سايرام بازارلىق ئوتتورا مەكتەپتە 28-قېتىملىق يىنىك ئاتلىتكا تەنھەركەت مۇسابقىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىل ناخشا ئېيتىش خور مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت 5-ئاينىڭ8-كۈنى چۈشتى كىيىن باشلانغان بۇلۇپ يېرىم كۈن پاراتتىن ئۆتۈش، قىزىل ناخشا خور ئېيتىش، مەكتەپ مارشى توۋلاش مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈلۈپ نەتىنجىسى كۈرۈنەرلىك بولغان سىنىپلارتەغدىرلەندى.
5-ئاينى9-10كۈنلىرى 2كۈن يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە يۈگۈرەش ، ئېتىش،سەكرەش،ئارقان تارتشىش قاتارلىق 4چوڭ تۈر 10نەچچە كىچىك تۈر بۇيىنچە ئېلىپ بېرىلدى . ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بۇلۇپ 300گە يېقىن ئادەم مۇشۇ تۈرلەر بۇيىنچە مۇسابقىگە قاتناشتى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بۇلۇپ 700دىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتنى كۆردى. مەكتەپ رەھبەرلكى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن بۇلۇپ مەكتەپ مالىيەسىدىن 6000يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىم قىلىش ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ داغدۇغلۇق، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىدى. ھەرقايسى تۈرلەر بۇيىنچە ئىلگىرى -ئاخىرى 200ئادەم قېتىم مۇكاپات تارقىتىلپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە مەدەت بېرىلدى.