ئانىنىڭ ‹‹ يالغانچىلىق ››ى ۋە كۆز يېشى
تۇنجى قېتىملىق ئاتا–ئانىلار يىغىنىدا ، بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا :
- بالىڭىزنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بار ، ئورۇندۇقتا ئۈچ مىنۇتمۇ ئولتۇرالمايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بېقىڭ ، دېدى .
ئۇ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا ئوغلى:
- مۇئەللىم نېمە دېدى ، دەپ سورىغاندا ، ئۇ ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى . چۈنكى سىنىپتىكى 30 كىچىك دوسىت ئىچىدە ، بالىسىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار ئىدى ؛ مۇئەللىممۇ ئۇ بالا توغرۇلۇق توختالسا قاقشايتتى . ئەمما ، ئۇ يەنىلا بالىسىغا :
- مۇئەللىم سېنى ماختىدى ، قۇزام سېنى ئەسلىدە ئورۇندۇقتا بىر مىنۇتلا ئولتۇرالايتتى ، ھازىر ئۈچ مىنۇت ئولتۇرالايدىغان بولدى . باشقا ئانىلار ماڭا ھەۋەس قىلىشىپ قاراشتى ، چۈنكى سىنىپىڭلاردا قۇزام سەنلا ئىلگىرىلەپسەن ، دېدى .
شۇ كۈنى كەچتە ، ئۇنىڭ ئوغلى تۇنجى قېتىم ئىككى قاچا ئاشنى يەۋەتتى ، ئانىسىنى يېگۈزۈپ قوي ، دەپمۇ تۇرۇۋالمىدى .
ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ، ئاتا–ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا :
- سىنىپىمىزدا 50 نەپەر ساۋاقداش بار، بۇ قېتىمقى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئوغلۇڭىزنىڭ نەتىجىسى 40–ئورۇندا تۇردى ، ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدا توسالغۇ بارمىكىن ، يەنىلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بېقىڭ ، دېدى .
ئۇ ئۆيىگە قايتىۋاتقاچ يەنە يىغلاپ كەتتى . ئەمما ، ئۆيىگە كەلگەندە ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئوغلىغا قاراپ :
- مۇئەللىم ساڭا بەك ئىشىنىدىكەن ، ئۇ سېنى دۆت ئەمەس ، سەل ئەستايىدىل بولسىلا بىللە ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ ، دېدى . بۇ قېتىم ئۇ ساۋاقدىشىڭ سىنىپ بويىچە 21–ئورۇنغا تىزىلىپتۇ ، دېدى .
بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا ، ئۇ بالىسىنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىنىڭ نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ يىغلامسىرىغان چىرايىدا بىردىنلا خۇشاللىق جىلۋە قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى . ئۇ يەنىلا ئوغلىنىڭ مۇلايىملىشىپ كەتكەنلىكىنى ، ئوغلىنىڭ بىردىنلا چوڭلاپ قالغانلىقىنى بايقىدى.ئەتىسى ئوغلى ئادەتتىكى چاغلارغا قارىغاندا ، مەكتەپكە بۇرۇنراق ماڭدى .
ئوغلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ، يەنە بىر قېتىم ئاتا–ئانىلار يىغىنى ئېچىلىدى . ئۇ ئوغلىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ، مۇئەللىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى كۈتتى . چۈنكى ھەر قېتىملىق ئاتا–ئانىلار يىغىنىدا ، ئوغلىنىڭ ئىسمى ئارقىدا قالغانلارنىڭ ئىسمى قاتارىدا چاقىرىلاتتى . ئەمما ، بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى . يىغىن تۈگىگەنگە قەدەر ئوغلىنىڭ ئىسمى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىدى . ئۇ بىر ئاز ئويلىنىپ ، مۇئەللىمدىن سورىدى ، مۇئەللىم ئۇنىڭغا :
- ئوغلىڭىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشى سەل قىيىن ، دېدى . ئۇ ھەيران بولۇپ مەكتەپتىن چىققاندا ، ئوغلى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى .ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ، ئوغلىنى قۇچاقلاپ چەكسىز شاتلىققا چۈمدى . ئۇ ئوغلىغا :
-سىنىپ مۇدىرى سەندىن بەك رازى ئىكەن ، ئۇ سېنى تىرىشسىلا نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتۈشىدە ئۈمىد چوڭ دەيدۇ ، دېدى .
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتكەندە ، مەكتەپ ئۇنىڭ ئوغلىنى چاقىرتتى . ئۇ ، ئوغلى چىڭخۇائۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندەك تۇيغۇدا بولدى . چۈنكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا ، ئۇ ئوغلىغا بۇ مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى . ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئالاھىدە تېز يوللانمىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپلا ، توساتتىن تېز ئارقىغا بۇرۇلۇپ ، ھوجرىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلاپ ، بىر تەرەپتىن :
-ئانا بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن ، مەن ئانچە ئەقىللىق بالا ئەمەس ، ئەمما بۇ دۇنيادا سەنلا ماڭا بەخت ئاتا قىلالايسەن.... دېدى .
بۇ چاغدا ئانىنىڭ قەلبىگە غەم–قايغۇ بىلەن بەخت–سائادەت ئارلىشىپ كەتكەندەك بولدى . چۈنكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ، ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشكەن كۆز ياشلار قولىدىكى كانۋېرتنىڭ ئۈستىگە تارام–تاراملاپ ئېقىپ چۈشتى
مەنبە:
http://www.sayram.biz بۇ يازمىنى ئاخىرىدا RUSTAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-2 14:35