گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1644 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    مېنى سېغىنغانلارنى مەنمۇ سېغىندىم .

  • admin 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى،خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلە.

  • لالە1224 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

  • شاختۇرا 2013-6-26 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ھەر-بىر كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن ...

  • بۇرادەر 2013-6-24 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام مۇنەرداشلار. بۇرادەردىن سالام كەتتى.

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلىرىم

  • يەھيا618 2013-6-22 02:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام   ئەلەيكۇم    ياخشىمۇسىلەر .ئاڭلىسام   كايسى  كۈنى  بايدا  مولدۈر  يېغىپتىمىش    بۇ   راسما   ؟

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل ئۈچۈن تىكىنى بولغاچقا قالقان ، ۋىسال يۈرەكنى قىلىدۇ قان - قان .

  • شۇڭقار 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا ئەجەپ قىززىپ كېتۋاتدۇ يا؟

  • مۇختەرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ تىنجىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە ؛ دوستلار بىلەن   سۇغا چۈمۈلۈپ كەلگۈم بار .

  • مۇختەرجان 2013-6-26 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا نىمانداق بەك ئىسسىپ كەتتى ؟ ئەزىز دوستلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمىسۇن ، دىققەت قىلىڭلار .

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سەلتەنەتلىك گۈزەل باي . دېسە دېمسە گۈزەل جاي  يۇرتۇمنىڭ نامى گۇيا. ئاسماندكى گۈزەل ئاي

  • يەھيا618 2013-6-23 22:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمانداق زېرىكشلىك   كۇنلەر  بۇ   .ئۆينى ھەجەپ  سېغىندىم ...ھۇھۇھۇھۇھۇھ

  • بۈركۈت 2013-6-21 19:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار!ئامانمۇ سىلەر؟

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 1

بىز ئۇيغۇر! بۇ تەكلىماكان....!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

122

تېما

17

دوست

5467

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا(Rank: 6Rank: 6)

يوقلىما
243
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  516
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 2897
تۆھپە : 380
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-1

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 01:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇر!   بۇ تەكلىماكان!...
                              
                                      
                                           ( ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

يېقىنىقى يىللاردىن بېرى غەرب پەلسەپە ئېقىمىنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن تەكلىماكان بوستانلىقىغا ئۈسسۈپ كىرىپ، تەڭرى تېغىغا سوقىلىشىدىن پەيدا بولغان ئەكىس سادا بىز ئويغۇر ياشلىرىنىڭ تۇيغۇ سېستىمىسىنى غىدىقلاپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان بالاغەتكە يەتكەن ئەخلاق رامكىمىزنى پاچاقلاپ تاشلاپ، بىزنى«ئەخلاقسىزلىنىش مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىدى. نەتىجىدە چىراي قىزلارنىڭ «ئىستېمال بويۇمى »غا ئايلىنىپ قالدى. تەكرار-تەكرار ئېلىپ بېرىلغان مانىۋېرلار ....بىزنى ئەسلىدىكى ئۆزىمىزدىن ياتلاشتۇردى. بۇ خىل ياتلىشىش ئەڭ ئاۋۋال كىينىش ھەم چاچ پاسونىدا ئەكىس ئەتتى ....بارا -بارا ئىمانسىزلىنىش گۈللىرى قەلىب باياۋانىمىزدا چېچەكلەشكە باشلىدى....روھىمىز ھەم تېىنىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل «ئىسلاھات »بۈگۈنكى كۈندە شەيتانغا ئادېرسىنى ئاشكارىلاپ قويمىغان ، ئەقلى ئويغاق ...قىز –يىگىتلەرنىڭ كاللىسىدا «؟»بەلگىلىرىنى ئۈندۇردى. بۇ جەريانىدا يەنىلا ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا ئالدىراپ، بەزى قىزلىرىمىز «بارلىق گۇناھ ئەرلەردە،ئۇلار بىزگە قاش ئېتىپ قويمىغان بولسا، بىز بۇ كوچىغا كىرمىگەن بولاتتۇق ...»دەپ دوقچىلىق قىلشتى. يەنە بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىز بولسا «گۇناھنىڭ مەنبىئى ئەزەلدىنلا قىزلاردا، قىز بالا شەيتان دەپ بىكار ئېيتمىغان؟ ئۇلارنىڭ بەل تولغاپ،غىلجىڭلىق قىلىشى،جاننى ئالغۇچى ناز-كەرەشمىسى بىزنى ئازدۇردى. »دەپ ئۆكتەملىك قىلىشتى. دېمەك، بىز ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلماستىن «گۇناھ دېڭىزى»دا لەھەڭ بۇلۇپ ئۈزدۇقكى، «پاكلىنىش كۆلى »نى ئىزدەشنى خالىمىدۇق .
     يېقىنقى دەۋىرلەردىن بۇيان بىرقىسم ئەركەكلەر قىز –ئاياللارغا ئاتىدارچىلىق،ئاكىلىق قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك نورمىمىزنى سىلەرگە ئارتىپ قويدۇق، ھەمدە ئېدىيەدە قاتماللىشىپ، سىلەرگە شەكلى ئۆزگەرگەن زوراۋانلىقنى يۈرگۈزدۇق، سىلەر يولدىن چىقىپ كەتسەڭلار، بىز سىلەرگە ئۆز سىڭلىمىزدەك كۆيۈنۈپ،(ئەمىلليەتتىمۇ سىلەر بىزنىڭ ئۆز قېرىندىشىمىزغۇ؟) مەسئۇل بولساق،سەمىمى ۋاپادارلىقنى يەتكۈزۈپ،شىركەت قۇرۇپ،مەكتەپ ئېچىپ،سىلەرگە پاكىز،ھالال خىزمەت تېپىپ،بېرىپ(رادىل ئابلالارغا...ئوخشاش) ئۆز مەۋجۇتلىغىڭلارنى نامايان قىلساڭلار،ئالقىش ياڭرىتىپ،يۈكسىلىشىڭلارغا ھەقىقى شوتا بولالىساق، يېڭى ئوربېتالارنى ياساپ بەرسەك بولاتتىغۇ ؟! سىلەر يېرىم-يالىڭاچ يۈرسەڭلار بىز غەزەپلىنىپ تولۇق كىيىنىش بۇيرىقىنى بېرەلمىدۇق. ئەكسىچە ياتلارنىڭ ئالدىدا ھېجىيىپ، تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇق. بۇنىڭ بىلەن ياتلار سىلەرنىڭ ئەسلىدىن تەبىئىي ئۇزلۇغۇڭلارنى ئېچىلمىغان بوز يەر دەپ قارىدى. چۈنكى بىزدە سىلەرنى ھاي دىگۈدەكمۇ جۈرئىتىمىزنىڭ يوقلىغىنى ئۇلار بىلىپ قالدى ئەمەسمۇ؟ ئەسلىدە بىزدە جۈرئەت، ۋىجدان تولۇپ،تاشىدۇ، لېكىن،نەزىرىمىزنىڭ تار،ئومۇملۇق ئېدىيىمىزنىڭ ئاجىزلىغىدىن سىلەرنى مۇشۇ كۈنگە قويدۇق.بۇنىڭ جاۋابكارلىغى بىزدە.مەيدەمنى كېرىپ تۇرۇپ، دىيەلەيمەن. دائىم سىلەرنىڭ يىغا ئاۋازىڭلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، كۈلمەكچى بولۇشتۇق. سىلەرگە توغرا مەسلىھەت بېرىشنى خالىمىدۇق. ئازغىنا ھەۋەسنى دەپلا، سىلەر قانچە يالىڭاچ يۈرسەڭلار، قانچە بەڭۋاش بولۇپ كەتسەڭلار، قانچە نادان قالساڭلار،نامراتلىق قانچىكى سىلەرگە يېقىنلاشسا ....بىز سلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلاردىن شۇنچە كۆپ پايدىلانماقچى بولۇشتۇق. ئانىمىز، ئايالىمىز، سىڭلىمىزنى ئويلىمىدۇق.مانا،ئەمدى، پۇشتىمىزدىن تامغان قىزلىرىمىز بولىۋىدى. تەقدىرىدىن چۆچۈدۇق. چۈنكى، بىز سىلەرگە بۇ ھەقتە قانچىكى كۆپ لېكسىيە سۆزلىسەك ...سىلەرنى ئالدىمىقىمىز ئاسانغا چۈشەتتى ئەمەسمۇ ؟! توغر،بىز سىلەرگە سېرىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ،سىلەرنى ئۆزىمىز ئازدۇرۇپ ،ئۆزىمىز يولدىن چىقىرىپ ....ھەممە قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا «ھاڭگا ئېشەك بالىسىغا ئېگە بولمىغاندەك »سىلەرنى بىرەر قېتىممۇ ئۇچراتمىغان قىياپەتتە،ئىككى كۆزىمىزنى چىڭ يۇمۇۋېلىپلا جالاپ ،پاھىشە ،بۇزۇق ،دېگەن «ئۈنۋان»لارنى ھەدىيە قىلشتۇق. ئۆزىمىزچە، يەنە «جاھاندا ياخشى قىز قالمىدى»،«قىزلار، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا مومايغا ئايلىنىپ كەتتى... » دېيىشىپ، سىلەردىن ئاغرىندۇق، سىلەرگە قەبرە قاتۇردۇق ...سىلەرنىڭ گۇناھلىق يوللارغا مېڭىشىڭلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بەردۇق. جەمىئىيەتمۇ شېرىك. ئەڭ يېڭى سىتاتسىكىلارغا قارىغاندا، ھازىر شىنجاڭدا 7مىڭدىن ئارتۇق ئويغۇر قىزى زامانىۋى يېڭىچە قۇللار سۈپىتىدە، بايۋەتچىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە «باۋمۇ »دېگەن نام بىلەن ئىشلەۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرىدا ئىقتسادقا ئېرىشەلمەي، ئوقۇشسىز قېلىپ، مۇددىتىدىن بۇرۇن «يوتقانچى مەدەنىيتى »گە يۈرۈش قىلىپ، ئېتىزلىقلارغا سۇدەك سىڭىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئانچە ئاز ئەمەسلىكى، ھەربىر غۇرۇر ئېڭىنى تەڭسىز سوئاللار دۇنياسىغا سەپەر قىلدۇرماي قالمايدۇ.جەمىئيەت ئۇلارغا ئۇقۇش پۇرستىنى يارىتىپ بىرەلىدىمۇ؟ ‹«قىز بالا كۆپ ئوقىسا يامان بولىدۇ؟! دېگەن بىمەنە قاراش نېمە ئۈچۈن پاچاقلىنىپ تاشلانمايدۇ؟ ئەنە شۇلار، كەلگۈسىدىكى ئانىلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالا بېقىش جەريانىدا، «ئىككىنچى خوتۇن»سۈپىتىدە ئالدىنىدۇ،يولدىن چىقىدۇ! شۇلارمۇ ئوقۇسا،بىلىم ئالسا، دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى، ھوقۇق، ئەركىنلىك، ئادالەت،تۇغۇلۇش،ئۆلۈش ۋە مەنىلىك ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقى،چىن ھېس قىلالىسا،ئۇلارمۇ قېن-قېنىغا پاتماي، بىرەر قېتىم كۈلەلىسە نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ؟!
ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى سەۋەبلەرمۇ بار: 1-ئائىلىۋى تەربىيىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشى. 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە مىللىچە ئەخلاق ئوقۇشلۇقى تەسىس قىلنماسلىقى. 3-ئەرلەردىكى سۈر-ھەيۋە ۋە يىگىتلىك جاسارەتنىڭ شەيتانلار بىلەن ئاشنا بولىۋالغانلىقى. 4-باشقا پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ تاقاقلانغانلىقى. 5-بىر قىسىم ئىدارە –ئورگانلارنىڭ ئايال ئىشچى –خىزمەتچىلەرگە كىيىنىش ۋە يۈرۈش –تۈرۈشتا چەك قويۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى. 6-تېلىۋېزور مەدەنىيتىنىڭ،غەيرى تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى. 7-كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ تاشقى گۈزەللىك ۋە پۇلغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقى. 8- ئۇچۇر-ئالاقە قوراللىرىنىڭ مىكرولىشىپ، يەر-شارىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كىچىكلەپ بېرۋاتقانلىقى. 9- ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە دائىر تېلىۋېزور فىلىملىرىنىڭ كەم ئىشلەنگەنلىكى ھەم ئويغۇر تارىخىدىكى بالىلارغا خاس ئاجايىپ ئىسىل ئەسەرلەر بولسىمۇ،بالىلار كارتون فىلىمى قىلىنىپ ئىشلىنىپ،تارقالماسلىغى. 10- مىللىي مائارىپ بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تولۇق بىر گەۋدىگە ئايلىنماسلىقى.11-ئاجرىشىش سۈرىتىنىڭ تېزلىگى... قاتارلىق ئەھۋاللار قىز-ئاياللارنىڭ بىز تەكىتلەۋاتقان «گۇناھ دېڭىزى »غا غەرق بولىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىر قىسىمى بۇلۇشى مۇمكىن. بىزدە مىللىي ئەخلاقنى تۈگەشتى  دېگىلى بولمىسىمۇ، كەم دېگەندە، ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالدى،دېيىشكە بولىدۇ. ئەرلەر يارىشىملىق دوپپىسىدىن ۋە يانغا ئېسىپ، يۈرىيدىغان ئۇيغۇر پىچىقىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن،بەلكى،غۇرۇر ۋە شىجائەتنى نامايەن قىلىدىغان يارىشملىق ساقال-بۇرۇتلىرىغا كۈيە چۈشۇرۇپ قويدى. ۋۇجۇدىمىزدىكى ياۋايىلىق، جەسۇرلۇق، ئىسيانكارلىق، باتۇرلۇق ئاللا قاياقلارغىدۇر غايىب بولدى. تۇزكورلۇق، قويمىچىلىق، مۇناپىقلىق روھىمىزنى بۇلغىدى. ئاياللاردىكى چىمەن دوپپا، قىرىق ئۆرۈم چاچ ،ئۆزگىچە نازۇكلۇق ،ئەۋرىشىملىك ۋە يارىشىملىق ئەتلەس كۆينەك خېرىدارسىز قالدى. سېرىق چاچ ۋە قىسقا يوپكا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىردىن-بىر بەلگىسى بولۇپ قالدى.ئۇلار قەلىب باياۋانلىرىنىڭ مەلۇم قاشاقلىرىغا «چاقچاق ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى »قۇردى-يۇ،ئەمما، دېرىكتورلىقىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تارتقۇزۇپ قويۇشتى.
بۇنىڭدىن 3000يىل بۇرۇن «ئۆزۈڭنى بىل، ئەدەپكە قايت! »دېگەن  مەشھۇر ھېكمەت بارلىققا كەلگەنىكەن ،بىز پىكىر قىلغاندا «بەزىلەر ...دەپ سۆز باشلاشقا شۇ قەدەر ئۇستا بولۇپ كەتتۇق، ئۆزىمىز ھەققىدە تەنقىدى پىكىر قىلىشقا پېتىنالمىدۇق. مېنىڭچە، بۇ ئىنسانىيى پەزىلەتكە مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسلە. كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، سىلەر قىز -ئاياللارغا قارايدىغان ھەم تۇرمۇش غەلۋىردە ئادىل تاسقايدىغان بولساق، زاۋۇتتا قايتا باسسىمۇ ئادەم قىياپىتگە كىرمەيدىغان قىز –ئاياللارمۇ مەۋجۇت، ئەلۋەتتە. ئەلۋەتتە ئەرلەرمۇ مەۋجۇت. بىر قىسىم قىزلار ئەۋزەل شارائىت قۇچاق ئېچىپ تۇرسىمۇ ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچكەن، يەنە بىر قىسىم قىزلار، بايۋەتچىلەرنى «تىللا تۆكىدىغان دەرەخ »دەپ قاراپ، ئۈچىنچى شەخىس سۈپىتىدە ئىناق ئائىلىلەرنى بۇزۇش كويىدا غەلىتە كومىدىيلەرنى ئويناشماقتا ،يەنە بىر قىسىم ئاياللار ئېرىنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ نادانلىقىدىن ياكى خىزمەتتىكى جىددىيلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېرىگە  ئاسىيىلىق قىلىپ، تەكرار گۇناھ سادىر قىلماقتا،  مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن سەبىي بالىلار يېتىملىك ئۆتەڭلىرىدە قايمۇقۇپ يۈرمەكتە ...
     يەنە بىر قىسىم ئاياللار پەرزەنت تەربىيلەشتە ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماقتا. ھەتتا ئۇلار « ئورۇقلاپ كېتىمىز ،فىگورىمىز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» ياكى «ھۆسىن-جامالىمىزغا تەسىر يېتىدۇ»دېگەن پىكىرلەرنى بازارغا سېلىپ، ئۆز باغرىنى يېرىپ چۈشكەن بوۋاقلارغا ئوغۇز سۈتىنى بېرىشكە پىقسىقلىق قىلىپ،ئۆزى تۇغالايدىغان تۇرۇپمۇ،ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ،بوۋاقنى ئاسانلا دۇنياغا ئاپىردە قىلىپ، ھەرخىل ناملاردىكى تەييار ئىش قوشۇلغان سۈت پاراشۈكلىرىنى بەرمەكتە ...مۇشۇنداق بىمەنە قىلىقلىرى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا ھازىر ھايۋان سۈتى بىلەن چوڭ بولىۋاتقان بىر تۈركۈم بالىلاردا ھايۋانى خىسلەت كۈچىيىپ بارماقتا ...بۇ بىر بۆلۈك ئاياللارنىڭ ئۆز بالىسىغا ئاسىيلىق قىلغىنى. ماھىيەتتە، بىر پۈتۈن مىللەت ساپاسىغا ئاسىيلىق قىلغىنى بولماي نېمە؟! نۆۋەتتە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى تەكىتلەنمەكتە. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا،ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان تۇنۇشى،كۆزقارىشى كۆپ قىرلىشىپ كۈندىن-كۈنگە گارمۇنىيىلىك تۈس ئالماقتا ...ئاياللارنىڭ ئەھمىيەتسىز قاتار چايلىرىنىڭ كۆپىيىشى،بالىلارنى غېرىبسۈندۈرۈپ،تورخانىغا يۈگۈرۈتسە،ئەرلەرنى ھارام بولغان ھاراققا چىلاشتۇرماقتا.
ھېلىمۇ، تەكلىماكاننىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئاجايىپ روھ بىلەن ئىزدىنىۋاتقان، سىلەرگە مەردانە قىياپەت بىلەن ئاتىلارچە مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان، ئاجايىپ باھادىر ئۇيغۇر ئەركەكلىرى ھېلىمۇ تولۇپ يېتىپتۇ.
بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قىز-ئاياللار ئومۇمى قىز -ئاياللارنىڭ بىر قىسىمى بولغىنىغا ئوخشاش،پاشاگۈل،سىز تىلغا ئالغان ۋە بىز ئېتىراپ قىلغان ئەركەكلەرمۇ ئومۇمى ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بىر قىسىمى . دادىللىغىڭىزغا، جاسارىتىڭىزگە قايىلمەن،پاشاگۈل.مەن سىزنىڭ ئاز،لېكىن تېتىملىق ئەسەرلىرىڭىزگە،ئىزچىل دىققەت بىلەن قاراپ، ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.بولۇپمۇ يېڭىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان،ھېسياتقا تويۇنغان شېئىرلىرىڭىز،كىشىگە ئالەمچە زوق بېغىشلايدۇ. شۇنەرسىمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن،پاشاگۈل.سىلەر قىزلارغا: «ئەركەك تۈكى بار، مەرت، باتۇر، مەسئۇلىيەتچان ،ئىجادچان... يىگىتلەر كېرەك» بولغىنىغا ئوخشاش، بىز ئەركەكلەرگىمۇ ئەقىللىق،بىلىملىك،كوپ كىتاب كۆرىدىغان، نازۇك، نۇمۇسچان،تىرىشچان،يۈزى تۆۋەن،ئائىلە ئىشىغا پۇختا،ئۆي تۇتۇشقا ماھىر، ...قىزلار كېرەك. ئەلۋەتتە، سىز «يىگىتلەر،تۇپراق ھەرقانچە مۇنبەت بولسىمۇ ئۇنڭغا پۇچەك ،ناچار ئورۇق چۈشىۋەرسە مۇنبەت تۇپراقنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بولماقچى ئىدى»دېگەن سوئالنى قويۇپسىز،دېمەكچى بولغىنىڭىز ناھايتى توغرا. بىراق، شورلىشىپ كەتكەن، قۇرغاق، ئۈنۇمسىز تۇپراققا ياكى زەيكەش تۇپراققا ھەرقانچە دانلىق، ئېسل ئۇرۇق چۈشسىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇپراقنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلمىغانسىز؟! ئەگەر سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى قېدىرىپ، تەكشۇرۇپ مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنالىساڭلار،بىزمۇ ئۆزىمىزگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ، ئۇرۇق سورتىمىزنى ئەلالاشتۇرالىساق، چوقۇمكى، ئالغان ھوسۇلىمىزنىڭ دېنى پۇچەك بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ئەركەكلەر سىلەردىن ئاغرىنىپ، بارلىق گۇناھنى سىلەرگە ئارتىپ قويساق،سىلەر بىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، گۇناھنىڭ مەنىبىئى ئەرلەردىلا دەپ كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىپ، خالىغان قىلىقلار  بىلەن شۇغۇللانساڭلار ...ئۇ ھالدا ئەتراپىمىز «گۇناھ دېڭىزى »غا ئايلىنىپ «پاكلىنىش كۆلى »نىڭ ئادېرىسىنى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز 。 قىز-ئاياللاردا پەقەتلا گۇناھ يوقمىدۇ؟  پۈتۈن گۇناھ بىز ئەرلەردىلاممىدۇ؟
ئەڭ يېقىملىق گۇمراھلىققا قارىغاندا،ئەڭ ئاچچىق ھەقىقەت ئەۋزەل.

مەنبە:  «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» دىن.

6

تېما

4

دوست

672

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا(Rank: 3Rank: 3)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1442
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 286
تۆھپە : 14
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-3

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 17:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي. بىرنىڭ خاتالىقى مىڭغا دىگەندەك بىر ۋەزىيەت شەكىللىنۋاتىدۇ. ئويغانغانلار ئۇيغىنۋاتىدۇ، ئويغانمىغانلار يەنىلا غەپلەت ئۇيقۇسىدا، «جاھاننى سۇ باسسا ، ئۆردەكنىڭ يېنىغا كەلمەپتۇ .» دىەەندەكلا ھالەتتە. ئۇلارنى تىزرەك غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ ، ھالاللىق، پاكلىق دۇنياسىغا باشلايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنسە- ھە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2013-7-4 07:34 , Processed in 1.234447 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش