بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەۋەرچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-3 14:36
«مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن»نى پەرۋىشلىگەن ئارۇزچى شائىر
ــ شائىر روزى ھاپىز ھەققىدە
(ئەدەبىي خاتىرە )
قۇربان مولنىياز
1
2012-يىلى كۈزدە ئاپتونۇم رايۇنلۇق مالىيە نازارىتى، «شىنجاڭ مالىيە بوغالتىرلىقى» ژورنىلى ئاقسۇ شەھرىدە ئۇيۇشتۇرغان يېزىقچىلىق تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابلىز ئوسماننى ئىشخانىسىغا ئىزدەپ باردىم. ئابلىز ئوسمان مېنى ئىشخانىسىدا قىزغىن قارشى ئالدى، بىز تېنچ ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتۇق. ئابلىز ئوسمان سۆھبەت ئارىلىقىدا ماڭا مۇنداق دېدى:
-سىزگە بىر ۋەزىپە تاپشۇراي، باي ناھىيەسىدىن چىققان مەرھۇم يازغۇچى يۈسۈپجان ئەرشىدىن، شائىر روزى ھاپىز ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بەرسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قەلەمگە ئېلىپ قويايلى، بىزدىن كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالسۇن.
تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سوئال دەماللىققا مېنى بىر تەرەپتىن خوشال قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. خوشاللىقىم بولسا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئوچۇق ئاشكارە تارقىتىلدىغان ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› دەك بىر نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر، يازغۇچى، ژورنالىستنىڭ، مەندەك بىر ئەمدىلا ئەدەبىيات كوچىسغا قەدەم قويغان ھەۋەسكارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ئىدى، ئىككىلىنىپ قېلىشىم بولسا، مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمدە خاتىرە ئەدەبىياتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يۈز كۆرۈشمىگەن، ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشلۇقۇم بولمىغان شەخسلەر ھەققىدە بىر نەرسە يازالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەش ئىدى. مەن بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ،
-يۈسۈپجان ئەرشىدىن ھەققىدىكى يازمىنى، يۈسۈپجان ئەرشىدىننى ياخشى چۈشۈنىدىغانلارغا ھاۋالە قىلاي، روزى ھاپىز ھەققىدە مەن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ باقاي دېدىم.
كۆڭلۈمدە روزى ھاپىز ھايات بولغاندىكىن بىر ئامال قىلارمەن دېگەنلەر كەچكەن ئىدى. ئابلىز ئوسمان يەنە مۇنداق دېدى:
روزى ھاپىز ھازىر ئۈرۈمچى شەھرى خەلقئارا چوڭ بازار ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇقكەن، ئۆزى كىچىك پېئىل، خۇشچاقچاق، مېھماندوست ئادەم، سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، شۇنداق بولسۇن ئەمىسە.
مەن ئابلىز ئوسمان بىلەن خوشلۇشۇپ باي ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن بىرقانچە ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى. باي ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ بىر قېتىملىق يىغىلىشىدا، مەن ئابلىز ئوسماننىڭ تەكلىپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، يازغۇچى قۇربان ئەلى، ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى›› ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شائىر قەھرىمان روزى ئەرچىن، شائىر ئېلى نىياز دەرمانىي قاتارلىق دوستلۇرۇممۇ روزى ھاپىز ھەققىدىكى يازمىنى يەنىلا مېنىڭ يېزىپ چىقىشىمنى لايىق كۆردى ۋە قۇربان ئەلى ماڭا روزى ھاپىزنىڭ يان تېلفون نومىرى، روزى ھاپىزنىڭ ئوغلى سۇلتان روزىنىڭ چ چ نومۇرى بىلەن تەمىنلەپ ماڭا مەدەت بەردى، دېمەك ئەمدى قەلەم تەۋرەتمەي بولمايتتى.
2
بىر قانچە قېتىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ روزى ھاپىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئابلىز ئوسمان ھاۋالە قىلغان روزى ھاپىز ھەققىدىكى يازمىنى پۈتتۈرىۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ خىزمەت بېسىمى، بالىلارنىڭ ئىشى، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئادىمىگەرچىلىك دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا زادىلا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
ئاخىرى بولماي 2013-يىلى 10-يانۋار كەچ روزى ھاپىزغا تېلفون ئالدىم. روزى ھاپىز ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئاۋازىدىن تېتىكلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. بىز تېنچلىق ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، روزى ھاپىزغا ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابلىز ئوسماننىڭ ھاۋالىسى بويىچە زىيارەت قىلىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىۋېدىم، روزى ھاپىز قىزغىنلىق بىلەن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى.
روزى ھاپىزنىڭ ئەسلى ئەجدادى جۇڭغار خانى قونتەيجى زامانىدا ئىسپىجاپتىن ئاق ئۆيلۈك قىلىپ كۆچۈرۈلگەن ئاتمىش ئۆيلۈكنىڭ بىرى بولۇپ، خوجىلار ئۇرۇقىغا مەنسۇپ ھادى نەزەر ئىشاننىڭ ئوغلى مەھدى نەزەر، مەھدى نەزەرنىڭ ئوغلى ھەي نەزەر، ھەي نەزەرنىڭ ئوغلى قۇۋان نەزەر، قۇۋان نەزەرنىڭ ئوغلى قۇتلۇق نەزەر، قۇتلۇق نەزەرنىڭ ئوغلى كەنجى خاتىپ، كەنجى خاتىپنىڭ ئوغلى ھاپىز خەلپەت، ھاپىز خەلپەتنىڭ ئوغلى روزى ھاپىز بولۇپ، 1933-يىلى كۇچار ناھىيە كونا شەھەردە تۇغۇلۇپ، باي ناھىيەسىدە چوڭ بولغان. 1940-يىلدىن 1948-يىلىغىچە باي ۋە كۇچاردىكى دىنىي مەدرىسلەردە ئوقۇپ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، تارىخ پەنلىرگە ئائىت بىلىملەرگە قىزىقىپ، ناۋايى، ئاللايار، ھۆۋەيدا، مەشرەپ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئويغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارىس ئەدەبىياتى شۇنداقلا ئەرەپ، پارىس، چاغاتاي، ئۆزبېك، تاتار تىللىرنى ئىگىلىگەن.
1945-يىلى 8-ئاينىڭ1-كۈنى مەشھۇر شائىر نىمشېھىت ئەرمىيا داموللام بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپ، 1950-يىلىدىن باشلاپ نىمشېھىت ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان، نىمشېھىتتىن شېىئرىيەت، تەجۋىد، تەقۋىم ئىلىملىرىنى ئۈگىنىپ، نىمشېھىتنىڭ ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى كۆچۈرۈپ بېرىش، رەتلەپ بېرىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، نىمشېھىتنىڭ ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى تولۇق يادقا ئېلىۋالغان، نىمشېھىت بىلەن يېقىن دوستلۇق، ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. 1948-يىلدىن 1958-يىلىغىچە باي ناھىيەسىدە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ، 1958-يىلى7-ئايدا خىزمەتكە قاتنىشىپ، 1994–يىلىغا قەدەر باي ناھىيەسىنىڭ كانچى، توقسۇن، قىزىل يېزىلىردا 36يىل باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ ئارامغا چىققان. 2004-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇ جەرياندا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1980-يىلى ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹مەكتۇپ›› ناملىق شېئرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ‹‹تارىم››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹ئاقسۇ گېزىتى›› قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 500پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىي ئەسرىنى ئېلان قىلدۇرغان. ‹‹تارىم ناۋاسى››، ‹‹غايىب بولغان قەھرىمان ››، ‹‹تەكلىمان چېچەكلىرى›› قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. روزى ھاپىز يەنە ئويغۇر ئەدەبىياتى شېئىر شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ‹‹مۇۋەششەھلىك مۇخەممەس››، ‹‹مۇۋەششەھلىك مۇسەۋىيات››، ‹‹ئۈچ مىسرالىق مۇسەۋۋىيات››، ‹‹تۇيۇقلۇق رادىف››، ‹‹سىمېتىرىك شېئىر ››، ‹‹يېڭىچە سانائىل ھەرىپىيات›› قاتارلىق شېئىر شەكىللىرنى يېڭىدىن ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان.
3
روزى ھاپىزنىڭ يەنە ئالاھىدە تېلغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ نىمشېھىت باي ناھىيەسىنىڭ ئومباش يېزا ئاتبويناق كەنتىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، نىمشېھىتنىڭ بارلىق قوليازما، ماتىرىياللىرى كۆيدۈرۈلۈپ دەپسەندە قىلىنغان مەدەنيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھاياتىنىڭ خەۋپ -خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي 116كىلومېتىر يولنى پىيادە، ۋېلىسپىتلىق بېسىپ، نىمشېھىتنى بىر قانچە قېتىم يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ تەلىم ئالغان.
روزى ھاپىز 1971-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى نىمشېھىتنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يوقلاپ بارغاندا، نىمشېھىت سالامەتلىگىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، روزى ھاپىزدىن ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى يادقا ئېلىۋالغان بويىچە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن ۋە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان پولات قەلىمى بىلەن كۆزئەينىكىنى سوۋغا قىلغان. روزى ھاپىز ئۇستازىنىڭ سۇنۇق كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن سوۋغىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇستازىغا ‹‹ھاياتلا بولىدىكەنمەن بۇ ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇندايمەن ›› دەپ ۋەدە بەرگەن.
نىمشېھىت 1972-يىلى كۈزدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئومباش يېزىسىدا قازا قىلغاندىن كېيىن روزى ھاپىز ئۇستازىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نىمشېھىتنىڭ ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى ئەسلەپ يېزىش، رەتلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا سەرپ قىلىپ 1980-يىلىغا كەلگەندە 1500مىسرالىق ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن›› داستانىنى تاماملاپ باي ناھىيەلىك مەدەنيەت يۇرتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ داستان 1987-يىلى نىمشېھىتنىڭ قىزى بۈھەجەر ئەرمىيانىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن قەشقەر ئويغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ داستان يەنە 1998-يىلى ئەرشىدىن تاتلىق تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹نىمشېھىت ئەسەرلىرى›› ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. روزى ھاپىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي ئەينى يىللىرى يادقا ئېلىۋالغان ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى قايتا-قايتا ئەسلەپ يېزىپ، رەتلەپ، ئىزاھلاپ ماڭدى. ئىلى، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ماناس، بورتالا قاتارلىق جايلارغا بىرقانچە قېتىم بېرىپ، نىمشېھىتنىڭ ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغان گېزىت-ژورنال، كۆچۈرۈلمە، يادنامىلەرنى توپلاپ ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ 2009-يىلىغا كەلگەندە ئاخىرى2مىڭ 800مىسرالىق چوڭ ھەجىملىك، مۇكەممەل بولغان ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى رەتلەپ تاماملاپ ئۇستازىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىدى.
2009يىلى7-ئاينىڭ 2-كۈنى نىمشېھىت سوۋغا قىلغان پولات قەلەم، كۆزئەينەك قاتارلىق ماددىي بۇيۇملار بىلەن ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن ›› داستانىنىڭ تولۇقلانما نۇسخىسىنى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستېتى بىرلىشىپ قۇرغان ‹‹ئەدەبىيات سارىيىى›› غا تەقدىم قىلدى. روزى ھاپىز بىر ياقتىن ئۆز خىزمىتىنڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، يەنە بىر ياقتىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق جىددى تۇرمۇش شارائىتىدا، نىمشېھىتنىڭ ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى تولۇقلاپ رەتلەپ چىقىشقا توپتوغرا 40يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلدى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ‹‹ئەدەبىيات سارىيى›› نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئالاھىتەن كەلگەن سابىق مەدەنيەت مىنىستىرى، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭمېڭ، روزى ھاپىزنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش روھىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ، بەزى تەپسىلاتلارنى خاتىرىلىۋالدى. روزى ھاپىز تولۇقلاپ تەيارلىغان ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانى ئاساسىدا، بۈۋىھەجەر ئەرمىيا قايتا نەشىرگە تەييارلاپ، 2012-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا تاپشۇردى.
مەشھۇر شائىر، مەرھۇم نىمشېھىتنىڭ ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانى ھەققىدە روزى ھاپىز مۇنداق دېدى:
مەن بۇ يىل 82ياشنىڭ قارىسىنى ئالدىم. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ئۇستازىم نىمشېھىتنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ ‹‹مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شىرىن›› داستانىنى تولۇق ساقلاپ قېلىپ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرالىغانلىغىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېساپلايمەن.
ئاخىرىدا مەن بۇ ساھىبقىران شائىردىن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ھەققىدە يەنە قانداق پىلانىنىڭ بارلىقىنى سورىسام، ئۇ مۇنداق دېدى:
ھازىر مەن چوڭ بوۋام قۇتلۇق نەزەر بەگ، بوۋام موللا كەنجى خاتىپلار يېزىپ قالدۇرغان ۋە دادام ھاپىز خەلپەت، موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئوغلى نىياز مۇپتاخۇنۇم، مەمەترېيىم ئەلەم سايرامى، نۇردۇن ھاجى، ھىدايى قازى، ھامۇت مۇددەرس، ئابدۇقادىر ئۇستا، ئابدۇراخمان ئوفېتسىر قاتارلىق تارىخىي شەخسلەر، ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ ئاغزاكى بايانلىرى ئاساسىدا ‹‹موللا مۇسا سايرامى››، ‹‹سايرام قىسسىسى›› قاتارلىق ئەسەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمەن ھەمدە بىر شېئىرلار توپلىمىمنى نەشىر قىلدۇرۇش پىلانىم بار .
مەن شائىر روزى ھاپىزنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش، قۇربان بېرىش، تۆھپە قوشۇش، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش روھىدىن، ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئاخىرىدا روزى ھاپىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت، ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە ئۇتۇقلۇق تىلەپ خوشلاشتىم.
(ئاپتور: باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات مەركىزى «باي خەۋەرلىرى» گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە)
«مۇزات دولقۇنلىرى» 2013-يىللىق 1-ساندىن |