ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر  ، مەن بۇرۇن بۇ مۇنبەردە ھىچ ئىش قىلىشنى بىلمەيتىم ، پەقەت پايدىلناتتىم . كىيىنچە نۇر تورىدىكى يانفۇنغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۈچۈرۈپ تېما يازىدىغان بولدۇم . ھازىر يانفۇندا ئەپ تەرجىمە قىلالايدىغان بولدۇم . شۇنىڭدىن بىرسى ئەپ تەرجىمە قىلمىسام كۈنلىرىم زىرىكىشلىك تۇيۇلدىغان بولدى. شۇڭا سىغىمى كىچىكرەك ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ مەشىق قىلۋاتىمەن . 
     مەن نەچچە كۈندىن بىرى كۆڭلۈمگە ياققىدەك بىرەر ھۆججەت باشقۇرغۇچ تاپالماي بەك ئىچىم پۇشقانتى ، يا بۇ ئۈچيۇلتۇز ماركىلىق تىلفۇنۇمنىڭ ھۆججەت باشقۇرغۇچى يانفۇنۇمدا بار بولغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلمىگەن ، يا بىرەر نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمىغان . شۇڭا بەيدۇ ئەپ بازىرىنى نەچچە كۈن ئاختۇرۇپ 360 ئەپ بازىرىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ۋە قاچلاپ كۈرۈپ باقسام شۇنداق ياخشى ھۆججەت باشقۇرغۇچكەن ، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ ئەكەلدىم . 
   
    ئاۋال بۇ ئەپنى قىسقىغىنە بىر تۇنۇشتۇرۋىتەي : 
    1. بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچ رەڭلىك ، شۇنداق كۆركەم ، لاھىيلىنىشىمۇ ئاددى ، ئىشلىتىش بەك قۇلايلىق . 
    2. بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ يۇشۇرۇن ھۆججەتنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار . 
    3.  بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق يانفۇندا بار بولغان مۇزىكا ، فىلىم ، رەسىم ، ئەپ ۋە باشقا بارلىق ھۆججەتلەرنى بىريەردە كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
    4.بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچ يانفۇنغا يېڭىدىن قۇشۇلغان بارلىق ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ . 
    5. بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق پىرىستىن يېشىدىغان ئەپلەرنى شۇنداق ئاسان يەشكىلى بۇلىدۇ . ( مىنىڭ ئۈچيۇلتۇز ماركىلىق تىلفۇنۇمدا يەشكىلى بولمايتى ، شۇڭا بۇ ئىقتىدارىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم ) 
    6.بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق يانفۇندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ ، يانفۇننىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ . 
    7. بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق يانفۇننىڭ كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ، باشقا يانفۇنلارغا ئەپ ۋە باشقا ھۆجججەتلەرنى يوللىغىلى بۇلىدۇ . ( قارشى تەرەپتىمۇ مەزكۇر ھۆججەت باشقۇرغۇچ بۇلۇشى كىرەك ) 
    8. بۇ ئەپنىڭ يىراقتىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى بار . ھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ كۈرۈنمە يۈزىدە بۇ ئىقتىدار بولمىسا ‹‹ تېخىمۇ كۆپ تەڭشەش ›› دىگەن يەرنى ئېچىپ ، ‹‹ تۈرگە ئايرىش ئىقتىدارىنى باشقۇرۇش ›› دىگەن ئورۇندىن سىز ئىشلەتمەيدىغان ئىقتىدارنى بىكار قىلۋېتىپ ، بۇ ‹‹ يىراقتىن باشقۇرۇش ›› ئىقتىدارىنى قۇشۇڭ ۋە سىزگە قۇلايلىق باشقا ئىقتىدارلارنى قۇشۇڭ.  ( لىكىن مەن بۇ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم ، سىلەر سىناپ ئىنكاس يېزپ قۇيارسىلەر ) 
    9. بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچتا ئۈچۈرگەن بارلىق ھۆججەتلەر يىغۋېلىش پونكىتىغا ئۈچۈرۈلدۇ . ئەگەر سىز بىرەر ھۆججەتنى خاتا ئۈچۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ، يىغۋېلىش پونكىتىغا كىرىپ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. 
   10. 360 تور دىسكىغا تىزىملاتقىلى ۋە تور دىسكىغا كىرىپ مەشخۇلات قىلغىلى بۇلىدۇ .
    
    11. بىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلار پىكىر ئالماشتۇرۇش ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش چ چ توپىمىزغا كىرىپ يانفۇنغا دائىر پىكىر ئالماشتۇرۇڭ ۋە مەسلىھەت سوراڭ . چ چ توپ نۇمۇرىمىز : 260764570  
   
     ئەمدى بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ بىر نەچچە پارچە كەسمە سۈرەتلىرىنى كۈرۈپ باقايلى : 
         
         
        
       
      
 
      
      قېرىنداشلارنىڭ ئۆزى ياقتۇردىغان سىىمى كىچىكرەك ، ياخشىراق ئەپ بولسا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويساڭلار . مەن تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قۇياي . ئەپ تەرجىمە قىلمىساممۇ زىرىكىپ كىتىدىكەنمەن .  
    قېنى ئەمسە بۇ قاتىل ھۆججەت باشقۇرغۇچنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ ، ئىنكاسنى بۇلىشىغا يازارسىلەر . ئىنكاس يازسا باج  ئالمىغاندىكىن . لىكىن قالايمىقان ئىنكاس يازماڭلار جۇمۇ . ئەمسە مەرھەمەت :