تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 4

دېزىنفېكسىيەنلەنگەن چىنە – قاچا ھەققىنى كىم تۆلەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
340
دېزىنفېكسىيەنلەنگەن چىنە – قاچا ھەققىنى كىم تۆلەيدۇ؟

يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى سودا – سانائەت مەمۇرىي تارماقلىرى بىر قېتىملىق دېزىنفېكسىيەنلەنگەن چىنە – قاچىلاردىن ھەق ئېلىشنى توختىتىشنى ئېلان قىلغاچقا، چىنە – قاچا دېزىنفېكسىيەلەش كارخانىلىرىنىڭ زاكىسى %70 تۆۋەنلەپ، تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى تەسكە چۈشكەن. بۇنىڭغا قارىتا چىنە – قاچا دېزىنفېكسىيەلەش كارخانىلىرى ئىستېمالچىلارغا ‹‹بىر يۈەن بىلەن ساغلاملىقنى سېتىۋېلىش›› تاللاش ھوقۇقىنى بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
    ‹‹بىر يۈەن بىلەن ساغلاملىقنى سېتىۋېلىش››تا بۇ بىر يۈەننى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ مېنىڭچە، بۇ دېزىنفېكسىيەنلەنگەن چىنە – قاچا ھەققىنى يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى ئۈستىگە ئالغىنى تۈزۈك.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاراتقۇلاردا ئىستېمالچىلارنىڭ بىر يۈەن چىنە – قاچا دېزېنفېكسىيەلەش ھەققى ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىنى سوتقا ئەرز قىلغانلىقى، نەتىجىدە ئىستېمالچىلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىندى. بۇ، ئىستېمالچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەنگەن پاكىز چىنە – قاچا بىلەن تەمىنلەش ئۇزاقتىن بۇيان جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ۋە ئادەت بولۇپ قالغان ئاساسىي مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئىستېمالچىلاردىن دېزىنفېكسىيەلەنگەن چىنە – قاچا ھەققى ئېلىش ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىك بولۇپ، قانۇنىي ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
    بىرىنچى، يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنى چىنە – قاچا بىلەن تەمىنلىشى ھەق. چىنە – قاچىنى يۇيۇش، دېزىنفېكسىيەلەشكە كېتىدىغان ئىش ھەققى، سۇ ۋە توك تەننەرخى ئاشخانا ۋە رېستورانلارنىڭ ئالدىن كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىش، ئاشپەز، مۇلازىم ياللاپ ئىشلىتىشكە ئوخشاش زۆرۈر تەننەرخلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تاماق باھاسىغا قوشۇۋېتىلگەن. شۇڭا مەيلى قانداق ئۇسۇلدا تازىلانغان چىنە – قاچا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەققىنى يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    ئىككىنچى، يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى دېزېنفېكسىيەلەنگەن چىنە – قاچىلارنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، چىنە – قاچا يۇيۇش، سۇ ۋە توكقا كېتىدىغان تەننەرخنى تېجەپ قالىدۇ. تەننەرخىنى ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ، دېزېنفېكسىيەلەنگەن چىنە – قاچا ئىشلىتىشنىڭ تەننەرخى، ئۆزى يۇيغانغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ، لېكىن چىنە – قاچىنىڭ تازىلىق سۈپىتى بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى چىنە – قاچا دېزېنفېكسىيەلەش كارخانىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى بىر قىسىم تىجارەت خېيىم – خەتىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
    ئۈچىنچى، يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى تېخىمۇ روناق تاپىمەن دەيدىكەن، كونا خېرىدارلارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشى كېرەك. خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشتا قورۇمىلارنىڭ تەملىك بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم. بىراق ھازىر ئىستېمالچىلار مۇھىت ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى يۇقىرى تەلەپ قويۇۋاتقاچقا، تېخىمۇ پاكىز، كىشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىدىغان چىنە – قاچا بىلەن تەمىنلەش يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسىي شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
    شۇڭا بىر يۈەنلىك دېزىنفېكسىيەلەنگەن چىنە – قاچا ھەققىنى يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
    دېزىنفېكسىيەلەنگەن چىنە – قاچا ھەققى ئېلىش چەكلەنگەندىن كېيىن، بەزى يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى، بولۇپمۇ كىچىك ئاشپۇزۇللار چىنە – قاچىلارنى ئۆزى يۇيىدىغان بولدى. تازىلىقىغا كاپالەت قىلغىلى بولمايدىغان بۇنداق ئەھۋالدا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىدىكى چىنە – قاچىلارنىڭ تازىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرىدىن بىخەتەر، پاكىز چىنە – قاچا بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغانلار بولسا، ئۇلارنى مۇنتىزىم كارخانىلار دېزىنفېكسىيەلەنگەن چىنە – قاچا بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلاش كېرەك.
    چىنە – قاچىنى دېزىنفېكسىيەلەش كارخانىلىرى ‹‹بىر يۈەنلىك دېزىنفېكسىيەلەنگەن چىنە – قاچا››نىڭ پۇلىنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بىلەنلا قالماستىن، سۈپەتنى ياخشىلاش، سۈپەت ئارقىلىق ئۈنۈم يارىتىشنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. مانا بۇ ئۇلارنىڭ چىقىش يولى.

مەنبە :تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ۋاقتى: 2014-2-11 00:08:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەساللامۇ ئەلەيكۇم  يولۋاس  ئەپەندى بىر يۇئەن پۇلنى دەپ خەلىقنىڭ تەن ساخلاملىقىغا  تەسىريەتكۇزۋاتقان ناچار خائىشلارنى ئىلمى  يۇسۇندا  قامچىلانغان  تىمدىن بىرنى يوللاپسىز  رەھمەد .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-11 20:31:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىر يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 00:08
ئەساللامۇ ئەلەيكۇم  يولۋاس  ئەپەندى بىر يۇئەن پۇلنى دە ...

ئەلىشىر ئەپەندىم سۆز دەپرىڭىزدىكى ئۇچۇرنى كۆردىڭىزمۇ يوق؟


ۋاقتى: 2014-2-14 12:39:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۈردىكى قاچىلارنىڭ باھاسى ئەمەس ، سالامەتلەككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەرىپى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، مەن بىر قېتىملىق نەق مەيدان زىيارىتىدە يۇيۇلۇپ، ئاتالمىش دېزىنفىكسىيە قىلىنىۋاتقان قاچىلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئېلىشىپ كەتكەن. ئىشقىلىپ دېققەت قىلايلىكى، ئورالمىسى بارلىكى نەرسىلەر پاكىزە، ئىشەنچىلىك بولۇشى ناتايىن. شۇ قاچىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە نەچچە قېتىم چايقاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئىشلىتىش ھەققى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان بىر يۈەن مەسىلىسىگە كەلسەك،« ھەق ئېلىنسا بولمايدۇ» دەيدىغان ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بار، بىراق قاق باش تىجارەتچىلىرىمىز تاماق باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنىمۇ داۋا-دەستۇرسىز ھەل قىلىۋاتىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-14 16:16:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارارەت يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 12:39
بۇ تۈردىكى قاچىلارنىڭ باھاسى ئەمەس ، سالامەتلەككە ئېل ...

ئۇ قاچىلارنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسە بولىدۇ! ئەڭ مەينىتى شۇ ،يەنىلا قولدا تازىلىغانغا يەتمەيدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-11 07:35 , Processed in 0.218994 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش