گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 425|ئىنكاس: 1

ئېزىز نىياز: ئوتتۇز ياشقا كىرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئوتتۇز  ياشقا  كىرىش

        ئېزىز  نىياز


          ....غا


تەشنا ئەمەس قۇرىغان بەرگىم،

سىڭەلمەيسەن بولمىغىن شەبنەم.

زەرداپ قىلماي قانسىز يۈرەكنى،

كېتىپ قالغىن، كېتىپ قال ئەركەم.


چۆكۈپ يۈرمە قارچۇقلىرىمغا،

سۈزەلمەيسەن زەررىچە گۆھەر.

كىرپىكىمگە ئېسىپ ئارغامچا،

ئۆلىۋالغىن كۈتمەستىن سەھەر.


     بويتاق لىرىكا


جەننەتسىمان بېرىدۇ تۇيغۇ،

يالغۇزلۇقۇم مىنگەشكەن كېچە.

ئىسسىق تاماق، چىرايلىق ئايال،

كېرەك ئەمەس ماڭا ھېچ نەرسە.


قورسىقىمنىڭ ئاچلىقى مەيلى،

رومكىلاردا لەيلەپ چۆككىچە.

يىغلىۋالاي ئىچىمدە ئاچچىق،

خىيالىمنى سۈرۈپ تاڭغىچە.


يۈرىكىمدىن چىقىدۇ تىتىرەپ،

خىيالىمدەك گۈزەل مۇزىكا.

مۇزدەك يوتقان ئەجەپ سۆيۈملۈك،

يالغۇز ياتسا بويتاق لىرىكا.


ئۆز ئۆزەمگە قالدىم ئېرىشىپ،

بۈگۈن كېچە كېتىپ سۆيگىنىم.

ئېھ!ھەممىدىن گۈزەل بويتاقلىق،

ھاياتلىققا بويتاق ئەمەس كىم!؟


    يامغۇر ۋە يالغۇز


يالغۇز-يالغۇز كوچىلار ئارا،

قۇچاقلىدىم يامغۇرنى ئۇزاق.

كىملەرنىدۇ ئىزلىدىم، لېكىن

تاپالمىدىم شۇنچىلىك ئوماق.


كوچىدىكى دەرەختەك، گۈلدەك.

شىۋىرلىدىم غېرىپ ۋە بوغۇق.

سۈزۈك-سۈزۈك يامغۇر سۇلىرى،

ئېقىپ كەتتى يالغۇز ۋە سوغوق.


ئەڭ ئاخىرقى ئادەمدەك مەنمۇ،

ئېقىپ كەتتىم يامغۇر سۈيىدە.

تامچە-تامچە پارچىلانغان قىز،

يالغۇز قالدى سوغوق ئۆيىدە.


           سۇنغان كۆڭۈل


                 (1)

قارىچۇقۇمدا قاتقان سۈرەت سەن ئەمەس،

يۈرىكىمدە يوق ھەم سېنىڭ ھەيكىلىڭ.

لېۋىمدىكى چېقىق-چېقىق قانسىراش،

بولۇپ قالسۇن قىزچاق سۇنۇق ئەينىكىڭ.



سۆيەلمەيمەن سېنى ئەمدى رەنجىتىپ،

كۈلۈپ مەجبۇر، لەۋ يېقىشلار نە ھاجەت.

يۇلىۋەتتىم سېنى قەلبىم بېغىدىن،

كېرەك ئەمەس ماڭا ئاسىي مۇھەببەت.


تونۇشمىغان بىز ئەزەلدىن، ئۇنتۇپ كەت،

سەنغۇ ماڭا ئەزەلدىنلا ناتونۇش.

يولىمىزمۇ ئاچا-ئاچا چىغىر يول،

مۇمكىن ئەمەس بىزگە مەڭگۈ ئۇچرىشىش.

                   (2)

مېڭىش ئاسان ئېزىپ قالساڭ ئەگەردە،

سوراپ يۈرمە ئەمدى مەندىن يول خېتى.

بېرەلمەيمەن، بىلگىن ساڭا ھېچ نەرسە،

خەتلەرنىڭمۇ قالدى پەقەت سۇنىقى.


بىر پارچىمۇ سۈرىتىڭ يوق مېنىڭدە،

ئەسلەي دېسەم قالدى پەقەت خام خىيال.

تۇرمۇشۇمدا بولمىغان دەپ ئەزەلدىن،

ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مېنى تامام، ئېھتېمال...

(3)

سۈرىتىمنى چىشلەپ-چىشلەپ ئەسەبى،

خەتلىرىمنى ئاچچىق-ئاچچىق يىرتىۋەت.

خارلانمىسۇن ساڭا بەرگەن سوۋغىلار،

رەنجىمەيمەن، مەيلى يىراق تاشلىۋەت.


خىيالىڭغا توساق قويغىن خۇش بولاي،

سەنمۇ بولما ئازابلارغا ھامىلدار.

«ئالۋۇن» بولسۇن پەقەت ھەممە، ھەممىسى،

بولاي مەنمۇ تەبەسسۈملۈك ھازىدار.


سەنمۇ كەتكىن مەنمۇ كېتەي "خوش" دېمەي،

قاراشمايلى ئارقىمىزغا بولدى بەس.

بولسۇن سۆيۈش-سۆيۈلۈشمۇ پەقەت چۈش،

بولالمايمىز ئەمدى مەڭگۇ ھەمنەپەس.


     ئوتتۇز  ياشقا  كىرىش


دىدارلاشتىم ئوتتۇز ياش  بىلەن،

ۋىسالىمدا ئوتتۇز  خىل خىيال.

ماڭا ھىچكىم تەبرىك بەرمىدى،

سۆيۈپ قويدى پەقەت بىر ئايال.


سۆيۈشلەردە ئوتتۇز ھارارەت،

ئوتتۇز باھار، ئوتتۇز زىمىستان.

گاھ ئېرىدىم، گاھى تىترىدىم،

گاھى كۆز ياش، گاھى ھاياجان.


ھىچنەرسەم يوق يېشىمدىن باشقا،

ئوتتۇز ئەمەس تاپقان تەرگىنىم.

خەزىنەمدە دىلدارىملا بار.

ھەممىسى شۇ ئالغان- بەرگىنىم.


قىلمىش، ئەتمىش ئۆزۈمگە ئايان،

بەلكىم ئوتتۇز ياخشىلىق گۇناھ.

ھاياتىمنىڭ يېرىمى كەتتى،

ئېرىشكىنىم پەقەت بىر ئۇۋا.


بار ئوتتۇزى، ئوتتۇزى كەتسە،

مېنى يەنە ياشا دەيدىغان.

ماڭا ھەمراھ ئاي بار ،دىلدار بار،

بولسا رىسقىم يەنە  يەيدىغان.


(ئاپتور: ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسېتىتى باي ناھىيەلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى).


_ «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-30 23:08:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەنى تولۇق يېزىشنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن.

«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- ۋە 2014-يىللىق 1-سانلىرىدىن ئېلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 13:23 , Processed in 0.249486 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش