تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 5

چۈشۈڭمەن ئۇنتۇلغان سېنىڭ، ئېھتىمال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 10:30  


چۈشۈڭمەن ئۇنتۇلغان سېنىڭ، ئېھتىمال

         ئەنۋەر مۇھەممەد ئەرتۇغ

               كۆيەلىسەڭ

پەرۋانىلەر ياشار كۆيۈپ ئوت ئۈچۈن،
ھالاك بولار يالقۇنلارمۇ يامغۇردا.
كۆڭۈل سۆيگۈ كەۋسىرىگە تويمىسا،
تويار شەرتسىز قورساق دېگەن چامغۇردا.

ئۈنچە مارجان سائىتىدە ئۇ بىر تاش،
ھايات ھالسىز  ئېچىرقىغان دەقىقە.
«كۆڭۈل ياتقان يەردە زىنھار ئىت ياتماس»،
دېگەن گەپمۇ  بەزەن نىسپىي مەنتىقە.

«كۆيسە ئۆيۈڭ كۆكلەپ قالار كېيىنچە...»،
دېگەن گەپكە كەتمە بەكمۇ ئىشىنىپ.
قۇرۇپ قالما، شەمشات كەبى تۇرغىن تىك،
كەلكۈن كەلسە بوسۇغاڭغا  داپ چېلىپ.

ياشاش دېگەن دېمە  ئوڭاي، دىلبىرىم،
قىسمىتى بار دېمەك ئۇنىڭ  ھەر  تۈرلۈك،
ھەق  ئالدىدا  كۆيەلىگەن  ئاشىقلا،
تاپقۇسىدۇر ئەل قەلبىدە بۈيۈكلۈك!


  
             بەخت ئىزدەش

تۇخۇم  كۆمدۈڭ  تونۇرىغا  كىمنىڭكى؟
چىمىلدىقىڭ كىملەر ئۈچۈن راسلانغان؟
قارىچۇقۇمدا  قاتقان ئۆلۈم  جىلۋىسى،
بىر  چاياندۇر  ئايىقىمغا   تاشلانغان.

لۆمۈلدەيدۇ  سەنسىز   كۆڭۈل  كېپىنىم،
ئالقىنىڭغا  ئەنسىز   قاراپ  قويىمەن.
بىر  پىيازدۇر   قاناتقىنى   بېشىمنى،
كۆز  يېشىمدا  ئۇنى  پاكىز  سويىمەن.

تۇتۇپ باققۇم كېلەر يۇمشاق قولۇڭدىن،
سىيلاپ  باققۇم  كېلەر  قاردەك  تېنىڭنى.
بىر  قۇرۇتمەن  شىرىن  تىلى  كېسىلگەن،
نەگە كۆمدۈڭ مەندىن ئاياپ جېنىڭنى؟

تەلمۈرىمەن  مېھرى  ئىسسىق  كۆزۈڭگە،
مەپتۇنىمەن  شىرىن- شېكەر  سۆزۈڭنىڭ.
بىر مەھبۇسمەن قېچىپ ماڭغان كېچىدە،
قۇتۇلماقچۈن  چاڭگىلىدىن   ئۆزۈمنىڭ.



              مەست ئادەم

بىر مەست ئادەم غەزەللەر چوڭ كوچىدا،
جاھان تامام  ئاڭا  ئوڭچە  قالغاندەك.
ئۇشبۇ  كېچە  غەمدىن خالىي، شادىمان،
يارى  بىلەن  قولتۇقلىشىپ  ماڭغاندەك.

يۆتكىلىدۇ   قەدەمدە  بىر  گەۋدىسى،
ئاپئاق  قارلار  قونار  تاقىر   بېشىغا.
يوتقىنىدا   بۇدەم   قىرىق   قاراقچى،
يولىمايدۇ   زىنھار   ئۇنىڭ   قېشىغا.
      
چىڭقىلىدۇ   ئۈنى   يەتمەي   بەزىدە،
تىنىۋالار   داق   يەردىلا   ئولتۇرۇپ.
كەيىپلىكتە   سالاغا   بوش   تۇمىقى،
قالغان  بەلكىم  ئۇنى  مەڭگۈ  ئۇنتۇلۇپ.

ئېيتىلىدۇ   تەكرار   بىرلا   ناخشىسى،
قېلىن    قارلىق   دالىلارنى   تىترىتىپ.
كۈتمەكتىدۇر   ئۇنى   بايقۇش   ئايالى،
ئسسىق ئۆيدە چامغۇر توغراپ ئاش ئېتىپ.

ئىچكۈسى   بار   ئۇنىڭ   چوقۇم   يولدىلا،
چىلاشقۇدەك،  بىرەر   دەرتمەن   تېپىلسا،
بەلكىم   ئۇمۇ   مەدەنىي   بىر   جاناپتۇر،
پەلتۇسىنىڭ   يېڭى   تولۇق   سېپىلسا...
   
*            *             *              *
بىر مەست ئادەم ناخشا ئېيتار توختىماي،
ئۆيى  چوقۇم   بىزنىڭ   مۇشۇ   كوچىدا.
ئۆگزىسى كۆك- بۇلۇتلارغا    تاقاشقان،
بوسۇغىسى   دەرەخلەرنىڭ   ئۇچىدا.


   
             سەن ۋە مەن

تەشۋىشلەر  كۆكىدە  يېلىنجار  تەنلەر،
قۇياشسەن، رەڭلىنەر سېھرىڭدە ئالەم.
گۈل بولۇپ  كۆرۈنەر  بارچە  تىكەنلەر،
تەنھالىق  چۆلىدە  پارلىساڭ  لالەم.
     
كىرىشنى ئىستەيمەن باغرىڭغا چوڭقۇر،
ئەمەستۇر ۋە قايتىپ چىقمىقىم مەقسەت.
يېرىلغان  ئاناردۇر  سەندىكى  غۇرۇر،
ئەمەستۇر  ھەرگىزمۇ  ئۇ  ساقتا شۆھرەت.

تۇزىغان گۈل بەرگى سۆزلەيدۇ كەچمىش،
كىم  دەيدۇ  ئالماشماس باھار ۋە قىشنى،
بۇ بەلكىم  تۇرمۇشتا يۈز بەرمىگەن ئىش،
دىگۈملا  كېلىدۇ   ساڭا   شۇ  ئىشنى.
   
ئۇ بەلكىم  يېقىندا يۈز بەرگەن  بىر ئىش،
چۈشۈڭمەن  ئۇنتۇلغان  سېنىڭ  ئېھتىمال،
سەندۇرسەن قار قېلىن ياققان ئەشۇ قىش،
باغرىمغا تاشلىنىپ تىترىگەن غال-غال
.


«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2013-8-12 00:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇھرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-12 00:38  

بۇ شېئىرلار بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇلۇپمۇ ‹سەن ۋە مەن›دىگەن شېئىر ماڭا بەك ياقتى ،قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي !مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرۇڭ.
ۋاقتى: 2013-8-12 11:11:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-12 11:14  

  ئەرتۇغ ئۇستازنىڭ تىل ئىپادىلەش سەنئىتىگە مەن ھەقىقەتەن قايىل.
شئېرڭىزنىڭ ماۋزۇسى شىېرڭىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچنى تېخمۇ ئاشۇردىكەن..  ھەممە شىئېرڭىزغا دېققەت قىلىپ باقتىم، ھەممىسدە بىر خىل گۇڭگا تەسۋىرلەر بار  .ھېلمۇ ئېسىمدە  ‹‹تامنىڭ ئۇ تەرپى›› دېگەن شىئېرڭىزنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىققىنىم.  ئۆزۈم ياخشى يازالمىساممۇ شىئېرغا بولغان ئىشتىياقىم كۈچلۈك.مۇنبەردىكى سىزنىڭ شىئېرلىرڭىز مىنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلدۇ...
ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-13 00:04:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىم بىلەن سىردىشالىغان ھەرقايسىڭلارغا سەمىمىي تەشەككۈر! سىلەرنىڭ مەدىتىڭلاردىن مۇنبەرگە يەنە شېئىر يوللىغىم كېلىۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2013-8-14 10:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھازىر ئۇقۇپ چىقتىم يۇقارقى شېئىرلارنى ، مەزمۇنى بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ . مىنىڭ ئويلىغانلىرىمىنى ئۈستىدە ئالىيە ھەممىنى يېزىپتۇ . ئىجادىيتىڭىز توختاپ قالمىغاي - !
ۋاقتى: 2013-10-8 11:42:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىز بەكلا ياخشى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ«كۆيەلىسەڭ» دېگەن شېئىرىڭىز مېنى بەك ھاياجانغا سالدى. قەلىمىڭزگە ئاپىرىن، مۇشۇنداق ياخشى شېئىرلاردىن بىزنى بەھىرلەندۈرگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر، ھارمىغايسىز ئۇستاز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-11 06:25 , Processed in 0.201256 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش