گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 2150 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مۇختەرجان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جۇلا  قىزغا قانداق ياردەم لازىمدۇ ؟ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم بىرەتتىم .

  • يانتاق 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەجەپ  ياخشى بولدى   شىنجاڭ كوماندسىى يەڭدى

  • دون555 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكوم باي ناھىيەسىدىكى قىرىنداشلىرىم كەمىنە دون  ئەپەندىنمدىن سىلەرگە سالام

  • 346775246 2014-3-24 14:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • Mr.Adil 2014-3-23 19:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام دوسلار   كومپىيوتېر ۋە تەكشلىكتكى ئېلان لاھيلەشتە ياردەم  لازىم  بولسا  مىېنى ئىزدەڭلار!QQ:75681740

  • جۇلا 2014-3-22 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • تاھىرجان 2014-3-22 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    توربىكەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچىرسىڭىز 59496604 QQ بىلەن ئالاقىلشىڭ

كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 3

نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

4

دوست

5035

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

يوقلىما
257
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1736
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2917
تۆھپە : 96
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 13:54:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارغا بۇ تېما چوقۇم « ئەسقاتىدۇ » ، ئەسقاتقاننى ئىشلەتمىسەك بولماس -؟ ھازىر « ئوكيان » تورىنى ئارلاۋېتىپ بۇ ياخشى تېمىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم .

نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر

ھارۇترەسول قادىرى


    ئۆلۈم ھەممىدىن قاتتىق. ئۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا، ھەزىلكەشلىك ياكى ئۇنىڭغا ئۆزگە مەقسەتلەرنى يانداشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىۋاسىتە ھازىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بىراق، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ قىزىق. مەلۇم بىراۋنىڭ ۋاپاتى بىراۋلار ئۈچۈن ئېغىر ئازاب بولسا، يەنە بىراۋلار ئۈچۈن چاقچاق سورۇنى بولماقتا. دېمەك، ھازىدارلىق، نەزىر بېرىشلاردەك ئادەت – يوسۇنلارغا كۆپتۈرمە، ئويدۇرما مەزمۇنلارئارىلىشىپ، ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئېغىر قايغۇغا ياتلار تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى ھازىدارلار تەرىپىدىنمۇ بىر مۇنچە بىمەنىلىكلەر قىستۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنداق بىنورماللىقلار مەنىۋىيەتنىڭ، ئېسىل ئەنئەنىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنداق ئىكەن، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ھەم ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم ئۆرپ – ئادەت، قائىدە – يوسۇنلارنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ساقلاش، ئۇلارنىڭ ئەسلىي شەكلى ۋە قاراتمىلىقىدا چىڭ تۇرۇش زۆرۈر.
     ئەسلىدە ئۆلۈم ئۇزىتىش، نەزىر – ئىسقات بېرىش ئادەتلىرىمىز بىر يۈرۈش ئاددىيلىق ۋە پاكلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئاددىيلىق دېگىنىمىز، ھازىدارلىق ۋە مېيىت ئۇزىتىشتىكى مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ جارىلىقلىرى «ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ» مەپكۇرىسى بويىچە، ھاياتلارنى قىيناپ قويماسلىق. ھازا ياكى دەپنە يوسۇنلىرىدىكى بەزى مۇرەككەپلىكلەر ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆپتۈرمىلىكلەر ھازىدارلارنىڭ مەلۇم تۇرمۇش رىتىمىغا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى جاھاندارچىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇنداق بىدئەتلىكلەردىن ھېزى بولماق زۆرۈر. خۇددى ئاتىلار سۆزىدە «ئۆلۈمنى نەگە بارىسەن؟ دەپ سورىسا، باينىڭ پۇلىنى چاچقىلى، نامراتنىڭ كۆتىنى ئاچقىلى» دەپتۇ دېيىلگىنىدەك، بۇ ھەقتىكى ناتوغرىلىق، بىدئەتلىكلەر تىرىكلىككە بىھۇدە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى جامائىتىمىز چۈشىنىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.
     يېقىنقى يىللاردا ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ يۈكسىلىشى نەتىجىسىدە، مېيىت ئۇزىتىش، نەزىر – چىراغ ئەمەللىرىمىزگە بىر قىسىم غەيرىي مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، بۇ دائىرىدە يېڭىدىن – يېڭى قائىدىلەر پەيدا بولدى. ھادىسىلەر شۇكى، سەللىنى «ھازىدارلىق بەلگىسى» قىلىۋېلىش؛ باي ۋە كاتتىلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش تالاشتا قېلىپ، نامرات – يوقسۇللارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدىغانغا ئادەم چىقماسلىق؛ سەدىقە – نەزىر بېرىشلەرنى شەكلى ئۆزگەرگەن «جەم بولۇش شادلىقى»، «مېھماندارلىق زىياپىتى»گە ئايلاندۇرۇۋېلىش؛ قەبرە بېزەپ، مەرھۇمغا «شۆھرەت ئاتا» قىلىشقا تىرىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلار ئېتىقاد قالايمىقانچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     نەزىر بېرىش ۋە ئىسقات تارقىتىش ئۆز يولىدا مۇۋاپىق بولغىنى تۈزۈك. ئەگەر بۇلارنىڭ ماھىيەت ۋە تۈسلىرى ئۆزگەرسە، بۇ ئەنئەنىلىرىمىزگە، قائىدىلىرىمىزگە تۈپتىن خىلاپ. يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىدارلار ئانىسىنىڭ يەتتە نەزىرىنى كاتتا ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇندى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەھەللە چوڭلىرى ئۇلارنى ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئادەتلىرىمىزدىن قائىدە سۆزلەپ قايىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ھازىدارلار ئانىسىنىڭ يەتتە، قىرىق نەزىرلىرىگە ئاتالغان مەنقۇلاتلارنى ئاجىزلارغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ ئەمىنلىك، سەبىر ھېس قىلىشتى. بۇنداق تەشەببۇس ھازىر خېلى ئومۇملىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي كەيپىياتىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسەتمەكتە. مېنىڭچە، بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش بەكمۇ زۆرۈر. چۈنكى بىزدە قائىدىدە يوق رەسمىيەتلەر تۈپەيلى ئېسىل ئۆرپ – ئادىتىمىز تاپتىن چىققىلى تۇردى. ئېنىقكى، ئەسلى نەزىر ۋە ئىسقات مىسكىنلەرنىڭ رىسقى. ئەپسۇسكى، ھازىر نەزىر داستۇرخىنىغا سالات – قورۇمىلار ھازىرلىنىدىغان، پۇلدار – ھالدارلار تۆردىن ئورۇن ئالىدىغان، ھەتتا بەزىلەر نەزىر ئېشىنى يەپ چىقىپ «قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش» باھانىسىدە شاراب سورۇنلىرىغا يىغىلىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشىدىغان بولدى.
     ئومۇمەن، ھازىدارلىق، مېيىت ئۇزىتىشتىكى گاھىبىر قائىدىلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، تەقلىد قىلىش، ساددا چۈشەنچە ياكى باشقا مەقسەتلەردە قائىدە – يوسۇنلار ئىجراسىغا سۇ قوشۇپ كۆپتۈرۈشلەر بىلەن قائىدە – يوسۇنلارنى چوڭايتىش، مۇرەككەپلەشتۈرۈش ۋە ئومۇمىي قائىدىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشتەك ئېتىقاد قالايمىقانچىلىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم.

2013-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
مەنبە : ئوكيان تورى


كۈنلىرىم   مۇشۇنداقلا   ئۈتۈپ   كىتەرمۇ   ھە - ؟

9

تېما

29

دوست

1694

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1932
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 457
تۆھپە : 18
توردا: 93
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-25

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 15:58:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ھازىر سىز دىگەندەك بايلارنىڭ ئۈلۈم ئۇزۇتۇشغا ئادەملەر جېق باردىغان،نامراتلارنىڭكىگە ئادەم بارمايدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتتى ،بۇ ئىشلار كىشىنى ئويلاندۇردۇ


ئۆزىڭىزنى خوشال تۇتۇپ ئۈمۈتۋار ياشاڭ...

8

تېما

26

دوست

3488

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1213
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2117
تۆھپە : 18
توردا: 130
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-22

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 17:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىلىپ  كىلىپسىز  ، تىمڭىزغا كۆپ رەخمەت   !  


1

تېما

28

دوست

1651

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1469
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 727
تۆھپە : 23
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-23

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 18:29:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمڭىزغا كۆپ رەخمەت   


ۋاي قاچان تەتىل بۇلۇپ يۇرتقا قايتارمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-4-1 15:54 , Processed in 0.293230 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش