بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاھىرجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-21 21:13
سايرامى يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 20:51 
مەكتۋىمىزنى كەڭرەك تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئەھۋا ...
ھۆرمەتلىك سايرامى ئەپەندىم ، بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى مىسرانىمغىمۇ يوللاپ ياخشى قىلىپسىز.
بولسا مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەرنى ئۈزىمىزنىڭ بىكىتىمىزگە يوللاپ بىكەت مەزمۇنىنى موللاشتۇرساق.
ھىچ بولمىسا مۇشۇ مىسرانىمغا يوللىغان تىمىڭىزنىڭ ئاستى بۈرجىكىگە (باي ناھىيەسىنى چۈشىنەي دىسىڭىز گۈزەل باي تورىغا كىرىڭ) دەپ ئەسكەرتمە بىرىپ قويغان بولسىڭىز،گۈزەل باي تورىنى جۈملىدىن باي ناھىيىمىزنى تەشۋىق قىلغان بۇلاتتىڭز.
بولسا كەڭ دوستلارنىڭ باشقا توربىكەتلەردە چېچىلىپ يۈرمەي، ئۈزىمىزنىڭ توربىتىگە يىغىلىپ ئۈزىمىزگىمۇ باشقىلارغىمۇ مەنپەت يەتكۈزدىغان گۈزەل باي تورى قۇرۇپ چىقساق.
بىزمۇ تىرىشچانلىق بىلەن باي تورىنىڭ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىككى بىتىنى،دوستلارغا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن گۈزەل باي ئۇچۇر بىتى قاتارلىقلارنى پۈتكۈزۈپ چىقتۇق، ناھىيىمىزدىكى كەڭ دوستلار بىزنى قوللاپلا بەرسە بىز چۇقۇم سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلەلەيمىز.
دەيدىغان سۆزلىرىم شۇنچە كۆپ بولسىمۇ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنى دەپ تۇراي ، بولسا كەڭ دوستلارنىڭ گۈزەل باي تورىنى ئۈزىمىزنىڭ تورى دەپ بىلىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
دوستلارنىڭ پىكرى بولسا ئالاقە QQ نۇمۇر 13999989457 ئالاقە تېلفۇن نۇمۇر 13999989457