بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-17 20:46
شىنجاڭدا 200 مىڭ ئورگان كادىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشىدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن 200 مىڭ كادىر ئاجىرتىپ ئۈچ يىللىق «خەلق رايىنى تەكشۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەبەدى ئەمىنلىكنى ساقلاش» يۈرۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى يېقىندا تاللىنىدۇ. 5-مارتتىن بۇرۇن ئەمەلىيلىشىپ بولىدۇ.
بۇ پائالىيەتنىڭ مۇنداق ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىسى بار: بىرىنچى، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خىزمەت ئىستىلىدا بۇرۇلۇش ياساش. تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساپ، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇپ، ئىستىلدا باشلامچى بولۇپ، ئىستىلنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنى ياخشى چېنىقتۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى بىلەن تۇققاندەك ئۆتۈپ، دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ غەم ئەندىشىسىنى ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ھەر مىللەت خەلقىنى قىزغىن سۆيۈش، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى؛ زامانىۋى مەدەنىيەتكە باشلامچى بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىن بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرى ۋە پەن تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، يېزا مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي جانلاندۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش. بەشىنچى؛ توپ ئالدىنى ئېلىش، توپ تىزگىنلەش، توپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا ماسلىشىپ تۈرلۈك مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى چىڭ تۇتۇپ، كىچىك ئىشلارنى كەنتتىلا ھەل قىلىش، چوڭ ئىشلارنى يېزىلاردا ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش. ئالتىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەبەدى ئەمىن ئۆتۈشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش. ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، تەپەككۈر، ئۇسۇل، تەجىربىلەرنى ئۆگىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش كېرەك.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى