بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolwas2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-8 17:25
خاسىيەت ئىلى: ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى بىر يىلغا ئۇزارتىش كېرەك
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئىلى
‹‹8–مارت ›› ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەت مەسىلىسى ئىككى يىغىندىكى ۋەكىللەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئىلى 6–مارتتىكى كىچىك گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ۋەكىللەرنىڭ قىزىق مۇنازىرىسىنى قوزغىدى .
ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمگەك توختام قانۇنى›› ۋە ‹‹ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ›› دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى 90 كۈندىن كەم ئەمەس ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دەم ئېلىشى 15 كۈن . تۇغۇتى قىيىن بولغانلارغا يەنە 15 كۈن قوشۇلىدۇ . كۆپ كېزەك تۇغقانلاردىن بىر بۇۋاق ئارتۇق تۇغقانلارغا يەنە 15 كۈن قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى ئاياللار ئادەتتە 3 ئاي ئەتراپىدا تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
خاسىيەت ئىلى تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ، نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ۋە تەرەققىياتىنى ئۆستۈرۈش ، ئىناق ئائىلە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ، تۇغۇت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى بىر يىلغا ئۇزارتىش كېرەك . تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، بارلىق تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–ئايال خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇپ ، ئاياللارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى مەزگىلىدىكى مائاش تولۇقلىمىسىغا ياردەم بېرىشى كېرەك ؛ كۆپ مىقداردا ئايال خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارغا ھۆكۈمەت ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ نىسبىتى بويىچە باج قايتۇرۇش ئۇسۇلىدا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ، كارخانىلارنىڭ تۇغۇت ۋە تۇغۇت دەم ئېلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىنسىي ئايرىمىچىلىقىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك .
خاسىيەت ئىلى يەنە مۇنداق دېدى : ‹‹ ئەرلەرگە بىر ئايلىق تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى بېرىشنى تەشەببۇس قىلىمەن . بۇنداق بولغاندا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ‹قىرقىنى چىقىرىش› مەزگىلىدە ئۇلارنى كۈتكەندىن باشقا ، بىرلىكتە بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەرلەرنى ‹تۇغۇت دەم ئېلىشى › گە قويۇپ بەرگەندە ، ئاياللارنىڭ تۇغۇت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىپ ، ئەر–ئاياللەرنىڭ خىزمەت پەرقىنى قىسقارتىپ ، ئەر–ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ››.
مەنبە:مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئىلى

مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى.