بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەۋەرچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 14:04   
 
زوردۇن ئىمىر 
 
ئانا يۇرتۇم-گۈزەل باي 
 
«باي»دىگەن بۇ گۈزەل ئات، 
ئانا يۇرتۇم نامى ئۇ. 
قوينى گۈلشەن باغ ئاۋات، 
سېھرى ھېكىمەت كانى ئۇ. 
 
موللا مۇسا، نىمشىھىت، 
مۇشۇ يۇرتتا ياشىغان. 
ئۇلار ياققان ئوت-پىراق، 
مەرىپەتنىڭ شامى ئۇ. 
 
پەرھات كېسىپ تاغلارنى، 
قازغان« مىڭئۆي غارى» نى. 
شىرىن سۇنغان بال-شەربەت، 
مۇھەببەتنىڭ جامى ئۇ. 
 
ئەل ماختايدۇ تەرىپلەپ، 
بۇ يۇرتنى گۈل ماكان دەپ. 
بۇ ئالقىش ئەل كۆڭلىنىڭ، 
ھۆرمەت-ئېھتىرامى ئۇ. 
 
ئىنسانغا يۇرت قەدىرلىك، 
يۇرت بىلەن ئەل پەخىرلىك. 
يۇرتۇم بەختى- باھارى 
ئەلنىڭ سەرەپ-سانى ئۇ. 
 
نەقرات: 
باي يۇرتۇمنىڭ نامى ئۇ، 
ئەلنىڭ سەرەپ سانى ئۇ. 
 
(ئاپتۇر:ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باي ئىلىكتىر زاۋۇتى پارتىكۇمدا) 
«مۇزات دولقۇنلىرى» 2013-يىللىق 1-ساندىن ئېلىندى 
  |