گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2266 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1296|ئىنكاس: 8

ھاشىم روزى بىلىگيار-گۈلشەن دىيارىمىزدىكى بەزى يەر ناملىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈلشەن دىيارىمىزدىكى بەزى يەر ناملىرى ھەققىدە
ھاشىم روزى بىلىگيار
يەر ناملىرى ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، شۇنداقلا تارىخ، جۇغراپىيە، ئېتمولوگىيە پەنلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. بەزى يەر ناملىرى شۇ جاينىڭ يەرلىك ئاھالىسىدىن دېرەك بېرىدۇ، بەزى يەر ناملىرى شۇ جايدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت ئىزلىرى ۋە ئېتنىك تەركىبلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزى يەر ناملىرى تارىخىي ۋەقە، ھادىسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ، بەزى يەر ناملىرى خارابە ئىزلىرىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا يەر ناملىرىغا بېرىلگەن تەبىرلەر تارىخنىڭ چىنلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش-بېرەلمەسلىككە، شۇ يۇرت ئەھلىنى قايىل قىلىش- قىلالماسلىققا تاقىلىدۇ. مەن تۆۋەندە  بىر قىسىم يەر ناملىرى ۋە ئۇنىڭ ئېتمولوگىيەسى توغرىسىدىكى قىسقىچە بايانىم ئارقىلىق، بۇ جەھەتتە ئىزدەنگۈچىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
    بىرىنچى، باي ناھىيەسىنىڭ تارىختىكى ناملىرىنىڭ بايانى
1. ئۇچار قۇشلار ماكانى ((鸟窝 ــ قەدىمكى دەۋردە يۇرتىمىز باي ناھىيەسىدىكى بەش چوڭ دەريانىڭ سۇلىرى چۆلتاغقا (بىستۇن تېغىغا) توسۇلۇپ ئاقالمايدىكەن. شۇڭا كىشىلەر بۇ يەرنى «كەپلەش» دەپ ئاتىغانىكەن. تاشقىن سۇلاردىن ھاسىل بولغان يارداڭ جىلغىلاردا، ئېرىق- ئۆستەڭ، كۆلللەردە، تەبئىي بوستانلىقلاردا رەڭمۇ-رەڭ قۇشلار، ئەتىۋارلىق قۇشلار، پەسىل قۇشلىرى، دائىملىق قۇشلار توپ-توپ ماكانلاشقان ئىكەن، قۇشلارنىڭ تۈرى، سانى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، بۇنى كۆرگەن سەيياھلار يۇرتىمىزنى «ئۇچار قۇشلار ماكانى» ئىكەن دەپ ئاتىشىپتۇ.
2. بارمان شەھىرى (巴尔马尼城) ـــ بارمان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردىن مىلادىيە 2-ئەسىرگىچە دەۋر سۈرگەن تۇران خانلىقىنىڭ 3-خاقانى ئافراسىياپنىڭ ئوغلى، يەنى تۇران خانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان 4-كىشى بولۇشى مۇمكىن، بەزى تەتقىقاتچىلار «بارمان شەھىرى» باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن يېزا «كونا شەھەر كەنتى» دە قۇرۇلغان، دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا. سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ پىشىۋاسى، جۇغراپىيون مەھمۇد كاشىفەرى «دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ناملىق ئەسىرىنىڭ 963-بېتىدە: «بارمان (يۇڭۇ yungu) دەرياسىنىڭ بويىغا شەھەر قۇرغان بولۇپ، شەھەر شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان» دەپ يازغان. بىز تۇران خانلىقىنىڭ 4-خاقانىغىچە ھەر بىر خاقان 35 يىل دەۋر سۈرگەن دەپ ھېسابلىساق، ئۇ ھالدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىرنىڭ 6-يىلى باي ناھىيەسىدە «بارمان شەھىرى» قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، باي ناھىيەسىنىڭ قەدىمكى دەۋردە راستىنلا «يۇڭۇ دەرياسى» دېگەن دەريا بولغانمۇ؟ راستىنلا «بارمان شەھىرى» قۇرۇلغانمۇ دېگەن مەسىلىنى قايتا مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. ئارىيانلار شەھىرى (阿悉言城) ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1500-2000-يىللار ئارىلىقىدا ئارىيانلار سىبېرىيەدىن ئالتاي تاغلىرىنى كېزىپ، جەنۇبقا قاراپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەركىزىي ئاسىياغا يۈرۈش قىلغاندا بىر قىسىم ئارىيانلار باي ناھىيەسىگە كېلىپ شەھەر قۇرغان. بۇ شەھەر ئارىيانلار قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن «ئارىيانلار شەھىرى» دەپ ئاتالغان. باي بازىرى شەھەر مەركىزى بولغان.
4. باي شەھىرى (拜城) ــــ بۇ شەھەرنىڭ «باي» دېگەن نامىنى ئۇيغۇر  قاغانى كۈلبىلگە باينى ئىگەللىگەندە ھەدىيە قىلغانلىقى توغرىسىدا يازما مەلۇمات بار. ئەمما، بۇ نام قاچان ھەدىيە قىلىنغان؟ بۇنىڭ ئېتمولوگىيەسى نېمە؟ مىلادىيە 745-يىلى ئۇيغۇر قاغانى كۈلبىلگە قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولغان باسمىل قاغانلىقىنى يوقاتتى، ئارقىدىن بايمەي قاغاننى يوقىتىپ، كۆك تۈرك قاغانلىقىغا خاتىمە بەردى. بۇ توققۇز ئوغۇز قاغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا كۈلبىلگە قاغان مىلادىيە 745-يىلى باينى ئىگىلىگەن، ھەم «باي» دېگەن نامنى ھەدىيە قىلغان. «باي» دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيەسىگە كەلسەك، «باي» دېگەن سۆز ساپ ئۇيغۇر تىلى بۇلۇپ، ئۇ ھەر خىل بايلىققا تولغان دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. «باي» نىڭ تارىختا يەنە «باي يىغاچ»  دېگەن نامىمۇ بار②. «يىغاچ» دېگەن سۆز تۈرك تىلى بولۇپ «دەرەخلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ③. ئىككى سۆز بىرىكىپ « باي دەرەخلىق» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
5. باي ناھىيەسى (拜城县) ـــ باي ناھىيەسى گۇاڭشۈنىڭ 8-يىلى يەنى 1882-يىلى 7-ئايدا «باي شەھىرى» بىلەن «سايرام شەھىرى» بىرلەشتۈرۈلۈپ، «باي ناھىيەسى»تەسىس قىلىنغان.
        ئىككىنچى، «كېلىن تاش قەبرىسى» نىڭ بايانى
6. «كېلىن تاش» ـــ باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك ئارشىڭىغا يېقىن جايدا «كېلىن تاش» ناملىق بىر قەبرە تاش بولۇپ، بۇ بۆشۈكتە ياتقان بوۋاقنى ئېمىتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ تاش ھەيكىلى ئىكەن. بۇ كېلىن تاش قەبرىسى زادى كىمنىڭ؟ رىۋايەت قىلىنىشچە: ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىرى ئاسىپ ئىبنى بورخىيا ۋە ئۇنىڭ قىزى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئاغىچىسى) لاقىس قاتارلىقلار دۇنيا يۈزىنى سەيلە-تاماشا قىلىپ، باي ناھىيەسىنىڭ قارلىق تاغ ئېتىكىگە كەلگەندە، لاقىس تېرەك ئارشىڭىغا يېقىن جايدا تۇغۇتىدا ۋاپات بوپتۇ، جەسىتىنى شۇ يەرگە دەپنە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن شۇ «كېلىن تاش قەبرىسى» نى ياسىتىپتۇ.
     ئۈچىنچى، ھىجرىيەنىڭ 30-يىلى (مىلادىيە 651-يىلى)  قويۇلغان بەزى يەر ناملىرىنىڭ بايانى
ھىجرىيەنىڭ 30-يىلى (مىلادىيە 651-يىلى) ئاقسۇنىڭ سۇلتانى قىرمىش ئاتا (تۆۋەندە سۇلتانى قىرمىش دېيىلىدۇ) ئۆز خەلقىنى، ئۆز يۇرتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆت ئايلىق جەڭ سەپىرىدە شېھىت بولغان ساھابىلىرى دەپنە قىلىنغان جايغا نام بېرىپ مېڭىپتۇ.
7. چوڭ ئارپا ــ سۇلتانى قىرمىش جەڭ قىلىپ باي ناھىيەسىنىڭ قارلىق تاغ ئېتىكىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئات-تۆگە يەم-بوغۇز باشلىقى 103 ياشلىق خوجا ئابدۇللا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندە نامىزىنى چۈشۈرۈپ شۇ جايدىلا دەپنە قىلىپتۇ. بۇ يەرگە «سۇلتانى ئارپىچى» يەنى «چوڭ ئارپا» دەپ نام بېرىپتۇ.
8. كىچىك ئارپا ـــ سۇلتانى ئارپىچىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئارپىچىنىڭ ياردەمچىسىمۇ (ئۆلۈم سەۋەبى نائېنىق) ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. سۇلتانى قىرمىش لەشكەرلىرى بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ شۇ جايدىلا دەپنە قىلىپتۇ. ئۇ يەگە «كىچىك ئارپا» دەپ نام بېرىپتۇ.
9. جانباز ئاتا مازىرى ـــ ماھى جامادىيەل ئاخىرىنىڭ ئون تۆتىنچى (چارشەنبە) كۈنىسى جۈمە ۋاقتى بىلەن سۇلتانى قىرمىشنىڭ جانبازى ئابدۇللا جانباز ئوق تېگىپ ئىككى كەم قىرىق ياشتا ۋاپات بولۇپتۇ. سۇلتانى قىرمىش لەشكەرلىرى بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ تاغ تۆپىسىدىكى غارغا گۆر قېزىپ دەپنە قىلىپتۇ. مازىرىغا «جانباز ئاتا مازىرى» دەپ نام بېرىپتۇ. ئۇنداقتا بۇ غار مازار زادى نەدە؟ بۇ ھېكايە باي ناھىيەسىنىڭ ئىگىرىكى يىللاردىكى خېمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ غەربىي شىمالىدا 2011-يىلىغىچە ئەينەن تۇرغان «تۆگە تاش ھەيكىلى» دىن باشلىنىپ، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تاغدىكى تورۇستىن «ياش تامچىلايدىغان غار» غا كەلگەندە ئاخىرلىشىدۇ. ئاپتۇر بۇ غارنى «جانباز ئاتا مازىرى» شۇ، دەپ قارايدۇ.
10. قاراسۇ كەنت «يەتتە سۇلتانلىرىم قەبرىسى» ـــ سۇلتانى قىرمىشنىڭ لەشكەرلىرى باي دىيارىدا جەڭ قىلىۋاتقاندا ھەزرىتى ئابدۇلۋاھاب باشلىق شەككىز سەركەردە شېھىت بولۇپتۇ. ئۇلارنى شېھىت بولغان جايلىرىغا قازما گۆر تەييارلاپ دەپنە قىپتۇ. ئۇ جايغا «قازغان» دەپ نام بېرىپتۇ. جەڭ ئاخىرلاشقاندا ئۇلار ئۈچۈن ياسىغان قەبرە قاراسۇ «يەتتە سۇلتانلىرىم قەبرىسى» دەپ ئاتىلىپتۇ. «بىلىگيار» نىڭ قەلەم ئىزلىرى مۇشۇ قۇرلارغا كەلگەندە، باي ناھىيە ياتۇر يېزىسىدىكى «گۈلئاتا مازىرى» نى شۇ قېتىملىق جەڭدە ئالەمدىن ئۆتكەن سەككىز شېھىتنىڭ قاتارىغا تىزىپتۇ. كېيىن يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن «قازغان» دېگەن نام پەقەت بىر كەنتنىڭ نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قاپتۇ.
   تۆتىنچى، يەر ناملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىدىن   بايان
يەر ناملىرنى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلش ئۇسۇلى ـــ ئۇيغۇر تىل–  يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك ئاھاڭىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلىش، ئەسلىدىكى تولۇق نامنى ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىش، يەر ناملىرىنى يازغاندا ۋارىيانتلىنىپ كەتمەسلىك، خەنزۇچىسىنى يازغاندا تاق ئاھاڭلىق، ئىجابىي مەنىلىك خەت ئىشلىتىش، ھەم ئۇنىڭ پىنيىنى ئارقىلىق ترانسىكرىپسىيەلەپ يېزىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە مەن يۇقىرىدىكى ئۇسسۇلغا خىلاپ تەرجىمە قىلىنغان بىر قانچە يەر ناملىرى بىلەن، ئۇنىڭ توغرا تەرجىمىسىنى سېلشتۇرما سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتىمەن:
11.老虎台乡 (Lao Hu Tai Xiang)
باي ناھىيەسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ، مۇڭغۇلچە 瑙胡特 (ئىت كۆپ جاي) دېگەن نامدىن ۋارىيانتلانغان. ئەسلىدىن بۇ يەر ئۇيغۇرچە «قاراباغ» دەپ توغرا ئاتالغان، ۋە شۇنداق يېزىلغان بولسىمۇ، بەزى ئۇيغۇرچە يازمىلاردا «قارىۋاغ» دەپ خاتا يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنى يەنىلا «قاراباغ» دەپ تۈزىتىش لازىم.
12.察尔齐镇(Cha Er Qi Zhen)
باي ناھىيەسىدىكى يېزا دەرىجىلىك بازارنىڭ نامى بولۇپ، موڭغۇلچە ‹察尔齐 (كالا باققۇچى) دېگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلىدىن بۇ يەر ‹ياقائېرىق› دەپ توغرا ئاتالغان، ۋە شۇنداق يېزىلغان بولسىمۇ، بەزى ئۇيغۇرچە يازمىلاردا «ياقېرىق» دەپ خاتا يېزىلىۋاتىدۇ، بۇنى يەنىلا «ياقائېرىق» دەپ تۈزىتىش كېرەك.
13.柯音乡 (Keyin Xiang)
بۇ «قېيىن يېزىسى» دېگەن نام باي ناھىيەسىنىڭ ھازىرقى 黑英山乡 (قېيىر يېزىسى) نىڭ ئەسلىدىكى ئاتىلىشى ئىدى. 黑英山 نىڭ ‹قارا باتۇر تېغى› دېگەن سەلبى مەنىسى بولغاچقا، 黑英山乡 نى «柯音乡» دەپ، ئۇيغۇرچىسىنى « قېيىن يېزىسى»  دەپ تۈزىتىش لازىم.
14. (Chu Mu Ke Cun) 楚木克村
باي ناھىيەسىدىكى بىر كەنتنىڭ نامى بولۇپ، ئۇيغۇرچىسى « چۇمۇق » دەپ ئاتىلاتتى (بىر خىل قۇشنىڭ ئوغۇزچە ئاتىلىشى). ھازىر بۇ كەنتنىڭ خەنزۇچە نامى 乔木喀村دەپ، ئۇيغۇرچە نامى «چۇمۇكا كەنتى» دەپ خاتا ئېلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ كەنتنىڭ خەنزۇچە نامى楚木克村، ئۇيغۇرچە نامى « چۇمۇق كەنتى» دەپ تۈزىتىلىشى كېرەك.
15.Yin Qi Ke Te Re Ke Mei Kuang)英其克特热克煤矿
بۇ باي ناھىيەسىدىكى «ئىنچىكە تېرەك كۆمۈركانى» بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا بۇ كۆمۈركانىنىڭ نامىنىڭ خەنزۇچىسى 音西煤矿 دەپ ئۆزگەرتىۋېتىلگەچكە، ئۇيغۇرچىسىمۇ «يىنشى كۆمۈر كانى» دەپ خاتا ئېلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ كۆمۈركان نامىنىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىسىنى ئەسلىدىكى تولۇق نامى بويىچە ئېلىش زۆرۈر.
بىز يۇقىرىقى بايانلاردىن يەر ناملىرى ۋە يەر ناملىرى تەرجىمىچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنەلەيمىز. يەر ناملىرى ۋە يەر ناملىرى تەرجىمىچىلىكىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. يەر ناملىرىدىن يۇرتىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئاھالىسى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئېتنىك مەنبەئىمىزنى بىلەلەيمىز. جۈملىدىن، يەر ناملىرى جەھەتتىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولالايمىز.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھات ۋە پايدىلانمىلار
1. ئۇچار قۇشلار ماكانى ـــ بۇ نام خەلق ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بايان قىلىندى.
2. بارمان شەھىرى ــ ①ئۇيغۇرچە «دىۋان ۇلۇغاتت تۈرك» شېنجىن: 2012-يىلى نەشرى 963-بەت؛ ②ئۇيغۇرچە «غۇرۇرنامە» بېيجىڭ: 2011-يىلى 1-نەشرى 2-بەت.
3. ئارىيانلار شەھىرى ــ ئۇيغۇرچە «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» ئۈرۈمچى: 2002-يىلى 1-نەشرى 160-بەت.
4. باي شەھىرى ـــ ①ئۇيغۇرچە «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ئۈرۈمچى: 2002-يىلى 1-نەشرى 543-بەت.
②ئۇيغۇرچە «دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك» شېنجىن: 2012-يىلى 1-ئاي نەشرى 807-بەت.
③« قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى » ئۈرۈمچى: 1989- يىلى نەشرى 543- بەت.
5. باي ناھىيىسى ــ خەنزۇچە «باي ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» ئۈرۈمچى: 1990-يىلى نەشرى 2-بەت.
6. كېلىنتاش قەبرىسى ـــ ئۇيغۇرچە «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى» ئاقسۇ: 1986-يىلى نەشرى 108-بەت، ۋە رئېاللىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى.
7. چوڭ ئارپا ـــ ئۇيغۇرچە «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى» ئاقسۇ: 1986-يىلى نەشرى 117-بەت.
8. كىچىك ئارپا ــ بۇ نام خەلق ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بايان قىلىندى.
9. جانباز ئاتا مازىرى ــ ئۇيغۇرچە «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى» ئاقسۇ: 1986-يىلى نەشرى 118-، 119-بەت، ۋە خەلق ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەتلەرگە بىرلەشتۈرۈلدى.
10. قاراسۇ يەتتە سۇلتانلىرىم قەۋرىسى ــ ئۇيغۇرچە «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى» ئاقسۇ: 1986-يىلى نەشرى 120-بەت؛ ۋە ھازىرقى نەق مەيدان ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى.
11. 老虎台乡 (قاراباغ يېزىسى) ـــ خەنزۇچە «باي ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» ئۈرۈمچى: 1990-يىلى 1-نەشرىنىڭ 139-بېتىدە «老虎台» دېگەن نام موڭغۇلچە «ئىت كۆپ جاي» (瑙胡特 ناۋخۇت) دېگەن سۆزدىن ۋارىيانتلانغان دېيىلىدۇ.
12. 察尔齐镇 (ياقائېرىق بازىرى) ــ خەنزۇچە «باي ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» ئۈرۈمچى: 1990-يىلى 1-نەشرىنىڭ 149-بېتىدە بېرىلگەن ئىزاھاتقا ئاساسەن تۈزىتلدى.
13. 柯音乡 (قېيىن يېزىسى) ـــ بۇ خەنزۇچە «باي ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» ئۈرۈمچى: 1990-يىلى نەشرىنىڭ 31-بېتىدىكى ئىزاھاتقا ئاساسەن، ھازىر قوللىنىۋاتقان خەنزۇچە ‹黑英山›، ئۇيغۇرچە «قېيىر يېزىسى» دېگەن نامۇۋاپىق ناملارنى تۈزىتىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
14.楚木克村 (چۇمۇق كەنتى) ـــ بۇنىڭ خەنزۇچىسى ‹乔木喀›، ئۇيغۇرچىسى «چۇمۇكا» دەپ ۋارىيانتلىنىش سەۋەبىدىن خەنزۇچە «باي ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» ئۈرۈمچى: 1990-يىلى نەشرى 128-بېتىدە ‹چۇمۇكا دېگەن كەنت نامىنىڭ تىل ئايرىمىسى، كېلىش مەنبەئى ھەم مەنىسى ئېنىق ئەمەس› دېيىلگەن. مەن بۇ يەر نامىنىڭ توغرا ئاتىلىشىنى تېپىش ئۈچۈن باشقىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار بىلەن «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» ئۈرۈمچى: 1989-يىلى نەشرىنىڭ 213-بېتى، ئۇيغۇرچە «دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك» شېنجىن: 2012-يىلى 1-ئاي نەشرىنىڭ 33-بېتىدىكى ئىلمىي ئاساسلارنى مۇھىم نۇقتا قىلدىم.
15. 英其克铁热克煤矿 (ئىنچىكە تېرەك كۆمۈر كانى) ــ خەنزۇچە «باي ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 1990-يىلى نەشرىنىڭ 197-بېتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كۆمۈركان باي ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. مەزكۇر كۆمۈركان ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، بۇ جاي تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولۇپ، بۇ ئېقىندا 12 تۈپ ئىنچىكە تېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن ‹ئىنچىكە تېرەك ئېقىنى› دەپ ئاتالغان. كۆمۈركان مۇشۇ ئېقىندىن ئېچىلغاچقا، بۇ كۆمۈركاننىڭ خەنزۇچە نامى英其克铁热克煤矿 (ئىنچىكە تېرەك كۆمۈركانى) دەپ ئاتالغان، ھەم شۇنداق يېزىلغان.
(ئاپتور: باي ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا)

   

(مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 1-سانىدىن)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-9 18:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت ئارىسى نېمىشقا ئۇنداق بولىدىغاندۇ؟
ۋاقتى: 2013-6-10 22:43:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن،ئەمما ئىلمىي ئاساسى يېتەرسىز.
ۋاقتى: 2013-6-11 01:21:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا دىمەيلى،بۇ ئاكىمىزنىڭ تىنىمسىز ئزدىنىش روھىدىن ئۆگۈنىشكە ئەرزىيدۇ.ناھىيمىزدە تېخى بۇ ئاكىمىزدەك خەنچىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنۈپ،تىل،تەرجىمە ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن يانا بىرسىنى بار دەپ ئاڭلىمىدۇق.پىكىر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ،نامۇۋاپىق،چالا،ئىلمىلىگى زەئىپ دەپ قارالسا ئىزدەنسەك،ئاندىن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويساق بولىدۇ؛ئەممە پاكىت كۆرسەتمەي ئۇ ،بۇ دەپ يۈرۈش تېخىمۇ  ھاماقەتلىك بولسا كېرەك؛يازمىنىڭ ئىزاھاتىدا نۇرغۇن مەنبەلەر ئەسكەرتىلىپتۇغۇ....؟
ۋاقتى: 2013-6-19 11:37:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزتاغ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-11 01:21
نىمىلا دىمەيلى،بۇ ئاكىمىزنىڭ تىنىمسىز ئزدىنىش روھىدى ...

  ئەگەشتىم .
ۋاقتى: 2013-8-26 15:11:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيلانە يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 11:37
ئەگەشتىم .

ھاشىم روزى ئاكىمىزنى باشقىلار بەلكىم مەندەك چۇشىنشىڭلار  چۇڭقۇر ئەمەس بۇلۇشى مۇمكىن ، ھاياتىدا تىل يېزىق تەرجىمە ئىشلىرغا يۇرەك قېنى سېڭدۇرگەن ، بۇلۇپمۇ خەنزۇ تىل گراماتىكىسىغا پىشىق ،يىتىشكەن ، پىشقان قەلەم تەۋرەتكۇچى ، قەلەم تەۋرەتكەن قولىرغا  تىكەن كىرمىسۇن .
ۋاقتى: 2013-9-22 13:42:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىز قىلنى تەۋرەتمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھۇسۇلىدىن قۇسۇر ئىزدىمەيلى .
ۋاقتى: 2013-12-25 12:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ قەلىمى مەڭگۇ ئۆلمىگەي
ۋاقتى: 2014-1-11 18:41:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا باركاللا ھاشىمكا.سىزنى قوللايمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-7-4 11:24 , Processed in 0.350672 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش