تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1062|ئىنكاس: 3

ئۆمەر داۋۇت-قەدىمىي يەر-جاي ناملىرىدىن يىلتىزغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-9 12:24  

قەدىمىي يەر-جاي ناملىرىدىن يىلتىزغا نەزەر
ئۆمەر داۋۇت
يۇرتلارنىڭ شەكىلىنىش تارىخى ئۈستىدە يېزىلغان تارىخ، تەزكىرىلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ، بىراق، ھەممىسى دېگۈدەك كونكرېت بىنا بولۇش ۋاقتى، ياكى دەسلەپكى شەكىللىنىش جەريانى ئۈستىدە توختالمايدۇ. مېنىڭ بۇ قىسقىغىنە ماقالەممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەنمۇ بۇ ماقالە ئارقىلىق باي ناھىيەسىنىڭ ...نوقتىسى بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى يورۇتۇپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى، بۇ ئىنتايىن زور تېمىدۇر.
يۇرتلارنىڭ تارىخىنى يېزىپ يورۇتۇش، بىردەك ئۆزى مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان نوقتىدىن ئۇپۇققا نەزەر سېلىش ئۇسسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
مەن بايان قىلماقچى بولغان بۇ تىما، 80-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ مېنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، قەلەم تەۋرىتىپ بىرەر پارچە ئەسەرنى روياپقا چىقارغۇدەك ئىلمىي ئاساسلار يوق دىيەرلىك ئىدى. يېقىندا تارىخشۇناس، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات يۇرتى، ئىسلام تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى  لى جىنشىڭ ئەپەندى يازغان «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (تۆۋەندە قىسقىچە ‹تارىخ› دەپ ئېلىنىدۇ) دېگەن ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ  12-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلىرى،
مىللەتلىرى، قەبىلىلىرى ھەققىدە قىممەتلىك، يېڭى ئۇچۇرلار بېرىلدى. ناھىيەمىزدە (باي ناھىيەسى كۆزدە تۇتۇلدى) بولسا ھازىرغىچە ئەل ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن ئايرىم يەر-جاي ناملىرى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل بولماي كەلگەن ئىدى. بۇ نوپۇزلۇق ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئېچىلدى. شۇ ۋەجىدىن مەنمۇ يۇرتىمىزدىكى قەدىمىي يەر-جاي ناملىرىدىن پايدىلىنىپ، باي ناھىيەسىنىڭ ئاھالىلەر نوقتىسى بولۇپ شەكىللىنىش، كېيىنكى كېڭىيىش، كۆپىيىش جەريانى ئۈستىدە دەسلەپتىكى ئىزدىنىش يۈزىسىدىن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.
       قەدىمىي جاي نامى ساقلىنىپ قالغان كەنت-قۇلۇچى
قۇلۇچى ــ باي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان تەبىئىي كەنت، ئۇنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 6 كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ. كەنتنىڭ شەرق تەرىپى ياسىرىم، غەرب تەرىپى ئاقدۆڭ، جەنۇب تەرىپى ئويمەھەللە دەپ ئاتىلىدىغان مەمۇرى كەنتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
قۇلۇچى كەنتىنىڭ شىمالى بولسا قارا قىر دەپ ئاتىلىدىغان ئېدىرلىقنىڭ تۈزلەڭ  بېشى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ يەردە توختالماقچى بولغان قۇلۇچى ھازىر ئىستىمالدىن قالغان سۆز بولۇپ، نۇرغۇن كىشى كۆپ ھاللادا بۇ كەنتنى بۇ نام بىلەن ئەمەس، بەلكى‹-كەنت› دەپ ئاتايدۇ. كەنتنىڭ بۇ قەدىمىي نامى ھەققىدە گەپ بولغاندا، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار «قۇلۇچى» نامىنىڭ نېمە سەۋەپتىن قويۇلغانلىقىنى، ھەم نېمە مەنا بېرىدىغانلىقىنى ئەسلا دەپ بېرەلمەيدۇ. ھەتتا 80 ياشتىن ئاشقان مويسىپىتلارمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز چوڭ بولساق، ئىلگىرىكىلەر شۇنداق ئاتايدىكەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ «قالوچى» دېگەن سۆز بولۇپ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «قۇلۇچى» بولۇپ ئۆزلىشىپ قالغانلىقى تەبىئىي.
«كروراندىكى ئىزچىلار» دېگەن تارىخى روماندا ئاپتور بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، قارا قوشۇن كۆلى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىدە چوڭ قوشۇننىڭ چۈشكۈن قىلغان جايى. ‹قالوچى› بولسا چوڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالغانلاردۇر. شۇڭا بۇ جايلار ‹قارا قوشۇن كۆلى› ۋە ‹قالوچى› دەپ ئاتالغان، دەيدۇ.
گەرچە بۇ روماندا تىلغا ئېلىنغان جايلار بىز بايان قىلماقچى بولغان قالوچىدىن 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە بىلەن ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى يۇرتتكى ‹قالوچى› بىلەن ‹قۇلۇچى› نىڭ باغلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بىز دەۋاتقان ‹قالوچى› زادى كىملەر؟ بۇ ھەقتە نوپۇزلۇق كىتاپ -‹قىسقىچە تارىخ› نىڭ 436- بېتىدە: «يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپتىكى مەزگىلىدە موڭغۇللاردىن تەخمىنەن 300 مىڭ كىشى خانلىقتىكى ھەر قايسى جايلارغا تارقالغان»، دەيدۇ. ئاپتور ئۆز بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ قەبىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى سەئىدىخان قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا توپلانغان كونا قەبىلىلەردىن بولۇپ، ئاساسلىق قەبىلىلەردىن دوغلات، دوخىتۇي، بارلاس، بارىس، ئوردوبېك، يىتارچى، جوراس، قوڭىرات، بىكەك، بەيىلى، قالوچى، قارلۇق، ماغىرىت، شۇلىقارچى قاتارلىقلار بار ئىدى» دەيدۇ. يەنە ئىسلام تارىخچىسى موللا مىرسالىھ قەشقەرى يازغان نوپۇزلۇق تارىخىي كىتاب «چىڭگىزنامە» نىڭ 122- بېتىدە، ‹قالوجى› سۆزى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:
«موزا خىسراۋ  قالۇچى، دوبۇلغىلىق كىشىنى ئاتتى» دېمەك، بۇ قۇرلاردىن قالۇچى قەبىلىسىدىن بۇ ئەسكەرلەرنىڭ دوبۇلغىلىق بىر ئادەمنى ئاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.
يۇقىرىقى بىر قاتار بايانلاردىن ھازىر ئىستېمالدىن قالغان، نېمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى ئۆزگىلەر تۇرماق، شۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەرمۇ بىلەلمىگەن «قالوچى» بولسا موڭغۇل قەۋملىرىدىن بولغان بىر قەبىلىنىڭ نامىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
       قۇلۇچى كەنتىنىڭ يانداش قوشنىسى–يېڭى ئايماق
يېڭى ئايماق، قۇلۇچى كەنتىنىڭ شەرقىغە جايلاشقان قوشنا مەھەللىنىڭ نامى. بۇمۇ ئوخشاشلا قاراقىر ئېدىرلىقىنىڭ جەنۇبىي تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان كۆجۈم مەھەللىدۇر. تەبىئىي تۈزۈلۈشىمۇ بىر-بىرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلەر ئايماق كەنتىنى بىر ئۇقۇم دەپ قارايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا «ئايماق» «كەنت» ئاتالغۇسىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دەپ چۈشىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار، چۈنكى ھەر ئىككى ئاتالغۇ ئاھالىلەر نوقتىسنىڭ مەلۇم بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھەقتە «قىسقىچە تارىخ» نىڭ 277-بېتىدە: «‹ئايماق› بولسا موڭغۇل تىلىدا «ئۇرۇغ»، «قەبىلە»، «يەر-مۈلۈك» قاتارلىق مەنەلارغا ئىگە بولۇپ، يەنە بۇ بىر خىل ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي بىرلىكتۇر» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بۇ نەقىل كەلتۈرگەن «قىسقىچە تارىخ» نىڭ 435-بېتىدە ‹ئايماق› سۆزى ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىپ: «ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاھالىلىرى تۆت خىلغا بۆلۈنگەن.
بىرىنچى خىلى: ‹تۇجىن›. مەنىسى دېھقان. بۇلار چوقۇم ھەر يىلى بەلگىلەنگەن باجنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئىككىنچى خىلى: ‹قوجىن› بولۇپ، ئەسكەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى خىلى: ‹ئايماق› بولۇپ، بۇلار كۆچمەن چارۋىچىلاردۇر. بولارنىڭ ھەر يىلى دۆلەتتىن (خانلىقتىن) مەلۇم ساندا ئاشلىق، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى» دەيدۇ. يەنە ئۇ كىتابنىڭ 436- بېتىدە: ‹قۇجىن› ۋە ‹ئايماق› بولسا يەكەن خانلىقىدىكى موڭغۇللارنى كۆرسىتەتتى،...بۇ ۋاقىتتىكى موڭغۇللار يەنىلا قەبىلە تەشكىلىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى» دەيدۇ.
دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن ‹قۇجىن› ئەسكەرلەرنى بىلدۈرسە، ‹ئايماق›  ئادەملەر توپىنى بىلدۈرگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى خىل ئادەملەر ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنىڭ تايانچىلىرى بولۇپ، ئادەتتىكى يەرلىك پۇقرالاردىن پەرقلىنىپ،  دۆلەتتىن مەلۇم مىقداردا ماددى تەمىنات ئېلىپ تۇرغان.
موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىپ ئاخىرلىشىشى بىلەن، ‹ئايماق› دېگەن ئۇقۇمدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىمتىيازى ۋە خەلق ئىچىدىكى نوپۇزى ئاجىزلىشىپ، تەدرىجى يوقاپ، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك دائىرىدىكى ئايماقلار بولسۇن، ئادەتتىكى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان كەنت-مەھەللىلەرگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللار جەريانىدا مەيلى ‹قۇجىن› ياكى ‹ئايماق› لار بولسۇن، تەدرىجى ئۇيغۇرلىشىپ، ۋە يۇغۇرۇلۇپ، خاس ناملىرى تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالغان.
                        ئىشتارچى
بىز توختالماقچى بولغان ئىشتارچى-يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى كەنتنىڭ شەرقىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئوخشاش يۆلىنىشتىكى ئېدىرلىق گىرۋكىگە جايلاشقان كۆجۈم مەھەللىدۇر. بىراق، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى كەنت باي ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭ يېزىسىغا،  ئىشتارچى كەنتى بولسا بۇ ناھىيەنىڭ ياتۇر يېزىسىغا قارايدۇ.
‹ئىشتارچى› نىڭ ئۇيغۇرچە مەنە بەرمەيدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بىز يۇقىرىدا ئىستاتا كەلتۈرگەن «قىسقىچە تارىخ» نىڭ 436-بېتىدە تىلغا ئېلىنغان 14 موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ نامى قاتارىدا ئىشتارچى قەبىلىسىنىڭ نامى 6-ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان. بىراق، بۇ ئەسەردە «يىتارچى» دېيىلگەن. بۇ ئېھتىمال خەنزۇچە يېزىقنىڭ ئاھاڭ تەلەپپۇزى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، يەرلىك خەلق، ۋە قوشنا ئورۇنلاردىكىلەر بىردەك «ئىشتارچى» دەپ ئاتايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ۋە يەر-جاي ناملىرى كومىتېتلىرى 1987-يىلى 5-ئايدا تۈزۈپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان مەمۇرىي رايون يەر-جاي ناملىرى ماتېرىيالىدا، مەيلى باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسىدىكى ‹ئىشتارچى› كەنتىنى، ياكى ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىدىكى يۇقىرى ئىشتارچى، تۆۋەن ئىشتارچى كەنتلىرىنى بىردەك ئۇ يەردىكى ئامما ئۆزلەشتۈرگەن ‹ئىشتارچى› دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنغان.
1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا، باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ-تەزكىرە ئىشخانىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەرتىپ، سابىق خەلق گۇڭشېسى (كوممۇناسى)  ۋاقتىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن  ‹xx-دادۈي (چوڭ ئەترەت)› دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، گۇڭشې، دۈي (كىچىك ئەترەت) لەرنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە ئىشتارچىنىڭ نېمە مەنە بېرىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش ئېنىقلانماي، بۇ نام شۇ پېتى تاشلىنىپ قالغان ئىدى. مەيلى «يىتارچى» ياكى «ئىشتارچى» بولسۇن « ئىتارچى دېگەن موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ نامى ئىكەنلىكى  ئېھتىمالغا يېقىن. تارىخچى، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ نامنى شۇ يەرلەردە تېپىلغان ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن، ۋە ئۇيغۇر تىلى ئېتمولوگىيەسى تەرەپلىرىدىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىپ جەزملەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.
مەشھۇر تارىخى ئەسەر «بابۇرنامە» نىڭ 190-بېتىدە: «چىرىك دورغىسى سوپىتىدە، قەنبەر ئەلى بىلەن سارىقباش مۇزا ئىتارچىنى ماڭا قوشتى» دېيىلگەن.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بايانلاردىن ئەينى ۋاقىتتىكى موغۇلىستان خانى مەھمۇتخاننىڭ ئۆز سەركەردىسى سارىغباش مۇزا ئىتارچىنى بابۇر قوشنىلىرىغا چېرىك دورغىسى قىلىپ قوشۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىپ ئالالايمىز.
1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا، شائىر، مەرھۇم ئىسكەندەر مامۇت ئەپەندى خەلق ئىچىدىكى قوشاقلارنى توپلاش جەريانىدا، ‹ئىتارچى› ھەققىدىكى مۇنۇ بىر كۇبلېت قوشاقنى خاتىرىلىۋالغان بولۇپ، بۇ قوشاق مۇنداق مىسرالاردىن تۈزۈلگەن:
ئىشتارچى دېگەن ئايماق،
كۈندە ساتىدۇ قايماق.
ئىشتارچىنىڭ قىزلارى،
تەڭدىن تولىسى مايماق.
ئەل ئىچىدە بۇ قوشاقنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق مىسرالار بار ئىدى:
ئىتارچى دېگەن قالماق،
كۈندە ئىچىدۇ قايماق.
ئىتارچىنىڭ قىزلارى،
تەڭدىن تولىسى ئىچ مايماق.
يوقىرىقى ئىككى كۇبلېت خەلق قوشاقلىرىدىن شۇنى بىلىپ ئالالايمىزكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشتارچى قەبىلىسى ھۆكۈمران قەۋملەرنىڭ تەركىبى قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك ئاددى ئاۋام-پۇقرالارنىڭ كۆزىگە قىسمەن قىلمىشلىرى سىغمىغانلىقى شەكسىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ سەلبى قوشاقلار كېلىپ چىققان. بۇ قوشاقنىڭ ئالدىنقى ۋارىيانتى ئايماققا كۆپلۈككە قارىتىلغان ئىبارىلەر بىر قەدەر سىيلىق-سىپايە. كېيىنكى ۋارىيانتى شەخسگە دارىتمىلانغان بۇ مىسرالاردا بۇ قەدەر ئۆتكۈر مەسخىرە ۋە تەنقىتچانلىققا ئىگە.
دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن: ‹قۇلۇچى›، ‹يېڭى ئايماق›، ‹ئىشتارچى› كەنتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل مۇقەددەم، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، جۈملىدىن، باي ناھىيەمىز تەۋەلىكىگە كېلىپ، ماكانلىشىپ، يەرلىك مىللەتلەرگە ئارىلىشىپ، سىڭىپ كەتكەن بىر  قەبىلىنىڭ نامى ئىكەنلىكىنىڭ ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئالالايمىز. بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى ھازىر ئاتاقتىلا يۇرت نامى بولۇپ ساقلىنىپ تۇرسىمۇ، ئۆزلىرى خۇددى «قىسقىچە تارىخ» تا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك، يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلاتسىيەلىشىپ كەتكەن. بىراق، قەبىلە نامى ساقلىنىپ قالغان. (يۇقىرىقى كىتابنىڭ 436-بىتى) مىلادى xvi-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا كىرگەن ئاز ساندىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ئويغۇرلارغا سىڭىپ، تەدرىجى يېزا ئىگىلىك مۇھىتىغا ماسلىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ۋاز كېچىپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان. (يۇقىرىقى كىتابنىڭ 434-بېتىدە). دېمەك، بۇ كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلىرى دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ياندىشىپ، كۆچمەن تۇرمۇشتىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا، چارۋىچىلىقتىن ئەۋزەل دېھقانچىلىققا يۈزلىنىپ، ئۇزاق ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا ئالدى بىلەن ئىسلاملىشىپ، ئاندىن ئۇيغۇرلىشىپ، يەرلىك مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن. بۇ خېلى ئۇزاق تارىخىي جەريان بولۇشى تەبىئىي.
شۇنى قىستۇرما قىلىپ ئۆتمەكچىمەنكى، گەرچە شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلە تۇرمۇشىدا، يېمەك-ئىچمەك تەييارلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قىسمەن خاسلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئويغۇر تىلىدىكى قىسمەن ئاتالغۇ سۆز-ئىبارىلەرنى بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ ئۆزلەشتۈرۋالغان ئەھۋاللار ھېلىھەم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ھال ئاشۇ كەنتلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇمۇ ئاشۇ ئۇزاق تارىخنىڭ ئىزناسى ۋە يادنامىسى.
(ئاپتور: باي ناھىيەلىك ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ پېنسيونېرى)

(مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 1-سانىدىن)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-9 12:22:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-9 18:04  

تەكرار بۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆچۈرۈلدى
ۋاقتى: 2013-6-11 11:21:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن....
ۋاقتى: 2013-9-22 13:46:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ئەرچىن ئەپەندى . قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-11 07:21 , Processed in 0.278546 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش