گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 2150 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مۇختەرجان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جۇلا  قىزغا قانداق ياردەم لازىمدۇ ؟ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم بىرەتتىم .

  • يانتاق 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەجەپ  ياخشى بولدى   شىنجاڭ كوماندسىى يەڭدى

  • دون555 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكوم باي ناھىيەسىدىكى قىرىنداشلىرىم كەمىنە دون  ئەپەندىنمدىن سىلەرگە سالام

  • 346775246 2014-3-24 14:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • Mr.Adil 2014-3-23 19:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام دوسلار   كومپىيوتېر ۋە تەكشلىكتكى ئېلان لاھيلەشتە ياردەم  لازىم  بولسا  مىېنى ئىزدەڭلار!QQ:75681740

  • جۇلا 2014-3-22 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • تاھىرجان 2014-3-22 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    توربىكەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچىرسىڭىز 59496604 QQ بىلەن ئالاقىلشىڭ

كۆرۈش: 804|ئىنكاس: 3

ياش قىز-يىگىتلەر سەمىگە- ئىسلامچە مۇھاببەت قارىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

933

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

يوقلىما
51
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1812
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 492
تۆھپە : 34
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-26

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:27:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sevimli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 12:29  

   كىشىلەر ھەردائىم: «مۇھەببەت ئىنسانىيەت جەمئىيتىدىكى مەڭگۈلۈك تىما» دىيىشىدۇ. ئوخشىمىغان دەۋىردە، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئىدديسىدە، ئوخشاش بولمىغان دىننىيي ئىتقادتىكىلەر، ئوخشىمىغان دۆلەت كىشلىرى مۇھەببەتكە ھەرخىل ئېنىقلىما بېرىشكەن.

قىسقارتىپ ئېيتقاندا، مۇھەببەت - ئادەم ۋە ئادەم، ئادەم ۋە شەيئىي ئوتتۇرسىدىكى بىرخىل ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈلۈش مۇناسىۋىتى ھېسابلىنىدۇ. تار مەنىدىكى مۇھەببەت بولسا ئەر – ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى نىكاھنى مەقسەت قىلغان سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش مۇناسىۋىتىدۇر. ئىسلامنىڭ مۇھەببەت قارىشى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بىز ئېيتقان مۇھەببەتنى ئاللاھقا بېغىشلاش، پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرۈش (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)، ئاتا – ئانىنى سۆيۈش، ئايالىنى سۆيۈش، پەرزەنتلىرىنى سۆيۈشنىڭ ئوخشىمىغان مەنىلىرى بار.  

مۇھەببەتنى ئاللاھقا بېغىشلاش بولسا ئاللاھتىن قورقۇشنى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ(رەببىمىز بۇيرىغاننى جان – دىلىمىز بىلەن كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە بەجا كەلتۈرۈش، رەببىمىز چەكلىگەن ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش ھەم ئۇنى تەرك ئىتىش)؛ پەيغەمبەرنى سۆيۈش بولسا (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ئەگىشىشنى كۆرسىتىدۇ (پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش)؛ ئاتا – ئانىنى سۆيۈش بولسا ئۇلارغا ھەقىقى ۋاپادار بولۇش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلار ياشىنىپ كۈچىدىن قېپ قالغان ھالەتتە ھەتتا ئۇلارنىڭ قېشىدا «ئوھوي» دىگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلماسلىق، ھەر ۋاقىت ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئايالىنى سۆيۈش بولسا ئايالىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن رازى قىلىش، خوشھال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ پەرزەنتلىرىنى سۆيۈش بولسا ئۇلارغا كۆيىنىش، ئۇلارنى ئىسلامچە تەربىيە ئاستىدا ياراملىق تەربىيلەش،  ئۇلارنى ئاسراشنى كۆرسىتىدۇ..... )

ھازىر بىز ئىسلامچە نەزىرىمىز بىلەن تار مەنىدىكى يەنى ئەر - ئايال ئوتتۇرسىدىكى نىكاھنى مەقسەت قىلغان مۇھەببەت قارىشى ئۈستىدە توختىلىمىز. ئىسلامنىڭ قارىشىچە ئەر – ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بىر خىل گۈزەللىكتۇر، ئۇ ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن نىئمىتى.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە  مۇنداق دەيدۇ:{ئاياللار بىلەن ئۈنسى_ئۈلپەت ئېلشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ)ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى،(ئاراڭلاردا(يەنى ئەر_خوتۇن ئارىسىدا)مىھىر_مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان )ئالامەتلىرىدىندۇر.پىكىر يۈرگۈزدىغان قەۋىم ئۈچۈن ،شەك _شۈبھىسىزكى بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.}[سۈرە رۇم 21-ئايەت] {ئۇلار سىلەرنىڭ كىيىمىڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ كىيىمى。

ئىسلام دىنى ئەر – خۇتۇنلارنى ئۆز – ئارا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۆز – ئارا خوشھال قىلىشقا، ياقتۇرۇشقا، بۇ خىل مۇھەببەتنى بىرخىل ساۋابلىق ئىشلار قاتارىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.  

دىنىمىزدا بىر قىزنىڭ كۆڭلىدە بىر ئوغۇلنى ياكى بىر ئوغۇلنىڭ كۆڭلىدە بىر قىزنى ياخشى كۆرۈشى چەكلەنمەيدۇ. لېكىن بۇ كۆڭۈلدىكى ياخشى كۆرۈش ناتوغرا سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. يەنى مۇھەببەت ئەسلى ئورنى بولغان قەلىبتىلا قېلىشى كېرەك.


مۇھەببەت بىرخىل سېزىم، بىرخىل تەبىئىي خۇسۇسىيەت، بىرخىل ھېسسىيات. ئىسلام دىنىي ئىنسانلارنىڭ مۇھەببىتىنى ئەيىبلىمەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ مۇھەببىتى ماھىيەت جەھەتتىن ئادەمنىڭ كونتروللىقىدا ئەمەس، سىز مەلۇم ئىشتىن، مەلۇم شەيئىدىن خوشھاللانسىڭىز، قايغۇرسىڭىز ئاللاھ سىزنى ئەيىبلىمەيدۇ. سىز ئەمەتنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ياكى سەمەتنى بەكرەك ياخشى كۆرسىڭىز سىز بۇ سەۋەبلىك ئەيىبلەنمەيسىز، خۇددى پەيغەمبىرىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) ئايالىغا ئېيتقاندەك: «رەببىم، مەن ئۆزەم كونترول قىلالايدىغانلىرىمنى تەقسىم قىلدىم، مەن كونترول قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن مىنى ئەيىبلىمىگىن». ئىلگىرى بىرسى ئۆمەرگە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن خۇش بولسۇن): «مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپسى، مەن سىنى ياقتۇرمايمەن» دىگەن. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن خوش بولسۇن) ئۇنىڭدىن «ئۇنداقتا سەن ماڭا زۇلۇم قىلامسەن؟» دەپ سورىغان، ئۇ كىشى «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن خوش بولسۇن) «سىنىڭ مىنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىڭنىڭ كارايىتى چاغلىق» دەپ جاۋاب بەرگەن.


ئىسلام كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئەيىبلىمەيدۇ، لېكىن كىيىن شەكىللەنگەن مۇھەببەت ئامىللىرىنى ئەيىبلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام مۇھەببەت دائىرىسىگە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تەلەپ قويىدۇ:

مۇھەببەتنىڭ خوجايىنى بولۇش، مۇھەببەتنىڭ ئىسلام چەك – چىگرىسىگە خىلاپ ئىشلارغا ئېلىپ بېرىشىدىن ساقلىنىش. مەسىلەن: سىز بىر چىرايلىق قىزنى (يىگىتنى) كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا ياقتۇرۇش ھېسسىياتى پەيدا بولىشى مۇمكىن، ئىسلام سىزنىڭ بۇخىل ياقتۇرۇش ھېسسىياتىڭىزنى گۇناھ دەپ ھېسابلىمايدۇ، لېكىن سىز قەستەن شۇ قىزغا ئايرىم يېقىنلاشسىڭىز، ئايرىم ئۇچراشسىڭىز....... قاتارلىق، بۇ ئىسلامدا قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ. يەنە شۇنىڭدەك سىز ئەمەتنى ياقتۇرمىسىڭىز بۇ گۇناھ ئەمەس، لېكىن ئۇ سىزگە سالام قىلغاندا، سىز ئۇنى ياقتۇرماسلىقىڭىز تۈپەيلىدىن سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ سالام قايتۇرمىسىڭىز بۇ گۇناھ سانىلىدۇ.

2. توغرا، گۈزەل بولغان مۇھەببەت يىتىلدۈرۈش، ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم. مەسىلەن: ھەقىقەت، ئادىللىقنى قوغلىشىش ۋە سۆيۈش. سىز ئاكىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىز ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىز ئامال بار بۇنداق ئۇرۇق – تۇغقانچىلىقتىن يىراقلاشتۇرىدىغان مۇھەببەتتىن ساقلىنىشىڭىز، ئاكىڭىزغا بولغان مۇھەببەتنى يىتىلدۈرۈشكە تىرىشىشىڭىز زۆرۈر.

ئىسلام «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇش» نى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەقىقى مۇھەببەت قۇرۇقتىن – قۇرۇق، بىر قېتىملىق كۆرۈش بىلەنلا شەكىللەنمەيدۇ. بەلكىم سىز بىرەر ئادەمنى دەسلەپتە كۆرگەندە كۆزىڭىزگە ئىسسىق كۆرىنىشى ياكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياخشى تەسىر پەيدا بولىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ مۇھەببەت بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. سىز بىلەن ئەقىدە باغلاشقان رەپىقىڭىز سىزدىن ئايرىلغاندا سىز تاماق يىگەندە، ئارام ئالغاندا، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ ئۇنى سېغىنىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بىر قېتىملا كۆرگەن ئادەمنى تىزلا ئۇنتۇپ كېتىسىز. بىز بۇ يەردە مۇھەببەت ۋە شەھۋەتنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. مۇھەببەت بولسا ئۇلۇغ، تەنتەنىلىك؛ شەھۋەت بولسا ئاچكۆز – نەپسانىيەتچىلىك، چاكىنىلىق بولۇپ، بۇ شەيتاننىڭ قىلمىشىدۇر.


ئىسلامنىڭ مۇھەببەت قارىشىدا كىشىلەر دائىم خاتا چۈشىنىدىغان، ھەتتا چۈشەنمەيدىغىنى ئىسلامنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى. ئەگەر بىر كىشىنىڭ قارشى جىنسقا بولغان مۇھەببىتى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئىرادىسى تۇغدۇرسا، بۇ كىشى ئەلچى ئارقىلىق ياكى ئىككى جىنس بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قالماسلىق شەرتى بىلەن، شەرم – ھايا ئىچىدە بۇ ئىرادىسىنى قارشى تەرەپكە ئىپادىلىسە ۋە ئىككى تەرەپ بۇ نىكاھلىنىش توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرۈشسە بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككىسى يا توي قىلىشىدۇ ياكى يېنىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر يېنىشىپ كەتكەن تەقدىردە ھەر ئىككىسىنىڭ كېيىنكى ھاياتى پاك – پاكىز داۋام قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر». ئىسلامنىڭ قارىشىدا: قىز – يىگىتنىڭ نىكاھتىن بۇرۇنقى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشى مۇۋاپىق ئەمەس ياكى شەرىئەتكە خىلاپ. ئىككى ئادەم يالغۇز قالغاندا شەيتان ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئىككى ئادەم ئايرىم ئۇچراشقاندا كۆپىنچە ھاللاردا شەرىئەت چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئىككى ئادەم ئايرىم ئۇچراشسا چوڭ زىينى يوق دەپ قارايدۇ. لېكىن ئىسلام كىچىك ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق بارا – بارا گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا بەنى ئىسرائىل (ئىسرا) سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېگەن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى،  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ». بىر ئەرنىڭ بىر نامەھرەم ئايال بىلەن، بىر ئايالنىڭ بىر نامەھرەم ئەر بىلەن بىر جايدا يالغۇز قېلىشى زىناغا يېقىنلاشقانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدسىلەرنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ. يۇقارقى ئايەتتىكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئىپادە، ماي ئىسكىلاتلىرىغا چاپلانغان «ئوت بىلەن يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ماي ئىسكىلاتىغا ئوت بىلەن يېقىنلاشقان كىشىنىڭ ئىسكىلاتقا ئوت قويماسلىق قولىدىن كەلمىگەندەك، ئىككى پەرقلىق جىنس يالغۇز بىر جايدا تۇرسا، گۇناھ سادىر قىلماسلىق ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان ئىنساننى ئۆزى ئۇبدان بىلىدىغان ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىش يامان يەرگە بېرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە باشتىلا دىققەت قىلىشنى پەرز قىلغان. ئايرىم ئۇچرىشىشلا بولىدىكەن شەيتان ھەرۋاقىت سىزنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ، بىرقەدەم – بىر قەدەمدىن سىزنى ئازدۇرىدۇ ھەتتا گۇناھقا پاتۇرىدۇ.

ئاللاھ تەئالا بىر – بىرىگە نامەھرەم بولىدىغان ئەر – ئاياللارنى بىر- بىرىگە تىكىلپ قاراشتىنمۇ قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.

مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىك قۇل-چۆرىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى. ,

ئىسلام ئەر – ئاياللارنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشنى چەكلەيدۇ، لېكىن بۇ ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت چەكلىنىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، دەل ئەكسىچە خۇددى بىز ئالدىدا ئېيتقاندەك ئىسلام ئەر – ئايال (ئەر - خوتۇن) ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلامنىڭ چەكلەيدىغىنى بولسا ساغلام بولمىغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ۋە «مەسئۇلىيەتسىز مۇھەببەت». ناۋادا سىز بىرسىنى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، سىز ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ ئۇنى مەڭگۈلۈك ھەمراھلىققا تاللىماقچى بولسىڭىز ئىسلام سىزنى شەرىئەتتىن چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا ئۇنى چۈشىنىشىڭىزگە يول قويىدۇ. پەيغەمبىرىمىز(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن): «ناۋادا ئاللاھ بىر ئايالنىڭ مۇھەببىتىنى قەلبىڭلەرگە سالسا، سىلەر ئۇنى كۆزەتسەڭلەر بولىدۇ، ئىككى ئادەم ئۇزۇن ئۇچراشقانلىقتىن پۇشايمان قىلمىغۇدەك دەرىجىدە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق» دىگەن. مەسىلەن: تۇغقانلىرى، دوستلىرى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆز – ئارا پاراڭلاشسا، چۈشىنىشسە، بىر – بىرىنىڭ قىزىقىشى، غايىسى توغرىسىدا خالىغانچە پاراڭلاشسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم سەمىمىي بولۇش، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ناۋادا ئورتاق چۈشىنىش، ئورتاق تىرىشىش نىشانى بولسا، ئۆز – ئارا سەۋىر – تاقەت قىلالىسا تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان مۇناسىۋەت ـــ نىكاھقا تەلپۈنۈش لازىم. بۇنىڭدەك ئەستايىدىل، سەمىمىي، ھۆرمەتلىشىدىغان «مۇھەببەتلىشىش» چىرايلىق ئات قويىۋىلىنغان، ھېچقانداق كاپالىتى بولمىغان، ھەتتا ئۆز – ئارا ئەخمەت قىلىش، ئالداشتىن ئىبارەت بولغان «رومانتىك» مۇھەببەتتىن تېخىمۇ مۇستەھكەم، قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟!

بەزىلەر تويدىن بۇرۇن ئۆز – ئارا تونۇشۇپ چۈشىنىشمىگەندە كەلگۈسىدە قانداقمۇ بەخىتلىك ئائىلە قۇرغىلى بولىدۇ؟ دىيىشى مۇمكىن.   

ئالدى بىلەن ئىسلام تويدىن بۇرۇن تونۇشۇپ چۈشىنىشنى چەكلىمەيدۇ، ئەكسىچە پەيغەمبىرىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) قارشى تەرەپنى چۈشىنىشكە، كۆزىتىشكە ئىلھام بەرگەن. ئىسلامنىڭ چەكلەيدىغىنى بولسا ساغلام بولمىغان، شەيتانغا شىرىك بولىدىغان، شەھۋەت بىلەن گۇناھ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بارلىق يوللار ۋە ئۇسۇللاردۇر. بۇ يەردە شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى «ئاتا – ئانىلار تولۇق ھوقۇقلۇق ھالدا ھۆددىگە ئېلىپ، قىز(ئاياللار)لارنىڭ ماقۇللىقىسىز بىجىرىدىغان ئەنئەنىۋى نىكاھ ئۆرۈپ – ئادىتى بىلەن ئىسلامچە نىكاھ تۈزۈمىنى ئارلاشتۇرىۋىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ». ئىسلام دىنى نىكاھتا قىز (ئايال)نىڭ رازىلىقىنى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى رازى بولمىسا ھېچكىم ئۇنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ. ئىسلام ئادىل، ئاشكارە، ئەستايىدىل-سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان بولغان، نىكاھنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ساغلام بولغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلىغا ئىلھام بىرىدۇ، زامانىمىزدىكى بۇ خىل «رومانتىك»، «ئەركىن»، بىر – بىرىنى ئەخمەت قىلىدىغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ئىسلامغا قەتئىي زىت كىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق چىرايلىق ئات قويىۋالغان سەپسەتە بانا – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ بۆگۈنكى «تويدىن بۇرۇن بىرگە تۇرۇش»، «سىناق توي» قاتارلىق جىنسىيەت شەرمەندىچىلىكىنى روياپقا چىقاردى. جىنسىي مۇناسىۋەت ئەركىن بولغان، جىنسىىي مۇناسىۋەت يامراپ كەتكەن رايونلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ھەم شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، ئائىلىسى شۇنچە ۋەيران ۋە ئەمىنسىز!!! بۇ ھەممىمىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ھەقىقەت. ئۇندىن باشقا تويدىن بۇرۇنقى ئارلىشىشتا ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنىلا كۆرسىتىدىغان بولۇپ، توي قىلىپ بولغاندىن كىيىنلا ھەر ئىككى تەرەپ ئالدانغاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ، تويدىن بۇرۇنقى دەبدەبىلىك قەسەم – ۋەدىلەر نەگە كەتتى دەپ ئاغرىنىشىدۇ. ئاغزىدا ئۇنداق دەبدەبىلىك ۋەدە – قەسەملەرنى بىرىش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس، قىيىن بولغىنى ئۆز – ئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش، تۇرمۇشتىكى  «تاتلىق ۋە ئاچچىق»لارغا كەڭ قورساق بولۇش. بۇ خىل تويدىن بۇرۇنقى ھەقىقى بولمىغان ئىپادىلىنىش تويدىن كىيىن ئائىلىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىنىڭ ئامىلىدۇر. شۇڭلاشقا بىز تويدىن بۇرۇنقى ئۆز – ئارا تونۇشۇشنى تويدىن كىينكى مۇقىملىق ۋە ئېناق ئائىلە قۇرۇشنىڭ تۈپكى تەدبىرى دىمەيمىز، تويدىن بۇرۇن ئىنتايىن تەلتۆكۈس چۈشىنىشىدىغان غەرپ ئەللىرىدە ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئائىلە مۇناسىۋىتى ئەڭ جىددىي، يۇشۇرۇن خەۋىپلەر ئەڭ كۆپ.

توي ئەسلىدىلا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ تەنتەنىلىك بىر تۈرلۈك چوڭ ئىشى، بىز ھەسسىلەپ ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلامدا: ساغلام، ئەستايىدىل بولغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى بولسا بەخىتلىك، مۇقىم بولغان توينىڭ ئالدىنقى شەرتى؛ بەخىتلىك مۇقىم بولغان توي ساغلام ئائىلىنىڭ ئاساسى؛ ساغلام ئائىلە بولسا ساغلام جەمئىيەتنىڭ ئاساسى؛ ساغلام جەمئىيىەت بولسا ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل مەدەنىيتىنى يارىتىشنىڭ كاپالىتى دەپ قارايدۇ. شەخىسلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ناۋادا سىز ئەر كىشى بولسىڭىز، بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ كەلگۈسىدە پەرزەنتىڭىزنىڭ ئانىسى، ئائىلىڭىزنىڭ ھامىيسى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز؛ ناۋادا ئايال كىشى بولسىڭىز بىر ئەرنى ئىرىڭىز بولۇشقا تاللىغىنىڭىزدا ئۇنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ دادىسى، ئۆمۈرلۈك تايانچىڭىز ئىكەنلىگىنى بىلىشىڭىز كېرەك. ھەركىمنىڭ چىرايلىق، قاملاشقان، ئاقكۆڭۈل بىرسىنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللىغۇسى بار، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن ئوبىكتىڭلارنىڭ باشقا يات جىنىستىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ساقلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا يۇشۇرۇن بەزى  شەرمەندىچىلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟ بۇ زادى كىمنىڭ گۇناھى؟ بۇ بىزگە ئاتالمىش «رومانتىك» مۇھەببەتنى قايتىدىن سىنچىلاپ قاراپ چىقىشقا ئۈندەيدۇ. بىز مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: سىز توي بولغان كىچىسى جاسارىتىڭىز ۋە سەمىمىيتىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ قولىدىن تارتىپ «سىز مەن سىلىغان (سۆيگەن) بىرىنچى ئايال» دىيەلەمسىز؟ ناۋادا سىز ئايال زاتى بولسىڭىز سىزمۇ جاسارىتڭىز ۋە سەمىيمىيتىڭىز بىلەن ئىرىڭىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ: «سىز مىنى تۇتقان (سۆيگەن) بىرىنچى ئەر» دىيەلەمسىز؟ ئۇنداقتا ھەر ئىككىسى شۇنداق بولسا ھەرقانچە تاتلىق دەبدەبىلىك ۋەدە – قەسەملەرمۇ بۇ ئىككى ئېغىز ئاددى – ساددا سۆزنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خۇنۇك، ھەم تولىمۇ خۇنۇك، ھەم تولىمۇ خۇنۈك!!! ئۇ سىلەرنىڭ مۇقەددەس نىكاھىڭلارنىڭ نەقەدەر زور تېنىچلاندۇرغۇچىسى ھە! ناۋادا ھەر ئىككەيلەن ئۇنداق بولمىسىچۇ؟ ئۇنىڭدا يەنە قانداق ئاقىۋەت بولار؟

نىكاھقا تويلۇق كىتىدۇ، ئالدىراپ – تېنەپلا قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ، كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ئىسلام توينى مۇقەددەس ھەركەت ھېسابلايدۇ، ھەتتا ئۇنى چۈشەنمەيدىغان ئادەملەر بۇنداق نىكاھنى ياشلارنى چۈشەپ قويىدۇ، توي قىلغۇچىلارغا بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بىز ئېيتىمىزكى: نىكاھ گۈزەل ئىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بىر خىل مەسئۇلىيەت، بىرخىل بۇرۇچ. ئىسلام ياشلارنى تويغا ئىنتىلىش بىلەن بىرگە توينى قەدىرلەشكە، قىلچىمۇ ساختىلىق قىلماسلىققا، يىنىكلىك قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئىسلام ئەر – ئاياللارنىڭ تويغا قاتتىق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. نىكاھنىڭ شەرتلىرى بولسا: ئىتقادى بىردەك بولۇش، توي قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ماقۇل بولۇش، گۇۋاھچىلار ۋە تويلۇقتىن ئىبارەت. بىز ھەرۋاقىت ئۇنى پەرۋىش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ بولسىمۇ – بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسە ئەمەس. بىزنىڭ گۈزەل توي كۈنلىرىدىن بەھىرلىنىشىمىز بىرخىل نىئمەت، ئۇ ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، ئىسلامنىڭ قارىشىدا دەل بۇخىل مۇناسىۋەت بولغاچقا كىشىلەرنىڭ توينى خالىغانچە بىكار قىلىشىغا، نىكاھنى بۇزىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئۆز – ئارا ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ، ئۆز – ئارا كەڭ قورساق بولۇپ ئەپۇ قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

مۆھتەرم قېرىنداشلىرىم! نەپسنىڭ ھەۋەسلىرىنى ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى «مۇھەببەت» دەپ ئويلاپ، ھېسسىياتچانلىق بىلەن قارار قىلىپ، بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالماڭلار. ئەقىل بىلەن قارار بېرىڭلار.

بىر يىگىتنىڭ نىكاھلىنىشى دېمەك، ئۇنىڭ بىر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە يۈكلىشى، دېمەكتۇر. ھايات يولدىشىڭىزنى تاللىغاندا ھاياتىڭىز بويىچە سىزگە يولداشلىق قىلغۇدەك بىر قىز(ئايال) تاللىشىڭىز كېرەك. ئاتا-ئانا تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى، دىنى ئەدەپ-ئەخلاق، مىللىي ئۆرپ-ئادەت… لەرنى ئۇنتۇغان، ئەخلەت ساندۇقىدەك تېشى سىرلىق ئىچى سېسىق سەتەڭلەرنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئالدانماسلىقىڭىز لازىم.

شۇنىڭدەك، بىر قىزنىڭ نىكاھلىنىشى دېمەك، ئۇنىڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولۇشقا قەدەم بېسىشى دېمەكتۇر. بۇ ئىشنىڭ توغرا باشلىنىشى ئۈچۈن باشتا بەك دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن قىز-سىڭىللىرىمىز ھېسسىياتچانلىق قىلىپ دىن-دىيانەتتىن، ئىنسانىي ئەخلاقتىن يىراق «قۇرۇق يىگىت» لەرنىڭ «تاتلىق سۆز» لىرىگە ئالدىنىپ، ئۇلارنىڭ «قەغەز ئايرۇپىلان» لىرىغا ئولتۇرماسلىقى، ھاياتىنىڭ بۇ مۇھىم قەدىمىنى ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن بېسىشلىرى كېرەك . يەنى ھېسسىياتچانلىق بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن قارار بېرىشىلىرى لازىم.
  
ئىسلامنىڭ قارىشىدا: مۇھەببەت مۇقەددەستۇر، ئاللاھنى سۆيۈش بارلىق مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ۋە بۇلىقى، ھەممە يوقايدۇ، پەقەت ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ئاللاھ بىزنى جەننەتكە، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە بەخىتكە ئېرىشتۇرىدۇ.
مەنبە:  ئاناتۇپراق


6

تېما

5

دوست

962

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1442
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 416
تۆھپە : 14
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-22

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 02:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام دىنى نىكاھتا قىز (ئايال)نىڭ رازىلىقىنى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى رازى بولمىسا ھېچكىم ئۇنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ. ئىسلام ئادىل، ئاشكارە، ئەستايىدىل-سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان بولغان، نىكاھنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ساغلام بولغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلىغا ئىلھام بىرىدۇ، زامانىمىزدىكى بۇ خىل «رومانتىك»، «ئەركىن»، بىر – بىرىنى ئەخمەت قىلىدىغان مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى ئىسلامغا قەتئىي زىت كىلىدۇ.
ھەقىقەتەن ئۇقۇپ قۇيۇشقا، ۋە كەڭ دوستلارغا تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. ھەقىقەتەن ياخشى پىكىر،ياخشى ئىدىيىلەر بار ئىكەن. رەھمەت سىزگە.


45

تېما

4

دوست

5035

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1736
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2917
تۆھپە : 96
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-6 13:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى مەيلى توي قىلىپ بولغانلار بولسۇن مەيلى تېخى توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەر بولسۇن ھەممىسى بىر قېتىم كۈرۈپ قۇيۇشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن . ھازىرقى قىز-يىگىتلىرىمىز مۇشۇ تېمىدا دىيىلگەن بەزى كۆرسەتكۈچتىن ئىلھاملىنىپ دىنىمىزغا زىت ئىش كۈرۈپ قالماسلىقتا ئۈنۈمى خېلى چوڭ بولغۇدەك . تېمە ئىگىسىگە رەخمەت !


كۈنلىرىم   مۇشۇنداقلا   ئۈتۈپ   كىتەرمۇ   ھە - ؟

0

تېما

12

دوست

553

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1996
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 182
تۆھپە : 57
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-7

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 11:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ !!!ھەر قانداق ئادەم بىر قېتىم ئوقۇپ قۇيۇشقا تېگىشلىككەن!!تېما ئىگىسىگە ھەشقاللا!!!!


قەدىمىڭلارغا مەرھابا!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-4-1 16:06 , Processed in 0.279125 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش