تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1891 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زارىم تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام ئەليكۇم تورداشلا سىلەگە تەۋسيە قىلاي تورغا چىقاندا تېمغمۇ قاراپ قويساڭلا ......

  • سادىر ئۈلۈشكۈن 01:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنسانلارنى كىتاپلارغا ئوخشاش ئويلاڭ ۋە مۇقاۋىسىغا قاراپ ئالدانماڭ مەنىسنى ، ئوقۇغاندىن كېين بىلىسىز

  • سەزگىن 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆڭلۈم بەك پاراكەندە.....

  • k.sahra 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ساختىپەزلەر ناداننى ئىزدەپ تاپىدۇ،بىلىملىكلەردىن قورقۇپ قاچىدۇ.

  • جۇلا 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىزگە تەتىل بارمۇدۇ؟

  • تاھىرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىكەت ئاستى قىسمىدىكى تېلفۇن نۇمۇر ئورۇنلىرىغا دىققەت قىلىپ قۇيۇڭلار

  • نۇر.ئېلى 2014-1-4 00:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ  ئەلەيكۈم  تورداشلىرىم  ئەزىز قېرنداشلىرىم  ھەممىڭلارنىڭ  يېڭى  يىلدا ئىشلىرڭىلا  ئۇتۇغلۇق كۇنلىرڭل ...

  • ئەلى تۈنۈگۈن 21:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ ئۇزۇن بولۇپتۇ سىلەر بىلەن دىدارلاشمىغىلى

  • BAYOGILI1991 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ،  بۈگۈن مېنىڭ دەرىجەم ئۆسۈپتۇ  . بەك خۇش بولدۇم ....  http://url class="vm">

  • k.sahra 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    شان- شەرەپنى ساقلاش شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشتىن قىيىن.

  • k.sahra 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈن نۇرى ھەرقانچە مەينەت جايغا چۈشسىمۇ ئۆزىگە داغ تەككۈزمەيدۇ.

  • تاھىرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما كۆرگەندە تىما ئاستىدىكى ياخشى،ناچار دىگەن باھالاشنىمۇ ئىشلىتىپ قۇيايلى.

  • نۇر.ئېلى 2014-1-4 00:20 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ  ئەلەيكۈم  تورداشلىرىم  ئەزىز قېرنداشلىرىم  ھەممىڭلارنىڭ  يېڭى  يىلدا ئىشلىرڭىلا  ئۇتۇغلۇق كۇنلىرڭل ...

  • گۈزەل509 2014-1-1 20:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار ياخشىمۇسلەر

كۆرۈش: 53|ئىنكاس: 0

ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

13

دوست

3942

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

يوقلىما
196
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2110
تۆھپە : 85
توردا: 130
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-13

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 17:57  

                                                                 ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا

     ئارۇز- ئەرەبچە «ئەرۇز» سۆزىدىن كېلىپ چىققان ئاتالغۇ بولۇپ، لۇغەت مەنىسى «ئەن»، «كەڭلىك» دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىريەتتىكى ئىستىمال مەنىسى «ئۆلچەم» ياكى «قېلىپ» دېمەكتۇر. شېئىر مىسرالىرىدىكى ئۇزۇن ۋە قىسقا بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تىزىلىپ كېلىپ، رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شېئىرى سېستىما «ئارۇز ۋەزنى» دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ ئارۇز نەزەرىيەسىنىڭ ئاتالغۇ جەھەتتىكى خۇلاسىسى.
      ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلاردىمۇ مەزمۇن شەكىلنى بەلگىلەيدۇ. مەزمۇننىڭ يۈرىكى بولغان ئاساسىي پىكىر بىلەن ۋەزىن قاپىيەنى بەلگىلەيدۇ. يۇقۇردىكى ئامىللار بەلگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا رادىپ تەيىن بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: نىمشېھىتنىڭ «بىلىم ئىشقىدە» ناملىق غەزىلى ئىلىم- پەنگە بولغان مۇھەببەتنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، غەزەلنىڭ دەسلەپكى بىيىتلىرىدە ئىلىم-پەننى جاھان رەنالىرى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل يارغا ئوخشاتقان. شائىر: قارا قاشلىق، تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن ھەمرا بولىدۇ. ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، نومۇس قىلماستىن سېنى تاشلايدۇ. بەخىت-سائادەت ئىزدىسەڭ، بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما. بىلىم بىلەن ئىچكى دۇنيايىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ ئۆيگە ئوشايدۇ. نىمشېھىت مۇشۇ پىكىرگە ئۆزۈڭنى قۇربان قىل! دېگەن خىتاب بىلەن غەزەلنى ئاخىرلاشتۇرغان.
      يۇقۇرقى بايانلار مەزمۇننى تورۇتۇپ بەرگۈچى ئاساسىي ۋە تارماق پىكىرلەردىن ئىبارەت. ئەمدى بىز مۇشۇ پىكىرلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىكى قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىرىنچى بىيىتنى كۆرۈپ چىقايلى:

                  جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
                  بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق.


       يۇقۇرقى ئىككى مىسرا غەزەل تۇراققا ئايرىلغاندا تۆۋەندىكىدەك ئايرىلىدۇ:
                 جاھان رەنا/ لىرى ئىچرە/ بىلىمدەك بىر/ گۈزەل يەر يوق،
                 بىلىمدىن ئۆز/ گە تۇتقان يار/ بولۇر ئۇ گا/ ھىدا بار-يوق.
                 ]4 بوغۇم    / 4 بوغۇم    /       4 بوغۇم    /   4بوغۇم [  جەمئى 16بوغۇم
                   مەپائىيلۇن  /  مەپائىيلۇن /  مەپائىيلۇن / مەپائىيلۇن  (تەپئىل تۈرلىرى)
                  نى ناي ناي ناي/ نى ناي ناي ناي/ نى ناي ناي ناي/ نى ناي ناي ناي(تاۋۇش ئىپادىسى)
                                                   v / - - - v / - - - v / - - - v  - - -    (سىزىق بەلگىسى)
       بۇ غەزەل مەزمۇننى ئىپادىلىگۈچى ئاساسىي پىكىرنىڭ ئورانىغا مۇۋاپىق ھەزەج بەھرى تۈرلىرىدىن مەپائىيلۇن تەپئىلىنىڭ تۆت تەكرارلىنىدىغان شەكلىنى (ھەزەجى مۇسەممەنىي سالىمنى) تاللىۋالغان.
       ئەمدى 15بوغۇملۇق ماۋۇ ئىككى مىسرا غەزەلنى ئايرىپ باقايلى:

                     ئەي گۈلۈم، كەلگىن يېقىن، لۇتپۇڭ ماڭا دەركارىدۇر،
                     شائىرىڭ بىسيار خەتەردە ھەم ئۆزى بىمارىدۇر.


                    ئەي گۈلۈم، كەل/گىن يېقىن، لۇت/پۇڭ ماڭا دەر/كارىدۇر،
                    شائىرىڭ بىس/يار خەتەردە /ھەم ئۆزى بى/مارىدۇر.
                    ]4 بوغۇم   /   4بوغۇم   /  4بوغۇم  /  3بوغۇم [  جەمئى 15بوغۇم
                        پائىلاتۇن   /   پائىلاتۇن   / پائىلاتۇن   / پائىلۇن  (تەپئىل تۈرلىرى)
                   ناي نى ناي ناي/ ناي نى ناي ناي/ ناي نى ناي ناي/ ناي نى ناي(تاۋۇش ئىپادىسى)
                              - v - / - - v - / - - v - / - - v - (سىزىق بەلگىسى)
                    (بۇ غەزەل رەمەل بەھرىنىڭ رەمەلى مۇسەممەنى مەھزۇف تۈرىدە كەلگەن).

        ئارۇز ۋەزىندە ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەردىكى بوغۇملارنىڭ سۈپۈتىنى (ئۇزۇن- قىسقىلىقىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىككى خىل بەلگە قوللانغان. يەنى ئۇزۇن بوغۇملار(يېپىق بوغۇم) « _ » بەلگىسى،  قىسقا بوغۇملار(ئوچۇق بوغۇم)  « v » بەلگىسى بىلەن كۆرسىتىلگەن.
        ئويغۇر تىلى گىرامماتىكىمىزدا: « ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار ئوچۇق بوغۇم بولىدۇ. مەسىلەن: ئاتا، ئانا، كېچە، چىنە، ماشىنا، غەلىبە ۋە باشقىلار. ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار يېپىق بوغۇم بولىدۇ. مەسىلەن: ئاش، نان، ئاي، كۈن، ئەمگەك، بايرام، سەرگەردان ۋە باشقىلار» دېگەن قائىدە بار. ئەمدى بىز مۇشۇ قائىدىنى ئارۇز ۋەزنىگە تەدبىقلىساق، گىرامماتىكىدىكى يېپىق بوغۇم ئارۇز ۋەزىندە ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. بۇ ئاساسەن مۇقىم. گىرامماتىكىدىكى ئوچۇق بوغۇملارنىڭ كۆپ قىسمى ئارۇز ۋەزنىدە قىسقا بوغۇم بولىدۇ. لېكىن بۇ مۇقىم ئەمەس. سەۋەبى:
        (1)        بىر قىسىم ئوچۇق بوغۇملار ۋەزىن بويىچە تۇرغان ئورنىغا قاراپ ئۇزۇن ياكى قىسقا بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن:

                          بەخت-سائادەت/ يولىدا قار/ لىق داۋان، تاغ/ لار ئېشىپ،
                                      - v - / - - v - / - - v - / - - v -

         بۇ مىسرادىكى «يولىدا» دېگەن سۆزنىڭ 2-بوغۇمى «لى» قىسقا بوغۇم ئورنىدا كەلدى. 1-ۋە3-بوغۇملىرى ئوچۇق بولسىمۇ ئۇزۇن بوغۇم ئورنىدا كەلدى.
       (2)        سۆز تەركىبىدىكى ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ۋە سوزۇپراق ئېيتىلدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇ سەۋەپلىك ئۇرغۇ چۈشكەن ئوچۇق بوغۇملار ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇمغا تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن: ئىرادە سائادەت، ۋاپادار، دەريا، سەھرا، رەنا... دېگەن سۆزلەرنىڭ 2-بوغۇمىدا ئۇرغۇ بار. ئالىم، غالىپ، داھى، ھاسىل... دېگەن سۆزلەرنىڭ 1-بوغۇمىدا ئۇرغۇ بار. مۇنداق مۇقىم ئۇرغۇلۇق بوغۇملار شېئىر ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم ئورنىغا كەلتۈرۈلسە، تەلەپپۇز بوزۇلمايدۇ. مەسىلەن:

                      لاۋۇلداپ يان/ دى پاك ئىشقىم / گۈزەللىك شا / ھى  رەناغا،
                       بۇلاقتەك كۆز / لىرى ئويناق / ۋاپادار مېھ / رى دەر ياغا.
                                 v / - - - v / - - - v / - - - v  - - -

       مۇھەممەد رېھىمنىڭ « شېئىرىيەت ۋە تەسىرات» ناملىق توپلامىدىكى «ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
يۈرەك يۈرەككە بولسا گەر يېقىن، ئوقچىغان قانلاردىن ئۆركەشلەر ئېقىن! www.Qarasu.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-1-13 17:25 , Processed in 0.317744 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش