زەھەرگە قۇل بولغان قاتىل
تۇرسۇن يەكەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئىلگىرى ئوت قۇيۇش جىنايىتى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن توغرا يولنى تاللىماي، زەھەرگە ئۆگىنىپ قالدى.
ئۇ بۇ يىل 18-يانۋار كەچتە ئاچىسى ئازاتگۈلنىڭ مەھەللىسىدىكى ئەنۋەرنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن نەشە چېكىشىپ ئولتۇردى. ئۇلار تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ، بۇرۇنقى ئىشلار سەۋەبلىك جېدەللىشىپ قالدى. تۇرسۇن ئاچچىقىدا ئاشخانىدىن قىڭراقنى ئاچىقىپ، ئەنۋەرنىڭ قورسىقى، مەيدىسى، دۈمىسىگە قالايمىقان چاپتى.
سىرتتىكى قالايمىقانلىقتىن ئۆچۆپ ئويغانغان ئەكبەر(سەككىز ياش) بىلەن ئەكرەم(يەتتە ياش) يۈگۈرۈپ چىقتى. غالجىرلاشقان تۇرسۇن ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، قىڭراق بىلەن ئەكرەمنىڭ قورسىقىغا بىرنى، ئەكبەرنىڭ قورسىقىغا ئىككىنى چاپتى...
ئاستىنقى قەۋەتتىكى مەمەت بالىلارنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ، كۆڭلى بىر شۇملىقنى سەزدى-دە، يۈگۈرۈپ چىقتى. ئۇ ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ، قانغا مىلىنىپ ياتقان ئەنۋەر بىلەن ئىككى بالىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئېسىنى يىغىپ بولغۇچە، تۇرسۇن كىلىپ ئۇنىڭ قورسىقىغا قىڭراق چاپتى. ئۇ تۇرسۇن بىلەن بىر ھازا تىركىشىپ، ئىشىك يېنىدىكى كەكە بىلەن تۇرسۇننىڭ پۇتىغا چاپتى. تۇرسۇن پۇتىنى قۇچاقلاپ يىقىلدى. مەمەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخى جان ئۈزمىگەن ئەكرەمنى كۆتۈرگىنىچە سىرتقا يۈگۈردى.
تۇرسۇن ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ 1-قەۋەتكە چۈشتى. بۇ چاغدا مەمەت ئايالى ئايتۇرسۇن بىلەن ئەكرەمنى ئېلىپ، شۇ كوچىدىكى ھەسەننىڭ ئۆيىگە كىرىۋالغانىدى. ھەسەن ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى. تۇرسۇن ئۇلارغا ئىشىكنى ئاچقۇزالماي ئاچىسى ئازاتگۇلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشىكنى ئۇردى. بۇ 19-يانۋار ساھەت 2 بولغان چاغ ئىدى. تۇسۇننىڭ يەزنىسى يۈسۈپ ئۇيقۇچىلىقتا ئىشىكنى ئېچىشىغا مەيدىسىگە قىڭراق چېپىلىپ يىقىلدى. ئازاتگۈل ھۇجرىدىن چىقىشىغا، قورسىقى، مەيدىسىگە كەينى-كەينىدىن قىڭراق چېپىلىپ، شۇ يەردىغلا جان ئۈزدى.
تۇرسۇن زەخىملەنگەن يۈسۈپنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپ،ئۆيدىكى تۇنسا بىلەن گۈلنۇرنى تۇتقۇن قىلىۋالىدى. بۇ چاغدا قوشنىلارنىڭ دېلوسىنى تاپشۇرۇۋالغان ساقچىلار يېتىپ كەلدى. ئۇلار تۇرسۇنغا خىزمەت ئىشلەپ ئىشكنى ئاچقۇزماقچى بولغاندا، تۇرسۇن:
-قايسىڭ كىرسەڭ بۇ ئىككىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن! –دەپ تەھدىت سالدى. ساقچىلار ئۇنىڭغا تۇختىماي تەربىيە ئىشلىدى. تۇرسۇن ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆلۈۋالماقچى بولدى ۋە قورسىقىغا قىڭراقنى سۈركىدى. ساقچىلار ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ، تۇرسۇننى بويسۇندۇردى.
تۇرسۇن ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، ئۈچ ئادەمنى زەخمىلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، قەستەن قاتىللىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە 30- يانۋار قولغا ئېلىندى.
(كىشى ئىسملىرى ئۆزگەرتىلدى)
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى