مۇڭلانمىسۇن باش كىيىم
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس
دەرت تۆكىدۇ بۇرۇختۇمدا باش كىيىم،
بويۇن قىسىپ قالغاچ ساندۇق، بۇلۇڭدا؛
تاجىڭ ئىدى قامىتىڭگە يارىىشار،
خارلىغىدەك نىېمە گۇناھ ئۇنىڭدا.
ئەجداد ئۈچۈن ئىدى ئەزىز، ئەتىۋا،
قىلغان شۇڭا بىزگە ئۇنى تەۋەرۈك؛
بىل ئۇنىڭسىز غۇۋالىشار كىملىكىڭ،
چېنىپ ئۇندىن نە ئارزۇغا يەتكۈلۈك.
ئايەم ئەھلى، ھازىدارغا ياراشسا،
مۇڭغا پاتتى باشقا چاغدا تاشلىنىپ؛
شۇ تەۋەرۈك چىققىنىدا قولۇمغا،
مېھرىم ئاشار كۆزلىرىممۇ ياشلىنىپ.
يارىشاتتى ئۇيغۇرۇمغا خوپ ئېسىل،
سۆزلەيتتى ئۇ كىملىكىمدىن ھېكايەت؛
بېرىپ ھارماس چىۋەر قولغا گۇۋاھلىق،
ئەزىزلىنەر ئۇندا ئەجىر،تەر-مېھنەت.
ئايپاڭ باشلار، پاخپاق چاچلار ئاينىسا،
قالمامدۇ شۇ پەيتتە دوپپاڭ ياتسىراپ ؛
خوپ كەلمەس بوپ قالدىمۇ ئەمدى ساڭا؟
يېشى قۇرۇپ تۈگەشمىسۇن قاغجىراپ.
دۇنيا ئەھلى تۇنار بىزنى ئۇ بىلەن،
مېھرى ئىللىق بولغاچ ئۇيغۇر دوپپىسى؛
خوشلاشمامدۇ خارلىساق گەر بىز ئۇنى،
مىللىتىمنىڭ ئەنئەنىسى تۆھپىسى.
خۇرسىنارمۇ ئەجدات بىزدىن ئۈمۈتسىز،
باقسام ئاڭا ئېچىشار، ئۆكسۈپ دىلىم؛
ئەزىزلىمەي، خارلىغاچقا ئۇنى بىز ،
تۇتۇپ ھازا، مۇڭلانمىسۇن باش كىيىم.