گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1189|ئىنكاس: 4

«كانچى»دىگەن نام ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يوقلىما
74
    «كانچى»دىگەن نام ھەققىدە
ئاپتور-ئەبەيدۇللا ئىسلام
ئاساسى مەزمۇنى:باي ناھىيەسى تارىخى ئۇزۇن،قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختىن بۇيان  نۇغۇن ئۇرۇش يېغىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.شۇڭا بايدىكى يۇرت-ئايماقلارنىڭ ناملىرى خىلمۇ-خىل تارىخىي ۋەقەلىكلەرگە باغلىنىدۇ.بۇ ماقالىدا «كانچى» دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى  تارىخىي ئارقا كۆرىنىش، «كانچى» سۆزىنىڭ مەنىسى ،«كانچى»نىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىپ،تۇپرىقى مۇنبەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان بۇ جايغا  قانداق قىلىپ كان قازغۇچىلارنىڭ نامى بولغان «كانچى»دىگەن ئىسىمنىڭ قويۇلۇپ  قالغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇمەن .شۇنداقلا«كانچى»دىكى يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىنى قوشۇمچە قىلىدىم. ①
※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※
«كانچى»دىگەن نامنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن بۇ يېزىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.         
«كانچى»-شىنجاڭ باي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ،يېزىلىق ھۆكۈمەت جايلاشقان كەنىتنىڭ نامىمۇ  «كانچى كەنتى »دىيىلىدۇ. «كانچى»يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2800مېتىر كېلىدۇ. «كانچى» يېزىسى -شىمالدا باي ناھىيىسىگە قاراشلىق بۇلۇڭ ۋە ياتۇر يېزىسى بىلەن خوشنا،جەنۇپتا مۇزات دەرياسى ئارقىلىق ئومباش يېزىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ،شەرق تەرىپى توقسۇن يېزىسىغا،غەرىپ تەرىپى باي بازىرى ۋە مىچىغ يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. ھازىر يېزىدا جەمئى 3038 ئائىلە،14251نوپۇس بار(2009-يىلىدىكى سان)،يېزىنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 636.15كىۋادرات كېلومېتىر .
«كانچى»يېزىسى- باي ئۇيمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1200-1360مېتىر كېلىدۇ،يەر شەكلى بىرقەدەر تەكشى بولۇپ، مۇنبەت قۇمساڭغۇ تۇپراق ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. باي ناھىيىدىكى 5 چوڭ دەريادىن قاپسىلاڭ، تەلۋىچۈك ، مۇزات دەريالىرى بۇ يېزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا بۇ يېزىنىڭ سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول.
«كانچى»-ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ،كان قازغۇچى،كان كولاش بىلەن شۇغۇللانغۇچى دىگەن مەنىدە،شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدىغان ئىسىم.
بۇ جاي نىمىشقا «كانچى»دەپ ئاتىلىپ قالغان؟
باي ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ناھاياتى مول ياۋايى ھايۋانات ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بولغاندىن سىرىت، يەر ئاستىدا كۆمۈر،تۆمۈر،مىس  قاتارلىق مول كان بايلىقى ساقلانغان بولۇپ،ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى مۇشۇ يەردە ياشىغۇچى خەلق بۇ جاينىڭ كۆمۈرنى قېزىپ تۇرمۇشىغا يېقىلغۇ قىلغان بولسا  تۆمۈرچى،تۆمۈر-چۆيۈن ئەسۋاپلىرىنى قۇيغۇچى ۋە باشقا ھۈنەرۋەن - كاسىپلار ھەر خىل كان مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز  ئىگىلىكىگە خام ئىشيا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرتتا كانچىلىق بىر مەھەل تەرەققى قىلىپ گۈللىنىپ،بۇ يۇرتمۇ كانچىلار يۇرتى دىيىلىپ،خۇددى مۇز داۋان يولىنى ياسىغۇچىلار  داۋانچى دەپ ئاتالغاندەك،« كانچى» سۆزى يۇرتنىڭ ئىسىمىغا ئايلىنىپ، بارا-بارا مەھەللە زورىيىپ كەنىت بەرپا بولۇپ «كانچى» كەنتى دىيىلگەن.
بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئەينى ۋاقىتتا مېتال تۇرمۇش بۇيۇملىرى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شۇ يۇرتتىكى بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپلا قالماستىن يەنە ئابرويلۇق كىشىلەر سانىلاتتى.بۇنداق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالالمىغان بىچارە دېھقان-چارۋىچىلار  بايلاردىن ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتەتتى،ئىجارە ھەققىنى تۆلىيەلمىسە ئۇلارغا يىللىقچى بولاتتى.
بۇ كەنىت-ھازىرقى  يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق «كانچى»كەنتىنىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ،  يېزىمۇ شۇ كەنىتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ «كانچى يېزىسى»دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
      1946-يىلىدىن ئىلگىرى «كانچى»يېزىسى كۈيۋاغ ۋە قۇرۇيلۇق دەپ ئىككى باۋ ②غا ئايرىلغان بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا بۇ يېزا رەستە رايونى(1-رايون)غا تەۋە ئىدى؛1946-يىلىغا كەلگەندە تېنچلىق يېزىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان؛جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ ئىككى باۋ ئىككى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن؛1952-يىلى ياتۇر رايونى(2-رايون)نىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان؛1958-يىلى بۇ ئىككى يېزا ئايرىم-ئايرىم ئىككى باشقۇرۇش رايونى قىلىپ قۇرۇلغان. 1961-يىلى 10-ئايدا بۇ ئىككى باشقۇرۇش رايۇنى ياتۇر خەلق گوڭشېسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ «گۈلباغ خەلق گۇڭشېسى»(گۈلباغ خەلق كوممۇناسى) قۇرۇلغان.1978-يىلى يەر ناملىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا شايار ناھىيىسىنىڭ گۈلباغ گوڭشېسى بىلەن ئىسىمداش بولۇپ قالغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە شاياردىكى گۈلباغدىن كېيىن قويۇلغان ئىسىم بولغانلىقى سەۋەبىدىن،ئاپتونۇم رايوننىڭ «بىر رايوندا ئىككى گوڭشېنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ»دىگەن يوليۇرۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن،«گۈلباغ خەلق گوڭشېسى»- «كانچى خەلق گۇڭشېسى»غا ئۆزگەرتىلگەن،1984-يىلى10-ئايدا ھۆكۈمەت بىلەن كوپراتىپ ئايرىلغاندا،نامى «كانچى يېزىسى»غا ئۆزگەرتىلىپ، 24يىلدىن بۇيان شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
«كانچى»يېزىسى تەۋەلىكىدىكى نۇرغۇن ئايماق مەھەللىلەر ئۇزۇن يىللار مابەينىدە تۈرلۈك قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،بەزىلىرى تەدرىجى زورايدى؛بەزىلىرى كىچىكلەپ يوقىلىپ نامى ئۆچۈپ كېتىش ھالىتىدە تۇرماقتا، بۇ مەھەللىلەر تۆۋەندىكىچە:قۇرما(كەنت)،دۆڭكۈزلەك، ئارال(كەنت)،چىغانباغ،يېڭىيايلاق(يايلاقنامى)،كۈيباغ(كەنت)،شورلۇقمەھەللە،چۈجە(كەنت)،ئوسقۇي(كەنت)،سۈلگۈن(كەنت)،سەبدۈن(كەنت)،كانچى(كەنت)،پاقامەھەللە،گال(كەنت)،ئولپاڭ(كەنت)،غۇلاچمەھەللە،قۇرۇيلۇق(كەنت)،قوشقاتېمى(قوشقارتېمى)،دۆڭئېرىق،ئوي( كارىز دىگەن مەنىدە)، بېلىقچى(كەنت)،چوغتال(چارۋىچىلىق رايونى)،كېپەكجاي،سېرىقتاشقوتان(قوتان نامى) ،كانچىيايلاق(يايلاق نامى)،ئاقتاشيايلاق(يايلاق نامى)،تېرەكقوتان(قوتان نامى)،چىغلىق قوتان(قوتان نامى)، چوققا بۇلاق (قوتان نامى).
ئازاتلىقتىن كېيىن كانچىلىقلار بارا-بارا كانچىلىق كەسپىدىن كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا  يۈزلىنىپ ،پەن-تېخنىكا،مائارىپقا تايىنىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇردى.بۇ يەردىن نۇرغۇن ئىقتىساس ئىگىلىرى، مۇتەخەسىس  ئالىملار يېتىشىپ چىقتى.بۇ يېزا 1958-يىلى ھەر مۇ يەردىن ئېلىنىدىغان قىچا مەھسۇلاتىنى 350كىلوگىرامدىن،ياغ چىقىش نىسبىتىنى%33دىن %35گىچە يەتكۈزۈپ،  «سېرىق قىچا ماكانى»دىگەن شەرەپلىك نامغا  ئېرىشتى.
ھازىر «كانچى» ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇچقاندەك ئالغا بېسىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت،مائارىپ ، ئىقتىساد ۋە تۈرلۈك ئىشلار تېز تەرەققى قىلماقتا.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①«مۇزات دولقۇنلىرى»نىڭ2011-يىللىق 2-سانىدا«باي دىگەن نام ھەققىدە» سەرلەۋھىلىك ماقالەم ئېلان قىلىنغان ئىدى،باينىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ داۋامىنى كېيىنكى ساندا ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن.
②ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى تۈتۈنلۈك تۈزۈمى بولۇپ،ھازىرقى ئون ئائىلە بىر بىرلىك قىلىنغان تۈزۈمگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىنى كۆرسىتىدۇ.

پايدىلنىلغان ماتىرياللار:
1.باي ناھيىلىك پارتىكوم تەزكىرە كومىتېتى ئىشخانىسى تۈزۈپ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《باي ناھىيە تەزكىرىسى》(拜城县志).
2. 1990-يىلى 10-ئايدا ش ئۇ ئا ر گيولوگىيىلىك قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى باسما زاۋۇتىدا بېسىلغان خەنزۇچە «باي ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»拜城县地名图志.
3.شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن 2011-يىلى 3-ئايدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان «بايلىقلار قوللانمى»
拜城人手册.
------------------------------------------------------------------«مۇزات دولقۇنلىرى»2013-يىلى 1-ساندىن يوللاندى.
ۋاقتى: 2013-6-25 13:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مۇنداقكەندە،كانچىنىڭ يەنە بىر ئىسمى گۈلۋاغ دەپ ئاتىلىدۇ يەنە كىلىپ كانچى دىگەن ئاتالغۇ بەك ئاز ئىشلىتىلىپ گۈلۋاغ دىگەن ئاتالغۇ ئۇمۇملىشىپ كەتتى،مۇشۇ گۈلۋاغ دىگەن ئسىم قانداق نىمە سەۋەپتىن قۇيىلىپ قالغان بولغىيتى؟بىلىدىغانلار بارمۇ؟
ۋاقتى: 2013-6-26 01:06:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانچى      
ۋاقتى: 2013-7-18 02:37:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت  ..
ئۆزۈمنىڭ تۇغلۇپ ئۆسكەن يېزامنىڭ تارىخى بىلەن تېخمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم...
دىمىسمۇ ھازىر ھەممە كىشى كانچىنى گۇلۋاغ  دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ كەتتى.........
ۋاقتى: 2013-11-15 05:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ مۇشۇ يەدىن يەنى كىلىپ كانچى يېزا كانچى كەنىتتىن  رەخمەت سىز گە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 12:05 , Processed in 0.206956 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش