گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 5

ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان 6 خىل دوست

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزىڭىزدىن زامانىۋىراق دوست : دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، بىز ھەر قايسى جەھەتلەردىن يېتىشىپ مېڭىشقا ئامالسىزمىز، لېكىن تۇرمۇشتا بۇنداق دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، بۇنداق ئادەملەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىقلارنى ئاتا قىلىپ ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىدۇ .

     چاقىرغان ھامان پەيدا بولىدىغان دوست: خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكىدىن ، بىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىمىزمۇ يوق دېيەرلىك بوپ قېلىۋاتماقتا . لېكىن بەزى دوستلار گېپىدە تۇرماي ياكى ئۇچرىشىش ۋاقتىنى نەچچە ئاي ئالدىن بېكىتىشكە توغرا كېلىپ ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز چۈشكەن ، كەيپىمىز چاغ بولمىغان چاغلاردا كۆڭۈلگە مەلھەم بولغۇدەك ئادەممۇ تاپالماي قالىمىز. لېكىن ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى جانلىق ، « ھايت دېگۈچە ، ھۇيت دەپ تۇرىدىغان » دوستلارنىڭ مىجەز–خاراكتېرى ئوچۇق، خۇشخۇي ، قىزغىن بولۇپ ، ئۇلار بىلەن بىرگە بولسىڭىز روھىي–كەيپىياتىڭىز كۆتۈرۈلۈپ ، ئازادە ھېس قىلىسىز .

     نەمۇنىلىك دوست: دوستلىشىش دەستۇرىدا بىزنى كەسىپتە نامى چىققان ، ئەخلا–پەزىلەتلىك دوستانە ئادەملەر بىلەن دوستلىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ ، بۇ قىلچىمۇ ئاساسسىز ئەمەس . ئۇلار بىزنىڭ ئۆزىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىستىكىمىزنى قوزغايدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ خىلدىكى داڭلىق شەخسلەر بىلەن دوستلاشسىڭىز ، ئۆزىڭىزگە نىسبەتەنمۇ بىر سىناق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بىزگە ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا تونۇتقۇزالايدۇ ، ھەمدە بىزدە ئۆز–ئۆزىمىزدىن ئۇيات ھېس قىلىدىغان ، ھەتتا ھەسەت قىلىدىغان ناچار كەيپىيات شەكىللىنىشتىنمۇ خالىي بولالمايمىز .

     ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق دوست: ئۇ سىزنىڭ باشقا دوستلىرىڭىزنى تونىمىغاچقا، سىزگە تېخىمۇ ئوبيېكىترەك ، توغرا باھا بېرەلەيدۇ . سەمىمىي نىيەتتە ئارىلىشالايسىز ، كۆڭۈل سىرلىرىڭىزنىڭ دوستلىرىڭىز ئارىسىدىكى سۆز–چۆچەك بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەپ يۈرمەيسىز .

     راست گەپ قىلىدىغان دوست : ھەممەيلەن ماختاش خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا توغرا گەپ قۇلاققا ياقمىسىمۇ ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ . سىز كۆرەڭلەپ ، ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويغان ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قېلىپ، جىددىي مۇھىم قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە ، بۇ خىل دوست سىزگە ھەقىقىي ئەسقاتىدۇ .

     سىزنى ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىغان دوست : سىز مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىڭ ، باي ياكى نامرات بولۇڭ ، قايسى خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىغا خۇشتار بولۇپ ، ئۇ باشتىن–ئاخىر سىز بىلەن بىرگە بولىدۇ ، بۇ سىزنىڭ ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەقىقىي دوستىڭىز ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسىڭىز ، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز ، ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىڭىز، چىن يۈرىكىڭىزدىكى قايغۇ–ھەسرىتىڭىز ، خۇشاللىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز .



ۋاقتى: 2014-2-2 03:15:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسىت دىگەننى تىلى قىلىپ چۈشەندۈرۈپسىز دە ، ياخشى  ياخشى


ۋاقتى: 2014-2-4 18:25:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشىكەن قۇلڭىزغا دەت كەلمىسۇن


ۋاقتى: 2014-2-11 21:29:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقماقنىڭ  دوستى  كوپ  پىيازنىڭ پوستى كوپ دەپ  ، بەزى دوستلىرنىڭز  ۋاقتى كەلگەندە سىزنى پىيازنىڭ پوستىنى سويىغا ندەك سويۋىتىشى مۇمكىن .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-18 14:33:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  دەيسىز


ۋاقتى: 2014-6-2 01:34:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنڭ بىر دوستى كۆپەيسە بىر دۈشمنى ئازلايدۇ ئەمەسمۇ!!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 13:13 , Processed in 0.194817 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش