گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 561|ئىنكاس: 3

ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە 539 مڭ 100 يۈەن ياردەم پۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭدا ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 539 مڭ 100 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى


20-مارت ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ يىللىق ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى . يېڭى ئۆلچەم بويىچە ، شىنجاڭنىڭ ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى ، يەنى، شىنجاڭدا ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىر قېتىمدىلا 539 مىڭ 100 يۈەن ياردەم پۇلى ئالىدىغان بولۇپ ، بۇ بۇلتۇرقىدىن 47 مىڭ 800 يۈەن ئاشتى .
   بۇ يىل دۆلىتىمىز ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بالدۇر ئېلان قىلغانلىقتىن ، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى بۇلتۇرقىدىن ئىككى ئاي بالدۇر ئېلان قىلغان . گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى ›› نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ . دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، مەملىكەت بويىچە شەھەر–بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى 2013-يىللىق كىرىم 26 مىڭ 955 يۈەن بولغان . ئاپتونوم رايونىمىز بۇ ئۆلچەم بويىچە ( 26955×20=539100يۈەن) بۇ يىللىق ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ ، بۇ يىل يانۋاردىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىلىرىدە يېڭى ئۆلچەم بويىچە تۆلەم تۆلىنىدۇ.
   نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر قايسى ئورۇنلاردىن تەمىنات-تۆلەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى ئۆلچەم بويىچە ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.
   تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى ‹‹ئىش ئۆلگەن ›› دەپ بېكىتىدىكەن . ئىشچى–خىزمەتچى ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن دەپنە ياردەم پۇلى ، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ئالىدۇ ۋە ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان ياردەم  پۇلىنى ئالىدىكەن . خىزمەتچىنىڭ ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى ئادەتتە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى بېرىدىكەن ، بىراق ، ‹‹ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى ››نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلارنىڭكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىدىكەن .

مەنبە        :         تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ۋاقتى: 2014-3-23 00:53:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز پۇقرالارغا بەرىبىر


ۋاقتى: 2014-3-23 01:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا شۇ پۇل ياش تۇل قالغان چوكانغا قالسا، ئۇ چوكان قايتا ئەرگە تەگسە ...


ۋاقتى: 2014-3-31 11:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسەتلەر بارغانچە ياخشى بۇلۇپ كىتىپ باردۇ  ھە!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:55 , Processed in 0.194221 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش