ئۆزگىچە
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمىس
تۇرقى جەننەت ئۇز دىيار ئىزگۈ ھاۋاسى ئۆزگىچە،
ئارشىڭى خىسلەتكە باي،تەنگە داۋاسى ئۆزگىچە؛
مېھرى ئىسسىق تۇپرىقىغا پاياندازدۇر گۈل چىمەن ،
كۆزلىرىڭدىن ئوت ئالار تاغۇ-دالاسى ئۆزگىچە.
كۈي قېتىپ يۇرتۇمغا توقلۇق كۈندە ئايەم،كۈندە توي،
بايقىساڭ سەيلەڭدە ئەل خۇشچاغ ساماسى ئۆزگىچە.
باققىنا باغدا كۈلۈپ خۇش ھىد شەرەتلەر باغرىغا،
تېتىساڭ تىلنى يارار، بالدۇر خۇماسى ئۆزگىچە.
يەتتە ئىقلىم سەيلىگە كەلسە بۇيان ئالغاي ھوزۇر،
تەمى ئۇز قايماق-قېتىق سۇنغان ھىماسى ئۆزگىچە.
ئەرلىرى رۇس، مەردۇ-مەردان،قىز-ئاياللار خوپ چىۋەر،
يۇرت، قېرىنداش، جۈپتىگە ۋىجدان، ۋاپاسى ئۆزگىچە.
مىڭ ئۆيۈم ئۆڭكۈر ئەمەس،يۇرتنىڭ تەۋەرۈك مەكتىپى،
ئەسلىتىپ تارىخ بېتىن چۇقان، نىداسى ئۆزگىچە.
تاغ يېرىپ تامغان سۈيىدە تاپىدۇ ھەر دىل شىپا،
ئالسا كىم ئۇندىن ھوزۇر زوقمەن باھاسى ئۆزگىچە.
ئۆم-ئىناقلىق ئاچسا چېچەك گۈل-گۈلىستان بۇ زېمىن،
شۇندا قالماس دىلدا ئار، يوقتۇر تاماسى ئۆزگىچە.
كۈلدۈرەر دىللارنى ھەردەم ئۇز دىيارىم سەيلىگاھ،
ھەر پەسىلنىڭ مېھرى يار، سۇنغان جۇلاسى ئۆزگىچە.
بەرىكەت ياغقاچ كۈلۈپ بۇ يۇرت-ئاۋامنىڭ چېھرى گۈل،
بىر كېلىپ كۆرمەي ئۇنىڭ ئۆسەك،خاتاسى ئۆزگىچە.
چاندۇرار جەننەتنىمۇ بۇ گۈل دىيارنىڭ نامى ‹باي›،
يۈكسىلىشتىن كۈلدى ئەل شاد كۈي، ساداسى ئۆزگىچە.
كۆيلىگىن يۇرتۇڭنى مەھمۇد ئىلھام بۇلاقىڭ قاينىسۇن،
زوق ئېلىپ قانسۇن يۈرەك بولغاچ زىباسى ئۆزگىچە.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
|