زېمىن يۇيۇندى
(شېئىر)
كۆك ئاسمان ئەلەملىك تۈرۈپ قاپاقنى،
زىمىنغا شارقىراپ تۆكتى يېشىنى.
كائىنات جۆر بۇلۇپ ئۇنىڭ زارىغا،
جىمجىتلىق ئىلكىدە ئەگدى بېشىنى.
بېشىغا تەگكەن زەربىلىك ياشتىن،
ئويغاندى غەپلەتتىن ئۇخلىغان دۇنيا.
ئاچتى تەسلىكتە خىرە كۈزىنى،
كىرلەشكەن ئەپتىگە قارىدى شۇندا.
خىجالەت ئىلكىدە يۇدى ئۈزىنى،
تۈكۈلەلگەن يامغۇرنىڭ تامچە سۇيىدە.
پاكىزلاپ ئۈزىنىڭ پۈتكۇل جىسمىنى،
زەرە نۇر چاقنىدى ئۇنىڭ يۇزىدە.
كۆكتىكى قۇياشمۇ چېچىپ نۇرىنى،
تەبەسسۇم ئىلكىدە باقتى زېمىنگە.
ياڭرىتىپ توختىماي ئالقىشلىرىنى،
مەدھىيىلەر ياغدۇردى يامغۇر شەنىگە.
شائىر:نۇرانەم مامۇت |