باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈردى
شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە ھەرمىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى
28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل سەھەردە قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىغا بېرىپ، قورال-جابدۇق ۋە مەشىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلام جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ، مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش،قاچىلاش، توشۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭخاڭ مەسچىتىگە بېرىپ، بۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپجان، مۇتىۋەللىسى بەكرى ياقۇپ قاتارلىقلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.
28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن،شى جىنپىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتى ئاھالىسى ئابدۇقەييۇم روزىنىڭ ئۆيىگە باردى.
29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنى 6-دىۋىزىيەسىدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم يوليورۇق بەردى.
28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە باردى.
29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بىڭتۈەن 6-دىۋىزىيىسى ئىتتىپاق كومىتېتى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى شىنجاڭ يىنفېڭ يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، تىراكتور، يەرھەيدەش ماشىنىسى، يەر تۈزلەش ماشىنىسى، سېيالكا ، دورىلاش ماشىنىسى، كېۋەز يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، بىڭتۈەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، قوللىنىش ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىئاھالىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى مۇھىم فاڭجېنلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى خىزمەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىناق-ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئىلغار، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ، فەن چاڭلوڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ جېڭۋېي ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.