گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1442|ئىنكاس: 5

بايدىن چىققان تۆت نەپەر سايرامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
79
بايدىن چىققان تۆت نەپەر سايرامى تەخەللۇسىدىكى ئەدىب


سايرامى تەخەللۇسىدىكى بۇ تۆت نەپەر ئەدىپنىڭ ئىككىسى تارىخچى،ئىككىسى شائىر.ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1.موللا مۇسا سايرامى
مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىبى موللا مۇسا بىننى ئەيسا سايرامى مىلادىيە 1826-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىر يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ .ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى ۋاقىتنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن دىنى زاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئوغلىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرېسىدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ ساۋاتىنى چىقىرىدۇ . 1847-يىلى ئۇنى ئەينى زاماندا جەنۇبى شىنجاڭدا داڭلىق بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرېسىگە ئوقۇشقا بېرىدۇ . بۇ مەدرېسىنىڭ مۇددەرىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن كىشى ئىدى . موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا،قۇرئان،ھەدىس،تارىخ،ئەدەبىيات،(تەقۋىم كالىندارشۇناسلىق )، ئاستىرونومىيە ئىلىملىرى ھەمدە ئەرەب،پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ،«بالا مولا»،«موللا مۇسا» دېگەن ناملار بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە ئىدىيە جەھەتتىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇ 1854– يىلى مەدرېسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،ئانا مەكتىپى سايرام مەدرېسىدە مۇددەرىسلىك قىلىدۇ .
1864 –يىلى كۇچا قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن ، موللا مۇسا سايرامى تالىپلىرىنى باشلاپ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەردىسى ماخمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ئومۇمى ئىشلار باشلىقى بولىدۇ . بۇ جەرياندا خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ، بىلىم دائىرىسىنڭ كەڭ ، چوڭقۇرلۇقى ، كەمتەر ، كىچىك پېئىللىقى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ۋە خەلق ئارىسىدا زور ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ .1867-يىلى ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ ياقۇپبەگنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابېك ھىسارىنىڭ كاتىپى بولىدۇ .
1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا قېلىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە 40 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدبىي ئەسەرلەرنى يازىدۇ. بۇلاردىن مەشھۇرراق بولغانلىرى«تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»،«دەر بايان ئەسھابۇل كەھف»،«تارىخي ئەمىنىيە»،«دىۋان مەسنەۋى»،«تارىخىي ھەمىدى»،«سالامنامە»قاتارلىقلاردۇر.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ناھايىتى ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. بۇ ئېغىر تۇرمۇش ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ. 1917-يىلى 81 ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ يۇرتى سايرامغا قايتىدۇ.
شۇ يىلى 4-ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى ، تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ .


2. ئابلىز مۇھەممەت سايرامى
171104lo3n6zxij6o40ul3.jpg

3. ئارمىيا ئېلى سايرامى
ىمشېھىت – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق شائىر،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى.ئۇ لېرىك شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنى تېما، مەزمۇن جەھەتتىن بېيىتىشقا قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسى،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بەدەئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۇسلۇبىغا بولغان ئىجادىي ۋارىسلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى يېڭى دەۋردە يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغانلىقى،ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچىدىكى يۇقۇرى پەللىنى ياراتقانلىقى بىلەن؛ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانى ئارقىلىق شەرق ئەللىرى ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى تېما -پەرھاد-شېرىن تېمىسىنى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە باغلاپ،بۇ تېمىدا غايەت زور يېڭىلىق ياراتقانلىقى،شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ قەدىمقى زامان مەدەنىيەت-سەنئەت تارخىدىكى بىباھا گۆھەر ھېساپلىنىدىغان قىزىل مىڭ ئۆيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۇنجى بولۇپ ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرگەنلىكى بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزدا پەخىرلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
نىمشېھىتنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئارمىيا ئىلى، ئۇ دەسلەپكى مەگىللەردە ئۆزىنىڭ نامىنى ئەدەبى تەخەللۇس قىلغاچقا، ئارمىيە ئىلى سايرامى دەپمۇ ئاتالغان. 1933 – يىلىدىكى زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭدا ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن بولسا «نىمشېھىت» دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسىنى قوللانغان.
نىمشېھىت 1906 – يىلى باي ناھىيسىنىڭ سايرام يېزىسدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.دەسلەپكى خەت ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقارغان. 1922- يىلىدىن 1930- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ باي ۋە كۇچا ناھىيلىرىدىكى مەرسىلەردە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقى ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلەش مەقسىتىدە، شۇ چاغلارغىچە يۇرتىمىز مەدەنىيەت مائارىپنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەرگە بېرىپ، مەشھۇر «خانلىق مەدرىسە» سىگە ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ يەردە ئۇ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، ئەدەبىي ئىجادىيتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جامائەت ئىچىدە تېزلا تونۇلۇشقا باشلىغان.
1933- يىلى نىمشېھىت ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. شۇ يىلى قەشقەردە قەشقەر خەلقىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا، ۋەتەننى پارچىلاشقا، ئىچىكى قالايمىقانچىلىققا قارشى بىر قېتىملىق قوراللىق كۆرەش بولغاندا، نىمشېھىتمۇ شۇ كۆرەشكە قاتنىشىپ، دۈشمەن قولىدا ئېغىر يارىلاندى. گەرچە شائىرنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق خەۋپ ئىچىدە قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىللىك جىددى داۋالاش ئارقىلىق ئۇ ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ قالغان، ئەمما،سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن قەشقەردىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي، بايغا قايتىپ كېلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.1936- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ناملىق گېزىت چىقارغاندا، نىمشېھىت شۇ گېزىتنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە يۆتكىلىپ كېلىنگەن. شائىرنىڭ مۇشۇ چاغدىن باشلىنىپ 1945- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان ئاقسۇدىكى ھاياتى ناھايتى مول مەزمۇنلۇق ئۆتكەن.نىمشېھىت 1945- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇيرۇق بويىچە ئاقسۇدىن غۇلجىغا قايتقان مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە غۇلجىغا باردى. شۇنىڭدىن تارتىپ شائىرنىڭ غۇلجىدىكى جەڭگىۋار ھاياتى باشلانغان.
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن نىمشېھىت ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1952- يىلى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە خەلقىنىڭ 1- قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيغا قاتناشتى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ داۋاملىق تۈردە ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىينىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلدى. 1956- يىلى جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى تەشكىللىگەن ھەج قىلغۇچىلار ئۆمىكى تەركىبىدە ھەج پائالىيتىگە قاتناشتى ۋە چەتئەللەردە دوستانە زىيارەتلەردە بولدى. 1957- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 1- قۇرۇلتىيغا قاتنىشىپ، بىرلەشمىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىدى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ۋاقىت نىمشېھىت ھاياتىغا نىسپەتەن ئېيىتقاندا تولىمۇ كۆڭۈلسىز بىر مەزگىل بولدى. سولچىل ئىدىينىڭ ۋە مەدەنىيەت زور ئىقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن نىمشېھىت خىزمىتىدىن توختىتىلىپ، باي ناھىيسىگە قايتۇرۇلدى. جازا ھېسانىدىكى ئېغىر ئەمگەك ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شائىرنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، 1972- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.


4.تۇرسۇن ياقۇپ سايرامى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيتى
تۇرسۇن ياقۇپ سايرامى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە پىشىپ يېتىلگەن،80-90يىللاردا ئۈزىنىڭ چوڭقۇر ،مول مەزمۇنلۇق شئېرى ئەسىرى بىلەن  كەڭ جامائەتچىلىككە تۇنۇلغان ياش شائىرلارنىڭ بىرى.
ئۇ 1958-يىلى 11-ئايدا باي ناھىيە سايرام يېزا توقيېزا كەنتىدە خىزمەتچى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا ئۇقۇش ھاياتىنى يۇرتى سايرامدا تاماملىغان ،1977-يىلىدىن1982-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىيكا ئىنستۇتىتنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا ئوقۇپ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسدا خىزمەت قىلغان، كېيىن خىزمەت ئېھتىياجى ھەم ئۆزىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە باي ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، پۈتكۈل جەمئىيەت چىن دىلىدىن سۆيۈپ ھۆرمەت قىلغان مائارىپ سېپىدىكى تەلەپچان باغۋەن. 1996-يىلى 2-ئايدا ئۇ  كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئۇ ئۇقۇغۇچىلىق ھاياتىدىن باشلاپلا ئىلىمگە چوڭقۇر ئېشتىياق باغلاپ نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يېزىپ،ھەرقايسى گېزىت -ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈردىغان ئىشى شۇكى، ئۇ ئاخىرقى نەپىسى توختىغىچە قۇلىدىن قەلەمنى چۈشۈرمەي، ئىجادىىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان، تۇرسۇن ياقۇپ سايرامى موللامۇسا سايرامى ۋە نىم شېھىت ، ئارمىيە ئېلى سايرامىلارنىڭ ئىزنى باسقان ۋە ئۇلاردىن كېيىن يۇرتىمىز سايرامىنى جەمئىيەتكە يەنە بىر قېتىم تۇنۇتقان، سايرام ئاسمىندىكى يەنە بىر نۇرلۇق چولپان ئىدى. ئۇ بىزنىڭ يەنە بىر پەخىرمىز ئىدى. ئەپسۇس ، بۇ چولپان ئىنسانىيەت ئالىمىدىن ۋاقتسىز ئېقىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆتكۈر نۇرى ئۆچمىدى. ئىشىنمىزكى بۇ نۇر مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغان ئىز باسارلار بار، ئۇلار ئاشۇ نۇرنى مەڭگۈ ئۈچۈرمەيدۇ.
ۋاقتى: 2014-4-26 14:47:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر سايرامىنى ئۇنتۇپ قاپسىز، ئۇ يۈەن سۇلالىسى خانلىق بىلىم يۇرتىنىڭ مەشھۇر تەرجىمانى  ۋە  تەتقىقاتچىسى ئالىم تۆمۈر سايرامى!
http://hi.baidu.com/erkmandadxah/item/14819cf69e3d61cc531c26ff
匿名  ۋاقتى: 2014-4-27 23:15:26
ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم، تۇرسۇن ياقۇپ مۇئەللىمنىڭ رەسىمى بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار.
ۋاقتى: 2014-5-12 19:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يۇرتىمىزنىڭ ئۇلۇغلىرىنى بىلىشىمىز زۆرۈردۇر، رەھمەت سىزگە! ئەھمىيەتلىك تېما!
ۋاقتى: 2014-5-12 20:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىز  سايرام ھەقىققەتەنمۇ داڭلىق جاي ، بارلىق دوستلارنىڭ سايرام قېتىقلىردىن ئىستىمال قىلىپ  كىتىشىڭىزلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز  .
ۋاقتى: 2014-5-29 11:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست. دىمىسمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بۇپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 12:34 , Processed in 0.226463 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش