گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 2150 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مۇختەرجان 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جۇلا  قىزغا قانداق ياردەم لازىمدۇ ؟ مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم بىرەتتىم .

  • يانتاق 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەجەپ  ياخشى بولدى   شىنجاڭ كوماندسىى يەڭدى

  • دون555 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكوم باي ناھىيەسىدىكى قىرىنداشلىرىم كەمىنە دون  ئەپەندىنمدىن سىلەرگە سالام

  • 346775246 2014-3-24 14:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • Mr.Adil 2014-3-23 19:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسالام دوسلار   كومپىيوتېر ۋە تەكشلىكتكى ئېلان لاھيلەشتە ياردەم  لازىم  بولسا  مىېنى ئىزدەڭلار!QQ:75681740

  • جۇلا 2014-3-22 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوستلار سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن!

  • تاھىرجان 2014-3-22 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    توربىكەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچىرسىڭىز 59496604 QQ بىلەن ئالاقىلشىڭ

كۆرۈش: 2639|ئىنكاس: 13

باي ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ يولباشچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

24

دوست

3807

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

يوقلىما
246
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 2476
تۆھپە : 37
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 23:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ يولباشچىسى-سابىت ھاپىز داموللا ھاجىم


مەريەم سىدىق

XIX - ئەسىردىن XX - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە باي ناھىيەسىنىڭ سايرام رايونىدا ئەكرەمشاھ ئەئىلەم ئاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ـــ ئەمرۇللا ئەئىلەم ئاخۇنۇم، ياقۇپ مۇددەرىس ئاخۇنۇم، ھاپىزقازى ئاخۇنۇم قاتارلىق ئۆلىمالار ئۆتكەن. پارىس تىلىدىكى ئىككى پارچە قوليازمىنىىڭ قەلەم ساھىبى① ـــ سابىت داموللا ھاجىم 1865 - يىلى سايرامنىڭ تېزەك قاغا كەنتىدىكى ھاپىز قازى ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپكى ئىلىمنى ئاتىسىدىن ۋە تاغىسى ياقۇپ مۇددەرىس ئاخۇنۇمدىن ئېلىپ، باي بازىرىدىكى تاتلىق مۇددەرىس ئاخۇنۇمدا تۆت يىل ئوقۇغان. 1880 – يىلى «سانىي بۇخارا» ـــ قەشقەرگە پىيادە ھىجىرەت قىلىپ، 29 كۈندە قەشقەر خانلىق مەدىرىسكەئۇلىشىدۇ. پۇتلىرىدىن قان – زەرداپ ئېقىپ تۇرغان يالىڭئاياغ تالىپنى كۆرگەن مۇددەرىسلەر: «سىزنى ئوقۇشقا قۇبۇل قىلدۇق. پۇتىڭىز ساقايغۇچە، ھۇجرىڭىزغا كىرىپ دەرىس تۇلۇقلاپ بېرىمىز» دەپ ئايرىم ھۇجىرىغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. ئاشپەز، ناۋايلانى چاقىرتىپ: «ماۋۇ مۇساپىر بالىنىڭ ھالىدىن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن خەۋەر ئېلىپ قويايلى» دەپ ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ ئىلتىپات كۆرسىتىدۇ. موللا سابىت بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشىپ موللا ئىسلام داموللا، باھاۋىدۇن مەخسۇم، مامۇتخان داموللامدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئوقۇشنىڭ ئاخىرىدا ئاتاقلىق ئىسلاھاتچى، ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەربىيسىدە ئالدىنقى قاتاردا خەتمە تاماملايدۇ.② خەتمىدىن كېيىن ئۇستازلىرى: «بۇ بايلىق سابىت داموللا فازىل ئىلىم ئەھلى بولدى. قەشقەردە ئۆي - ئۇچاقلىق قىلىپ مۇددەرىسلىككە ئېلىپ قالايلى» دەپ خانلىق مەدىرىسكە ئېلىپ قالىدۇ. كېيىن ئۇستازى مامۇتخان داموللام نەۋرە سىڭلىسى ئانار خېنىمنى نىكاھلىپ بېرىدۇ. سابىت داموللام بىر مەزگىلدىن كېيىىن ئۇرۇغ – تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىدىن: «مەن قەشقەرگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بوۋام قەتلى قىلىنىپ③ سوغۇق يۈزىنىمۇ كۆرەلمىدىم. ئەمدى ئاتا - ئانام ياشىنىپ قالدى، ئاخىرىقى ئۆمىرىدە خىزمىتىنى قىلىپ دۇئاسىنى ئېلىۋالسام» دەپ ئىجازەت سورايدۇ. «ئاللاھ ‹قۇرئانى كەرىم› دە «ئىنساننى ئاتا –ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق» (سۈرە لوقمان. 14-ئايەتنىڭ باش قىسىمى) دەپ ئەمىر قىلغان، سىلىنى ئۇزىتىپ قويماقتىن ئۆزگە ئامالىمىز يوق» دەيدۇ ئۇستازلار.

سابىت داموللام يولغا چىققان كۈنى جامائەت بىلەن شەھەر سىرتىغا ئۇزىتىپ چىققان ئابدۇقادىر داموللام: «ئەي قەشقەرلىق، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردىن چىقىپ كەتتى!» دەپ سابىت داموللامنى كۆكرىكىگە بېسىپ كۆزىگە ياش ئالغاندا، جامائەت ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە دۇئا قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ.④ سابىت داموللام بايغا كېلىپ دىدار خوشاللىقىغا چۆمۈش بىلەن بىرگە مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈم ۋە ئېتقادتىكى بىدئەتچىلىك ئىسكەنجىسىدە جان تالىشۋاتقان يۇرتداشلانى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇ زىكىر –سۆھبەتلەردە ئىبادەتكە ئىلىمنى يېتەكچى قىلىش، ئۆز رىزقىنى ئەجىر قىلىپ ھۈنە – سانائەتكە يۈزلىنىپ، ھالاللاپ يېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، باينىڭ مۇفتى ئاخۇنلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كىيىن، تەپىرىقچىلىقنى تۈگىتىپ، پارىخورلۇقنى چەكلەپ، تىل – دىل بىرلىكىنى قەدىرلەپ «قۇرئانىي كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» بويىچە شەرىئەتنى ئادىل جارى قىلدۇرىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئابدۇقادىر داموللام بايدىكى ئاتۇشلۇق تاھىر ھاجىم، مەمتىلى ھاجىمغا خەت يېزىپ: «سابىت داموللا ئىلىمىي كامىل، خۇلقى پازىل ئالىم بۇلۇپ يۇرتىغا قايتتى. سىلەر ياخشى مەدىرىس  بىنا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلىم تارقىتىشىغا ھەمدەم بۇلۇڭلار»دەپ تاپلايدۇ. خەت خانقادا ئوقۇلغاندىن كىيىن جامائەت: «ئابدۇقادىر داموللام شاگىرتىنىڭ ئىلىمنىڭ زايا بولۇپ كېتىش غېمىنى يەپلا قالماي پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى يەپتۇ»دەپ، باي خانقاسىنىڭ غەربىگە ئەسلىھەلىرى تۇلۇق مەدىرىس سېلىپ سابىت داموللامنى كۈچۈرۈپ كېلىدۇ. سابىت داموللام يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇشنىمۇ، يېزىشنىمۇ بىلىدىغان تالىبۇل ئىلىملەرنى تەربىيلىگەچكە، مەدىرىس ئۇچتۇرپاندىن تۇرپانغىچە جايلاردىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن تۇشۇپ كېتىدۇ. مەدىرىستە ئابدۇقادىر داموللام تۈزگەن «ئاقائىد زۈرۈرىيە»، «ئىبادەتۇل ئىسلامىيە» مۇھىم دەرس قىلىنىپ ئۆتۈلۈپ، ھەر نامازنىڭ ئالدى - كەينىدە ۋەز-تەبلىغ قىلىنىپ، جامائەت قەلبىنى تاڭ نۇرىدەك يۇرىتىدۇ. نادانلىق سۈپۈرۈلۈپ ئاۋام بەس-بەستە ئىلىم ئۆگىنىشكە يۈزلەنگەن بىر پەيىتتە، پىداكار ئۇستاز ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۈيقەسىتكە ئۇچرىغانلىق خەۋىرى كېلىپ  پۈتكۈل مىللەتنى مۇسىبەتكە چۆمدۈرىدۇ. مەدىرىستىكى تالىبۇ ئىلىملەر «قەشقەردە ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر...» دەپ ھۆكۈمەت ئوقۇپ، ھەسىرەت - پىغانغا چۈمىدۇ. يۈرىكى سېغىنىش ئازابىدا ئازابىدا ئۆرتەنگەن سابىت داموللام ھەج قىلىش ۋە ئۇستازىنىڭ قەبىرىسىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە 1930 - يىلى 4 - ئايدا قەشقەرگە بېرىپ، 7-ئايدا پاكىستان پاسپورتى بىلەن دېڭىز سەپىرىنى باشلايدۇ. مەنزىلگە يەتكۈچە «قۇرئانى كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» نى تەپسىر قىلىپ، مەككە مۇكەررەمگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ ھەج مەۋسۈمىدە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇددەرىسلىرى ۋە ھەر قايسى ئەل ئۆلىمالىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ ئىلمىي مۇھاكىمىدە بولىدۇ. سابىت داموللامنىڭ ئەرەب تىلىدىكى راۋان نۇتىقىدىن ئىپادىلەنگەن چۇڭقۇر تەپەككۇرلۇق بىلىم قۇرۇلمىسى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. پادىشاھ سەئۇدى ئابدۇلئەزىز ئۇنى پادىشاھ مېھمىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەن ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىن كېيىن: «مەن سىزدەك ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەيمەن. رىياتتىكى مەدرىسلەردە ھەرقايسى ئەل تالىپلىرى تەربىيەلىنىدۇ. دىنىي ۋازارەتنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن سىزنى مۇددەرسلىككە تەيىنلىمەكچىمىز. تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت ھەر ئايدا 250 رىيال بېرىلىدۇ» دەيدۇ. سابىت داموللام قولىنى كۆكسىگە قويۇپ: «ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا تەشەككۇر، مېنىڭ ۋەتىنىم، ئاتا-ئانام يىراقتا قالدى. قايتمىسام بولماس، ئالىيلىرىدىن ئەپۇ ۋە ئىجازەت سورايمەن» دەپ ئىگىلىپ تۇرىدۇ. پادىشاھ: « ئاتا – ئانىڭىزنى كونسۇل ئارقىلىق ئەكەلتۈرسەك بولىدىغۇ» دېگەندە، سابىت داموللام: «ئالىيلىرىغا كۆپ رەھمەت، ئىنشائاللا، مېنىڭ ھەج مۇرادىم ھاسىل بولدى. بۇ يەردىكى ئەدىلى ئادالەت، راھەت – پاراغەتتىن ھەممىنىڭ ئاساسى ـــ ئىلىم ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلدىم. ۋەتىنىم جاھالەتتە، قەۋمىم نادان ھەم نامرات. ئارزۇيۇم شۇكى، ۋەتىنىمگە قايتىپ، مىللىتىمنى زۇلمەتتىن يۇرۇقلۇققا باشلىسام دېگەن ئۈمىتتىمەن» دەيدۇ. پادىشاھ باش لىڭشىتقان ھالدا: «پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ‹ۋەتەننى سۆيۈش ـــ ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر› دېگەن. سىزگە ئىجازەت» دەپ تىللا، كۆمۈش رىيال، تون – سەرپاي ئىنئام قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. ⑤

سابىت داموللا ھاجىم 1931 – يىلى ھەرەمدىن قايتىپ، 1932 – يىلى 10 – ئايغىچە قەشقەردە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۇستازلىرى بىلەن چەتئەلدىكى ئىلىم – پەن توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللام باشلىغان يولنى داۋاملاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە غوجانىياز ھاجى قىسىملىرىنىڭ مۇھاپىزىتىدە ئاقسۇغا كېلىپ، ۋالىي نىيازبەگدىن بايدا پەنئىي مەكتەپ ئېچىش دەستىكىنى ئېلىپ بايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. باي ھاكىمى مۇسابېگىم يامۇلدىكى قارىشى ئېلىش مۇراسىمىدا سابىت داموللا ھاجىنىڭ مائارىپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ تاھىر قازى، ئوسمان داموللامنى سابىت داموللا ھاجىمغا ياردەملىشىپ مەكتەپ سېلىشقا تەشكىللەيدۇ. سابىت داموللام شاگىرتى ئەرمىيە داموللام (نىم شېھىت) بىلەن تاھىر قازىنى كۇچاغا دەرسلىك، پىروگرامما ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۆزلىرى باي بازىرىنىڭ غەربىدە ئەسلىھەلىرى تولۇق مەكتەپ قۇرۇلىشىنى پۈتكۈزىدۇ. ھازىرقى 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاساسى بولغان «ئىقبالىيە مەكتىپى» نى قۇرۇپ، ئوغلى ئابلىز مەخسۇمنى مالىيەگە، ئەرمىيە داموللىنى دىنىي دەرسكە، تاشكەنتتىن تەكلىپ قىلىنغان 3 ئوقۇتقۇچىنى پەننى دەرسكە تەيىنلەپ، 45 ئوقۇغۇچى قىلىپ دەرس باشلايدۇ. سابىت داموللام ھاجىم 1938 – يىلىغىچە باي «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى» نىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىشخانىسىنى ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان كۆك مەدرىسكە كۆچۈرۈپ كېلىدۇ.

«سابىت داموللام ھاجىم جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ بالىلىرىمىزنى ئۇرۇسقا ئەسكەر قىلىپ بەرمەكچى» دېگەن پىتنىگە پەرۋا قىلماي، ھاكىم ئابدۇراھمان داموللام بىلەن، مائارىپ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، 32 جايدا مەكتەپ، دارىلتام، دارىلئاجىزىن قۇرۇپ، تۇنجى قاراردىكى 45 ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاپ، ئۈرۈمچى، ئالمۇتا، تاشكەنتلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ. پېقىر، مىسكىنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باينى بىرمۇ تىلەمچى يوق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. مائارىپ خىراجىتىنى ھۆكۈمەت، ئويۇشما چىقارغاندىن سىرىت ئۆچرە – زاكات ۋە ۋەخپىلەرنىڭ كىرىمى، شەخسىيلەرنىڭ ئىئانىسىنى توپلاپ، داغدۇغىلىق ئىئانە توپلاش مۇراسىمىدا ئۆزى  باش بولۇپ 50 سەر كۆمۈش ئىئانە قىلىدۇ. ئىلىگىرى ۋەخپىلەردىن تەمىنلىنىدىغان بەزى موللىلارنىڭ غۇدۇراشلىرىغا قارىتا: «ۋەخپىدىن پەرىز ئەيلىگىل ئەي پەقىر، ۋەخپە يەپ ئىسقات قىلغاندىن ياخشىراق ئىچكەن چېغىر» دەپ ھەجۋىي شېئىر ئوقۇپ، ھەممە كىشىنى ئىنساپ ۋە تەۋپىققە ئۈندەيدۇ. سابىت داموللام ھاجىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىجادىي ئەسەرلىرى بولۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى بۇلاڭ – تالاڭدا قوليازما ھالىتىدە يوقىلىپ كەتكەن. ⑥

بايدىكى مۇناپىق، خائىنلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن سابىت داموللام ھاجىم 1938 – يىلى 4 – ئايدا قولغا ئېلىنىپ، جاللات شېڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە مەخپىي ئۆلتۈرلگەن. ئەپسۇسكى، قەبرىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى، بۇ دەل قەشقەر تۈرمىسىدە مەمتېلى توختى ھاجى (تەۋپىق) ۋە قۇتلۇق شەۋقى ئۆلتۈرۈلۈپ كۆيدۈرۈلگەن چاغلار ئىدى.

ئىزاھاتلار: ① بۇ قوليازما ھازىر نەۋرىسى تۇرسۇن ئابدۇرېھىمنىڭ قولىدا ساقلانماقتا. ② ئوقۇش تاماملاش يۈزتۇرانە ئىمتىھانى③ ئەكرەمشاھ، ئەئىلەم ئاخۇنۇم 1885 – يىلى باي يامۇلى ئالدىدا مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن④ بۇ يەردە ئابدۇقادىر داموللام ئىلىمدە شاگىرتى سابىت داموللامنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ⑤ توختى ئايۇپنىڭ «مۇزاتقا مۇھەببەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ‹شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012 – يىلى 1 – نەشر 1 - بېسىلىشى› ⑥ سابىت داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم مەخسۇم يازغان «پەدەر ئىلەيھىنىڭ تەرجىمھالى» ناملىق قوليازمىدىن پايدىلىندى.

بۇ ئەسەرنى شىۋىتسىيە ئاتلاس كوپكو سانائەت گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇلازىمەت ئېنژىنېرى، يەنى مەرھۇم سابىت داموللا ھاجىمنىڭ ئەۋرىسى ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر «مۇزات دولقۇنلىرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2010 – يىللىق 4 – سانىغا ئاساسەن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.

2013 – يىلى 15 – نويابىر (ئۈرۈمچى)


باغداش مۇنبىرىدە: http://bbs.bagdax.cn/thread-21256-1-1.html

10

تېما

24

دوست

3807

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 2476
تۆھپە : 37
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 11:31:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم مائارىپچى سابىت داموللا ھاجىم مېنىڭ بوۋام بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مەمتىلى توختھاجى(تەۋپىق)،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئانا يۇرتىنىڭ  مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان، ئانا يۇرتىنى مائارىپ ئارقىلىق زۇلمەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى راھەت-پاراغەتتىن ۋاز كېچىپ ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئوت يۈرەكلەرنىڭ بىرى،شۇنداقلا بىز پەخرىلىندىغان،بىزھۆرمەتلەيدىغان ،باي خەلقىنى «نىمشېھىت »نامى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر قەۋمىگە تۇنۇتقان مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىر ئارمىيە داموللام قاتارلىقلارنىڭ ئۇستازى،شۇنىڭ ئۈچۈن مەرھۇم سابىت داموللا ھاجىم بىز باي خەلقىنىڭ پەخرلىنىشىگە ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئەھلىي -ئىلىم ،ئۆلىماسى ھېسابلىنىدۇ،مەرھۇم بوۋىمىزنىڭ نۇرغۇن ماترياللىرى ئىلگرىكى قالايمىقانچىلىق زامانلاردا  بۇلا -تالاپ  كۆيدۈۋېتلىپتىكەن،مۇشۇنچىلىك بىر ماتىرياللارنىڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ روياپقا چىقمىقىمۇ بەسىي مۈشكۈلدۇر،مەن شۇ مۇناسۋەت بىلەن مەزكۇر ماتىريالنى رەتلەپ يېزىپ چىققان مەرىيەم سىدىققا ۋە دادىسى سىدىق نۇر ئەپەندىمگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن،شۇنداقلا مەزكۇر ماتېريالنى تور بېكىتىمىزدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلرنىڭ مۇمكىن بولسا جەۋھەر تېما ياكى تەۋىسىيلىك تېما قىلىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،شۇنداقلا تورداشلارنىڭ مۇشۇ ماتىرياللار  توغرىسىدا  بىلىدىغان كەم قالغان جايلار بولسا تۇلۇقلاپ قۇيۇشىنى،قانداق كۆز-قارىشى بولسا تورداشلار بىلەن بەھۇزۇر ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


باغداش مۇنبىرىدە: http://bbs.bagdax.cn/thread-21256-1-1.html

10

تېما

24

دوست

3807

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 2476
تۆھپە : 37
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 12:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى  كۆرگەن تورداشلارنىڭ  ئەسەرنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇش،مۇشۇ ئەسەرنى يازغان ئادەمنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھاردۇقىنى چىقۇرۇش ،ئۈچۈن مەيلى سەلىبىي ئىنكاس بولسۇن مەيلى ئىجابىي ئىنكاس بولسۇن ،ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،بۇ ئەسەر ھازىر مىسرانىمدا ئەڭ ئاۋات تېمىلارنىڭ بىرى ،مىسرانىمغا ئىنكاس يازسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،تور ئادىرسى:     http://bbs.misranim.com/thread-113706-3-1.html
مەن بايدا تۇغۇلۇپ،بايدا تەربىيلىنىپ چوڭ بولغان،شۇڭا مەن مۇشۇنداق بىر مائارىپچى بوۋىمىزدىن پەخىرلىنىمەن.


باغداش مۇنبىرىدە: http://bbs.bagdax.cn/thread-21256-1-1.html

105

تېما

32

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

قىزغىن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1460
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3524
تۆھپە : 289
توردا: 400
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 13:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ناھىيەسىدە بىزلەرگە ئىلىم پەن ئۇرىغىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بوۋۇمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى   مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىڭىزگە رەخمەت


تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر.يوللانغان تېمىلارغا ئانچى-مۇنچە ئىنكاس يوللاپ قويۇڭلا .

83

تېما

17

دوست

9675

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  106
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 7181
تۆھپە : 410
توردا: 314
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 15:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.بىز بۇ تېمىنى ‹‹باي تارىخى ماتېرياللىرى››دا ئېلان قىلىپ مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالايلى.بىزدىن كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قېلىپ قالسۇن.بولسا ساۋۇت ھاپىز داموللا ھاجىمنىڭ سۈرۈتىنى يوللاپ قۇيالارسىزمۇ ؟!


‹‹باي تارىخى ماتېرياللىرى››مەجمۇئەسىگە ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

1

تېما

10

دوست

197

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1892
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3
تۆھپە : 2
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-2

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 18:50:34 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

10

تېما

24

دوست

3807

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 2476
تۆھپە : 37
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 11:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yolwas2010 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 13:30
باي ناھىيەسىدە بىزلەرگە ئىلىم پەن ئۇرىغىنى قالدۇرۇپ ك ...

قارىغاندا بۇ تېمىنى ياقۇپكام ،قۇربانكام ۋە كەرىمەدىن باشقىلار كۆرمەپتۇ-دە...مۇشۇنداق  ئېسىل تارىخىي  تېمىدىن بىرنى يوللاپ ئۆزەمنى بىكار ئاۋارە قىلغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم ،قىسقىسى ھاردۇقۇم چىقمىدى،ياكى تور بەت كۆرىدىغانلار ئازمۇ بىلمىدىم،ھازىر مۇشۇ تېما مىسرانىمدا  قىززىپ ئاتۇش،قەشقەرلىقلەر بىلەن مائارىپ تالىشىپ  جەڭگە-جىدەل باشلىنىپ كەتتى،قىزىقساڭلار ياكى ھە-ھۇ دىيىشىپ بېرىشنى خالايدىغانلار مىسرانىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ قويارسىلەر! مەنزىل:    http://bbs.misranim.com/thread-113706-1-1.html


باغداش مۇنبىرىدە: http://bbs.bagdax.cn/thread-21256-1-1.html

10

تېما

24

دوست

3807

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 2476
تۆھپە : 37
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-4-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 13:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
k.sahra يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 15:49
بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.بىز بۇ تېمىنى ‹‹با ...

رەھمەت سىزگە قۇربانكا،بۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگىمۇ كۆپ رەھمەت!مەرھۇم بوۋىمىز  باي خەلقىنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان زات بۇلۇش سۈپىتى بىلەن باي خەلقىنىڭ  مەڭگۈ خاتىرلىشگە ئەرزىيدۇ،بولسا سىز دىگەندەك قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،ئەمما مەرھۇم بوۋىمىزنىڭ ھىچقانداق سۆرەتلىرى ساقلانماپتىكەن،لېكىن  ھازىرناھيە ئىچىدە بىر تاغام بار،ئاشۇ بوۋىمىزغا چىرايى بەك ئوخشارمىش،بوۋىمىزنىڭ ماتىريالىنىڭ ئەسلىي ئورگىنالى ئاشۇ تاغامنىڭ قولىدا،ئەمما كۆپ قىسىمىنى ناھيلىك 1-ئوتتۇردىن پىنسىيىگە چىققان ئۇستاز سىدىق نۇر ئاكىمىز رەتلەپ يېزىپ چىقتى،ماتىريالنى ئاشۇلار بىلەن ئالاقىلاشساق بولىدۇ.


باغداش مۇنبىرىدە: http://bbs.bagdax.cn/thread-21256-1-1.html

105

تېما

32

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

قىزغىن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1460
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 3524
تۆھپە : 289
توردا: 400
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 13:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزى يوللىغان ۋاقتى  2013-11-21 11:58
قارىغاندا بۇ تېمىنى ياقۇپكام ،قۇربانكام ۋە كەرىمەدىن ...

ھەقىقەتەن كۆرۈپ قويۇشقا تىگىشلىك ياخشى تېمىكەن،باي تارىخىدا مۇشۇنداق ئۆلىمالار،ئەدىپلەر بارلىقىنى پۇتۇن جاھان ئەھلى بىلىشكە تىگىشلىك .


تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر.يوللانغان تېمىلارغا ئانچى-مۇنچە ئىنكاس يوللاپ قويۇڭلا .

33

تېما

3

دوست

2941

جۇغلانما

ئالى ئەزا(Rank: 4)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  183
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 4
تىللا: 1628
تۆھپە : 234
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-27

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 15:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سايرامى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-21 15:29  

مۇشۇنداق بىر ئېسىل تىمىنى مۇنبەرگە سۇنغان ئابدۇلئېزىز ئۇكامغا كۆپ تەشەككۈر!!!
ئاشۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئەۋلادى بۇلۇش سۈپىتڭىز بىلەن ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ئەل-يۇرىت ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
باشقۇرغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنىم : بۇ تىما جەۋھەرلىنىپ مەڭگۈ  باش بەتتىن ئورۇن بېرىلسە.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-4-1 15:28 , Processed in 0.357635 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش