گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 628|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ تەكلىپى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ تەكلىپى


       ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر چوقۇم ئۆز مىللىتىگە ۋە ئۆزى كەلگەن رايونغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۈگۈن شىنخۇا تورىدىن « باش شۇجى شى جىنپىڭ ئازسانلىق مىللەت ۋەكىللىرىدىن 4 سوئال سورىدى » دېگەن تېمىغا دىققىتىم ئاغدۇرۇلدى. ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل ئەنۋەر ئىمىن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن  شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپتۇ.
     رەئىس شى جىنپىڭ بۇ تەكلىپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن « ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپ قىسمى شىنجاڭغا قايتامدۇ؟»، «قايتقانلارنىڭ نىسپىتى قانچىلىك؟»، « يىلدا قانچىلىك ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ؟»، « ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قايتتىمۇ؟» دېگەن سۇئاللارنى سورىغان. يەنە خەلق تورى، شىنخۇا تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىلىق نۇسخىسىنىڭ بار يوقلىقىنى سورىغان. بىلىشىمچە، خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن ئەپسوسلىنارلىقى بۇ توردا ئۇيغۇرچە ئىنكاس يازغىلى بولمايدۇ.
  ئەگەر مەن ۋەكىل بولسام بۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاپ بېرەتتىم، ۋە ياكى باش شۇجىغا قانداق تەكلىپ بېرەتتىم، دەپ ئويلىنىپ قالدىم. مۇشۇ كۈنلەردەئەتىراپىمغا قاراپ باقسام ئىش كۈتۈپ يۈرگەن بالىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قالىمەن. ئۇلار توختىماي ئىمتىھان بېرىدۇ، پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە قومۇللۇق بالىلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ خۇش بولىمەن. بىراق، ئۇلار نىمىشقا ئۆز يۇرتىدا ئىشلەش پۇرسىتىدىن مەھروم بولىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ، ئۇلارغا ھېسداشلىقىم كېلىدۇ. مەيلى ئىچكىرى ئۆلكىلەرە بولسۇن ۋە مەيلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا بولسۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئىنتايىن باش ئاغرىتىدىغان قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. بالىلار  ئاتا-ئانىسىنىڭ تاپقان، تەرگەن بىساتىنى تۈگۈتۈپ بولغۇچە مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، خىزمە تېپىش، ئۆي ئېلىش، توي قىلىش...ئەمدىكى ئەڭ ئىگىز داۋانلار كۆز ئالدىدا ھازىر بولىدۇ. ئون يىلنىڭ ئالدىدا 30 دىن ئېشىپ توي قىلىش ئەيىپ سانالسا، بۇ يىللارغا كەلگەندە قىلچىلىك ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدا كۆز قارچۇقىدەك ئاسىراندى چوڭ بولغان بىر ، ئىككىگىنە بالىلارنىڭ قىرىق ئىشەككە يۈك بولغۇدەك خۇيلىرى تويدىن كېيىنكى ئاجىرىشىش نىسپىتىنى ئۆرلىتىۋەتسە، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى جەمئىيەت ئامانلىقىغا، ئەل ساغلاملىقىغا خىرىس ئەپكەلمەكتە.
      ھەممىگە ئايان، ئەتىراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىدارە -ئورگانلاردا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسپىتى يىلسېرى ئازىيىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنى ئاز دەپ ئىچكىرسىدىن ھەرقايسى ئىدارىلەرگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقان «پىداكارلار» قوشۇنى زورۇيۇپ باردى. بۇ ھالەتتە، يەرلىك مىللەت بالىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلسىمۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدا ئىش تاپالمايدىغان ھالەتنى ئېغىرلىتۋەتتى. مېنىڭچە بۇ خىل تەڭپۇڭسىز ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزنىڭ كۈچى يېتىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك مىللەت ئىتتىپاقلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر.
      گەپنىڭ نەق مەركىزىگە كەلسەك، ئىككى يىغىن ۋەكىلى ئەنۋەر ئىمىننىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز يۇرتىدا كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولاتتىم، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئالتۇنمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز، دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئۆزىمىز نەچچە ئون يىللاپ قەدىرلەپ، ئەزىزلەپ ئوقۇتقان ئىقتىساسلىق ياشلىرىمىزنى، كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىزنى باشقا يۇرتلارغا چىقىرىۋېتىشىمىز توغرا ئەمەس. بەلكىم بەزىلەر - جۇڭگونىڭ ھەممە يېرى بىزنىڭ ۋەتىمىز، ياشلار نەگىلا بېرىپ خىزمەت قىلسا يەنىلا ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدۇ، دېيىشىمۇ مۇمكىن.  دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ئاز سانلىق مىللەت ئاتا-ئانىلىرى بىر، ئىككە بالىسىنى ياقا يۇرتلارغا ئەۋەتىۋېتىپ ئۆيلىرىدە تەنھالىق ئىلكىدە قېرىپ كەتمىسۇن دېسەك، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا كۆيۈنۈشتەك ئىسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلايلى دېسەك، بالىلارنى ئائىلىسىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن، تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئايرىماسلىقىمىز لازىم. لېكىن، تاللاش ھوقۇقى يەنىلا ئاشۇ كەلگۈسى ئىز باسارلارنىڭ قولىدا بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
      بېرىدىغان تەكلىپلىرىم كۆپ ئىدى، ئەپسۇس، ۋەكىل ئەمەس بولغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى پۇقرالىق ئورنۇمدا تۇرۇپ مۇنبەردە بولسىمۇ ئازراق چالۋاقاپ قويدۇم. بەلكىم كېلەر نۆۋەتلىك ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن قايتا ئۇچىراشقاندا  خەلقنىڭ ھەقىقى يۈرەك ساداسىنى يەتكۈزۈشىنى، شوئارۋازلىق، كۆز بويامچىلىق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە: ‹‹باغداش تورى››


ۋاقتى: 2014-3-6 11:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنىڭ نەق يېرى سۆزلىنىپتۇ،تېتا ئىگىسىگە رەخمەت ئېيتىمەن.


ۋاقتى: 2014-3-12 00:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر........»بەك توغرا دەپسىز.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:20 , Processed in 0.191275 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش