گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 2150 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مۇختەرجان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جۇلا  قىزغا قانداق ياردەم لازىمدۇ ؟ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم بىرەتتىم .

  • يانتاق 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەجەپ  ياخشى بولدى   شىنجاڭ كوماندسىى يەڭدى

  • دون555 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكوم باي ناھىيەسىدىكى قىرىنداشلىرىم كەمىنە دون  ئەپەندىنمدىن سىلەرگە سالام

  • 346775246 2014-3-24 14:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • Mr.Adil 2014-3-23 19:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام دوسلار   كومپىيوتېر ۋە تەكشلىكتكى ئېلان لاھيلەشتە ياردەم  لازىم  بولسا  مىېنى ئىزدەڭلار!QQ:75681740

  • جۇلا 2014-3-22 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • تاھىرجان 2014-3-22 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    توربىكەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچىرسىڭىز 59496604 QQ بىلەن ئالاقىلشىڭ

كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاز ئېچىلىدىغان يېغىن--ئائىلە يېغىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

933

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

يوقلىما
51
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1812
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 492
تۆھپە : 34
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-26

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۈملۈك مۇنبەرداش ئۇيغۇر قېرىندېشىم، ئائىلە توغرىسىدىكى بۇ تېمىغا نەزەر تاشلىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، قارىغاندا سىز چوقۇم ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئائىلە ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ئادەم ئىكەنسىز! سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقسام، ئائىلىڭىزدە ئائىلە يېغىنى ئېچىلىپ تۇرامدۇ؟ نىمىشقا ئېچىلمايدۇ؟ ئىچىلسا قانداق ئۇسۇلدا ئېچىلىدۇ؟ مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئائىلە يېغىنى ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ باققايسىز؛
ئائىلە جەمىئەتنىڭ ئەڭ كىچىك شۇنداقلا ئەڭ ھالقىلىق بىرلىكى سۈپىتىدە جەمىئەت، جۈملىدىن مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن شۇ ئائىلىدىن مىجەز، خۇلق، ئىشلارغا قانداق قاراش قاتارلىق ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنى ئۈگىنىدۇ، يەنى بالىنىڭ 0ياشتىن 6ياشقىچە بولغان ۋاقتى ئەڭ مۇھىم بۇلۇپ، مۇشۇ جەريان بىر بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا قانداق ئادەم بولۇپ يىتىلىشىنى مەلۇم جەھەتتىن بەلگىلەيدىغان مۇھىم ۋاقىت.
  گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىگەندە، ھازىرقى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئائىلە يېغىنى ئاساسەن يوق دىيەرلىك بۇلۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئائىلە يېغىنىدىن ئىبارەت شۇنداق ياخشى بىرئىشنى ئۇنتۇپ قالدى، بىلسىمۇ رولىغا سەل قارىدى.
  ئائىلە يېغىنى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ، مىنىڭچە ئېيتقاندا ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسى چوقۇم قەرەرلىك ئازدىگەندە ھەپتىدە بىرقېتىم ئېچىشى كېرەك. ئائىلە يېغىننىڭ قانداق رولى بار؟
  ئائىلە يېغىنى ئارقىلىق تۆۋەندىكى مەقسەتلەرگە يىتەلەيمىز:
1.ئائىلە ئەزالىرى كىچىك-چوڭ دىمەي باراۋار ھالدا يېغىنغا قاتنىشىدۇ. قۇيۇق بولغان باراۋەرلىك ئاساسىدىكى يېغىن ئائىلە ئەزالىرىدا كۈچلۈك بولغان باراۋەرلىك ئېڭىنى يىتىلدۈرىدۇ.
2.ئائىلە يېغىنىدا ئائىلە ئەزالىرى شۇ بىر ھەپتىدىكى قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆزئارا چۈشۈنۈش كۈچۈيىدۇ، مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ.
3.ئائىلە ئەزالىرى شۇ ھەپتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى سۆزلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرى خوشاللىققا تەڭ جۆر بۇلۇپ چاۋاك چېلىپ مۇبارەكلەيدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىلىدۇ.
4.شۇ ھەپتىدە دۇچ كەلگەن ئەڭ زور قىينچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق، مۈشكىلاتلار سۆزلىنىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ھەل قىلىش چارلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، ھەمدە قانداق قىلىش توغرىسىدا يول كۆرسەتمىلەر بىرىلىدۇ.
5.ئائىلىدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن چوڭ كىچىك ئىشلار سۆزلىنىدۇ، ھەمدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانداق قىلغاندا ئائىلىنى تېخىمۇ مىھرى-مۇھەببەتكە، ئىناقلىققا تولدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىىسىدا پىكىر ئېلىنىدۇ.
6.ئائىلە باشلىقى تەلەپ بويىچە ئۇلۇغ كىتاپلار، ياكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ كىتاپلىرىدىن ھەر قېتىملىق ئائىلە يېغىنىدا تەلەپ بويىچە ئوقۇيدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئائىلە ئەزالىرى تەسىر قىلغان جايلار ھەققىدە كۆز قاراشلىرنى بايان قىلىدۇ.
7.ئائىلە باشلىقى ئائىلە كىرىمىنى قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىىسدا دوكلات بىرىدۇ، شۇنداقلا ئائىلە كىرىمىنىڭ قانچلىك قىسمىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆز قارىشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
8.ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە يېغىنىدا كەلمەكچى بولغان يېڭى ھەپتىدە قىلماقچى بولغان پىلانلىرىنى، قانداق قىلىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا پىلانلىرىنى بىلگەندىن كېيىن قانداق ئۆز-ئارا ياردەم بىرەلەيدىغانلىقنى بىلەلەيدۇ، شۇنداقلا پىلان ئىغىزىدىن چىققان ھامان قوزغۇتۇش كۈچىگە ئىگە  بولىدۇ.
9.ئائىلە ئەزالىرى دىموكرتىك ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرستىپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك تەرەپلىرى بولسا ئوتتۇرغا قويىدۇ، مۇشۇنداق قىلىپ تەڭ ئىلگىرلەش مەقسىتىگە يىتىدۇ.
10.ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە يېغىنى ئارقىلىق يېغىنلاردا سۆزقىلىشنى ئۆگۈنىدۇ، شۇنداقلا قانداق ئادەم بولۇشنى بىلىدۇ.
11.ئائىلە باشلىقىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئاخىرىدا ئۆزئار بەخىتلىك دۇئا قىلىپ، كەلمەكچى بولغان بىر ھەپتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرىدۇ.
......             .......              .......
ئەلۋەتتە ئائىلە يېغىنىڭ يۇقارقىدىن باشقا يەنە نۇرۇغۇن رولى ۋە ئەھمىيىتى بار.
مىنىڭچە ئائىلە روناق تاپسا، شۇ كەنىت روناق تاپىدۇ، شۇ كەنىت روناق تاپسا شۇ يېزا روناق تاپىدۇ، شۇ يېزا روناق تاپسا شۇ ناھىيە، شۇ ناھىيە روناق تاپسا شۇ ۋىلايەت، شۇ ۋىلايەت روناق تاپسا ئۆلكە، ئۆلكىلەر روناق تاپسا دۆلەت روناق تاپىدۇ، يەنە كىلىپ مىللەتمۇ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئىرىشەلەيدۇ.
  بىزدە قاچان ئائىلە يېغىنى ھەققى ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ ھەرقايسى ئائىلىلەردە خۇددى گۆش بىلەن مايغا ئوخشاش دائىملىق ئىشقا ئايلانسا بىزدە ئۈمىد توغۇلىدۇ، جەمىئەتتە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا قۇرقماس، يىڭىلمەس مىللەتكە ئايلىنالايمىز.  گەپ قانداق باشلاشتا. ئەگەر مىللىتىمىز ئائىلىلىرى كىرزىسقا پاتسا، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
شۇڭا، سۈيۈملۈك مۇنبەرداش ئۇيغۇر قېرىندېشىم، بەلكىم سىزنىڭ ئائىلىڭىز باردۇر، ئۇنداق بولسا بۇ تېمىنى ئوقۇپ قويۇپلا بولدى قىلماي، ئۆيىڭىزگە قايتقاندا سۆيگىنىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دەرھال ئائىلە يېغىنى ئېچىشقا ھەركەت قىلىڭ، ئائىلە يېغىنى ئاچقانسىرى سىز ئۇ ئارقىلىق ئائىلىڭىزنىڭ تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايسىز.
  بەلكىم سىز تېخى توي قىلمىغان بالا بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا ئۆيگە قايتقاندا ئاتا-ئانىڭىزنى قايىل قىلىپ ئائىلە يېغىنى ئېچىشنى قولغا كەلتۈرۈڭ، بىر ئاماللارنى قىلىپ تەسرلەندۈرۈڭدە، ئائىلە يېغىنى ئۆيىڭىزدە يوقلۇقتىن بارلىققا كەلسۇن.
  بەلكىم سىز، يىراقلاردا ئوقۇۋاتقان بالا بۇلشىڭىز مۇمكىن ئۇنداقتا، ئائىلە يېغىننى ئېچىش ئىمكانىيتى يوق دەپ قارىماي، تېلىفۇندا دائىم ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئائىلە تېلىفۇن يېغىنىنى ئېچىشنى قولغا كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ.
  بەلكىم سىز مەن تۇل خوتۇن، ياكى باللىرىدىن ئايرىلغان يالغۇز ئادەم بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداق بولسا دەرھال ھەركەتلىنىپ سىزگە ئوخشاش تۇل قالغانلار، يالغۇز قالغانلارنى يېغىپ، ھەپتىدە بىر يېغىلىپ ئائىلە يېغىنى ئېچىشنى ئۆزئارا ئىلھام ھەم ئۈگىنىدىغان يېغىن ئېچىشقا ھەركەت قىلىڭ.
  بەلكىم سىز مەن ئائىلە يېغىنى ئېچىشقا پەقەتلا قۇربىم يەتمەيدىكەن دەپ قارىسىز ئۇنداقتا بۇ تېمىدىكى مەزمۇننى باشقا ئائىلىسى بارلارغا يەتكۈزۈڭ، ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز ئىككى قولىڭىزنى كۆتۈرۈڭدە ئۇلۇغ خۇدادىن مىللىتىمىز ئائىلىلىرىنىڭ گۈللىنىشى، ئائىلە يېغنىنىڭ بۇرۇنراق ھەققىي مەنىدە يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ.

ھازىر «ئېلىم چېيى» بارلىققا كەلدى، لېكىن مىنىڭچە ھەرقايسى ئائىلىلەردە ‹‹گۈزەل ئائىلە يېغىنى›› ئېچىش ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان ئۇلۇغ ئىش ھىساپلىنىدۇ.
ئاخىرىدا پۈتۈن ئائىلىلەرگە ئامان-ئىسەنلىك، بەخت-سائادەت، پاراۋانلىق تىلەش بىلەن ئۇشبۇ تىمامنى ئاياغلاشتۇرىمەن.

مەنبە: مىسرانىم


7

تېما

3

دوست

933

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1812
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 492
تۆھپە : 34
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-26

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 12:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بىز ئۇيغۇرلاردا ئائىلە يىغىنى بالىسى گەپكا كىرمىسە،،، قاتتىق ئاچچىقلىنىپ 4~5 مىنۇت ئاچىدۇ.


1

تېما

3

دوست

82

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 30
تۆھپە : 2
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-4

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 16:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېمىكەن  ، چۇقۇم ئائىلىمىزدە سىناپ باقساق بولغىدەك ، چۈنكى بىر ئائىلنى باشقۇرمااق دۆلەتنى باشقۇرغاندەك مۈشكۈل ئىش دەپ قارايمەن ، ھىچ بولمىسا ئائىلىمزنىڭ ئىناقلىغى ، بالىلىرمىزنىڭ قارار چىقرىش ئىقتىدارى يىتىلىشى مۇمكىن .


0

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

يېڭى ئەزا(Rank: 1)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1939
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 6
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-14

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 12:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ بەك چوڭ رولى بار. چوقۇم بىزمۇ شۇنداق يىغىنلارنى ئېچىپ باقساق بولىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-4-1 16:36 , Processed in 0.209729 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش