گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 143|ئىنكاس: 3

ئەل ئىچىدە تارالغان سايرام قېتىغى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
10
تېما
7
قىزغىنلىق
61
تىللا
124
تۆھپە
31
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 20:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەت(1):
ئۇزاق يىللار ئىلگىرى سايرام ۋىلايەت دەپ ئاتىلىپ،ئاتىراپىدىكى خېلى كوپ يۇرۇتلارنى ئۈزىگە قاراتقان .شۇ چاغلاردىكى خەلقى تۇلىمۇ مىھماندوست بولغاچقا بۇ يۇرۇتقا كىلىپ كېتىدىغانلارمۇ كوپ بولغان ، باي غۇجام ئەمەلدارلار سايرامغا كىلىپ تۇرغان  ھەم دىھقان چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىدە قېتىق بىلەن مىھمان بۇلۇشقان. ئۇ يەرنىڭ قېتىغى بەك تاتلىق بولغاچقا  بۇ غوجاملار كۇندە كىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قېتىق ئىچىدىكەن .بۇنىڭ بىلەن قېتىقنىڭ نامى ئەتىراپتىكى يۇرۇتلارغا تارالغان ھەم.قېتىق ئىچىدىغان غۇجاملار كۇندىن كۇنگە كۆپۇيۇپ  ئۇلار ئىچىدىغانغا قېتىق يىتىشمەي قالغان ئامما ئۇلار يەنلا قېتىق ئىچكىلى كىلىۋەرگەن ھەم  باي غۇجاملار ئۆي- ئۆيگە قېتىق سېلىقى سالغان . بۇ خىل  ئالۋاڭغا  بەرداشلىق بىرەلمىگەن قېتىقچى دىھقانلار  باي غۇجىلارنىڭ ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەپچىل بىر  چارە ئويلاپ تاپقان : بىر چارۋىچى، تەخيى بار ئۇرۇق بىر ئىشەكنى يىتىلەپ كىرىپ: -غۇجۇلۇرۇم،  ئىشىگىمدىن زادىلا سۇت چىقمايۋاتىدۇ!،  مانا   كۆرۇپ تۇرۇپسىلەر!ئىشەك بەك ئورۇقلاپ كەتتى ئەمدى قانداق قىلارمەن دەپ دات ئېيتقان. بۇنى كۆرگەن بەگ غۇجاملار ھەيران قالغان ،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار قېتىق ئىچكىلى زادىلا كەلمەيدىغان بولغان. مانا بۇ ئىشەك قېتىغى ئىچكەن سايراملىق دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى.  
رىۋايەت(2)
سايرام ۋىلايەت دەپ ئاتىلىپ بەدۆلەت سايرامغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە  سايرام شەھرىنىڭ جەنۇپ تەرپىدكى سۈيى ئەلۋەك ئوت چۆپلىرى مول ‹‹ تۈگمەن بېشى ›› دىگەن مەھەللىدە ئىككى نەۋىرسى بىلەن يار –يۈلەكسىز قالغان بىر موماي  بۇلۇپ، ئۇ قېتىق-قايماق سېتىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن .شۇ كۇنلەردە سايرامدا تۇرغان بەدەۋلەت ئەسكەرلىرى ،داۋاملىق قېتىق ئىچىپ پۇلىنى بەرمەيدىكەن.بۇ زۇلۇمغا چىدىمىغان موماي نەۋىرلىرىگە گەپ ئۈگىتىپ :‹‹ ئەتە ئەسكەرلەر كىلىپ قېتىق ئىچىپ ئولتۇرغاندا ،ئەي ئانا تەخەي ئانىسىنى ئىمىپ كەتتى  ئەتە قېتىق ئۇيتالمايدىغان بولدۇق دەپ توۋلاڭلار›› دەپتۇ.دىگەندەك ئەتىسى ئەسكەرلەر كىلىپ موماينى يەنە قېتىق ئەكىرىشكە بۇيرۇپتۇ . دەل شۇ ۋاقىتتا ئەقىللىق بالىلار  سىرتتىن يۈگىرەپ كىلىپ موماينىڭ ئۈگەتكىنى بۇيىچە:‹‹ ئەي ئانا تەخەي ئانىسىنى ئىمىپ كەتتى،ئەتە قېتىق ئۇيتالمايدىغان بولدۇق›› دەپ توۋلاپتۇ.  بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر قۇلىدىكى قېتىق قاچىلرىنى يەرگە ئېتىپ قول ئېغىزلىرىنى چايقىشىپ موماينى بىر قانچە ئېغىز تىللىۋېتىپ چىقىپ كېتىپ ئىككىنچى قېتىق ئىشكىلى كىرمەپتۇ.
شۇندىن كىيىن ئەتىراپقا ‹‹ ئىشىك قېتىغى ئىچىدىكەن سايراملىقلار ›› دىگەن گەپ تارقىلىپتۇ.
رىۋايەت (3)
سايرام ۋىلايەت دەپ ئاتىلىپ بەدۆلەت سايرامغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئەنجانلىق ئەسكەرلەر كىشلەرنىڭ ئۆيلىرگە كىرىپ زورلۇق قىلىپ ، قېتىق قايماق ئىچىپ پۇل بەرمەيدىكەن.بۇ مەھەللىدە زەيناپخان ئىسىملىك بىر موماي بۇلۇپ ئېرى كىسەل بۇلۇپ قېلىپ،داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئوغلى بولسا ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ئىز-دېرەكسىز يۇقالغان،بىچارە موماي كىچىك ئىككى نەۋرىسى بىلەن  يار-يۆلەكسىز قالغان ئىكەن.موماينىڭ بىر ئىنەك كالىسى بۇلۇپ،ھەر يىلى بىرنى مۇزايلايدىكەن،موماي ئەنە شۇ ئىنەكنى سېغىپ ، سۈت-قايماق سېتىپ تۈرمۇشنى مىڭ جاپادا قامداپ كەلگەن ئىكەن.سايرام شەھىردە تۇرۋاتقان ئەنجانلىق ئەسكەرلەر موماينىڭ ئۆيگە كۈندە كىرىپ، زورلۇق بىلەن قېتىق ئىچىپ پۇل بەرمەيدىكەن.موماي ئويلاپ بىر ئەپچىل چارە تېپىپتۇ.ئۇ نەۋرىسنى يېنىغا  چاقىرىپ ‹‹ ئەي بالام ئەتە ئەسكەرلەر ئۆيگە كىرىپ ، قېتىق ئىچىپ ئولتۇرغاندا ، سەن ئارقىدىن ئۆيگە كىرىپ ، ئەي ئانا تەخەي ئانسىنى ئىمىپ كەتتى ئەتە قېتىق بولمايدىغان بولدى ، ئەتە ئەسكەرلەر قېتىق ئىچەلمەيدىغان بولدى دېگىن ›› دەپ ئۆگۈتۈپتۇ. ئەتسى ئەسكەرلەر قېتىق ئىچىشكە تەمشەلگەندە نەۋرىلەر ئانسىنىڭ ئۆگەتكىنى بۇيىچە ھېلقى سۆزلەرنى دەپتۇ . ئەسكەرلەر بىر-بىرگە قارشىپ ئەي كەمپىر بالاڭ نېمە دەيدۇ ؟ دەپتۇ . موماي قەددىنى رۇسلىۋېلىپ ، تەمكىنلىك بىلەن سىلەر بەدۆلەت خاننىڭ ئەسكەرلىرى شۇڭا سىلەرگە راستىنى دېمىسەم بولماس بىزنىڭ ئائىلدە بىرلا تەخەيلىك ئىشەك بار مەن كۈندە ئىشەكنى سېغىپ قېتىق قايماق قىلىپ سېتىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن . بۈگۈن ساتقىلى تەييارلاپ قويغان تۆت قاچا ئىشەك قېتىقىنى ئۆزلىردىن ئايماي ئالدىلىرغا قويغان ئىدىم باغلاپ قۇيغان تەخەي ئارقاننى ئۈزۋېلىپ ئانسىنى ئىمىپ كېتىپتۇ . نەۋرەم : ئەتە سېغىپ قېتىق قىلدىغان ئىشەكنىڭ سۈتىنى تەخەي ئىمىپ كەتتى ، خاننىڭ ئەسكەرلىرى ئەتە قېتىق ئىچەلمەيدىغان بولدى دەپ ھەرقايسلىردىن ئەپۇ سوراۋاتىدۇ . دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئەسكەرلەر گپنى ئاڭلاپ ئچۋاتقان قېتىقلىرنى تاشلاپ قاچىسىنى چېقىپ ، موماينى ھازا تىللاپ ، ئۆز ئىشلىرغا راۋان بۇلۇپتۇ ، ئەنە شۇندىن باشلاپ زەينەپخان موماي ئەسكەرلەرنىڭ پۇل بەرمەي زورلۇق بىلەن قېتىقلىرنى ئىچۋېلشىدىن قۇتۇلۇپتۇ . موماي يەنە بەدۆلەت خانغا ئەسكەرلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان قېتىقلىرنى ئېچۋېلىپ پۇل بەرمىگنلىكى توغرىسدا شىكايەت قىپتۇ . نەتىجدە بەدۆلەت خان موماينىڭ تۇنۋېلىشى بىلەن تۆت نەپەر ئەسكەرنى باغلاپ ، خالايىققا جاكارلاپتۇ : ئەي سۈيۈملۇك سايرام ئەھلى ئاڭلاپ تۇرۇڭلار مەن ھازىر ئەمىر قىلمەن ، تۆت نەپەر ئەسكىرىمنىڭ قۇرسىقدىن قېتىق چىقسا موماينىڭ شىكايىتى راسىت،ئەسكەرلىرىمنىڭ قېتىق ئىچىپ پۇل بەرمىگەنلىكى راسىت بۇلىدۇ . ئۇ چاغدا مەن ئەسكەرلىرىمگە ئىبرەت بۇلۇش ئۈچۈن موماينىڭ يىللاردىن بۇيانقى بارلىق چىقىملىرنى ھەسسىلەپ تۆلىتىپ بېرىمەن . ناۋادا ئەسكەرلىرىمنىڭ قۇرسىقدىن قېتىق چىقماي قالسا ، تۆھمەتخور موماينىڭ بارلىق ئەۋلادلىرنى قىرىپ تاشلايمەن دەپتۇ  . نەتىجىدە ئەسكەرلەرنىڭ قورسقدىن قېتىق چىقپتۇ . موماينىڭ شىكايىتى راسىت بۇلۇپ چىقىپتۇ . سايرام خەلقى شادلىققا چۈمۈپتۇ . بەدۆلەت خان سايرام خەلقى ئالدىدا رەسۋا بۇلۇپتۇ . ئۇ بارلىق ئەسكەرلىرگە ئەنجانغا قايتىشغا بۇيرۇق قىپتۇ . سايرام خەلقىنىڭ خوددى ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان سىياسى كۆرشى قاينىمدا نېمە قىلارنى بىلمەي قالغان ياقۇپبەگ ئۆز ئەسكەرلىرنىڭ سايرام خەلقىگە سالغان جەبرى جاپالىرگە ئەپۇ سوراش يۈززسدىن 3 يىلغىچە خەلقتىن باج-سېلىق ئالماسلىق توغرىسدا يارلىق جاكارلاپ سايرام خەلقىنىڭ كۆرەش قاينىمدىن تەستە قۇتۇلۇپ كۇچاغا قاراپ يول ئېلىپتۇ . ياقۇپ بەگنىڭ ئەنجەنغا قايتىش بۇيرۇقىنى ئالغان ئەسكەرلىرى يول بۇيى قوشاق قېتىپ ۋارقىراپ :
ھايۋاننىڭ يامانى ھاراملىق ،
ئادەمنىڭ يامانى سايراملىق.
ئەنجانلىقنىڭ ئەقلىنى بۇلغىدى ،
ئىشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق.
بۇ سايرامنىڭ يامان ئىكەن سودا سېتىقى ،
بۇ سايراملىق ئىچەر ئىكەن ئىشەك قېتىقى .
دەپ تاكى سايرامدىن ئەنجانغىچە كېچە-كۈندۈز ۋارقىراپ سايرام خەلقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ دەرىت تۈكۈشۈپ يۇرتىغا مېڭىپتۇ  .         
‹‹ ئىشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق ›› دېگەن لەقەم شۇنىڭدىن قاپتۇ . ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى دېگەندەك سايرام خەلقى بىر پاي ئوق ئاتماي ، بىر قېلىچ چاپماي ئەقىل پاراسەتكە تايىنىپ ئەنجانلىق ئەسكەرلەرنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئەنجانلىق ئەسكەرلەرنىڭ تۆھمەت شىكايىتىگە ئاساسەن ‹‹ ئىشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق ›› دېگەن لەقەم سايرام خەلقىنىڭ پەخىرلىك نامىغا ئايلىنىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئەل ئارسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە .


Rank: 1

تېما
4
قىزغىنلىق
40
تىللا
71
تۆھپە
18
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 23:35:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا دىگەن بىلەن سايرمنىڭ قېتىغى نوچى ھە؟


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
44
تىللا
83
تۆھپە
10
توردا
6 سائەت

مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 20:22:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىلا دېگەن بىلەن رىۋايەتلەرنىڭ ئاساسى بار.......


Rank: 2

تېما
16
قىزغىنلىق
150
تىللا
146
تۆھپە
42
توردا
41 سائەت

تىرىشچان ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-9 00:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ھە نىمە بولسا بىزلەرنى ‹‹ئىشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق››دىگۈچلەرگە خاتىمە بېرىلپتۇ دە-؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-14 23:01 , Processed in 0.108629 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش