گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 0

چىن مۇھەببەتنى ساقلاپ قالالامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
14
تېما
11
قىزغىنلىق
126
تىللا
221
تۆھپە
31
توردا
17 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-28 00:03:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر باشقا جايغا خىزمەتكە ئەۋەتىلسىڭىز، كىم سىزنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغىيالايدۇ؟
ئاۋۋال تاللىۋېلىپ، ئاندىن جاۋابنى ئوقۇڭ
A. شۇ جايدا تۇنۇشقان يېڭى دوستىڭىز.
B.ئۇزاقتىن بۇيان بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىڭىز
C. شۇ جايدا ئۇچرىشىپ قالغان كونا دوستىڭىز
D.يولدا تۇنۇشۇپ قالغان سەپەردىشىڭىز
E.تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالغان كونا ئاشىقىڭىز
A جاۋابنى تاللىغانلار چىن مۇھەببەتنى مېھىرى بىلەن ئاسرايدۇ، ئۇنى ئالقىنىدىكى گۆھەر ئورنىدا كۆرىدۇ. مۇھەبەتنىڭ ساقلنىپ قېلىش نىسپىتى%80 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىكى دۇنياسى رومانتىكىلىق بىلەن تولغان بولىدۇ، ئۇلار مىڭ تەستە ئۇچرىغان چىن مۇھەببەتنى كۆپ ۋاقىت سەرپ ئېتىپ قوغداش كېرەك دەپ قارايدۇ.
B جاۋابنى تاللىغانلار ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى چىقىش قىىلپ، چىن مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىش-كەچمەسلىكنى قارار قىىلدۇ. مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى%55 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇھەببەتلەشكەندە ھېسىياتقا بېرىلىدۇ. بىراق قارار چىقارغاندا ئىدراكىغا تايىنىدۇ. ئۇلار قارشى تەرەپنى بەختلىك قىلالايمەنمۇ-يوق دېگەننى ئويلىنىدۇ، خىزمەت سەۋەبىدىن قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلەلمىسە، بولدى قىلىشنى تاللايدۇ.
C جاۋابنى تاللىغانلار ئىش چىڭىغا چىقىپ، چىن مۇھەببەتتىن مەھرۇم قېلىش ئالدىدىلا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى % 40 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇھەببەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ، پەقەت مۇھەببەتتىن ئايرىلىش ئالدىدىلا ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، قارشى تەرەپنى تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىدۇ.
D جاۋابنى تاللىغانلار چىم مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارچە جاسارىتىنى ئىشقا سالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشقىمۇ رازى بولىدۇ،  مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى%99 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر چىن مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى قارشى تەرەپنى تېزلا تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.
E جاۋابنى تاللىغانلار نىمىنىڭ چىن مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالمايدۇ، شۇڭىمۇ چىن مۇھەببەتنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى بىلىپ كەتمەيدۇ. مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسپىتى %20 بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ساددا رومانتىك بولىدۇ، ئۇلار نىمىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن قايسىسىنى ساقلاپ قېلىشنى بىلەلمەيدۇ.


  __ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 21:37 , Processed in 0.093009 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش