تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 164|ئىنكاس: 2

ھاياتقا قايتىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈبىھى419 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-12 00:59  

                                                         ھاياتقا قايتىش
                                                                     
                                                          ئالماس نامان
      
       ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزدىغان ئاخىرقى يىلىم ئىدى  ، كۈتۈلمىگەندە كېسەل سەۋەپلىك ئوقۇشتىن توختاپ ، ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم .ئوقۇشۇم ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلاشتى . ياق، ئوقۇش ۋە  ئالىي مەكتەپ ھاياتىملا ئەمەس ، بارلىق گۈزەل ئارىزۇ - ئارمانلىرىم ،جۇشقۇن ياشلىق باھارىم ئاخىرلاشقاندەك بولدى .  چۈنكى ياپيېشىل چىملىقتا تايچاقلاردەك چاپچىپ ،شىجائەت بىلەن توپ تېپىپ يۇرگەن بۇ جىسمىم بىردىنلا چاقلىق ئورۇندۇققا مىخلىنىپ قالدى . شۇڭا ھايات ماڭا مەنىسىز ئىدى ، ئۆزۈمنى تېگى ھاڭغا چۈشۈپ كېتۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم . ھەقىقەتەن ھايات-مامات مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى . « قىينالمايلا ئۆلۈپ كەتسەمچۇ...» دېگەنلەرنى ئويلايتتىم .چۈنكى كىتاپ ئوقۇش ، تورغا چىقىش ، دورا يېيىش....دېگەندەك بىر قېلىپتا ئايلاپ - يىللاپ ياشاش ئاسانمۇ ئاخىر....
       تورغا چىقاتتىم ، ئەمما زىنھار ساۋاقداشلىرىم بىلەن پاراڭلاشمايتىم . پەقەت ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئانچە - مۇنچە پاراڭلىشىپ قوياتتىم ھەم ئۇلاردىن بىر قىسىملىرى بىلەن خېلىلا ئېچىكىشىپ قالغانىدىم . چۈنكى ئۇلار مېنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتى . بۇ ماڭا نىسبەتەن بېسىم ھېس قىلدۇرمايتتى . بۇلۇپمۇ «توغراق » ئىسىملىك توردىشىم بىلەن كۆپ سىردىشاتتىم . كومپىيۇتىرنى ياخشى بىلدىغان ھەم ناھايىتى چىقىشقاق بۇ سىردىشىم قاچانلا قارىسام توردا بولاتتى ، بۇ ماڭا ئوخشاش بىر يەرگە مىخلىنىپ قالغۇچى ئۈچۈن ياخشى ئەھۋال ئىدى . بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ سىردىشىپ قالدۇق ۋە ھاياتلىق ، قىسمەت ھەققىدە كۆڭلىمىزدىكىنى تۆكتۇق . چاقلىق ئورۇندۇققا مىخلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمنى دېمىگەن بىلەن كۆڭلۇمدىكى چۈشكۈنلىكلىرىم ، ئازاپلىرىم ئاشكارلىنىپ كەتتى بولغاي ، ئۇ توردىشىم خېلى ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى . ئەتىسى ئۇنىڭدىن بىر پارچە ئېلخەت تاپشۇرۋالدىم . خەت تۆۋەندىكىچە ئىدى :
        « ‹ ھەي بالا ، زۇۋانىڭغا نىمە بېرىمەن ؟ › بۇ بىر قورساق  ئاچامنىڭ ئاۋازى . دادام رەھمەتلىك ئارىزۇلاپ قويغان ئىسمىمنى چاقىرسا نېمە بولار ھە !.....‹ تەييار چۆپ › دەيمەن بۇرۇنقىدەكلا....ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئۆچمەنلىك ، بىزارلىق چىقىپ تۇرىدۇ . ئەلۋەتتە مەندەك بىر تىرىك مۇردىنى بېقىش ئاچامغىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ-دە !
        بىز تۆت بالا ئىدۇق ، ئېسىمنى بىلسەم ماڭالمايدىكەنمەن . باشقىلار ‹ بۇ بالىغا نىمە بولغان؟ › دەپ سورىسا جاپاكەش ،كۈيۈمچان ئانام كۆزىگە ياش ئالاتتى . دادام ئوقۇمۇشلۇق ،ئالىي مەكتەپىنى پۈتكۈزگەن زىيالي ئىدى . ئېسىمدە قېلىشچە ، مېيىپلىقىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئائىلىمىز بەخىتلىك ئىدى . ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئامراق ئىدى كىچىك ئاچام ھەر كۈنى مەكتەپتىن كىلىپ مېنى ھاپاش قىلىپ ئويناتقىلى ئېلىپ چىقاتتى . شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى باغچىغا ئاپىراتتى . دادام بەرگەن پۇلغا گۆشنان ، كەمپۈت ئېلىپ يەيتۇق . مەھەلىمىزدىكى بالىلار تانا سەكىرەش ، ئارغامچىدا ئۇچۇش دېگەندەك ئۇيۇنلارنى ئوينىسا ، مەن كىچىك غالتەكلىك ھارۋىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ توۋلايتتىم . ئۆگزىمىزدە ئىككى - ئۈچ ئادەم ئاران پاتقۇدەك كىچىك ياغاچ ئۆي بار ئىدى ، ئاچام دوستلىرى بىلەن شۇ يەردە قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى ھەم ماڭا ھىكايە  - چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى . دادام ھەر كۈنى دېگۈدەك ماڭا تۇخۇم ، سامسا ، مېۋە - چېۋە دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالغاچ كىلەتتى ۋە ھەر كۈنى كەچتە مېنى قورسىقىغا مىندۇرۇپ ئوينىتاتتى . مەن دادامنىڭ مەيدىسىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇپ ئارام بەرمەيتتىم ، دادام كۈلۈپ كېتەتتى . ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،دادام يۇرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى . ئانام رەھمىتى ناھايىتى ئىزچان ، پاكىز ئايال ئىدى . ئۇ يەتتە يېشىمغىچە زېرىكمەي - تېرىكمەي ساۋادىمنى چىقىرىپ قويدى ...
       مۇشۇ كۈنلەردە ناھايىتى كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاۋاتىمەن .ئاچامنىڭ ماڭا بولغان ھەر-بىر گەپ سۆزى ۋە ئىش - ھەركەتلىرىدىن بىزارلىق ، قوپاللىق چىقىپ تۇرىدۇ .بىلىمەن ، ئۇ ئىككى ئوغلى ئۈچۈن قايغۇرمىسا بولمايدۇ . ئۇنىڭ ماڭا قاراپ ‹سەندىن قاچانمۇ قۇتۇلارمەن ؟ › ، ‹خۇدايىم بىلىپ سىنى مۇشۇنداق قىلۋېتىپ بارىدۇ - ھە !؟ › دېگەندەك سۆزلىرىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن .لېكىن...
        بۇرۇن ئىككى كۈندە بىر تەرەت قىلاتتىم ، كېيىن تۆت كۈندە بىر قېتىمغا ئۇزارتتىم ،مانا ئەمدى قىشلىق ئۆيگە كىرگەندىن بېرى بىر ۋاق، كۆپ بولغاندا ئىككى ۋاق تاماق يەۋاتىمەن . مەقسىتىم ئاچامنى ئاياش ھەم ئۇنىڭ دەشناملىرىنى ئازىراق ئاڭلاش . ھازىر ئالتە - يەتتە كۈندە بىر قېتىم تەرەت قىلمەن . ھە راسىت ، قايسى كۈنى ساناپ باقسام سەككىز كۈن بوپتۇ ، قانچىلىك بىئارام ياشىغانلىقىمنى ئۆزۈملا بىلىمەن .
        مېنىڭ ھالىمنى بىلدىغان يۇرتىداشلار ماڭا پات-پات ئۆشىرە - زاكات ئەكىلىپ بېرىپ تۇرىدۇ ، ئەمما ،ئاچامدىن ئاشمايدۇ .ماڭا ئارتۇق پۇلنىڭغۇ كېرىكى يوق ، پەقەت كومپىيۇتىرىم بۇزۇلۇپ قالسا ئوڭشىتالىساملا بولدى .
        مەن ھەر قانداق ئىشتا ئاچامغا ھاجەتمەن ، پەقەت پۇلغىلا ھاجىتىم يوق . دادامنىڭ ئىدارىسدىنمۇ مەلۇم نىسبەتتە نەپىقە پۇلى بېرىپ تۇرىدۇ . شۇنداقتىمۇ ...بەك چارچاپ كەتتىم . نەچچە قېتىم ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدىم . چۈنكى كۈندىن - كۈنىگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتىمەن .
                                                 كۈنلەر بەك ئۇزاق ، مەنزىل بەك يىراق ،
                                                 كۆپتۇر تېخى كۆپ ھاياتتا سىناق .
                                                 غەيرەتلىك بولغىن ، ئۈمىدۋار ياشا ،
                                                 ئۈمۈدسىزلەنمە كۆڭۈل سەن بىراق .

      كىم يازغاندۇ دەيمەن بۇ شېئرنى .....ھەر قېتىم ئوقۇسام يىنىكلەپلا قالىمەن . بەلكىم بۇ شېئرنىڭ ئاپتۇرىمۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق قىسمىتىنى چۈشەنسە كېرەك . مەنمۇ ئۈمۈدۋار بۇلۇشۇم ، ياشىشىم كېرەك . ئەمما ، كانىيىم قاتلىشىپ قالغان بولغاچقا ، تاماق گېلىمدىن بەك تەستە ئۆتىدۇ ، نەچچە قېتىم تاماق تۇرۇپ قېلىپ ، تاس قالدىم بارلىق ئازاپتىن بىراقلا قۇتۇلغىلى . كۆزۈممۇ ئاجىزلاپ كەتتى . بۇ دۇنيادا مەندەك جېنى سۆرىلىپ قىينىلىپ ياشاۋاتقان يەنە بىر ئادەم يوقتۇ  بەلكىم . بەدەنلىرىم مايماق - سايماقلىشىپ غەلىتە مەخلۇققىلا ئوخشاپ قالدىم . ئوڭ بىقىنىم قاتلىشىپ قالدى ، شۇ سەۋەپلىك ئاشقازىنىم مىجىلىپ ، تاماق ھەزىم قىلالمايدىغان بۇلۇپ كەتتى . ھېلىمۇ مۇشۇ ھالىتىم بىلەن 31 ياشقىچە ياشىدىم . راسىت ، مەن دېگەن ئۆمۈر چولپىنى ، يېشى 100  دىن ئاشقانلارمۇ ماڭا سېلىشتۇرغاندا مەندىن ياش .... ھاياتىمنىڭ 31- يىلى كېلۋاتىدۇ ،32 ياشقا كىرەلەمدىم يوق بۇنى بىلمەيمەن ...
       ئادەمنىڭ ئەجىلى توشقانسىرى بالىلىقنى ئەسلەيدۇ دەيدىغان گەپ بار ئىكەن ، خاتىرسىنى يوقاتقان ئادەمنىڭ تۇيۇقسىزلا خاتىرسى ئەسلىگە كەلگەندەك بالىلىقىمدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كەپ قالدى ، سۆزلەپ بېرەيمۇ ؟
        بىر چاغدا ئانام ‹ مەن يىراق يەرگە كەتسەم قانداق قىلىسەن بالام ؟ › دەپ سوراپ قالدى . ‹ مېنىمۇ ئېلىپ بايىسە .... بومىسا ئەگىشىپ تۇيۋالىمە....› دېدىم . ‹ سېنى ئېلىپ بارالمايدىغان يەرگە كەتسەمچۇ ؟› دېدى ئانام يەنە مېنى باغىرىغا بېسىپ تۇرۇپ . ‹ئەمسە ماڭا تويدا پولۇ ئېتىدىغان قازاندىنمۇ يوغان قازاندا پولۇ ئېتىپ بېيىپ ئاندىن كەت ، سەن كەگىچە شۇ پولۇنى يەپ سېنى ساقلايمە...› دېدىم . دېمىسىمۇ ئانام پولۇنى بەك ئوخشىتىپ ئېتەتتى .دادام ئانام ئەتكەن پولۇغا بەك ئامراق ئىدى . ئانام ھەقىقەتەن يىراق يەرگە كەتتى ، مېنى ئېلىپ بارالمايدىغان يەرگە كەتتى . ئەمما ئۇ ماڭا پولۇ ئېتىپ بېرشكە ئۈلگۈرەلمىگەنىدى . رەھمەتلىك ئانامنىڭ پولۇ ئەتكەن دەملىرىنى، پولۇسىنىڭ پۇرقىنى شۇنچىلىك سېغىندىم . ئانام دائىم بېشىغا چىگىۋالدىغان يۇڭ ياغلىقىنى تاكى ھازىرغىچە بېشىمغا قۇيۇپ ياتماقتىمەن . ئۇ ياغلىقتىن ئانامنىڭ ھىدى كىلىدۇ .
      ئانام ‹ سەن كىچىكىڭدە باشقا بالىلىرىمغا قارىغاندا بەك پاكىز بالا ئىدىڭ ، بىرەر قېتىممۇ ئاستىڭنى ھۆل قىلىپ باقمىغانىدىڭ › دەيتتى . مانا ئەمدى يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا چىدىماي ئاز - تولا چىقىپ كېتىپمۇ قالىدۇ .
       دوستۇم ، ئىشەنسەڭ سەن مېنىڭ بىردىنبىر دوستۇم .تۆنۈگۈن سەندىن چۈشكۈنلۈك پۇراپ تۇرغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، تۇرۇپلا ساڭا ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلدى ، يەنە بىر جەھەتتىن ئىچىمدىكى دەردىمنى ھېچكىمگە تۆكەلمەي سىقىلىپ ياشاۋاتقانىدىم .
       دوستۇم ، بۇ يىل قىشتىن ساق- سالامەت چىقالامدىم - يوق، بىلمەيمەن .ئەگەر 15-20  كۈنگە قەدەر تورغا چىقالمىسام ، مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتمىغىن ....»
     خەتنى ئوقۇپ قەلبىم لەززىگە كەلدى ،ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە بىر كومپيۇتىر ئۇستىسى ئىدى ،نەچچە قېتىم كومپىيۇتىرىمنى يىراقتىن باشقۇرۇپ ئوڭشاپ بەرگەن ، ھەر خىل لۇغەت ، ئېنگلىزچە شاھمات دېتاللىرىنى قاچىلاپ بەرگەنىدى . توۋا ، مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ مېيىپلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن دېسە....
        نەچچە كۈنگىچە گاراڭلىشىپ كەتتىم . ھاياتلىق ، ئۆلۇم ، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىم تىنىمسىز ئالمىشىپ تۇردى . ئەلۋەتتە ، مەن نىمىلا بولمىسۇن قولتۇق تايقىغا تاينىپ بولسىمۇ ماڭالايمەن . بۇ بىر جۈپ پۇتۇم توپ تېپەلمىسىمۇ ، سۈزۈك تەپەككۇرۇم ، چېۋەر قوللىرىم بىلەن شاھمات ئوينىيالايمەن.ئۆزۈم كىچىكىمدىن تارتىپ ياخشى كۆرگەن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالايمەن . روسىيە يازغۇچىسى نىكولاي ئوستۇروۋسكى پۇتۇن بەدىنى مېيىپ ، ئىككى كۆزى كۆرمەس ھالەتتە تۇرۇپمۇ دۇنياغا مەشھۇر « پولات قانداق تاۋلاندى » دېگەن روماننى يېزىپ چىققانغۇ ؟ ! يەنە بىر ئۆمۈر ئەما ياشىغان خېلىن كېللېر ، مەندەكلا ئۆمۈرلۈك ئورۇندۇققا بەنىد بولغان دۇنياۋى ئالىم سىتېفىن خاۋكېڭ قاتارلىقلارمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي ، دۇنياغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى جاكارلاپ ياشىغان ھەم ياشاۋاتىدىغۇ ! ئەجىبا ، مەن نېمىشقا چۈشكۈنلىشىمەن ؟ نېمىشقا ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشمايمەن ؟ مانا بۇ ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ يۇرگەن ئاتا - ئانام ، قان - قېرىنداشلىرىم مەندىن چۈشكۈنلىكنى ئەمەس ، ئۈمىدۋارلىقنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپتىغۇ ؟
       تۈمەنمىڭ سوئاللار يۈرىكىمنى شاپلاقلايتتى ، قانلىرىم ئۇرغۇپ ، ۋۇجۇدۇم ئىسيان تۇغلىرىنى لەپىلدىتەتتى . راست ، مەن ئۆزۇمنى قايتىدىن تاپقاندەك ، قايتىدىن تونىغاندەك بولغانىدىم .

مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى  2012-يىللىق 5- سان
ۋاقتى: 2014-3-13 17:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ، توغرا ئادەم ئۆز يۇلىنى تېپىش ، ئۈزىنى تۇنۇش ئىنتايىن مۇھىم .
ياراتقان ئاللاھ سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش ھايات يولىدا قىينىلۋاتقانلارغا ئاسانلىق بەرسۇن...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
☆DāТ吧☆ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 17:08
بەك ياخشى يېزىپسىز ، توغرا ئادەم ئۆز يۇلىنى تېپىش ، ئۈز ...

ۋوي ،ئادەمنى قورقۇتماڭە ، مېنىڭ ئاللاھ خالىسا بەش ئەزايىم بىجىرىم جۇمۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-11 07:38 , Processed in 0.187690 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش