تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 0

« تەبىئىي» لىك (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 14:42  

                                                                          « تەبىئىي» لىك
                                                                                  (ھېكايە)
                                                                                  ئىلياس قاسىم

_     مەن سىلىگە تېلېفون قىلغاندا ھەممە ئىش تەبىئىي بولسۇن، مېنىڭ بارىدىغىنىمنى داۋراڭ قىلماڭلار، دېمىگەنمىدىم؟! قۇلىقىڭلار زادى گەپ ئاڭلىمايدىكەن سىلىنىڭ! _ دەپ، قايناپلا كەتتى يېزا مەركىزىدىن 80 كىلومېتىر يىراقتىكى تاغ ئىچىگە جايلاشقان شور تاغ چارۋىچىلىق مەيدانىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن يېزا باشلىقى مەيدان ئىشخانىسى قورۇسىنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىدىن چۈشۈپلا...
    دېمىسىمۇ، يول بويىدىكى دەرەخلەر ۋە يېقىن ئەتىراپتىكى تاملارغا خاسلا يېزا باشلىقىنى قارشى ئېلىش مەنىسىدىكى سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېسىلىپ، شوئارلار چاپلانغان. قورۇ ئىچىدىكى كەڭرى مەيدانغا ئوچاقلار ياسىلىپ، ھەر يوغان داش قازانلار ئېسىلغان ھەم ئۇنىڭغا يانداپ ئوتلار پاراسلاپ چاچراپ تۇرغان كاۋاپدانلار قويۇلغان بولۇپ، بىر چەتكە ئورنىتىلغان قاتار كانارلاردا تولۇمدەك سەمرىگەن ئوغلاق، پاخلانلار سويۇلماقتا ئىدى.
    مەيدان باشلىقىنىڭ خاس ئىشخانىسىدا قېنىق پەرداز-بوياقلار ئىچىدە كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك بولۇپ كەتكەن قىز، چوكانلار خۇددى «ئەزىز مېھمانلاردىن بۇرۇن باشقا خەقلەر كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ!» دېگەن بەلگىلىمە باردەك ئىشىكنى چىڭ يېپىپ قويۇپ، ھەربىر تال گازىرنى ئاۋايلاپ چىمدىپ ئالغىنىچە، لەۋلىرىدىكى بوياقلارنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئېغىزلىرىغا تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن سېلىشىپ چېقىپ ئولتۇرىشاتتى. يول ياقىسىدىكى بىر تۈپ تېرەكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلغان رادىيو كارنىيىدىن ئېلىكتىرونلۇق چالغۇنىڭ تەڭكەشلىكىدە، بىر ئايالنىڭ خۇددى بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەندەك ئەنسىز چىرقىراپ ئېيتقان ناخشىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
     مۇشۇ ھەشەم-دەرەملەر ئىچىدە بىر پاتمان ئادەملەر بىر خىل جىددىيچىلىك بىلەن پاي-پېتەك يۈگىرىشىپ يۈرەتتى...
     قىسقىسى، بۈگۈن بۇ يەر پادىشاھنىڭ يالغۇز مەلىكىسىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان قىرىق كېچە-كۈندۈزلۈك توي مەرىكىسىنىڭ تەييارلىقىدەك بىر ھالەتتە بولۇپ كەتكەن ئىدى.
    50 ياشلاردىكى ئوتتۇرا بوي، چىرايلىق سەمرىگەن، بۇغداي ئۆڭ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان يېزا باشلىقىنىڭ بۇنچىۋالا ئاچچىقى كېلەرىنى ئويلاپمۇ باقمىغان مەيدان باشلىقىنىڭ سېرىق چىرايى تېخىمۇ سارغىيىپ، گۆشلۈك زاڭاقلىرى پوقىنى تۆكۈۋەتكەن قېرىندەك ساڭگىلاپلا كەتكەن ئىدى.
_     شاڭجاڭ، بىز... بۇ... _ دېدى ئۇ، يامان ئىش ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قالغان قېرى زىناخوردەك ئىنجىقلاپ.
_     بولدى! _ دېدى يېزا باشلىقى ئۇنىڭ گېپىنى كەسكىن بۆلۈپ، _ مەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قورۇ-قوتانلىرىنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ كېلىمەن، سىلەر بىر يەرگە يوقىماي، ماۋۇ ھەشەم-دەرەملەرنى يىغىشتۇرۇپ تۇرۇپ تۇرۇڭلار، قالغان گەپلەرنى كەچتە يىغىندا دىيىشەيلى!
      يېزا باشلىقى ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن بىر قانچەيلەننى باشلاپ پىيادە يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يىراق تاغلارغا بېرىپ چارۋىچىلارنى يوقلىيالمىغان بولسىمۇ، يېقىن ئەتىراپتىكى ئېتىز-ئېرىق، قورۇ-قوتانلاردا خېلى تەپسىلى تەكشۈرۈشتە بولدى. ئورۇق-ئاجىز، قېرى- چۆرىلەرنى يوقلىدى. بەزىلىرىگە تاتلىق ۋەدىلەرنى بەردى. بۇنىڭدىن خوش بولۇپ كەتكەن بوۋاي-مومايلار «شاڭجاڭ بالام، ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن، چىققان دۆڭلىرى تېخىمۇ ئىگىز بولسۇن، دۈشمەنلىرى پىيادە، دۆلەتلىرى زىيادە بولغاي!...» دەپ دۇئا قىلىشىپمۇ كەتتى.
     كۈن چۈشتىن قىيىلغان ۋاقىتتا ئۈستى-باشلىرىنى توپا-تۇمان باسقان ھالدا مەيدان مەركىزىگە قايتىپ كەلگەن يېزا باشلىقى ھېلىقى دۇئالارنىڭ خاسىيىتىدىنمۇ ياكى بۈگۈنكى تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بەك رازى بولۇپ كەتكەنمۇ، ئىش قىلىپ ئەتىگەنكى خاپىلىقلىرى ئاللا بىر يەرلەرگە يوقاپ، ئەسلىدىكى خۇشخۇي ھالىتىگە قايتىپ قالغان ئىدى. ئىشخانا قورۇسىدىكى ئەتىگەنكى «قايناق بازار» نىڭ يوقالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇ تېخىمۇ خوشال بولدى. شۇ خوشاللىق ئىچىدە، مەيدان تەۋەسىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن كەم بولغاندىمۇ بىردىن ئادەم قاتنىشىشى شەرت قىلىنغان چوڭ يىغىندىن بىرسى ئېچىلدى. يىغىندا يېزا باشلىقى قىسقا، ئەمما مېغىزلىق سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مەيدان باشلىقلىرىدىن ئاددى-ساددە بولۇپ، بۈگۈنكىدەك ئىقتىسادنى بۇزۇپ چاچىدىغان ھەشەمەتچىلىكنى قەتئى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ سۆز قىلغاندىكى تەلەپپۇزىنىڭ قاتتىق، پوزىتسىيەسىنىڭ ئېنىقلىقىنى كۆرگەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ چېھرىدە يېزا باشلىقىنىڭ چىرايىدىكى باياقى خوشاللىقنىڭ تەپتىگە ئوخشاش بىر خىل يالقۇن پەيدا بولدى. پەقەت مەيدان باشلىقى قاتارلىق بىر قانچەيلەن خۇددى مۇشۇ يىغىن زالىغا تىزىلغان بىرقانچە تال كونا ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنىڭ لىڭشىپ قالغان پاچاقلىرىدەك سولىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
_     شاڭجاڭ، _ دېدى مەيدان باشلىقى يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن، ماشىنىغا قاراپ ماڭغان يېزا باشلىقىنىڭ ئالدىغا قىل يورغىدەك يورغىلاپ كېلىپ، _ بىرەر پىيالە چاي-پاي ئىچىپ ماڭارلا...؟
      يېزا باشلىقى ئەتىراپقا قارىدى. يىغىنغا كەلگەنلەر تارقاپ، قورۇ ئىچى خالى خالغان ئىدى. يېزا باشلىقى ئارقىغا ياندى.
      مەيدان باشلىقى قورۇنىڭ كىچىك ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ، يېقىنلا يەردىكى تولىمۇ ھەشەمەتلىك، يوغان بىر ھويلىغا كىردى. يېزا باشلىقى خۇددى باغلاققا كۆنگەن موزايدەك ئۇنىڭغا ئۈن-تىنسىز ئەگەشتى.
      ئۇلار كىرگەن بۇ قورۇ مەيدان باشلىقىنىڭ بولۇپ، ئەتىگەنكى ھەشەم-دەرەملەر مۇشۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندەك قىلاتتى. ئوخشىمايدىغان يېرى، ھېلىقى تېرەكنىڭ ئۇچىدا چىرقىراۋاتقان ناخشىنىڭ ئاۋازى ئۆچكەن ئىدى. قازان، كاۋاپدانلاردىن دورا-دەرمەك ئارىلاشقان گۆشنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئەمەس، جاڭگال كاۋىپى بىلەن، تەبىئىي شورپىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. مەيدان باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا مۆكۈپ ئولتۇرغان ھېلىقى قىز-چوكانلارمۇ گىرىملىرىنى يۇيۇپ تاشلاپ، تاغ ئاياللىرىغا خاس بۇغداي ئۆڭ، ھەتتا بەزىلىرى ئاز-تولا داغ-تەمرەتكىلىرى بار تەبىئىي چىراي ھالىتىگە قايتقان بولۇپ، چاي تەييارلاش، چېنە-قاچىلارنى يۇيۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن چېپىپ يۈرەتتى.
      بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن يېزا باشلىقىنىڭ چىرايى سەل ئۆزگەردى-يۇ، ئارتۇق-تۆشۈك گەپ قىلمىدى. بۇ ھويلىغا يىغىلغان چوڭ-كىچىك ئەمەلدار ۋە مەيداننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قانچە بايلىرىنىڭ تەكلىپ-تەكەللۇپلىرى بىلەن، ھويلىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى زۇمرەتتەك يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئالتۇنرەڭ مىۋىلەر مارىشىپ تۇرغان بىر تۈپ ئۈرۈك دەرىخىنىڭ ئاستىدىكى كەڭرى سۇپىغا راسلانغان سورۇننىڭ تۆرىگە ئۆتۈپ ئولتۇردى.
      تاماق تارتىلدى. ھىل-ھىل پىشقان گۆشلەر ۋە بىر-بىرىدىن ئوخشىغان تائاملار شۇنچە ئىشتىھاسىز، ئۈن-تىنسىز يىيىلدى. چۈنكى يېزا باشلىقى خۇددى خاماندا تۇمشۇقىنى بوغۇپ قويغان كالىدەك گەپ-سۆز قىلماي پۇشۇلداپلا ئولتۇراتتى. تاماقلارغىمۇ ئازىراقلا ئېغىز تەگدى. پەقەت يەرلىك قىرغىزلار چىقارغان كۈچلۈك قېمىزدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاپقۇر ئىچىۋەتكەندىن كېيىنلا، يۈزلىرى پوق يىگەن خورازدەك قىزىرىپ زۇۋانغا كىردى:
_    نېمە ئانداق ھەممىڭلار كەپتەرخانىغا مۈشۈك چۈشكەندەك جىمىپلا كەتتىڭلار؟
_    قانداق دەيلا، شاڭجاڭ؟ _ دېدى مەيدان باشلىقى.
_    تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول دەپتىكەن، _ دېدى يېزا باشلىقى بىردىنلا سىرلىق ھىجىيىپ، _ ھاراق-شاراپلىرىڭلار بولسا يۈرەك-باغرىمىز چىلاشقۇدەك بىر ئىچىشسەك... ماۋۇ قىز-چوكانلارمۇ ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئادەمنىڭ بىر تانسا-پانسا ئوينىغۇسى كەلگىدەكرەك بولۇپ چىقسا، بىزمۇ ئادەم بولغاندىكىن ئەركىن-ئازادە، تەبىئىي بولۇپ ئولتۇرايلى دەيمەنغۇ!


                        (ئاپتور: باي ناھىيە بۇلۇڭ يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچى)
                       _ « مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-11 07:58 , Processed in 0.180708 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش