ھىجران كىچىسى.









مۇڭدىشاي سەن بىلەن يۈرەك قانغۇچە

                                         



ئۇيقۇدىن بىدار ئۆتتى بۇ كىچە،

خىيالغا يەم بۇلۇپ كۆزلىرىم شۇنچە.

رازىمەن بىر ئۆمۈر باغرىڭدا كۈلۈپ،

سەن بىلەن مۇڭداشسام تاكى ئۆلگىچە.



كۆرەلمەي سېغىنىپ تەنھا يۈرگۈچە،

سىمايىڭ لېۋىمنى تاتلىق سۆيگۈچە.

شاتلىناي باغرىڭدا كەچمىشلەر ئارا،

ئازاپتا ئۆرتىنىپ يەنە كۆيگۈچە.



ھەسرەتلىك كۈيلەرگە ئەسىر بولغىچە،

قەلبىمگە پىغانلار ھەمراھ بولغىچە.

مۇڭدىشاي سەن بىلەن پەقەت بىر قېتىم،

يۈرىكىم سۆيگۈڭگە تاكى قانغۇچە.



ھىجرانغا يار بۇلۇپ كۆڭلۈم سۇنغىچە،

يۇلۇڭغا تەلمۈرۈپ كۈزۈم تالغۇچە.

يۈرىكىڭ قېتىدا چاچاي خۇشپۇراق،

جىسمىمدا زەرىچە دەرمان قالغۇچە.





شېئىرنىڭ باغرىغا كىتەيلى سىڭىپ





تۇنۇشتۇق بۇغۇملار بۇلۇپ تىزىلىپ

نۇرلاندى جىسمىمىز تۇغۇلدى ئارمان.

قول سۇزۇپ چاقىردىڭ باغرىڭغا مىنى،

مەدىيلەپ سۆيگۈنى ماڭدۇق شادىمان.



شېئىرنىڭ باغرىغا كەتتۇق بىز سىڭىپ،

دولقۇنلاپ مۇزاتتەك ئاقتۇق كۈلۈشۈپ.

گۈل ئارا چىمەنلەر قوغلاپ كىپىنەك،

مىسراغا قېتىلدۇق ئېسىل كۈي بۇلۇپ.



بىز تەرگەن بۇغۇملار ئۈندى بىخلىنىپ،

قاپىيە جۈپ بۇلۇپ كۈلدى قاقاقلاپ.

چاۋاكلار چېلىشىپ سېلىشتۇق چۇقان،

جىمجتلىق ئويغىنىپ كەتتى ۋالاقلاپ.



بىز ئاستا سالپىيىپ چىقتۇق ماۋزوغا،

قالدۇرغان ئىزلارغا مەنىلىك قاراپ.

بۇلبۇللار ھەۋەستە كەتتى سايرىشىپ،

ھەسەتلەر ئىشىكتىن قېپقالدى ماراپ.










ۋاقتى: 2014-5-11 23:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىلى يىنىك، لەرزان چىقىپتۇ، ئىلھاملارغا بارىكاللا !
سىزگە يېڭى ئىلھاملار يار بولسۇن!


ۋاقتى: 2014-6-19 13:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى يېزىلغان شېركەن،قەلىمىڭىز ھارمىسۇن.


ۋاقتى: 2014-6-20 21:01:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز زۆھرەگۇل مەن توردىشىڭىز ئابلىز بۇ ئىنكاسنى كورسىڭىز ماڭا جاۋاپ قايتۇرۇڭ بۇلامدۇ


ۋاقتى: 2014-6-23 13:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملار كەپ تۇرۋېتىپتۇ ، ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن !  ھارمىغايسىز ! ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىدۇق ، نەدە خىزمەت قىلۋاتىسىز يۇرتدىشىم ؟   لېكىن مۇشۇ ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ، بىز ھەم ئۇلارغىمۇ خەت يېزىپ تۇرۇڭ !
                       مەن بىرىنجى گۇرۇپتىكى ھەسەنجان !   


ۋاقتى: تۈنۈگۈن 22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىشلىقمۇ  ؟  بۇ شېئرڭىزمۇ  ياخشى چىقىپتۇ ،  ھارمغايسىز  ............


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:25 , Processed in 0.367415 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش