بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇزاتى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 17:57
新恩一 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 02:43 
دېھقانلارنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ ئارغامچا تارتىشىشقا ، ۋال ...
توغرا ئېيتتىڭىز، ئەڭ مۇھىمى ئەھمىيەت بېرىش يېتەرسىز، بۇ سۆزۈم پەقەت دېھقان-چارۋىچىلارغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى يۇقۇرى-تۆۋەننىڭ بىردەك ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ يېتەرسىز، ئەينى ۋاقىتتا يېزىلارغا مەدەنىيەت مىركىزى ، كەنتلەرگە مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۇقۇرىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلانىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىدىدىكى ئورۇنلاتۇرۇشى ئىدى، تۆۋەندە بولسا بۇ ورۇنلاشتۇرۇشپەقەت بىر‹‹ۋەزىپە ›› بولۇپ قالدى، ئەشۇ‹‹ۋەزىپە››نى ئورۇنداش، يۇقۇرىنىڭ تەكشۈرۈپ، تاپشۇرۇۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن زور مەبلەغ بىلەن شۇنچە داغدۇغىلىق قۇرۇلۇش ۋە ئەسلىھەلەر تەييارلاندى-يۇ، ‹‹كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ›› بولغاندىن كېيىن تاشلىنىپ قالدى،
ئەينى چاغدا تەكشۈرۈش كېلىدىغان چاغدا يېزا-كەنتلەردىن كىشىلەرنى يىغىپ پائالىيەتكە تەشكىللەپ، قاينام-تاشقىنلىق كەيپىيات بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ(شەكىل ئۈچۈن)، تەكشۈرۈش كەتكەندىن كېيىن توپا بېسىپ ھازىرقى ھالەتكە كېلىپ قالدى........................
بۇ خىل ھالەت ( شەكىلۋازلىق) دېھقان-چارۋىچىلانىڭ قىزغىنلىقىغىمۇ سوغاق سۇ سەپتى، يەنى دېھقان-چارۋىچىلانىڭ ۋاقتى چىققاندا بۇ ئورۇنلار تاقاپ قويۇلدى، دېھقان-چارۋىچىلار ئالدىراش پەيتىدە ‹‹باھالاش كېلىدۇ›› دەپ ئۇلارنى يىغىۋېلىشتى.........................
قىسقىسى ، ھەقىقى ئەھمىيەت بېرىلمىسە ‹‹ ۋاقتى سائىتى كەلمىگەن›› بولىدۇ ، ئەلۋەتتە!