گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 2

ئەسلىمە قوينىدىكى مەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-5 14:26  

                                                        
                                                           ئەسلىمە قوينىدىكى مەن
                                                                         (نەسىر)
                                                                           ئالىيە ئابلا
    كۆزۈمنى قانچىلىك يۇمدۇم بىلمەيمەن.
     بەلكىم بىر مىنۇتتۇر، بەلكىم بىر سائەتتۇر، ۋە ياكى ھاياتىمدا بېسىپ ئۆتكەن ئون سەككىز باھاردۇر.
     بىلدىغىنىم بولسا، چاقماق كەبى ئۆتكەن ئۆمرۈمنىڭ كارتىنىسىنى كۆزۈمنى بىر يۇمۇش بىلەن ئەسلىگىنىم بولدى.
ئەمدىلا تەمتىلەپ مېڭىشنى باشلىغان ۋاقتىمدا، ئاپامنىڭ كەينىمدىن ھەرماي قەدەم ئېلىپ، يىقلىپ چۈشمەسلىگىم ئۈچۈن ئۆز ۋۇجۇدى بىلەن قوغداپ كېلىۋاتقان بەكمۇ گۇڭگا، لېكىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئورۇن ئالغان سىيماسى.
     تۇنجى قېتىم  «دادا» دەپ تىلىم چىققاندا، دادامنىڭ «ئوماق قىزىم، تاتلىق قىزىم!..» دەپ ئاتىلىق مىھرى بىلەن باغرىغا چىڭ بېسىشلىرى...
     مېنى دۇنيادىكى ھەقىقى بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دادامنىڭ سۆيۈملۈك سىيماسى.
     ھەر قېتىم قەغىشلىك قىلىپ يىغلىغىنىمدا ئاپامنىڭ چىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسى، دادامنىڭ «ھاي» دەپ قويۇشلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان يەنە بىر خىل مېھىر، ھەممە كىشى ھېس قىلالايدىغان ئاتىلىق مېھىرى، ئانىلىق مېھىرى.
     تۇنجى قېتىم دادامنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قولۇمدىن يېتىلەپ ئەكىرىپ قويۇشلىرى، مۈرەمدىكى كىچىككىنە  سومكامدا ئاپام ئۆز قۇلى بىلەن ئېلىپ بەرگەن، مەن كۈندە غەلۋىسىنى قىلىدىغان ئوقۇش قوراللىرى، ھەمدە ئاپامنىڭ پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ مەكتەپكە ئۇزىتىشلىرى...
     تۇنجى قېتىم مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىمنى چۈچۈك تىللىرىم بىلەن سۆزلەشلىرىم.
     خۇددى چوڭ بالىلاردەك مەغرۇر قەلەم تۇتۇپ، يېزىشلىرىمنى كۆرگەن دادامنىڭ: «مېنىڭ قىزىم چوڭ بولۇپتۇ ئەمەسمۇ! » دەپ ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلۈشلىرى...
      ئاپامنىڭ تولىمۇ ئاددى لېكىن مەن ئۈچۈن بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان ياغلىقىنىڭ بىر ئۇچىغا كۆز يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، «كۆز تەگمىسۇن مېنىڭ تاتلىق قىزىمغا» دىيىشلىرى كۆزۈمنى يۇمۇش بىلەن زاھىر بولماقتا.
     مانا مۇشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن كۆزۈمنى ئاچقۇم كەلمىدى. نېمىدىگەن تاتلىق، نېمىدىگەن گۈزەل خىياللار بۇ!...
خىياللىرىم مېنى توختىماي ئەسلىمە قوينىغا تارتماقتا.
     تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ، تۇنجى ئالغان تەقدىرنامىنى دادامغا كۆرسەتكىنىمدە دادامنىڭ: «قاراڭلار، كەمپۈت يەيمەن دەپ يىغلايدىغان يىغلاڭغۇ قىز مۇكاپات ئالالىغىدەك بولۇپتۇ ئەمەسمۇ؟!» دەپ كۈلۈشلىرگە قېيداپ قويۇشلىرىم...ھەتتا، تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندىمۇ دادامغا: «مەكتەپكە سىز ئاپىرىپ قويىڭە، جېنىم دادا!» دەپ تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ تۇرىۋېلىشلىرىم... ماڭا ئەسلىمە قوينىدىكى بالىلىق قىلىپ، تېخى چوڭ بولمىغان بىر بەڭباش قىزنى ئەسلەتتى.
     ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ئالدىدىكى ئاپامنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرى خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە.
_    قىزىم، مەكتەپتە چارچاپ قالغانسىز، تاماقنى ئۆزۈم ئېتەي.
_    قىزىم، ئۆگۈنىشلىرىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، كىرلەرنى ئۆزۈم يۇيىۋېتەي.
_    قىزىم ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇنى ئىچىۋېلىڭ، ياخشى ئۇخلايسىز.
     تەكرار-تەكرار مېھىر بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە.
     ئىمتىھاندا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىنجىگە ئېرىشەلمەي، دادام-ئاپامنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرالمىغاندەك ھېس قىلىپ لېۋىمنى ئۈنسىز چىشلىگىنىمدە، يەنىلا ماڭا تەسەللىي بەرگەن، مەدەت بەرگەن ئاشۇ سۆيۈملۈك ئاپام، قەدىردان دادام ئەمەسمۇ؟
     دادام-ئاپامنىڭ يەنىلا تەبەسسۇم ئىچىدە مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويغان سىيماسى نەقەدەر سۆيۈملۈك ھە؟
     شۇ چاغدىكى ئاپامنىڭ چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ ئيتقان سۆزلىرىنى ھەر بىر ئانا قىزىغا ئېيتقان بولسا كېرەك.
     مېڭىش ئالدىدا ئاپامنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئاپام بىلەن تەڭ تۆككەن يېشىمنى تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇشۇ سەپەرگە ئاتلانغان پەرزەنتنىڭ ھەممىسى تۆككەن بولسا كېرەك.
     دادامنىڭ پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ ئاقيول تىلەپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى... ئەمەلىيەتتە، چاندۇرمىغان بىلەن كۆز چاناقلىرىنىڭ قىزىرىپ قېلىشىدىنلا بىلىۋالغىلى بولىدىغان، يۈرىكىدىن چىققان ياشلىرى... بەلكىم، ھەر بىر يۈرەك پارىسى ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلدىغان بىر ئاتىنىڭ يۈرىكىدىن چىقىۋاتقان بولسا كېرەك.
     تەتىللەردە ئۆيگە قايتقىنىمدا ماڭا ئوخشاش دادام ئاپامنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلەپ بالىلىق قىلىپ ئولتۇرۋالىدىغانلارمۇ باردۇر، بەلكىم.
     كېچىلەردە ئەڭ يېقىن سىردىشىم_ئاپامنىڭ باغرىغا مەھكەم سىڭىپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن گەپلەرنى تۈگـتىپ، خۇددى بوۋاقلاردەك تاتلىق تىنىپ، «ئۇيقۇ دېگەن  غەپلەت» دېگەن بۇ سۆز، بۇ كېچىدە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەستەك شۇنچىلىك شېرىن ئۇخلاشلىرىمنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلەرمۇ بولسا كېرەك.
كۆزلىرىمنى ئاچقۇم كەلمىدى.
     گەرچە بالىلىقىم ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئەركىم بىلەن بالىلىق قىلىپ ياشاۋېرىدىغان ئۆزۈمنىڭ، ئەمدى كۆزۈمنى قايتا يۇمسام بۇنداق تاتلىق ئەسلىمىلەر يوقتەك، مەڭگۈ بالىلىق قىلالمايدىغاندەك، غايىپتىن كەلگەن بىر قول مېنىڭ بالىلىقىمنى تارتىۋالدىغاندەك تۇيۇلىدۇ.
كۆزۈمنى ئېچىشقا مەجبۇرمەن، چۈنكى بۇ ئەسلىمىلەر مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز قەلبىمدا تىكلەنگەن مۇقەددەس ئابىدە كەبى ئون سەككىز باھارىمنى ئۆز قوينىغا ئېلىشى كېرەك.
     ئەمدى كۆزۈمنى يۇمسام بۇنداق تاتلىق ئەسلىمىلەر يوقتۇر بەلكىم، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىدىغىنى ئاچچىق كەچمىشلەر ھەقاچان!...

                             ئاپتور: شىنجاڭ زامانىۋى كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى)
                             _« مۇزات دولقۇنلىرى» نىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2014-4-11 18:19:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان نەسىر ئىكەن، مۇزات دولقۇنلىرى ژۇرنىلىنى نەدىن ئالىدىغاننى بىلەلمىدىم.
ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ تورغا يوللاپ قۇياي دىگەن ئىدىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-12 00:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 18:19
ياخشى يېزىلغان نەسىر ئىكەن، مۇزات دولقۇنلىرى ژۇرنىلىن ...

مەزكۇر ژۇرنال ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى ھىدايەت ۋە ھۈسەينىيە كىتاپخانىلىرىدا بولۇشى مۇمكىن. ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تىلەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 13:23 , Processed in 0.402430 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش