گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 743|ئىنكاس: 2

رەڭلەنگەن دۇنيا(نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
341
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolwas2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-6 18:59  

رەڭلەنگەن دۇنيا

(نەسىر)

    ئالتۇن رەڭ- كۆزئالدىم خۇددى يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ ساپسېرىق ئالتۇندىن رەڭ ئالغاندەك. جىسمىنى ئوراپ تۇرغان ئاشۇ گۈزەل مەنزىرە،خۇددى رەسسام قولىدىكى ھەرخىل رەڭلەردىن بويىلىپ ماھىرلىق بىلەن سىزىپ چىققان،كىشى بىرقاراشى بىلەن كۆزقارچۇقلىرىنى قىش پەسلىدە مۇز بۇلغان سۈزۈك شارچىلاردەك قاتۇرغان،قەلىبلەرنى غايىۋىلىككە باشلىغۇچى بىر پارچە سۈرئەتتەك.
قەدىمىم ئاستىدىن كىلىۋاتقان بىرخىل يېقىملىق شىۋىرلاش،خۇددى مەيىن شاماللارنىڭ چاچلىرىمنى سىلاپ،يۈزلىرىمگە سۆيۈپ قويۇپ،قۇلاقلىرىمغا مۇڭلۇق شىۋىرلاشلىرىدەك.
قاچانلارغىچە شۇنداق بىزئىزىمدا سىزىمىمنى يوقىتىپ تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. پۇتلىرىم خۇددى شۇ جايغا مىخلىمنپ قىلغاندەك .تۇيۇقسىز قۇلۇقۇمغا  يېقىملىق شىۋىرلاش ئەمەس،بىرخىل ئېچىنىشلىق ئڭرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.ئىختىيارسىز ئەتراپىمغا قارىدىم .بۇ ئاۋاز زادى نەدىن كىلىۋاتىدۇ؟كۆزلىرىم توختىماي ئىزدەيىتتى. تۇيغۇمغا بۇ ئاۋاز خۇددى يەرنىڭ قات - قاتلىرىدىن ئاڭلانغاندەك بىلىندى.كۆزلىرىم دەرھال يەرگە يۆتكەلدى.قەدىمىم ئاستىمۇ ئاشۇ ئالتۇن رەڭ.مەن قەدىمىمىنى يۆتكىدىم،لېكىن يەنىلا شۇ ئېچىنىڭلىق ئىڭىراش...
ئالدىراپ ئالدىمغا يەنە نەچچە قەدەم يۆتكىلىپ كەتتىم.يەنە شۇنداق سادا كېلىۋاتىدىغۇ؟خۇددى ئوت يالقۇنى ئىچىدە كۆيىۋاتقاندەك.پۇتلىرىمىن جۈپلەپ جايىمدىلا تۇرۇپ كەتتىم.يەرگە قاراۋاتىمەن، نىمىلەرنىدۇ ئىزدەۋاتىمەن.بىر چاغلاردا ئىزدەپ-ئىزدەپ بىر جايدا قېتىپ قالغان كۆزقارچۇقلىرىم تۇمان پەردىلىرى ئىچىدە گۇڭگالىق ئەكىس ئېتىۋاتقان دەقىقىدە تۇيۇقسىز تارقالغان نۇردىن يۇغارغاندەك چاقناپ ئۆزىنى تاپتى.چۈنكى شۇ دەقىقىدە مەيىن شاماللارغا ئەگىشىپ كۆك قەدرىدىن تۆكىلىۋاتقان بىر تال يوپۇرماق قۇلىقىم تۈۋىدە توختاپ يىنىڭ شىۋىرلىماقتا ئىدى:«ھەي،ئىنسان! ھىسلىرىڭ ئىشىكىنى چىكىپ تۇيغۇلىرىڭ قۇينىغا شۇڭغۇپ باق! قۇلىقىڭنى يۈرىكىڭگە يېقىپ ئۇنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا قۇلاق سال!»
مەن قەلەپ قەسىرىمنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاستا ئېچىپ،دىلىم ئەينىكىگە يېقىن بېرىپ سىنچىلاپ قارىدىم. يۈرىكىمنىڭ مۇڭلىرىغا قۇلاق سالدىم.
«توۋا!»-دەپ ھەيرانلىق ئىلكىدە تىكىلىپ قارىدىم.تەبىئەت ئۆزقولى بىلەن ئالتۇن رەڭ بېرىپ گۈزەل بىرپارچە سۈپەتنى سىزىپ چىقىۋاتاتتى.زېمىن يۈزىنى سۈيۈپ چۈشىۋاتقان ئالتۇن ياپراقلار،سانسىز قەدەملەر ئاستىدا ۋاقىتسىز چەيلەنگەن خازانى بولغىنى ئۈچۈن ئىڭراپ ئېچىنىشلىق نىداقىلماقتا.قاراۋاتىمەن،كۆزئالدىم ،ئەتراپىم ھەممە يەر يەنىلا ساپسېرىق ئالتۇن رەڭ. ئاجايىپ بىر دۇنيا،ئۆزكىچە بىر تۇيغۇ،رەڭلەنگەن دۇنيا.
ئاپتۇر:نۇرانەم مامۇت
ۋاقتى: 2013-11-9 02:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز بۇ ئەسەرنى ، مەن بەك ئامراقتىم نەسىرى ئەسەرگە ، رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-11 19:34:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
☆DāТ吧☆ يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 02:11
بەك ياخشى يېزىپسىز بۇ ئەسەرنى ، مەن بەك ئامراقتىم نەسى ...

مىنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەخمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:06 , Processed in 0.192556 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش