بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سايرامى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 13:00
سايرام نامنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە ۋىلايەت ئاتىلشى
ئاپتۇرى: كەنجى ھىدايى(سايرام بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پىنسىيونىرى)
باي ناھىيە بازىردىن شەرىققە قاراپ 30كىلومىتىر ماڭغاندىن كېيىن ئېتىزلىرى سالالاشقان،ئېرىق-ئۆستەڭلىرى خۇددى قان تۇمۇرلاردەك گىرەلەشكەن،بۇلاق سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان،باغۇ-بوستانلىق بىر يېزىغا كىلىسىز. مانا بۇ گۈزەل جاي باي ناھىيسىنىڭ سايرام يېزىسى بۇلۇپ كۈسەن خانلىقى دەۋىردە بەيزا شەھرى،قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋىردە ئىسپىجاپ شەھرى،يەكەن خانلىقى دەۋىردە سايرام ۋىلايىتى،چىڭ سۇلالىسى دەۋىردە 3-دەرىجىلىك ھاكىمبەگلىك شەھەر بۇلۇپ ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەمەلدار تۇرغانكەن. ئەينى يىللاردىكى سايرام ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار ھازىرقى قېيىر يېزىسى،تۇقسۇن يېزىسى،ياتۇر يېزىسى ۋە كانچى يېزىسى قاتارلىق 6يېزامەھەللە كەنىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1882-يىلى 10-ئايدا يارلىق چۈشۈرۈپ شىنجاڭنى ئۆلكە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان،ئەسلىدىكى يەكەن خانلىقى دەۋىردە قۇيۇلغان خان ئامبال،مەسلىھەتچى ئامبال،ئىشىكئاغا بەگ،شاغىبەگ،دىۋانبەگ.....قاتارلىق ئەمەل ناملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ھاكىميەت تۈزۈلمىسىنى ۋىلايەت،ناھىيە،ئايماق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىكەن.ئەينى چاغدا شىنجاڭدا 4ۋىلايەت،6مەھكىمە،9نازارەت،3ئايماق،23ناھىيەتەسىس قىلغان. 1884-يىلى 11-ئاينىڭ17-كۈنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يارلىق چۈشۈرۈپ ئەينى يىللاردىكى سايرام ھاكىمبەگىلىكى بىلەن باي ھاكىمبەگىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ باي ناھىيسىنى تەسىسى قىلغان.
يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇغراپىيلىك تەبئىي شارائىتى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتكى تۈزۈلمە ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەسىلىدىكى سايرام ھاكىمبەگلىكىگە قاراشلىق بىر قىسىم جايلار قېيىر يېزىسى،قىزىل يېزىسى،سايرام يېزىسى،توقسۇن يېزىسى،ياتۇر يېزىسى،ۋە كانچى يېزىسى قاتارلىق مەمۇرىي رايۇنلارغا ئايرىلىپ باشقۇرۇلدى.
ئۇلۇغ تىلشۇناش ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»3-توم 243-بىتىدە سايرام قەدىمقى ئۇيغۇرچە سۆز بۇلۇپ تېيىز سۇ دېگەنلىك بۇلىدۇ. سايرام شەھرى ئىسپىجاپ شەھرى دەپمۇ ئاتىلدۇ. ئۇ ئەسلىدىكى بەيزا شەھرىنىڭ ئىسمىدۇر ديىلگەن.
خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومى فىلولوگىيە پەنلىرى پىرافپىسورى شىرىپجان قاسىمنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى بەزى يەر-جاي ناملىرى ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىم» دېگەن ئىلمي ماقالىسىدە : سايرام - ئىسپىجاپ يەنى بەيزا شەھرىنى كۆرسىتىدۇ. سايرام سۆزى«سايئەت»سۆزىدىن كەلگەن، سايرام تېزئاقىدىغان ئېقىن دېگەن مانانى بىلدۈردۇ«دەپ كۆرسەتكەن. ) 2003-يىل 1-سان،92-بەت)
يوللىغۇچىنىڭ قىستۇرمىسى: يۇرتىمىز سايرام ئەنە شۇنداق تارىخى ئۇزۇن ( تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسەن ھەتتا باي دېگەن نام مەۋجۈت بۇلۇشتىن ئىلگىرى سايرام دېگەن نام مەۋجۈت ئىدى دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ.)قىسمەتلەرگە باي،ئۆزگىچە مەدىنيەت-سەنئەت بايلىقلىرىنى ياراتقان، ئۇيغۇرنىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى ۋە نامدار زىيالىيلارنى كۆپلەپ يىتىشتۈرۈپ بەرگەن قەدمىي يۇرىت ھىساپلىندۇ. يېقىندىن بېرى باي ناھىيسىنى سىرىتلارغا تۇنۇنۇتۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان قەدىمىي سايرامنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرى بولغان موللا مۇسا سايرامىي،نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى كەبى سايرامىيلار،سايرام خەلىقىنىڭ ئەجداتلاردىن ئەۋلاتلارغىچە ئېيتىلىپ كەلگەن سايرام سەنىمى (باي ناھيسىنىڭ باشقا جايلىرىدا بۇنداق ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى يوق بۇلۇپ ئۇيغۇر سەنئەت غەزنىسىدىكى يىگانە گۈل ھىساپلىندۇ) سايرام قېتىقى يۇقارقى بايانلىرمىزنىڭ كۈچلۈك دەللىلىرى بۇلۇپ سانىلدۇ.
مەنبە: مەزكۈر ماقالە «باي تارىخ ماتىرياللىرى»5-تومىدىكى شۇ ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. يەنمۇ تەپسلىي مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولغان تورداشلارنىڭ كىتاپتىكى بايانلارنى تەپسلىي ئۇقۇپ چىقىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن. شۇنۇڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزۇن يىللار مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ ئارامغا چىققاندىن كېيىنمۇ قەلەمنى تاشلىماي يۇرىت ئىشقىدا كۈيۈپ، يۇرىت ھەققىدە ئىزدىنىپ قەدىمىي يۇرىتنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلغان مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز كەنجى ھىدايى ئەپەندىمگە رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن. بۇ ئۇستازنىڭ ئاخىرقى ئۆمىرىنىڭ تېنىچ-ئاسايىشلىق ئۈتۈشنى تىلەيمەن!