گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1291|ئىنكاس: 7

تاماكا تاشلاشنىڭ ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
81
ۋاقتى: 2013-12-25 12:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سىز تاماكا چېكىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ بەش يىل، ئون يىل،ئونبەش يىل؟... بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇ؟ سىز بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايسىز، نەچچە قېتىم تىرىشتىڭىز، تاشلىدىڭىز، ئەمما يەنە تېپىۋالدىڭىز. چىن نىيىتىڭىزدىن چەككۈڭىز يوق-يۇ، يەنىلا تېپىۋالىسىز. مەن سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرەي، مۇشۇ بويىچە قىلسىڭىزلا تاماكىنى مۇتلەق، ئۈزۈل-كېسىل تاشلىيالايسىز..
           1- : ئالدى بىلەن يانچۇقىڭىزدىكى تاماكا، چاقماق دېگەنلەرنى يوقىتىڭ. ( يەرگە تاشلىۋېتىپ ئەمەس، « مەن بۈگۈن تاماكا چەكمەيمەن» دەپ باشقابىرەر بەڭگىگە بېرىڭ ). نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى دەپ تۇرۇپ باشقىلارغا بەرسىڭىز شۇ بىر كۈندە تاماكا چېكىشتىن ئۆزىڭىزمۇ ئۇيۇلىسىز-دە، كەچكىچە چېكەلمەيسىز (ئادەم بولسىڭىزلا).
          2- : شۇنداق قىلىپ بىر كۈن ئۆتتى، ئەتىسى تاڭ ئاتتى. تۈنۈگۈن سىز بىر كۈن چەكمەي چېدىدىڭىزمۇ؟ ھە، ئۇنداق بولسا بىر كۈن چەكمىگەن ئىكەنسىز بۈگۈنمۇ يەنە بىر كۈن چەكمەسلىككە ئىرادە باغلاڭ. بىر كۈن چەكمىگەن سىز يەنە بىرەر كۈن چەكمەسلىككە چوقۇم چېدىيالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئۆپچۆرىڭىزدە يۈرىدىغان خىزمەتداشلىرىڭىزدىن بىرەرسىگە ( شۇ كۈننى بىز دۈشەنبە دەپ پەرەز قىلايلۇق) :« مەن دۈشەنبە كۈنى تاماكا چەكمەيمەن» دەڭ. ( جۈمە كۈنى بولۇپ قالسا جۈمە كۈنى تاماكا چەكمەيمەن دەڭ). بۇنداق دېيىش سىزنىڭ شۇ كۈنى تاماكا چېكىشىڭىزنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ. ئەتىسى «سەيشەنبە كۈنى تاماكا چەكمەيمەن »، ئۆگۈنى«چارشەنبە كۈنى چەكمەيمەن» . . . دەڭ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىڭىزمۇ سەزمەيلا نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ قالىسىز.
        3-: بىرنەچچە كۈن چەكمەي تۇرسىڭىز يەنە چېكىشكە نېمە باھانىڭىز بار؟ يەنە چېكىۋالسىڭىز سىز كىملىكى دېگەن يەرگە «ھايۋان » دەپ يېزىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. لېكىن ھايۋانلار تاماكا چەكمەيتتى. ئەمىسە نېمە دەپ يازساق بولاركىنە؟..........
        4-: ئەڭ مۇھىمى سىزدە بىر نەرسە، يەنى، چەكمەسلىككە قەتئىي ئىرادە بولسۇن!
        5- : بەك چەككۈڭىز كەلسە پەقەت بىر كۈنلا چېكىڭ، لېكىن ئۇ كۈنى چوقۇم بىر كۈن بىلەن يەنە بىر كۈننىڭ كېلىش ئارىلىقىدىكى بۇ كۈنگىمۇ، ئۇ كۈنگىمۇ تەۋە بولمىغان ۋاقىت بولسۇن.

                                                                                   مەنبە: قاراسۇ مۇنبىرى


ۋاقتى: 2013-12-25 21:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تاشلاشقا نىيەت قىلىپ بۈگۈن 18كۈنى ،خۇمار تۇتسا يەل يىمىش يەپ ، ئشقىلىپ چەكمىدىم.


ۋاقتى: 2013-12-26 13:49:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ


ۋاقتى: 2013-12-26 17:27:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر  يۇلداشلار بۇ تىمنى  كۆپرەك كۈرۈپ  ، سىناپ  باقسا بولغدەك  ،


ۋاقتى: 2013-12-26 20:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايــتى ياخشىكەن مەن سىناپ باقاي رەخمەت سىزگە


ۋاقتى: 2014-1-10 00:50:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  تاماكا چكىۋاتقان بەڭگۇلەر خۇمار  تۇتتى دەيدىكەنسىلەر خۇمار نەدىن تۇتىدۇ ، پاچاقتىنمۇ ،بەلدىنمۇ ، كانايدىنمۇ زاددى نەدىن مەنمۇ ئانچە - مۇنچە چىكىپ قۇيمەن خەزەپ ئاچىقىم كەلگەندە لىكىن خۇمار دىگەن نەرسە مەندە يوق .


匿名  ۋاقتى: 2014-1-20 03:22:55
بۇياخشى گەپ بولدى مەن مۇ سىناپ باخسام بۇلدىغان ئوخشاي دۇ


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-13 23:23:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناپ باقىمەن دەپ يۈرمەي دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈڭ، تاشلىيالمىسىڭىز بىر قاپ تاماكا بىلەن مۇكاپاتلايمەن، ئەمما ئۇ كۈن بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ كىرىش ئارىلىقىدىكى ھېچقايسى كۈنگە تەۋە بولمىغان ۋاقىت بولىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 10:55 , Processed in 0.224448 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش