تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1771|ئىنكاس: 5

«ئېشەك قېتىقى» ھەققىدە رىۋايەت (قىسسە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    «ئېشەك قېتىقى» ھەققىدە رىۋايەت

                                    (قىسسە)

                                 توختى گايىت

                                   -1-   
ئايا دوستلار بۇ ئانا يۇرت نامىدۇر سايرام،
ئېشەك قېتىقى ئىچكەن خەق دەپ ئالغاندۇر بىر نام.

نەچۈن شۇنداق دەپ ئاتالدۇق قايسى چاغ- بىر ۋاق،
سۆزلەپ بېرەي بىلىۋېلىڭ، سېلىڭ سىز قۇلاق:

                      -2-
ئىچمىگەنتۇق ئەزەلدىن بىز ئېشەك قېتىقى،
ئەمما مىراس بولدى ئەلگە لەقەم چېتىقى.

بىر زامانلار ياقۇپ بەگ دەپ يات ئەللىك كەلگەن،
ئاتلاپ تاغنى، قېزىپ دەشتنى-يۇرتۇمنى كەزگەن.

قىلغان لەشكەر، چېرىكلىرى يۇرتنى مالىمان،
تېنچ قويمىغان ھەتتا خەلقىم-سايرامنى ئامان.

يۇرت-يۇرتلاردا يۈرگەن يايراپ يايى-پايلاقچى،
قىلمىشلىرى بۇلاڭ-تالاڭ، سۇخەن-ماراقچى.

سالغان ئۇلار پۇقرالارغا ئېغىر سېلىقنى،
چىقارغانكەن نەپسى بالا ھەر خىل قىلىقنى.

ئاز كەلگەندەك بۇ دەرتلەرگە بولۇپ تەخسىكەش،
بولۇشقانكەن ئېغىز يالاپ يەرلىك نى پەسكەش.

قالمىغاچقا بۇ دەرتلەرنىڭ دەستىدىن ھالى،
ئېيتىشىپتۇ ياقۇپ بەككە پۇقرا دەپ: «ئارى!».

تىڭشىماققا شىكايەتنى كەلگۈچە ئۇل «زات»،
ئەلگە كەپتۇ دەرت-ئەلەملەر يەنە قاتمۇ-قات...

ئەقىل تېپت قېتىقچى تۇل زەينەپخان موماي،
كۈن چۈشكەندە ئەل بېشىغا تېڭىرقاپ تۇرماي.

بىر كۈن موماي نەۋرىسىگە شۇنداق گەپ دەپتۇ:
ـ چېرىك قېتىق دېسە بالام، گېپىڭ ئەپلەپ تۇر،

سۈت ساققان بوپ چىقاي سىرتقا، شۇئان سەن توۋلا،
«تەخەي ئەمدى ئىشەكنى» دە، ئاڭلىغاي ئۇلار.

چاندۇرمىغىن قالمىش ئىشنى قويۇپ بەر ماڭا،
جوھۇتلارنىڭ تاماشاسىن كۆرسىتەي ساڭا.

                    -3-
قېتىقخۇمار چېرىكلەر كەپ دەپتۇ ھەم شۇئان:
-بىزگە قېتىق كەلتۈرگىن تېز، قايماق بىلەن نان!

زەينەپ موماي چاندۇرماستىن داستىخان ساپتۇ،
«مېھمانلار» نىڭ دېگىنىچە نېمەت راسلاپتۇ.

بولماي رازى بۇ ئاچكۆزلەر مومايغا دەرھال:
-تويغۇدەك بەر-دەپتۇ،يەنە- قېتىقىڭنى ئال!

-ماقۇل،- دەپ يول ئاپتۇ موماي ئىشىككە قاراپ،
ئېغىز تامشىپ قاپتۇ ياۋلار تاۋاقنى يالاپ.

بىرئازدىن كېيىن توۋلىغۇدەك  تالادا بالا:
-ئاچكۆز تەخەي ئېمىۋاپتۇ ئېشەكنى، ئانا!

مېھمانلارغا ئەمدى قېتىق تاپىمىز نەدىن؟
كۆتىرەلمەي قالۇر بولدۇق بۇ باشنى يەردىن.
  
ئاڭلاپ چېرىك يىگىنىنى قۇسۇپ-ھۈرۈپتۇ،
دەرھال چىقىپ تالاغا، بىر مەنزىرە كۆرۈپتۇ:

موماي سېغىپ ئولتۇرغىدەك ئېشەكنى تۇتۇپ،
چۇقان-سۈرەن سېلىپتۇ ياۋ قەھرى-قان يۇتۇپ.

ئۇرۇپ-دەسسەپ قېتىقچىنى يەرلەرگە ئېتىپ،
كېتىپتۇ ياۋ قېتىق-قايماق قاچىنى چېقىپ.

نەۋرىسىنىڭ يىغلىشىغا جاۋابەن ئانا،
دەپتۇ:-خويما قۇتۇلدۇق بىز نېجىستىن مانا.

بولدى قىلماي كېلىپ موماي قىلىپتۇ دەۋا،
دات-پەريات دەپ كۆتۈرۈپتۇ يامۇلدا غەۋغا.

ئاڭلاپ بۇنى كەپتۇ ئاۋام تۇشمۇيۇ-تۇشتىن،
ياقۇپ بەگمۇ تەدبىر قىپتۇ ئەنسىرەپ ئىشتىن:

-قېتىق ئىچكەن چېرىكنى تاپ تۇنىساڭ موماي،
ئۆلۈم بىرەي ئاڭا دەرھال، قارنىنى ياراي.

گەر چىرىكنىڭ قۇرسىغىدىن قېتىق چىقمىسا ،
نەسلىڭ قۇرار ھەم قىلىمەن جانىڭدىن جۇدا.

ـ ماقۇل،ـ دەپتۇ موماي ئاڭا كەسكىنلىك بىلەن:
ـ گېپىڭ راستمۇ ياقۇپ؟ مەنمۇ دېگىنىم-دېگەن.
  
بەدۆلەتخان چېرىكلەرنى ئەكىپتۇ تىزىپ،
تونۇپ موماي تۆت چېرىكنىڭ مەيدىسىن سىزىپ.

چېپىلغانكەن ئۇل چېرىكلەر قارنى چۇۋۇلۇپ،
چىقىپتۇ خۇن بىلەن قۇشۇپ قېتىق ئۇيۇلۇپ.

بۇنى كۆرگەن ياقۇپ بەگمۇ تۇرۇپتۇ بىر پەس،
شۇ تۈپەيلى «كاتتا بەگ » نى بېسىپتۇ بىر نەس.

جاكارلاپتۇ ئامالسىز ئۇ ئەلگە بىر پەرمان:
-بىكار بولغاي غەللە-پاراق ئۈچ يىللىق تامان!

زەينەپ موماي سەندىن ئەپۇ-كەچۈرگىن مېنى،
تېنچ  ئۆتكەي ئەھلى سايرام تۈگىسۇن غېمى.

                    -4-
زەپەر قۇچتى شۇندىن سايرام كۆڭلى شاد بولدى،
كەتتى چېرىك، ياقۇپ بەگمۇ راسا مات بولدى.

ئول چېرىكلەر روھى چۈشكۈن ئەنجان يول ئالدى،
رەسۋالىقنى سۆزلەپ مۇنداق ئېغىزى تالدى:

-توۋا دەيمەن ھايۋانلارنىڭ يامىنى ھاراملىق،
ئادەملەرنىڭ يامىنىكەن چېچەن سايراملىق.

ئېشەك سېغىپ ئەنجانلىقنى بۇزدى سايراملىق،
ئەقلىمىزنى بۇلغىۋەتتى ئېشەك ھاراملىق.

يامان ئىكەن سايراملىقنىڭ سوغا-سېتىقى،
ئىچەر ئىكەن بۇ سايراملىق ئېشەك قېتىقى.

                     -5-         
دېمەك ئاتماي بىر پاي ئوقنى، چاپماي قېلىچنى،
ئالدى سايرام ياقۇپ بەگدىن ئەلگە تېنىچنى.

ئەقىل بولغاچ سايراملىقتا يەڭدى ئۇرۇشتا،
بولدى ئاساس بۈگۈنكىدەك تېنچ تۇرۇشتا.

                    -6-
زەينەپ موماي شۇندىن بېرى بولدى قەھرىمان،
تۇرغاچ قەيسەر، پاراسەتتە ئۈستۈن ئۇ ھامان.

ئەۋلاتلارغا بۇ ئانىكام بولۇپ ئابىدە،
تا بۈگۈنگە ياشاپ كەلدى ئەلنىڭ قەلبىدە.

بىلگەنسىلەر زەينەپ موماي ھەرگىز تۇل ئەمەس،
ئىپتىخارى، ئەھلى سايرام پەخرىدۇر پەۋەس.

                    -7-  
قالمىغايكى قەسىدەمدىن ئېشەكنىڭ ئىشى،
ئۇرمىغاي تىل ماڭا بۇنى كۆرگەن ھەر كىشى.

بەرمىسىمۇ بۇ ئېشەك گەر قېتىق-قايماقنى،
قىلدى خىزمەت تىنجىتىشتا يۇرتنى-ئايماقنى.

ئۆزى ھارام، ئىشى ھالال ئەسلى شۇل ئېشەك،
ئەل ئىشىدا تولۇق ھالال بولدى-«كۆك ئېنەك».

ساقىت قىلماي نەزەرىدىن شۇڭا ئۇنى ئەل،
شۆھرىتىگە بەردى لايىق زەر-ئالتۇندىن ھەل.

شۇندىن بېرى دېمەس خەلقىم ئېشەكنى چاكار،
قەدىرلىدى تا بۈگۈنگە ساناپ تۆھپىكار.

چىقتى تەڭلا زەينەپ موماي بىلەن مۇنبەرگە،
ئاستى تارىخ مىدال ئاڭا، جاكارلاپ ئەلگە.

                    -8-
-ئاتالمىغان ئەردىن ياخشى، ئاتالغان دۆڭلەر،
دېگەن بوۋام،- لەقەملىكتۇر ئەرلەر ھەم يەرلەر.
  
دەيدۇ بىزنى شۇڭا ھەممە سايراملىق قېتىق،
پەخىرلەنگىن بۇ «قېتىق» قا ھەممىمىز چېتىق!...


ئىزاھات

پايدىلانغان مەنبەلەر: «ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمەھالى»،«تارىخىي ھەمىدى»، «قەشقەرىيە» ناملىق كىتاپلار ۋە «باي تارىخ ماتىرياللىرى» نىڭ 5-قىسمىغا بېرىلگەن كەنجى ھىدايىنىڭ «سايرام خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسەت بىلەن چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىشى» ناملىق ماقالا.
   (ئاپتۇر: باي ناھىيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)


«مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2013-6-10 22:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەزمۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-10 22:54  

بۇرىۋايەتنى ئۇقۇپ نىمە ئۈچۈن ئىشەك قېتىقى ئۇيۇتقان سايراملىق دىگەننىڭ مەنىسىنى  چۈشەندىم .
ۋاقتى: 2013-6-11 20:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىخى رىۋايەتنى ئوقۇپ ئەمدى چۈشەندىم  سايرام قېتىقىنى .
ۋاقتى: 2013-6-13 13:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايرامنىڭ   داڭلىق قېتىقى  ئاپتۇنۇم رايۇنغا داڭلق
ۋاقتى: 2013-9-1 19:39:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ موماي نىمە دېگەن ئەقىللىق ھە !!!!
ۋاقتى: 2014-2-26 23:35:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىللار زاڭلىق قىلماڭلار!!!!!!! ئەمدى بىز سايراملىقنى!!!!!..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-11 07:21 , Processed in 0.239770 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش