گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 194|ئىنكاس: 0

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا يازغان خېتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

يوقلىما
51
تېما
64
قىزغىنلىق
1177
تىللا
1906
تۆھپە
1542
توردا
129 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 15:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم، ماڭا نېمىنى ئۆگىنىشنى ئەمەس، قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىتىڭ، قانداق تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىڭ. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۆلۈك يادلاشتىن خالىي بولۇپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئادىتى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى دۆشكەللىمەڭ، ساۋاقداشلىرىم مېنى يەكلىسە ياكى كۆزگە ئىلمىسا، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدىكەنمەن. سىز مېنى ئايرىم يەردە سەمىمىي تەنقىد قىلسىڭىز، مەن تەنقىدىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. ئارتۇقچىلىقىمنىمۇ كۆرۈڭ، مۇشۇ ئاساستا تۇرغۇزۇلغان ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى مېنى ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ھە دېسە مەن ياخشى قىلالمىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، مەن قىلغان ياخشى ئىشلارنىمۇ خاتىرىلەپ قويۇڭ. سىز مېنىڭ مەغلۇبىيىتىمنى ئەمەس، مۇۋەپپەقىيىتىمنى تەكىتلىگەن چاغدا مەن ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمەن.
خاتالىق سادىر قىلسام، ماڭا تەن جازاسى بەرمەڭ، شۇنداقلا كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەڭ. كۆڭلۈمگە ئازار بەرسىڭىز، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىپ، مېنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىسىز.
ماڭا ئىشىنىڭ ھەمدە ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ، بىر ئىشنى قايتا - قايتا تەكىتلەۋەرسىڭىز، ماڭا ئىشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، بۇ مېنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرۈشى مۇمكىن. ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىۋالسىڭىز، مەن ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالىمەن.
ھەممىگە بىر كۆزدە قاراڭ، سىز بەزى ئوقۇغۇچىلارنى نەزەرگە ئېلىپ، قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبارسىز قارىسىڭىز، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزىسىز.
سىز قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىڭ، چۈنكى مەن ياخشى بىر ئوقۇغۇچى بولۇشتىن ئاۋۋال ياخشى ئادەم بولۇشۇم كېرەك.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 06:40 , Processed in 0.124240 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش