گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 0

مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەر سەمىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
14
تېما
11
قىزغىنلىق
126
تىللا
221
تۆھپە
31
توردا
17 سائەت

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 23:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش يولىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلارنىڭ قېنى قىززىق، تەجرىبىسىنىڭ كەم بولۇشى، مۇھەببەت قارىشىنىڭ ھەر خىل بولۇشى سەۋەپلىك، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا يا ئۇنداق يا مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىۋالىدۇ . روھىي زەربە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خىزمەتلەرگىمۇ تەسىرى بولىدۇ.

1. يەڭگىلىك قىلماسلىق لازىم.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا بىردەملىك ھېسسىيات بىلەنلا ئالدىراپ بىر قارارغا كېلىشتىن ساقلىنىشى، ئىككىلا تەرەپ بىر- بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىشىشى، بىر- بىرىنى ياخشى كۆزۈتۈشى، سىنىشى شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك.

2. بىر- بىرىنى چۈشىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر- بىرىنى قىسمەن چۈشەنگەن ياكى يۈزەكى چۈشەنگەن بولىدۇ. شوڭا ھەر ئىككى تەرەپ مەلۇم ۋاقىت بىر- بىرىنىڭ مىجەز- خاراكتېرى، ئىستىتىك ھەۋىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى كۈزىتىپ، ئىگىلەپ تەدرىجى ھالدا بىر- بىرىگە لايىقلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.

3. بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەش لازىم .
مۇھەببەت بىر نازۇك ئىچكى تۇيغۇ. ئۇ خۇددى چاۋاك ئىككى قولدىن تەڭ چىققانغا ئوخشاش، ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قانداقتۇر بىرى يەنە بىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئىلاھ بولىۋالسا، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا چوقۇنغۇچىغا ئايلىنىپ قالسا ھەم بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئاخىرىغا بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق غۇرورى، كۆڭلى ۋە ئىرادىسى بولىدۇ- دە، ئەلۋەتتە.

4. ئالدىراپ يېقىن بولۇپ كەتمەسلىك لازىم.
قىز- يىگىتلەر يېڭى مۇھەببەتلەشكەن مەزگىللەردە بىر- بىرىگە ئىنتىلىدۇ، تەلپۈنىدۇ. خۇددى بىر- بىرىدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەك ھېسسىياتتا يۈرۈشىدۇ. مانا مۇشۇنداق پەيتتە، ھەددىدىن زىيادە يېقىن بولۇپ كەتسە، ئاسانلا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىش- ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ قويۇشى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتە مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنچىلىكلا ئىشكەنغۇ، دېگەن كۆز قاراشنى پەيدا قىلىپ، بىر- بىرىگە بولغان قىزغىنلىق، تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشى مومكىن.

5. ئۆز ئارا سىنىشىشىتا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولۇشى لازىم.
بەزى قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ساداقەتمەن ئىكەنلىكىنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن موھىم. ئەگەر قوللانغان ئۇسۇلىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي بولسا، كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىپلا قالماي مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە قوپال، تېتىقسىز ئۇسۇللار بىلەن سىنىماقچى بولسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ بىر ئوبدان كېتىۋاتقان مۇناسىۋىتىڭىزنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىز مۇمكىن.

6. تەمكىن، ئېغىر- بېسىق بولۇش لازىم.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەر بىر- بىرىدىن رەنجىپ قالغاندا، ھەتتا خېلى ئېغىر كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن چاغلاردىمۇ، قىزىققانلىق قىلىپ مەسىلىنى ھاپىلا- شاپىلا بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىرىماي ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ئىجابىي تەرەپكە تارتىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. قايسى تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، كەچۈرۈم سورىشى، قارشى تەرەپمۇ كەچۈرۈم سورىغۇچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى، بىر- بىرىگە يول قويۇشى لازىم.

7. ئېھتىياتچان بولۇش لازىم.
ئادەملەر مۇرەككەپ، دۇنيا زىددىيەتكە تولغان، شۇنداق ئىكەن مەيلى قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۆيگۈنىڭىز توغرىسىدا قىلغان گەپ- سۆزلەرگە نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ چاپاننى تەتۈر كىيىپ مەسىلىنى قوپال ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ئالدىرماسلىقىڭىز لازىم. ناۋادا ئاڭلىغان گەپ- سۆزلىرىڭىز يالغان بولۇپ قالسا، كېيىن ھەر قانچە ئۆكۈنگەن بىلەنمۇ ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ.

8. بىر- بىرىگە ھەقىقى ئىشىنىش لازىم.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز - يىگىتلەر ئۆز ئارا راستچىل، سەمىمى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سۆيگۈنىڭىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ بارالمىغان ياكى كېچىكىپ قالغان چاغلىرىڭىزدا سەۋەبىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشىڭىز لازىم. ئەگەر يالغان سۆزلەپ ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز، كېيىن بۇ ئىش قارشى تەرەپكە مەلۇم بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدا سىزگە نىسبەتەن گۇمانىي كۆز قاراش پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىسىز.

9. بىر- بىرىگە غەمخورلۇق قىلىش لازىم.
ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، قىزغىن ياردەمدە بولۇشى لازىم.

10. ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىق لازىم.
ياشلىق دەۋر تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، بىلىم ئالىدىغان دەۋر، شوڭا بۇ دەۋرنى پەقەت ھاۋايى- ھەۋەسكە بېرىلىپ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن زېھنىمىزنى بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشقا سەرىپ قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھەببەت ئۈچۈنمۇ لايىقىدا ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز، نۇقۇل ھالدا ھېسسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 20:55 , Processed in 0.094014 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش