قەدىمكى كىشىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.3 مېتىر بولۇپ ، ياۋ مىڭدىنمۇ ئېگىز
مۇتەخەسسىسلەر : ئالاردا ‹‹گىگانىت ئادەم›› قەبرىسى بايقالدى ، قەدىمكى چاڭلارنىڭ خارابىلىكى بولۇشى مۇمكىن.
ئالار شەھىرىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي دىياردىكى مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ دەلىلى بولغان يېڭى بىر بايقاش بولدى . يېقىندا ، ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇندىن 4600 يىل بۇرۇنقى كۇنگاڭ (昆岗) قەبرىستانلىقىدىن قەدىمكى بىر گىگانىت ئادەمنىڭ 2.3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىسكىلىتىنى بايقىدى .
بۇ شەھەردە قۇرۇلغان تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي دىيار مەدەنىيىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لياۋ جاۋيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم قەدىمكى ئادەم جەسەتلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى (小河) نىڭكىگە دەل ئوخشايدىكەن ، ئاستى-ئۈستى ئۈچ قەۋەت ئالتە يۈرۈش بولۇپ ، ئايرىم-ئايرىم 4600 يىل ، 4300 يىل ، 3800 يىل ، 2600 يىل ، 1200 يىل ۋە 900 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە بايقالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قەبرىستاننىڭ ئاددىي كۆرگەزمە سارىيى ئىچىگە ئۇزۇنلۇقى 2.3 مېتىردىن ئاشىدىغان بىر گىگانىت ئىسكىلىت قويۇلغان بولۇپ ، قېزىپ چىقىرىلغان ھەمدەپنە جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.85 مېتىر ئىكەن . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى چوقۇم 2.3 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ ، ھالبۇكى ھازىر زاماندىكى ‹‹گىگانىت ئادەم ›› ياۋ مىڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاران 2.26 مېتىر . بۇ تارىم ئويمانلىقىدا يىراق قەدىمكى زاماندا گىگانىت ئادەملەر قەبىلىسى بار ئىدى ، دېگەن رىۋايەتكە ماس كېلىدۇ .
‹‹قېزىۋېلىنغان جەسەتنىڭ چېچى سېرىق ، ياڭاق سۆڭىكى ئېگىز بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر بىلەك سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ پۈتۈن بىلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر كېلىدۇ . ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تولۇق گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ . قەبرە توپىدا مۇكەممەل باش سۆڭەكلىرى خېلى كۆپ بولۇپ ، بەزى باش تېرىلىرىدا ھەتتا ئالتۇندەك ساپسېرىق چاچلارمۇ بار ، ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرىنىڭ ئاستىنقى ئۇتتۇر چىشى بىز ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭكىدەك توغرىسىغا ئۆسمىگەن ، بەلكى يېنىچە (قىيپاش) ، يەنى تىكىگە ئۆسكەن . ئىرق قۇرۇلمىسى ، يا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ياكى باشقا سەۋەبلەرگە كەلسەك ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ جەزملەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ ›› دېدى لياۋ جاۋيۈ .
ئالار سەنۋۇجيۇزۇ (三五九旅) روھ تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى رېن شىننۇڭ مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ قەدىمكى ئادەم خارابىلىكى (ئەڭ دەسلەپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ) نىڭ چاڭلارنىڭ بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ئىكەن . قەدىمكى چاڭلارنىڭ كۆپىنچىسى تېرىقچىلىق ، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر بۇ يەردە ئىنتايىن گەۋدىلىك نامايان بولغان . قەبرە رايونى ۋە تۇرمۇش رايونى كۆلىمى ، قېزىۋېلىنغان چىغ سېۋەت ، دانلىق زىرائەت ، يېمەكلىكتىن قارىغاندا، تېرىقچىلىق كۆلىمىمۇ كىچىك ئەمەس ›› .
ئالار قەدىمدە كۇنگاڭ دەپ ئاتالغان ، شۇڭلاشقا بۇ قەبرە توپىغا ‹‹ كۇنگاڭ قەدىمكى قەبرىستانى ›› دەپ نام بېرىلگەن .
http://news.karwan.cn/pic/2014/03/04/201403041237205297.jpg