گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 2150 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مۇختەرجان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جۇلا  قىزغا قانداق ياردەم لازىمدۇ ؟ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم بىرەتتىم .

  • يانتاق 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەجەپ  ياخشى بولدى   شىنجاڭ كوماندسىى يەڭدى

  • دون555 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكوم باي ناھىيەسىدىكى قىرىنداشلىرىم كەمىنە دون  ئەپەندىنمدىن سىلەرگە سالام

  • 346775246 2014-3-24 14:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • Mr.Adil 2014-3-23 19:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام دوسلار   كومپىيوتېر ۋە تەكشلىكتكى ئېلان لاھيلەشتە ياردەم  لازىم  بولسا  مىېنى ئىزدەڭلار!QQ:75681740

  • جۇلا 2014-3-22 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • تاھىرجان 2014-3-22 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    توربىكەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچىرسىڭىز 59496604 QQ بىلەن ئالاقىلشىڭ

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 5

رۇبائىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

4

دوست

5035

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

يوقلىما
257
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1736
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2917
تۆھپە : 96
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 02:05:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىلار

ئاچقىن دوستۇم «مۇزات» بېتىنى ،
تاپقىن ئۇندىن نۇرغۇن نەرسىنى .
ياشاپ ھەر كۈن خۇددى ئەركەكتەك ،
بويسۇندۇرغىن ئالەم،ھەممىنى ...
(مۇزات :مۇزات دولقۇنلىرى ژورنىلى )
******************************************
ئىرادەم كۈچلۈك تەمكىن ياشايمەن ،
شەپقەت قۇلۇمنى ئۇزۇن سۇزىمەن .
قاخشىتىپ يۈرمەي كۈلدۈرۈپ جاننى ،
« رەقىب » كۆزىدىن قان-ياش ئالىمەن .
******************************************
خاماندىن ئاياققا ئۇچقاندا سامان ،
«جان يوقمۇ تېنىڭدە؟»دىدى بىر تال دان .
«بەرگەنغۇ مەن ساڭا ، دىدى ئۇ دانغا ،
تۇراتتى مېنىڭدە يەنە قايسى جان ؟
******************************************
پىكىرىم ھەر يان چېچىلغان شۇ دەم ،
توشتى ھەم ئىچىمگە ئاچچىق دەرت-ئەلەم .
مەنىسىز بۇ كۈنلەر زەپمۇ ئۇزىراپ ،
تۈگەرمۇ ياشلىغىم ھاياتىممۇ ھەم .
*******************************************
«ئىسىت-!» دىمەس بەزىلەر ئۆتكەن ئۆمرىگە ،
تۆھپىسىز ئۆلسە ھەم نەپ بەرمەي ئەلگە .
«مىللىتىم» دەۋاتقان ئەشۇ زاتلاردىن ،
ئالمىدى، ئالمايدۇ نىمىشقا ئۈلگە ؟
*******************************************
تاماخور كىشىدە بولماس دىيانەت ،
كەسىپتۇر ئۇنىڭغا دائىم خوشامەت .
ئىنساننىڭ گۈل-تاجى، پۈتمەس بايلىقى ،
غورىنى مەي قىلغان سەۋرى-قانائەت .
*******************************************
تەس ئىكەن ناداننىڭ ئاقىل بولمىقى ،
يات ئىكەن ئۇنىڭغا بىلىم بۇلىقى .
تىرىشىش يۇلىدا ئىزدەنمەي تۇرۇپ ،
چىقار دائىملا «ناچار» قىلىقى .
******************************************
يا ئاللا-! پۇلنىمۇ تاپقاننى كۆردۈم ،
پۇل دىسە ھەر تەرەپ چاپقاننى كۆردۈم .
پۇل ئۈچۈن ئار-نومۇس، ۋىجداندىن كېچىپ ،
جان-جىگەر دوستىنى ساتقاننى كۆردۈم .
******************************************
تېۋىنغاچ يۈرىكىم مۇھاببەتكىلا ،
غەم-قايغۇ ھەسرىتىم يۇقالدى ئاستا .
ئەمدى گەپ ئىرادەم ئېتىدا قالدى ،
شۇ ئېتىم ھارمىغاي مەنزىللەر ئارا .
******************************************
ئاپەت ۋە ئامەتلەر تۇيماستىن كېلىپ ،
سىنايدۇ ھەر كىمنى قوينىغا ئېلىپ .
مېلىڭدىن غادايما ئەسلى سەن گاداي ،
غادايغىن ئىلىمنى كاللاڭغا سېلىپ .
******************************************
تەئەججۈپ ئەيلىمە چاقتى دەپ چايان ،
بۇ ئاڭا تۇغما خۇي،ھەممىگە ئايان .
تىغ ئۇرۇپ تەنلەرگە تاپالماس لەززەت ،
پەقەت ئۇ قىلىدۇ پەيلىنى بايان .
******************************************
كىلەركەن تاقەتتىن قايغۇ ھەم كۈلكە ،
تىغ سالما قايغۇدا بىلمەي يۈرەككە .
تاقەتنىڭ چېكى بار ئۆمۈرنىڭمۇ ھەم ،
تۇرامسەن تېخىچە چىداپ « ناھەقكە» ؟
******************************************
كۆپ ئىشلار مۈشكۈلدۇر سەپىرى ئۇزاق ،
مۈشكۈلنىڭ كەينىدە راھىتى بىراق .
بىلىمسىز-نادانلار جاپانى كۆرمەي ،
باتۇرلار يۇلىغا قويدىغۇ تۇزاق .
******************************************
مەنزىلىم يىراقتا ئۈنسىز ياشايمەن ،
ئۆتكەن شۇ ئۆمرۈمگە ئاچچىق كۈلىمەن .
دەردى يوق دەپ قالماڭ كۈلكەمگە قاراپ ،
پەقەتلا بىردەملىك شۇنداق ئۈتىمەن .
******************************************
ئىشلىمەي ئاش-تۇزنى بىكار يىمىگىن ،
ئەجداتلار ئۈمىدى يەردە قويمىغىن .
ئۈگەن، ئۈگەت، بىلىم كەمىرى باغلاپ ،
خەلىقىم بېشىغا كۈلپەت سالمىغىن .

باي ناھىيە قىزىل يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن : مۇختەر مەھەممەت

2014-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى


كۈنلىرىم   مۇشۇنداقلا   ئۈتۈپ   كىتەرمۇ   ھە - ؟

15

تېما

4

دوست

1461

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  427
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 820
تۆھپە : 95
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-13

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 16:36:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى بولۇپ مەن »ساۋاپ« تېپىپتىمەن ھە؟ ئىنكاسنى ئالدى بىلەن يېزىپ.
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، رۇبائىيلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى بولغان بىلەن
ئىپادىلەش جەھەتتە نۇقسانلار خېلىلا كۆپ. بۇ جەھەتتە سىز ئۆڭمەستىن
تۇرۇپ ئۆڭمەستىن ئازراق تەلىم ئالسىڭىز بولاتتىكەن. گېپىم قوپال بىلىنىپ
قالسا ئەپۇ قىلارسىز.         --------  نەزەردىن


ئۆلۈكلەر ئۆلسە ئىدى ، دۇنيا تىرىكلەرگە قالاتتى . . .

http://www.qarasu.com/bbs/  قاراسۇ مۇنبىرى

5

تېما

53

دوست

4081

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1835
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 846
تۆھپە : 43
توردا: 67
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 00:43:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ،قۇلڭۇزغا دەرىت بەرمىگەي .....................


دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يېڭى ئەزا(Rank: 1)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1949
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 9
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-24

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 16:11:42 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىلا كەن


2

تېما

2

دوست

138

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2068
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 16
تۆھپە : 4
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 16:30:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار

ئابلىمىت مۇھەممەد ئەمىن

ئاپەتتۇر ئۆزگىنىڭ رىزقىنى يېمەك،
بىرىنىڭ بىرىدە قالماستۇر، دېمەك.
مەگەركىم جاھانغا خوجا بولساڭمۇ،
يېگىنىڭ ھالالمۇ؟ ئويلىشىڭ كېرەك.

خوجاڭغا كۈچۈكتەك ئەركىلەپ كەتمە،
ئۆزگىنىڭ باغىدا سەگىدەپ كەتمە.
ھەر لوقما يېگىنىڭ ئەجرىڭدىن بولسۇن،
ھارامغا دۈم چۈشۈپ پەتىلەپ كەتمە.

ياز كېتىپ پەسىلنىڭ كەلگەندە قىشى،
شۇ يازغا تارتىشىپ مۇڭلىنار كىشى.
كۈن-ئاينى ئۆتكۈزۈپ تەلپۈنۈش بىلەن،
قۇرۇيدۇ تۇيدۇرماي يۈرەك بېغىشى.

قۇلاق سال نېمە دەر ئەلنىڭ دانىشى،
ئەلنى دەپ ئۆتكەننىڭ ئاغرىماس بېشى.
تارىخنىڭ دارىغا ئېسىلغاي بىر كۈن،
ئەل-يۇرتنى قاق***ئىپ جان باققان كىشى.

ئەل كۆڭلى بىر دېڭىز، شاۋقۇنسىز دېمە،
نە قىلسام كۆتۈرەر ئۈن-تىنسىز دېمە.
پەقەتلا سەن ئۈچۈن تۇغۇلماس قۇياش،
ئۆمرۈڭنى ئۆتۈدۇ ھېچ تۈنسىز دېمە.

مەيلى قىل ئىلتىجا يا ئۈمىد گاھى،
ساڭىلا باقمايدۇ پەلەكنىڭ رايى.
ئۆتكۈنچى دەۋرگە بولساڭمۇ سانغۇن،
ۋە لېكىن قوۋمىڭغا بولمىغىن ئاسىي.

ھەركىمگە مۇقەددەس تۇغۇلغان ۋەتەن،
ۋەتەندىن ئايرىلساڭ كىيگىنىڭ كېپەن.
قۇي خۇشبۇي شارابىڭ ئىچەي بىر قەدەھ،
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا يانسۇن بۇ بەدەن.

بولسىمۇ بۇ جاھان سەيلىگاھ سىياق،
ئەمەستۇر ھېچ كىشى غۇسسىدىن يىراق.
بۇلبۇلمۇ سايراپلا ئۆتمەس جاھاندىن،
چۈشەنسەڭ ساڭىمۇ ھايات ئاشۇنداق.

ئۆزۈڭلا ئۆتەمسەن شاھانە ياشاپ،
بۇ ئانا تۇپراقنىڭ يىلىكىن شوراپ؟
يادىڭدا بولمىسا ئەل-يۇرتنىڭ غېمى،
قانچىلىك باي بولغىن ئۇ نۆلگە ھېساب.

قولنىڭمۇ پاكىزى سۇدىلا ئەمەس،
نى قول بار بىر ئۆمۈر ھارامدىن كەلمەس.
بەزىلەر قالسىمۇ سەكراتقا چۈشۈپ،
كۆڭلىدىن كەتمەيدۇ ھارامغا ھەۋەس.

ھەر جاننىڭ ئۆزگىچە بولىدۇ غېمى،
جاھاندىن كىم غەمسىز ئۆتۈپتۇ قېنى؟
غەم، شادلىق خاكىدىن يارالغان ئىنسان،
رىيازەت دەشتىدىن تاپار بەختىنى.


ئاۋامنىڭ دەردىگە بولغىن ھەمنەپەس،
نام-شۆھرەت تەختىگە قىلمىغىن ھەۋەس.
دۇنيانى بىر ۋاراق ئاق قەغەز دېسەڭ،
سەن ئۇندا ياخشى قۇر قالدۇرغىن پەۋەس.

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن دۈشمىنىڭ زېرەك،
ئۇ دائىم ئەقىلدىن بېرىدۇ دېرەك.
ئۆزۈڭگە كۆرۈنمەس ئاجىزلىقىڭنى،
كۆرسىتىپ بېرىدۇ بولۇپ بىر ئەينەك.

مېۋىسىز بولسىمۇ كېرەكتۇر تېرەك،
چۆلدىكى تاشنىمۇ دېمە بىكېرەك،
خەسنىڭمۇ قىممىتى گاھىدا ئالتۇن __
دەپ بىلەر يىراقنى كۆزلىگەن زېرەك.

ئېغىزدا نى ئۆتكەل، داۋاندىن ئاشتۇق،
مۈشكۈلگە دۇچ كەلسەك تايدۇق، ئاداشتۇق.
دەرىخا، پۇت-قولدىن كەتكەندە ماغدۇر،
پۇشايمان ئىلكىدە ساقال سىيلاشتۇق.

دوستۇڭنى مۇھەببەت-نەپرەتتە سىنا،
مۇھىمى دەردۇ-غەم، كۈلپەتتە سىنا.
پۇل-مېلىڭ بارىدا «ۋاي» دېگەن دوستنى،
بېشىڭغا خەستەلىك يەتكەندە سىنا.
بىراۋغا يېلىنماي كۈچۈڭنى خار قىل،
ئۇ بىرلە بىر ئىشچان دىلبەرنى يار قىل.
مېھنەتكەش ئاتاڭنىڭ ئۈمىدى ھەم شۇ،
ھەر مەھەل تىرمىشىپ يوقۇڭنى بار قىل.

مەردلەرچە ئات سېلىپ قىلالىساڭ جەڭ،
ئېگەر باش مۈشكۈلمۇ بولسا ئىرادەڭ.
بۈگۈننى بوش قويما ئەتەڭنى كۈتۈپ،
ئېچىلسۇن پورەكلەپ خۇش پۇراق لالەڭ.

جان زاتى ئەزەلدىن ھاياتقا قانماس،
ئۆمۈرنىڭ چىرىغى قايتىلاپ يانماس.
مەيلى كىم تارتىشسۇن ھايات مېھرىگە،
سائىتى توشقاندا كەتمەكلىكى راست.

توپلىغان بىساتىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەس،
قالىدۇ بىر كۈنى توختىسا نەپەس.
ھەققى بار تۇز بېرىپ ئۆستۈرگەن ئەلنىڭ،
بېخىللىق چۆلىگە قىلمىغىن ھەۋەس.

بەختلىك يارالغان ئىنسان مەن دېمە،
تەرىڭسىز شاخلاردا كۆرۈنمەس مېۋە.
تۇت ئەستە، شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى،
تۇپراقتا مېھنەتسىز ئۈنمەس ھېچنېمە.

كەمسىتمە مەجرۇھنى ئۇ قۇچسا شەرەپ،
ئەل ئاڭا ياڭراتسا ئالقىش ھەسسىلەپ.
ئۆزۈڭچۇ، بېجىرىم-ساغلام تەن تۇرۇپ،
نەلەردە يۈرۈيسەن تېنەپ-تەمتىرەپ؟

غۇسسىدىن ئادەمنىڭ قاتقاندا بېشى،
خوپ بولۇر يېنىدا بولسا دىلكىشى.
ھال-مۇڭغا يارىماس ھەممىلا ئادەم،
تۆگىنىڭ مازاردا نە بولۇر ئىشى؟

نە ھاسىل گەر ئىنسان بولسا تىلەكسىز،
(تىلەكسىز ئىنسان ئۇ بولۇر كېرەكسىز).
كۆتۈرگىن قەددىڭنى تىلەكتىن يول ئاچ،
قاي قوغۇن ئوخشىغان تەرسىز-پېلەكسىز؟


ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم!

1

تېما

1

دوست

237

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1908
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 117
تۆھپە : 2
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت يېزىپسىز   قۇلۇڭىزغا دەت كەلمىسۇن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-4-1 16:52 , Processed in 0.290396 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش