گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1644 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    مېنى سېغىنغانلارنى مەنمۇ سېغىندىم .

  • admin 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى،خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلە.

  • لالە1224 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

  • شاختۇرا 2013-6-26 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ھەر-بىر كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن ...

  • بۇرادەر 2013-6-24 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام مۇنەرداشلار. بۇرادەردىن سالام كەتتى.

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلىرىم

  • يەھيا618 2013-6-22 02:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام   ئەلەيكۇم    ياخشىمۇسىلەر .ئاڭلىسام   كايسى  كۈنى  بايدا  مولدۈر  يېغىپتىمىش    بۇ   راسما   ؟

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل ئۈچۈن تىكىنى بولغاچقا قالقان ، ۋىسال يۈرەكنى قىلىدۇ قان - قان .

  • شۇڭقار 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا ئەجەپ قىززىپ كېتۋاتدۇ يا؟

  • مۇختەرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ تىنجىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە ؛ دوستلار بىلەن   سۇغا چۈمۈلۈپ كەلگۈم بار .

  • مۇختەرجان 2013-6-26 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا نىمانداق بەك ئىسسىپ كەتتى ؟ ئەزىز دوستلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمىسۇن ، دىققەت قىلىڭلار .

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سەلتەنەتلىك گۈزەل باي . دېسە دېمسە گۈزەل جاي  يۇرتۇمنىڭ نامى گۇيا. ئاسماندكى گۈزەل ئاي

  • يەھيا618 2013-6-23 22:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمانداق زېرىكشلىك   كۇنلەر  بۇ   .ئۆينى ھەجەپ  سېغىندىم ...ھۇھۇھۇھۇھۇھ

  • بۈركۈت 2013-6-21 19:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار!ئامانمۇ سىلەر؟

كۆرۈش: 396|ئىنكاس: 0

قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

154

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

يوقلىما
11
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1485
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 68
تۆھپە : 6
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-10

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 14:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىكى سىياسى، ئەدەبىيات، تىل، پەلسەپە، قانۇن، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، دىخانچىلىق، ھەربى ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك كۆز قاراشلىرى شەرھىلەنگەن «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئىككى ئەسەرنى نوقتىلىق تۇنۇشتۇرىمىز.
2-          بۆلۈم «قۇتادغۇ بىلىك» توغرىسىدا
«قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى دەۋرلىرىنى چۈشىنىشتە بىرىنچى قول ماتىرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن مەدەنيىتىنى يارىتىشتا قوشقان شانلىق تۆھپىسىنى چۈشىنىشتىمۇ ئەڭ ئوبدان تارىخىي ھۆججەتتۇر.
«قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ مەھسۇلى. قاراخانىلار دەۋرىدە دۆلەت تۈزۈلمىسىدە، جەمىيەتتىكى ھەر قايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى مەسىلىلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ جەمىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەخلاق، قائىدى، ئىنتىزام، قانۇن، پىرىنسىپلارنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش، قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىچكى ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزاھلاپ بېرىش شۇ دەۋرنىڭ جىددى تەلىۋى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئەخلاقىي ۋە تەربىيە قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنچىكە ئىجتىمائى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىگەللەپ چىققان مەسىلىلەرنى ئىلمىي قاراش بويىچە سېستىمىلاشتۇرۇپ چىقتى؛ ھۆكۈمرانلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى، ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە ئۇلارنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا دائىر مەسىلىلەرنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى كۆز قاراش بىلەن يۇرۇتۇپ بەردى.
«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇ يەردىكى، ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى يۇرۇتۇپ بەرگەندىن تاشقىرى، قەدىمقى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىنى ئۆز ئەسىرىگە سىڭدۈرۈپ، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە يەنە قەدىمقى ئەسەرلەردىن قالغان تارىخىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇلارنى پەلسەپىۋى كۆز قاراشلار بىلەن بېيىتىپ، قەدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك مەدەنىيەت بولمىغاندا، ھازىرقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ بولغايدىغانلىغىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. شۇڭا «قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» تە ئۆز ئىسمىنى پەقەت بىرلا قېتىم (6627 – بەت) تە تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا، «قۇتادغۇ بىلىك» نى كىتاپخانلارغا تۇنۇشتۇرۇش مەقسىدىدە قوشۇمچە قىلىنغان نەزمى ۋە نەسرى مۇقەددىمىلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن باشقا، مەلۇمات بېرىدىغان ئېنىق بىر مەنبە يوق. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ:
تەگۈردى ماڭا ئەلىگ ئەلگە ياشىم،
قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.
ئوقۇر ئەمدى ئالتىمىش ماڭا كەل تەيۇ،
پۇسۇغ بولماسا باردىم ئەمدى نارۇ.
(ماڭا تەككۈزۈپ قولىن ئەلىك يېشىم،
قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم.
مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش ئەمدى دەيدۇ كەل،
بارۇرمەن ئەگەردە يەتمىسە ئەجەل.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇشۇ بېيىتلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان چاغلاردا دەل ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغانلىغىنى قىياس قىلىش مۇمكىن.
يىل ئاتمىش ئەردى تورت يۇز بىلە،
تۆكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز.
دىگەن مىسرالارغا قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ كىتاپنى ھىجىرىيىنىڭ 462 – يىلى (مىلادى 1069 – يىللار) جەمى 18 ئايدا يېزىپ تۆگەتكەن. ئەمدى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغاندا، بېيىتتا ئۆزىنىڭ 50 ياشلاردا ئىكەنلىگىنى ئېيتقانلىغىغا قاراپ، ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىنىڭ 1019—1020 – يىللىرى بالاساغۇندا توغۇلغانلىغىنى بىلەلەيمىز. ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلاپ قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان.
تاۋغاچ سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلۈگىنى ماختاپ، كىتاپنىڭ قەدىر – قىممىتىگە يېتىپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ»⑦ لىق ئۇنۋانى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ ئاتالغان. مۇشۇ ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار ھاكىمىيىتىگە تەسىر ئۆتكۈزىدىغان ئەربابقا ئايلاندى. قاراخانىلار مۇشۇ دەۋردە ئۆز سىياسىتىنى ياخشىلاش، قانۇن – تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىش، مالىيە، ئىقتىسات ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سودا، قاتناش، دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول سانائەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپ، مەدەنيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق شائىرى، پەيلاسوپى، مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇ بارلىق تۈركى تىل دىيالېكتلىرىنى ئېنىق بىلگەندىن تاشقىرى ئەرەپ، پارس تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يېتىلگەن ئىنسكلوپىدىگى دىيىشكە بولاتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانلىقتىن، تولۇق تەرجىمىھالىنى رەتلەپ چىقىش قىيىن. لېكىن ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىنىڭ قوشۇمچە قىلىنغان قىسمىدا ئۆز ئەھۋالىنى سۆزلەپ كېلىپ، قېرىپ قالغانلىغىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بايان قىلىدۇ:
تاتىغ ئەردى بارچە يىگىتلىك ئىشىم،
ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يەر ئاشىم.
(يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم،
ئوغا قىلدى ماڭا يەر ئېشىم)
قايىڭ تەگ بودىم ئەردى ئوق تەگ كونى تۇز،
ياتەگ ئەگرى بولدى ئەگىلدىم تۇگىتتم.
(قېيىندەك بويۇم ئوقتەك ئىدى تۈز،
يايدەك ئەگرى بولدى، پۇكۇلدۇم ئېگىلىپ.)
بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خېلىلا ئۇزۇن يىل ياشىغانلىغىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
ئەسەرنىڭ نامى ۋە بىر قانچە نۇسخىلىرى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نامى ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ 351 – بېيىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
كىتاپ ئاتى ئوردۇم قۇتادغۇ بىلىك،
قۇتاد سۇ ئوقىغىلىقا تۇتسۇ ئەلىگ.
(كىتاپقا «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئات قويدۇم، ئوقۇغان كىشىنى قۇتلۇق قىلسۇن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتسۇن.)
ئالىملار «قۇتادغۇ بىلىگ» ياكى «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل ئىزاھلاپ كەلدى. قەدىمقى تۈركچە «قۇت» سۆزى «قۇتلۇق»، «مۇبارەك»، «مۇقەددەس»، «بەخت» مەنىسىدە، «بىلىك» ياكى «بىلىگ» بىلىم دىمەكتۇر. دۇنيا ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا «قۇت» سۆزىنى «بەخت – سائادەت» مەنىسىدە چۈشىنىپ، «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنى «بەخت – سائادەت بىلىمى» دىسە، بەزىلەر «بەختلىك قىلغۇچى بىلىم»، «پادىشاھلارغا لايىق بىلىم» دەپ ئىزاھلاشتى. رەشت رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىك» نى «ئادەمگە ھەر ئىككى دۇنيادا بەخت – سائادەتلىك (قۇتلۇق) بولۇش يولىنى كۆرسەتكۈچى بىلىم» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
«قۇتادغۇ بىلىك» ئۈستىدىكى مۇلاھىزە ۋە چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراپ شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، «قۇتادغۇ بىلىك» بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش يولىنى كۆرسىتىش مەقسىدىدە يېزىلغان. ھەقىقى مەنىسى بىلەن ئېيتقىنىمىزدا، بۇ ئەسەرنى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن دۆلەتنى ئەخلاق، قانۇن، ئىلىم، ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىش دەستۇرى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ پۇروگىراممىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىك» قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلى ۋە ئارزۇ ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، جەمى 6645 بېيىت، 13 مىڭ 290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان، 85 بابقا بۆلۈنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان نۇسخىسى تېخىچە دۇنيادا تېپىلمىدى. قۇتادغۇ بىلىكنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن نۇسخىلىرى ئەسەر يېزىلغان ۋاقىتتىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن كۈچۈرۈلگەن، بۇلار ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە نۇسخىلىردىن ئىبارەت.
(ئا) ۋېنا نۇسخىسى. بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 439 – يىلى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىرات شەھىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1474 – يىلى ئىستامبۇلغا كەلتۈرۈلگەن؛ 1796 – يىلى ئاۋسترىيىلىك ھامىر پورۇگىستاك ۋېناغا ئېلىپ بېرىپ، ۋېنا كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان، ھازىرغىچە شۇ يەردە ساقلانماقتا. 19 – ئەسىردە ۋېنگرىيىلىك شەرقشۇناس ئا. ۋامبىرى ۋە رۇس ئالىملىرىدىن ۋ. رادلوۋلار بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم تىرانسكرىپسىيىسى ۋە بىر قىسىم تەرجىمىسى بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلغان.
(ب) قاھىرە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، جەمى 8500 بېيت، بۇ نۇسخىنى قاھىرە خدىۋلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ نېمىس مۇدىرى دوكتۇر مۇرىتز 1896 – يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. كېيىنكى دەۋرلەردە تۈركىيە تىل جەمىيىتى بۇ نۇسخىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىنى تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىپ، 1943 – يىلى نەشىر قىلدى.
(ت) پەرغانە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا 445 بەت، 6095 بېيت بولۇپ، ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1914 – يىلى زەكى ۋەلىدى توغان پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىن تاپقان.
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۈرۈركى، «قۇتادغۇ بىلىك» دۇنياغا تۇنۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئالىملىرى ئىچىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغانلىغى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ دەۋرلەردە قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتراپىنىڭ ئىسلام دۇناسى بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشىغا، ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بۇ جايلاردا ئۆزىگە زىمىن ھازىرلىغانلىغىغا قاراپ، «قۇتادغۇ بىلىك» نى ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراش تارىخىي رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. قاراخانىلار قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن بىللە ئەرەپ يېزىغىنىمۇ باراۋەر قوللانغان. مەھمۇت قەشقەرى قەدىمدىن تارتىپ قاراخانىلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ قوللىنىلغانلىغى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى: «قاراخانىلار تىلى ئەڭ ساپ تىل، قەدىمقى زاماندىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە قەشقەردىن تارتىپ چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك شەھەرلىرىدىكى بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن». يەركەندىن 11 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا ۋە 12 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا ئائىت رەسمى ۋەسىقىلەر ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلدى. بۇ ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ، ئەرەپ يېزىغىنىڭمۇ قوللىنىلغانلىغىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. رەشىت رەھمىتى ئارات: «تارىخىي پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەبۇ ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخانغا تەقدىم قىلىنغان دەسلەپكى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئىسپاتلىماقتا» دىگەن. بۇ ۋەسىقە – ھۆججەتلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇ دەۋردە ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر بولغىنىدەك، ئەرەپ يېزىغى بىلەن يېزىلغان ئەرەپچە ھۆججەتلەرنىڭمۇ بارلىغى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە گۇۋاچىلارنىڭ ئىمزالىرى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغى دۆلەت ئىشلىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان يېزىقلار ئىچىدە يەنىلا ئۇيغۇر يېزىغى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ئەرەپ يېزىغى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەنلىگىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇر يېزىغى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتۇن ئوردا ۋە ئىران تەۋەسىدىكى تۈرك خانلىقلىرىدا كېيىنكى چاغلارغا قەدەر قوللىنىلغانلىغى قەيت قىلىنىدۇ. دىمەك، پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ بۇغرا خانغا تەقدىم قىلىنغان ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
«قۇتادغۇ بىلىك» خەلقئارا جامەئەتچىلىككە تونۇلغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىك» كە يېزىلغان بىر مۇقەددىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: چىن ۋە ماچىن ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ تونۇغانكى، تۈركتە چىن ئەللىرىدىن ئىبارەت بارلىق شەرق ئەللىرىدە بۇغرا خان تىلى (خاقانىيە تىلىنى دىمەكچى) ۋە تۈركى سۆزلەر بىلەن ھىچكىم مۇنداق بىر پايدىلىق كىتاپنى يازمىغان. بۇ كىتاپنىڭ پايدىلىق بىر كىتاپ ئىكەنلىگىنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ھېكىملەر، ئالىملار نامايەن قىلىشتا ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىدى. چىنلىقلار «ئەدىبى مۈلۈك» (دۆلەتنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى)؛ ماچىن پادىشاھلىغىنىڭ چوڭلىرى «ئەينە يول مەمالىك» (مەملىكەت ئەينىگى)؛ شەرق ئىلىنىڭ چوڭلىرى «زىنە تول ئەل ئومۇرا» ( ئەمىرلەر زىننىتى)؛ تورانلار «قۇتادغۇ بىلىك»، ئىرانلىقلار «شاھنامەئى تۈركى» دەپ ئاتىدى.
بۇنىڭدىن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ دۇنيا ئەللىرىگە قانچىلىك چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇتادغۇ بىلىك» ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇغى، ماتىرىياللىرىنىڭ موللۇغى، ھەجىمىنىڭ چوڭلۇغى، ئالىمىنىڭ بىلىمىنىڭ كەڭلىگى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، يالغۇزلا تارىخ كىتاۋى ئەمەس، يا رايون، شەھەرلەرنى تەسۋىرلەيدىغان جۇغراپىيىۋى كىتاپ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى ئىجتىمائى ھاياتىنى، روھىي قىياپىتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي – پەزىلەتلىرىنى، بولۇپمۇ قاراخانىلار دەۋرىدىكى دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن، ئەخلاق ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئوبرازلىق بەدىى شېئىر شەكلى بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگۈچى يىگانە ئەسەردۇر.
«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا
«قۇتادغۇ بىلىك» 82 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
1 –، 2 –، 3 – باپلاردا تەڭرىگە، مۇھەممەت پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ چارىيالىرىغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 4 – باپتا بۇغرا خانغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 5 – باپتا يەتتە سەييارە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ سۆزلىنىدۇ؛ 6 – باپتا ئادەمنىڭ ھۆرمىتى، چۈشەنچىلىرى بىلىمدىن پەيدا بولىدىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 7 – باپتا تىلنىڭ ئارتۇقچىلىغى، پايدا – زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 8 – باپتا كىتاپ ئىگىسى ئۆزىنىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ؛ 9 – باپتا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە تەربىيە – نەسىھەتلەر سۆزلىنىدۇ؛ 10 – باپتا ئىلىم ۋە پاراسەت، پەزىلەتنىڭ پايدىسى سۆزلىنىدۇ؛ 11 – باپتا كىتاپنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتۇرنىڭ قېرىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 12 – باپتا قىلىق – ھەركەتنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 13 – باپتىن 79 – باپقىچە ئەسەردىكى 4 ئاساسىي پىرسۇناژ: كۈن تۇغدى (پادىشاھ)، ئاي تولدى (ۋەزىر)، ئۇگدۇرۇلمىش (ۋەزىر ئوغلى)، ئۇغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى) قاتارلىق 4 پىرسۇناژنىڭ سۆھبىتى سۆزلىنىدۇ؛ 80 – باپتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆتكەن ياشلىغىغا ئېچىنىپ قىلغان پۇشايمانلىرى سۆزلىنىدۇ؛ 81 – باپتا زاماننىڭ بۇزۇلغانلىغى ۋە دوستلارنىڭ ۋاپاسىزلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 82 – باپتا ئالىم ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ، ئۆزرە تىلەيدۇ؛ ئۆز ئەسرىنىڭ توغرىلىق (ئادالەت)، سائادەت (بەخت)، ئەقىل، قانائەتتىن ئىبارەت تۆت ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغىنى بايان قىلىدۇ. ئالىم بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تۈركچە ئىسىم قويغان؛ توغرىلىققا «كۈن تۇغدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ ئورنىغا قويغان؛ سائادەتكە «ئاي تولدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىر ئورنىغا قويغان؛ ئەقىلغا «ئۇگدۇرۇلمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئورنىغا قويغان؛ قانائەتكە «ئۇدغۇرمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى قىلىپ ئالغان. ئالىم دۆلەتنى تۈزەش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئائىت سىياسەت، قانۇن، جەمىيەت، ئەخلاق، ئەقىل، قانائەت ھەققىدىكى پەلسەپىلىك كۆز قاراشلار ۋە تەشەببۇسلارنى تۆت شەخسنىڭ ئۆزئارا سوئال – جاۋاپ شەكلىدىكى سۆھبىتى ئارقىلىق ئوبرازلىق بايان قىلىپ، خەلق ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتنىڭ قانداق بولۇش لازىملىغى، دۆلەتنى بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرغاندا، ئۇنىڭ روناق تاپىدىغانلىغى، ھەممە ئىشتا بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئەخلاقنى يېتەكچى قىلىشنىڭ زورۇرلىگى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشىنىڭ لازىملىغى، خەلقنىڭ دۆلەتكە ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىغا قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ خەلققە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ لازىملىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن:
1459 – بېيىت: ئەسسىز ئوڭدى ئورما ئاي ئىلچى بوگۇ،
ئەسسىز بولسا بولماز ئاۋۇنۇغ يىگۇ.
(ئەي مەملىكەتنى ئىدارە قىلغۇچى ھاكىم! يامان تەرتىپ ئورناتما، يامان قانۇن بىلەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى بولمايدۇ.)
1411 – بېيت: ئاي ئەلىگ قاتىغلان ئۆزۈڭ ئەدگۇ بول،
بەگى ئەدگۇ بولسا، بۇدۇن ئەدگۇ ئول.
ئەي ھۆكۈمدار، ئۆزەڭ ياخشى بولۇشقا تىرىشقىن، بېگى ياخشى بولغان ئەلنىڭ خەلقىمۇ ياخشى بولىدۇ.)
1458 – بېيت: تورۇ ئەدگۇ ئۇر ئاي تورۇ بەرگۈچى،
تورۇ ئولدى ئىسسىز تورۇ ئۇرغۇچى.
(ئەي قانۇن تۈزگۈچى، ياخشى قانۇن تۈز، يامان قانۇن تۈزگەن ئادەم تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن بولىدۇ.)
1367 – بېيت: بەلا كۇچ يېرىندە سەن ئەدگۇ قىلىن،
بۇدۇنۇغ سەۋىندۇرگىل ئەلگىن، تىلىن.
(سەن خەلقنى بالا – قازادىن ساقلا، ياخشىلىق قىل، قولۇڭ، تىلىڭ بىلەن ئۇلارنى خوش قىل.)
2969 – بېيت: نەچە بەگ ئۇلۇغ بولسا ئەسلى بەدۇك،
تاپۇغچى بىلە بولدى ئاتى بەدۇك.
(بەگنىڭ ئەسلى قانچىلىك ئېسىل، ئۆزى قانچىلىك ئۇلۇغ بولسۇن، ئۇنىڭ نامى خىزمەتكارلىرى بىلەنلا مەشھۇردۇر.)
1435 – بېيت: ئۆزۇڭ مەڭگۇ بەگلىك تىلەسە تۇجى،
تورۇ قىل بۇرۇندىن كۆتۈرگىل كۇچى.
(ئەگەر داۋاملىق ۋە ئەبىدى بەگلىكنى خالىساڭ، ئادالەتتىن ئايرىلما، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلا.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى تۈزەشتە دۆلەتنى ئىلىم – ئەقىل بىلەن باشقۇرۇش لازىملىغىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش لازىملىغىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
6608 – بېيت: بىلىرمەن تەسەسەن بىلىگدىن يىراق،
بىلىگىسىزگە ساندىڭ بىلگىلى ئارا.
(«بىلىمەن» دىمە، سەن تېخى بىلىمدىن يىراق،
بىلىملىكلەر ئارىسىدا سەن بىلىمسىزلەردىن بىرى.)
6605 – بېيت: بىلىگ بىل ئۆزۇڭگە ئورۇن قىل تورە،
بىلىگ بىلسە ئۆزكە ئەدى بەرگ تۇرا.
(بىلىم ئال، ئورنۇڭ تۆردە بولىدۇ، بىلىم ئادەم ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر قالقاندۇر.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئاسترونومىيە بىلەن ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يۇلتۇزچىلارنىڭ دىلى ئاي، كۈنلەرنىڭ ھىساۋىنى بىلىدۇ. ئەي ئىنسان! مۇنداق ھىساپ بەك لازىمدۇر. بۇنى ئۆگەنمەكچى بولساڭ، گىئومېتىرىيە ئوقۇ، ئاندىن ساڭا ھىساپنىڭ ئىشىگى ئېچىلىدۇ. كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە ھەممە كەسىرلەرنى تولۇق ئۆگەنگىن ..... يەتتە قات ئاسماننىڭ سىرلىرىنى يەردە ياتقان غازاڭدەك پىششىق بىل، ئالگېبرا ئۆگەن.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ «بۇ دۇنيا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، بەخت پەقەت جەننەتتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دىگەن كۆز قاراشلارغا ئۆز پىكرىنى ئېيتىپ، «ئادەملەر ئارىسىغا بېرىش لازىم»، «قولغا كەلگەن ۋاقىتنى زادىلا بىكارغا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ»، «ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىن ئالىدىغان مەنپەئەتى ئەنە شۇ»، «جاپا بولماي، ھالاۋەت بولۇش مۇمكىن ئەمەس»، «ئادەملەر ئۈچۈن تاماق، كىيىم لازىم، بۇ ھاياتلىقنىڭ زورۇرىيىتى»، «قالغان ئۆمرۇڭنى ئەمدى بىكارغا ئۆتكۈزمە»، «سەۋر قىلساڭ، جاپا سەن ئۈچۈن نىمەتلىك بولىدۇ»، «ياخشىلىق تىلەشتىن ياخشىلىق قىلغان ئەۋزەل» دەپ، كىشىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشقا، بەخت يارىتىشقا ئۈندەيدۇ ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇھەببەت باغلاشقا چاقىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى جەمىيەت تەرەققىياتىدا دىخانلار، چارۋىچىلارنىڭ جەمىيەتنىڭ بايلىغىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىگى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇلارسىز (دىخاننى دىمەكچى) ئىش پۈتمەس. ئۇلارغا كۈيۈمچان بول، ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا ئىش قىلما» دەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ نوقتىنى شۇ دەۋردىلا تونۇپ يەتكەن.
ئاپتۇر تىجارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سودا – تىجارەت ئەھلى بىلەن ئارىلاش، ئۇلارغا ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى سۆز قىلغىن. سودىگەر تىجارەت قىلىپ غەرپ ۋە شەرقنى ئايلىنىپ، سېنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسەڭنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ بولمىسا، شىمالىي ياۋروپا توقۇلمىلىرى قانداق كېلەتتى. سودىگەرلەر دۇنيانى ئايلانمىغان بولسا، ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى كىم كۆرەتتى. شۇڭلاشقا سودىگەرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل.» تىۋىپلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، ئەزىز كۆر، ھېكىملەر پۈتۈن كىسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. داۋالاش ۋاستىسى بىلەن كېسەللىك ساقىيىدۇ. ھېكىملەر كېسەلنى كۆرۈپ ئىلاج قىلىدۇ.» ئالىملار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار خەلققە يول كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن ئازدۇر – كۆپتۇر بىلىم ئۆگەن. ئالىملارنىڭ بىلىمى خەلق ئۈچۈن.»
شائىرلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شائىرلار قىلىچتىن كەسكىن بولىدۇ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش كېرەك»، «ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى سىنچىلاپ كۆزەتسەڭ، ئۇلار دېڭىزغا چۆمگەن كىشىلەرگە ئوخشاش گۆھەر، ئۈنچە، ياقۇت چىقىرىدۇ».
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت تەشكىلاتىدىكى خادىملار (تاپۇغۇچى) دا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ: «بۇنداق خادىملار ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى، سەمىمى بولۇشى، ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك. ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىز ئۆزەڭگە يېقىن يولاتما» دەپ يامان ئىستىللارنى قاتتىق سۆككەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەگ ئۈستىدە توختىلىپ: «بەگ دۆلەتنىڭ باش ۋەكىلى، بەگنىڭ قانداق بولۇشى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. بەگ بەگلىك ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆگىنىدۇ. بەگ تىز پۈكمەس ئالپ (قەھرىمان)، جەسۇر، قابىل بولۇشى كېرەك. بەگدە مۇشۇ خىسلەتلەر بولسا، ئاندىن خەلق ئىشىنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ»، «ياخشى پادىچى ئۆز قويلىرىنى بۆرىدىن ئاسرايدۇ، ياخشى خىسلەتلىك بەگمۇ خەلقنى ئاپەتتىن ساقلىشى لازىم. خان باغۇ – بوستانلارنى سۇغارغۇچىغا، خەلق گۈلگە ئوخشايدۇ. گۈل سۇغا قېنىپ باراقسان ئېچىلسۇن» دەيدۇ. ئەمەلدار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تاپۇغۇچى – ئەمەلدارلارنىڭ بېشىدۇر، ئاندىن قالسا سۇ بېشى (ھەربى قوماندان) دۈشمەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتمەسلىگى، تىز پۈتمەسلىگى، بېشىدىن قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇشى، كۈچلۈك، قەتئى، شەخسىيەتسىز، دادىل، باتۇر، تەمكىن بولۇشى لازىم. ئۆزىگە پەقەت بىر ئات، كىيىم – كېچەك ۋە قورال – ياراق قالدۇرۇشى لازىمكى، ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم دەپ مال توپلىماسلىغى، سۈيۈم، بېغىم دەپ ئالتۇن – كۆمۈش توپلىماسلىغى كېرەك.
كۆر، ئارسلان بولۇ بەرىسە ئىتقا باشى،
ئىت بارچە ئارسلان بولۇر ئۆز تۇسى.
قالى بولسا ئارسلانغا ئىت باشى،
ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقشى.»
(قاراڭلاركى، بىر ئارسلان، ئىتقا باش بولسا، ھەممە ئىتلار ئارسلاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىت بىر ئارسلانغا باش بولسا، ھەممە ئارسلان ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.)
شائىر يەنە، قوشۇننى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا لايىق بايلىق ئاجرىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلنى بېيىتىش، جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش لازىملىغىنى ئېيتىدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇشتا: «ئۈچ نەرسە يەنى ئوڭ قولىدا قىلىچ، سول قولىدا مۇكاپات بېرىلىدىغان نىمەت بولۇش، ئاغزىدا تاتلىق سۆز بولۇش كېرەك» دىگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىدىكى ھەر قايسى سىنىپ ۋە ھەر قايسى تەبىقىلەر ھەققىدە بىر – بىرلەپ توختىلىدۇ. دۆلەت ئىدارىلىرىدىكى خادىملار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇھاكىمىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ساڭا بەگلىك نىسىپ بولسا، بىلىمىڭ بىلەن ئىدارە قىل،
يابغۇ – تېگىن بولساڭ، قولۇڭدىن كەلگەنگە قەدەر ۋاپادار بول،
ئارمىيە قوماندانلىغىغا نىسىپ بولساڭ، دۈشمەننى بىل ، ھۇشيار تۇر،
ساڭا ۋەزىرلىك نىسىپ بولسا، ئادىل بول، ناھەق ھۆكۈم چىقارما،
ئۆگە⑧لىك ئورنىغا ئېرىشسەڭ، ھۆكۈمدار خاتالاشقان بولسا يول كۆرسەت،
ھاجىپ بولساڭ، پارە ئالما، قۇل، يىتىملەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلا،
ھۆكۈمدارلار كاتىۋى بولساڭ، سىر ساقلاشنى بىل.»
يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلىرى ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىگە كۆتىرىدۇ. بۇ قاراخانىلار جەمىيىتى ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ۋە مەدىنى ھاياتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى نامايەن قىلغان بۇنداق بىر نادىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارىدۇر!  
2-          بۆلۈم «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا
11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋر قاراخانىلار مەدەنيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. شۇڭا بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇيغۇر تىلىدا بىر قانچىلىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەردىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ قىممەتلىك يەنە بىر ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى» دۇر. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەردە ئەرەپلەرنىڭ تۈركى تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، سۆز – ئىبارىلەرگە ئەرەپ تىلى بىلەن ئىزاھات بەرگەن. «تۈركى تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە «دىۋان» دەپ ئالدۇق) دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسكلوپىدىيىلىك لوغەت دەپ ھىساپلانغان «كاڭشى لوغىتى» دىنمۇ كۆپ ئىلگىرى تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمقى يادىكارلىقلار ئىچىدە بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.
ئىلىم دۇنياسى «دىۋان» نى تىلشۇناسلىقتا تەڭداشسىز ئەسەر دەپ ھىساپلىماقتا. «دىۋان» مۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن تۈكى تىللىرى قامۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم مارتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى چوڭ ئىنسكلوپىدىيە دىيىشكە بولىدۇ.
«دىۋان» دا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركى تىللارنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرى، گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ھەر بىر جاينىڭ دىئالېكتىكىلىق پەرقلىرى ۋە ئۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى بايان قىلىنغان. «دىۋان» دا كەلتۈرۈلگەن ئۆرنەكلەر، جۈملە، ماقال، تەمسىل، بېيىت، شېئىر، پارچە، داستانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللىرىنىڭ تىل تۈزۈلۈشى، قەدىمقى تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرى، قەبىلىلەرنىڭ ئىسمى ۋە جايلاشقان يەر ناملىرى، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش جەريانلىرى، يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئۆي جابدۇقلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئېتنوگراپىيىلىك قىممەتلىك مەنبەلەر قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار جەمىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتىرىيالدۇر.
مەھمۇت قەشقەرى توغرىسىدا
«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئالىمى.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە قولىمىزدا ماتىرىيال كەم. ئەمما، «دىۋان» نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمىنى «مۇھەممەت ئوغلى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرى» دەيدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى مەھمۇت، دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلەلەيمىز.
مەھمۇت قەشقەرىمەھمۇت قەشقەرى قەشقەرنىڭ ئەينى زاماندىكى يېزىلىرىدىن ئوپالنىڭ⑨ ئازىق كەنتىدە توغۇلغان، قەشقەردە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قاچان توغۇلغانلىغى ۋە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىگى ھەققىدە «دىۋان» دا بايان قىلىنغان قاراخانىلار خانلىغىنىڭ خانلىق شەجەرىسىدىكى مەنبەلەرگە قاراپ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم، يەنە بىر ئوغلى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇكېرىم، سۇلايماننىڭ ئوغلى ھارۇن (ئەلى ھەسەن) ئىبنى سۇلايمان ھىجىرىيىنىڭ 302 – يىلى، مىلادىنىڭ 992 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان بۇ مەزگىلدە، ھېچ بولمىغاندا، 20 ياشلاردا بولۇشى كېرەك. يۈسۈپ قادىرخان خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرگەن بىر ئادەم بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 423 – يىلى، مىلادىنىڭ 1032 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنى 60 ياشلاردا ۋاپات بولغان دەپ ھىساپلىساق، ئۇ، ھېچ بولمىغاندا، مىلادىنىڭ 971—981 – يىللىرىدا توغۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن خوتەننى ئىشغال قىلغانلىغىنى بىلىمىز. ئۇ قەشقەردە «ناسىر دەۋلە قادىرخان» دىگەن ئۇنۋان بىلەن، ھېچ بولمىغاندا، ھىجىرىيىنىڭ 396 – يىلى، مىلادىنىڭ 1005—1006 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ يەركەندىمۇ تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 407 – يىلى، مىلادىنىڭ 1016—1017 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ بەك كىچىك ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەھمۇت ئىبنى يۈسۈپ ھىجىرىيىنىڭ 449 – يىلى، مىلادىنىڭ 1057—1058 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنى ھىجىرىيىنىڭ 327 – يىلى، مىلادىنىڭ 991—992 – يىللىرىدا توغۇلغان دەپ قىياس قىلساق، ھۈسەيىن ھىجىرىيىنىڭ 400 – يىلى، مىلادىنىڭ 1010—1011 – يىللىرىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ توغۇلغان يىلى تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 442 – يىلى، مىلادىنىڭ 1028—1029 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەرنى يازغان مەزگىلدە تەخمىنەن 40 ياكى 50 ياشلاردا بولغانلىغى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدا، سەمەرقەنت ۋە بالاساغۇنلاردا، كېيىنكى چاغلاردا باغداتتىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىلاردا ئەرەپ، پارىس ۋە تۈركى تىللاردىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ۋە چوڭقۇر بىلىم ئالغان.
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتىن ئاۋال ئىلى ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان پۈتۈن ماۋرا ئۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئوغۇز، تۈركمەن، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، باسمىل، چومۇل، تۈركەش، ياباقۇ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تىل پەرقلىرى ئۈستىدە جاپالىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دۇنياۋى قىممەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەسەرنى مەيدانغا چىقاردى. ئاپتۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن – ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»⑩
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ۋە تەتقىق قىلىشتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بىر خىل ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا «ئەبىدى يادىكار» قىلىپ قالدۇرغان. تارخخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» دىن باشقا يەنە «تۈركى تىللىرىنىڭ نەۋھىگە ئائىت جەۋھەرلەر» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىمۇ يازغانلىغى مەلۇم. ئەمما بۇ ئەسەر بىزنىڭ قولىمىزدا يوق.
«دىۋان» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىش ئۈستىدە توختىلىپ «بۇ كىتاپنى ھىجىرىيە 464 – يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشىپ، 4 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوبدان تەھرىرلەپ چىققاندىن كېيىن، 466 – يىلى ھىجىرىيىدە تاماملىدىم» دەيدۇ. ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن قارىغاندا، «دىۋان» نىڭ 1 – نۇسخىسى ھىجىرىيىنىڭ 464—466 – يىللىرى (مىلادى 1072—1074 – يىللار) دا يېزىلغان بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 467 – يىلى (مىلادى 1075 – يىلى) دا قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۇختا تەھرىرلىگەندىن كېيىن، باغداتتىكى ئابباسىلار خەلىپىلىگىنىڭ 27 – خەلىپىسى بولغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلغان.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشى توغرىسىدا
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشىدىكى سەۋەپ توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. پىرىتساك: «مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا نىمە سەۋەپ بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىگى پەقەت ئاشكارىلانمىغان، تۈرك ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ساياھەتلەرنىڭ سەۋەپلىرى سۆزلەنمىگەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەر تولۇق ئېچىلمىغان» دەپ قارايدۇ.
سالچۇقىلار دەۋرىدە باغدات ئەرەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولغانلىغى ئۈچۈن، سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە بىرەر مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولغانلارنىڭ باغدات ۋە مىسىرغا كۆچۈپ بارغىنىدەك، ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭمۇ مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە بېرىشى تەبىى ھال ئىدى. شۇ دەۋرلەردە باغداتتىن باشقا بۇخارا، قاھىرە ۋە شام قاتارلىق بىر مۇنچە شەھەرلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باغداتتەك ئەھمىيەتلىك ئەمەس ئىدى.
باغداتقا توپلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەرەپ دۇنياسىغا نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، پۈتۈن سىياسى، ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قولىدا ئىدى.
مەھمۇت قەشقەرى باغداتقا بارغان ۋاقىت سالچۇقىلار سولتانى مەلىكشاھنىڭ تەختتىكى ۋاقتى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇركان خاتۇن قاراخانىلار خانى تاۋغاچ بۇغراخاننىڭ قىزى ئىدى. بۇ خاتۇن رەسمى سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلارغا كۆپىنچە تۈركلەردىن ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيتتى. بۇنداق ئوبېكتىپ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، تۈركى خەلقلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش نىيىتىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ۋە ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ زور كۆپچىلىگى ئۈچۈن، تەبىى ھالدا، ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) نى ئۆگىنىش زورۇرىيىتى توغۇلدى.
تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دۆلىتىدە ھىجىرىيە 447—448 – يىللىرى (مىلادى 1056—1057 – يىللىرى) سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئەڭ چوڭ خان (ئارسلان خان) سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھەم خانلىق شىرىگى بولغان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپكە قارشى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. ئىككى ئوتتۇرىدىكى جەڭدە ئارسلان خان سۇلايمان ئبنى يۈسۈپ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدۇ. بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە ئىبنولئەسىر ئۆزىنىڭ «تارىخى كامىل» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «15 ئايدىن كېيىن، بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ چوڭ خاقان (ئارسلان خان) بولۇپ، دۆلەت ھوقۇقىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېگىنگە تۇتقۇزدى. ئۇنى دۆلەتنىڭ نامزات خانى دەپ ئېلان قىلدى، لېكىن، بۇغراخاننىڭ (ئارسلان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنىڭ) 2 – خوتۇنىدىن تۇغۇلغان كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ خوتۇن ھۈسەيىن چاغرى تېگىننىڭ نامزات خانلىققا تەيىلەنگەنلىگىگە نارازى بولۇپ، بۇغراخان (سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ) غا قەست قىلدى، ئۇنى ۋە پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىندىشى ئارسلان خان ئىبنى قادىرخان (سۇلايمان يۈسۈپ) نىمۇ بوغۇزلىۋەتتى. مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن يەنى مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ قىرغىندىن ئامان قالغان بىر قانچە كىشىنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا قېچىپ چىقىپ خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بېرىپ، بۇ جايلاردا 10 نەچچە يىل يۈرۈپ ئاخىرى باغداتقا كېلىپ قالدى. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا تۈرك دۇنياسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.»
قاراخانىلار دەۋرىدە تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئەنئەنىسىنى ساقلىغان ھالدا شەكىللەنگەن يېزىق تىلى ۋە ئەدىبى تىل بار ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ئۆز دەۋرىدىكى ئەدىبى تىلنى ئاساس قىلدى. ئۇ خاقنىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى (قەشقەر رايونى) دىكى خەلقلەر سۆزلىشىدىغان ئورتاق تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ فونېتىكا – گىرامماتىكا قائىدىلىرنى ئېنىق چۈشەندۈردى. قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدە ياشىغىچى خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئومۇمى تىلنىڭ ئاساسىي دەپ ھىساپلاپ، ئۇنىڭغا «خاقانىيە تىلى» دەپ نام بەردى. خاقانىيە تىلى ئەڭ ساپ ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بولۇپ، ئۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچە 24 ھەرپتىن تۈزۈلگەن؛ بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى قەدىمقى زاماندىن شۇ كەمگىچە، قەشقەردىن تارتىپ چىن ۋە ھەممە تۈرك شەھەرلىرىگىچە مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن.
مەھمۇت قەشقەرى خاقانىيە تىلىنىڭ ئەرەپ تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىغى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈركى تىلىنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
«دىۋان» نىڭ مەزمۇنى
«دىۋان» تىلشۇناسلىق كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا ھەممە ساھەدىن مەلۇمات بېرىلىپ، ناھايىتى كەڭ مەزمۇن بىلەن بېيىتىلغان.
(ئا) ئەدەبىيات
«دىۋان» بىزگە قاراخانىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ياخشى مەلۇمات بېرىدىغان مەنبەلەردىن بېرىدۇر. ئۇنىڭغا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، مەدىنى ھاياتىنى، كۆرەش پائالىيىتىنى، ئەقىل – پاراسىتىنى، ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىدىغان 242 پارچە (1 – جىلدىدا 117 پارچە، 2 – جىلدىدا 48 پارچە، 3 – جىلدىدا 77 پارچە) ئەدىبى پارچە ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، قوشاق، تەمسىل، ھىكمەتلىك سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەن شېئىر، قوشاق، ماقال – تەمسىللەر ئۆزىنىڭ يېقىملىقلىغى، گۈزەللىگى، رەڭدارلىغى ۋە مەزمۇنىنىڭ موللىغى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
(1) ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى
«دىۋان» دىكى ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى تەبىئەتنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى، ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقنى ياراتقۇچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ پائالىيىتى، روھىي قىياپىتى ۋە سەيلە – تاماشاسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:
يىگىتلەرىك ئىشلەتۇ،
يىغاچ يەمىش ئىرغاتۇ.
قۇلان كېيىك ئاۋلاتۇ،
بەزرەم قىلىپ ئاۋنالىم.
(يىگىتلەرنى ئىشقا سېلىپ، مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ، ياۋا ھايۋانلارنى ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.)⑪
«دىۋان» دىكى بۇ خىل ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرىغا ئىپتىدائى جەمىيەتكە دائىر ماتىرىياللار سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قوشاقلار ئەدىبى قىممىتى جەھەتتىنلار ئەمەس، بەلكى ئۇزاق زامانلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، ئىپتىدائى جەمىيەتنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
(2) جەڭ قوشاقلىرى
«دىۋان»دىكى جەڭ قوشاقلىرىدا قاراخانىلار تېرىتۇرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قاراخانىلار ھاكىمىتىنى مۇستەھكەملەش، كىچىك خانلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچكى بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىشتىكى جەڭ – ئۇرۇشلار ۋە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا غەيرى دىندىكىلەر ئۈستىدىن قىلغان غازاتلار، خوشنا ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ، ئۇرۇشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
ئالپلار ئارىغ ئالقىشۇر،
كۈچ بىر قىلىپ ئارقاشۇر.
بىر بىر ئۇزە ئالقىشۇر،
ئەزگەرمەزىپ ئوق ئاتار.
(باتۇرلار بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، كۈچنى توپلاپ ئۆز كىشىلىرىنى قوللاشتى، مەدەت بېرىپ بىر – بىرىنى ئالقىشلاشتى، ئۆلۈمدىن قورقماي ئوق ئېتىشتى.)⑫
......................................
تەلىم باشلار يۇۋالدىمات،
ياغى ئاندىن ياۋالدىمات.
كۈچى ئانىڭ كەۋەلدىمەت،
قىلىچ قىنقا كۈچۈن سىغدى.
(باتۇرلارنىڭ باشلىرى تېنىدىن جۇدا قىلىندى، شۇڭا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچى ئاجىزلاشتى. قىلىچلار يۈزىگە قاتقان قاننىڭ كۆپلىگىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.)⑬
(3) مەرسىيە قوشاقلىرى
«دىۋان» دىكى مەرسىيە قوشاقلىرى قايغۇ، ئۆلۈم ھادىسلىرى يۈز بەرگەندە ئېيتىلىدىغان مەرسىيىلەر. «دىۋان» دا چوڭ سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئىككى مەرسىيە بار: بۇنىڭ بىرى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان مەرسىيە، يەنە بىرى نامى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتا ۋاپات بولغان تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەرسىيىلەر. مەسىلەن:
ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
ئېسىز ئاژۇن قالدىمۇ.
ئۆزلەك ئۇچىن ئالدىمۇ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
(ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟
يامان دۇنيا قالدىمۇ؟
پەلەك ئۈچىنى ئالدىمۇ؟
ئەمدى يۈرەك تىتىلۇر.)⑭
...............................
ئۇلىشىپ ئەرەن بورلەيۇ،
يىرتىپ ياقا ئۇرلايۇ.
سىقىرىپ ئۇنى يۇرلايۇ،
سىغتاپ كۆزى ئۇرتۇلۇر.
(ئەرلەر بۆرىدەك ھۇلىشىپ،
ياقا يىرتىپ ۋاقىرىشىپ.
ئۈنىنىڭ بېرىچە چىقىراپ، پەريات چىكىپ،
ئۆكسۈپ كۆزنى ئۇرتىلەر.)⑮ (ئاپراسىياپنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن)
بۇ خىل مەرسىيىلەردە تىپىك تارىخىي شەخسلەرنىڭ خەلق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ جەڭدە ۋاپات بولغانلىغىغا چوڭقۇر قايغۇ – ھەسرەت ئىپادىلەنگەن.
(4) مۇھەببەت قوشاقلىرى
قاراخانىلاردىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن مۇھەببەت قوشاقلىرى شۇ دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساپ – سەمىمى ئەخلاقىنى، سۆيگۈ – ھىسىياتىنى، شۇ دەۋردىكى كىشىلىك ۋىجدان ۋاپادارلىغىنى تېما قىلغان. بۇ قوشاقلار «دىۋان» يېزىلىشتىن بۇرۇن خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مۇھەببەت قوشاقلىرىدۇر. مەسىلەن:
باردى كۆزۈم يارۇقى،
ئالدى ئۆزۈم قونۇقى.
قاندا ئەرىنج قانىقى،
ئەمدى ئۇدىن ئۇزغۇرۇر.
(كۆزۈمنىڭ يۇرۇغى كەتتى،
جېنىمنى ئالدى.
ئۇ قەيەردە بولغاي،
ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغىنار.)⒃
كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى، ئۇ مىنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قەيەردىكىن؟ ئۇنىڭ پىراقىدىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.

.............................
بولنار مەنى ئۇلاس كۆز،
قارا مەڭىز قىزىل يۈز.
ئاندىن تامار تۇگەل تۇز،
بولناپ يانا ئول قاچار.
(ئۇۋلار مېنى خۇمار كۆز
قارا خاللىق قىزىل يۈز.
تامار ئاندىن تۇگەل ئۇز،
ئوۋلاپ يەنە ئۇ قاچار.)⒄
قارا مەڭلىك قىز يۈزلىرىدىن گۈزەللىك تېمىپ تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ، ئەسىر قىلىدۇ – دە، يەنە قېچىپ كېتىدۇ.
(5) پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى
«دىۋان» دا يېزىلغان پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاق قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ قوشاقلاردا كىشىلەر ئەجداتلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئىلىم – پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىنغان ۋە تەييارتاپلىق، يالغانچىلىقنىڭ ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تەسۋىرلىگەن.
بىلگە ئەرىگ ئەزگۇ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت،
ئەرزەمنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا.
(بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئىشت،
پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.)⒅
(ب) تىبابەتچىلىك
«دىۋان» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تىببى ئىلمى، تىبابەت تارىخى ئۈستىدە بىزنى مول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش، تەبىئەت ۋە كىسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ھەر خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجات قىلغان ئىدى. «دىۋان» مۇشۇ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تۈركى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلاشقان رايونىنىڭ ئاب – ھاۋاسى، يەر – سۈيى، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، غىزالىنىشى، بۇ جايلاردا ئۆسكەن ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەر، ئوت – چۆپ، مەدەن، دورا – دەرمەك بايلىقلىرى، شاراپ تەييارلاش ئۇسۇللىرى، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى توغرىسىدا ماتىرىيال بېرىدۇ.
شۇ دەۋردە خەلق ئىچىدە پەيدا بولغان كېسەللىكلەردىن قان بېسىمى كېسىلى، موخۇ كېسىلى، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى، بەزگەك، ئاق كېسەل، ئىچ ئۆتكۈ، زۇكام، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، چاپلاشقاق كېسىلى، قۇساق ئاغرىغى، قېرىندا سېرىق سۇ يىغىلىش كېسىلى، سېرىق چىچەك كېسىلى، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىغىغا ئاق داغ چۈشۈش كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ئاياللارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش كېسىلى، تاز، قىچىشقاق كېسىلى قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالىغانلىغى، قۇساق ئاغرىغىنى ئىگىر بىلەن داۋالىغانلىغى، «ئاكىت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى داۋالىغانلىغى بىر بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ. يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا ھەسەل، زەپەر، سىغۇن ئوت (مېھرىگىيا)، قوداي يېغى، ئىپار ۋە ھايۋان، ئۇچار – قانات ھەمدە ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىلغانلغى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن تۈركى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس تىببى ئىلىمنىڭ بولغانلىغى، بۇ ئىلىمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن تاللاپ قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىببى ئىلمىنى بېيىتقانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.
«دىۋان» دا يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ كالىندارچىلىغىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا يىللارنى موچەل بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىغىدىكى تارىخىي پاكىتلارنى بىزگە يېىپ قالدۇرغان.
قاراخانىلار دەۋرىدە ئاسترونومىيە خېلىلا تەرەققى قىلىپ، ئاسماندىكى سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەتقىق قىلىش باشلانغان. شۇ چاغدىكى ئاسترونوملار ناھايىتى نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ، بىزنى ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. «دىۋان» دا بۇ ھەقتىمۇ ياخشى مەلۇمات بېرىلگەن.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» قاراخانىلار خانلىغى دەۋرىدە بىزگە قالدۇرۇلغان مەدىنى مىراس بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشىنى تىل ۋاستىسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئۆچمەس تارىخىي ھۆججەتتۇر.  
4 – بۆلۈم «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» توغرىسىدا
قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر بولغان نادىر ئەسەر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» («ھەقىقەت ئىشىگى») دىگەن ئەسەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئاپتۇرى ئەھمەت يۈكنەكى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشىغان ئۇيغۇر ئەدىپ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئاساسىدىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەر جەمى 14 باپ، 484 مىسرا (كىتاپقا ئىلاۋە قىلىنغان 3 پارچە شېئىر بىلەن 512 مىسرا) دىن تەركىپ تاپقان. ئالدىنقى 5 بابى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مەسنىۋى (ھەر بىر كوبلىتى ئىككى مىسرالىق شېئىر)، كېيىنكى 9 بابىنىڭ ھەر بىر مىسراسى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. 1 –، 2 –، 3 – مىسرالىرى قاپىيىلىشىپ كېلىدىغان روبائى شەكلىدە يېزىلغان. كېيىن، دۇنيا ئالىملىرىدىن بىر قانچىلىرى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىلاۋە قىلغان مىسرالىرىنى قوشقاندا، بۇ ئەسەر جەمى 512 مىسرادىن تەركىپ تاپقان داستان ئىكەنلىگىنى تېپىپ چىقتى.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمىر ئارسلان خوجا قاراخان تەرىپىدىن بۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىلاۋىدە، ئەسەرنىڭ قەشقەر تىلى (خاقانىيە تىلى) دا يېزىلغانلىغى ئېيتىلغان.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» غا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى (چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى) بىلەن يېزىلغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تۈركى تىللار ئىچىدە تۇتقان ئورنىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولغىنى 3 خىل قوليازما نۇسخىسى بولۇپ، بىرىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ئا نۇسخا). بۇ مىلادىنىڭ 1444 – يىلى زەينۇل ئابىدىن، سولتان بەخت، ھۈسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن، ھازىر ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ئەرەپ يېزىغىدا قۇرمۇ قۇر پاراللىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ب نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 1480 – يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىسىمۇ ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ت نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرۈلگەن كىشىنىڭ نامى ئېنىق ئەمەس. ھازىر بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدىكى «توپقاپى ساراي» كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
ئىزاھاتلار:
① مورگاننىڭ «تۈرك تارىخىنىڭ ئانا خەتلىرى» دىگەن كىتاۋىنىڭ 1 – بېتى.
② «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 193 – بەت.
③ «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 136 – بەت.
④ قەشقەردە «ساچ مەدرىسى» دىگەن مەدرىسە بار. «سۇراھ» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى جامال قارشى ئۆز كىتاۋىدا، جەۋھىرى (مىلادىنىڭ 1002 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «ئەسھاھ» ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدىن ئالغانلىغىنى ئېيتىدۇ.
⑤ ئەل جەۋھىرى (تولۇق ئىسمى ئۇبۇ نەسىر ئىسمايىل جادال فارابى) بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 393 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ قاراخانىلارنىڭ يەنە بىر مەركىزى بولغان بالاساغۇندا توغۇلغان. ئۇ شۇ جايدىكى ئىبراھىم فارابى قاتارلىق ئالىملاردىن ئۆگەنگەن، كېيىن مىسىر، ئىراققا كېلىپ ئەرەپ تىلىنى تەتقىق قىلىپ، كېيىنچە نىشاپۇردا تۇرۇپ قالغان. ئۇ پارىسچە، تۈركچە تىلدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ «ۋانقۇلى» ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر.
⑥ پروفېسسور ئاقجان ماشانۇر: «فارابى تۇغۇلغانلىغىنىڭ 1000 يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن».
⑦ «خاس ھاجىپ» خاننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى، خاس مەسلىھەتچى دىگەن مەنىدە. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ سۆزنىڭ قەدىمقى تۈركچىسىى «تاپاگۇ» يەنى سەلتەنەت تايانچىسى، دۆلەت تۈۋرۈگى، ئەڭ ئىشەنچلىك كىشى دىگەن بولىدۇ دەپ ئىزاھلىغان.
⑧ ئوگە – تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەلدار، مەسلىھەتچى.
⑨ «ئوپال. بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى.» «تۈركى تىلار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 99 – بەت.
⑩ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 2–، 3 –  بەتلەر.
⑪ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 348 – بەت.
⑫ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 316 –، 317 –  بەتلەر.
⑬ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 515 –، 516 –  بەتلەر.
⑭ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 59 – بەت.
⑮ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 254 – بەت.
⒃ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 65 – بەت.
⒄ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 82 – بەت.
⒅ « تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 558 – بەت.


بەشىنچى باب قاراخانىلار خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى
قاراخانىلار خانلىغى 9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 13 – ئەسىرگە قەدەر ھۆكۈم سۈرۈپ، مىلادىنىڭ 1222 – يىلى يىمىرىلدى.
قاراخانىلار خانلىغى فېئوداللىق تۈزۈمدىكى ئۇيغۇر ئىسلام دۆلىتى، قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر – مەملىكىتىمىز تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋردۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇ قاراخانىلار تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئۇيغۇر، تۈركى خەلقلەرنى بولۇپمۇ قەشقەر ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، گۈللەندۈرۈشتەك تارىخىي ۋەزىپىنى ئۆتىدى. بىر قانچە مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەرنى ۋە بىر قانچە قەۋملەرنى قاراخانىلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىرلىككە كەلگەن قۇدرەتلىك قاراخانىلار دكلىتىنى قۇردى. قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئالغا سۈرۈپ، يېڭى بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. كەڭ تېرىتورىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قاراخانىلار خانلىغى ئۆز دائىرىسىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بىلەن يەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. خان ئۆزىگە قاراشلىق يەرلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بەردى. ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋرا ئۇننەھر ۋە يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئېلىك خان، ئەمىر، بەگلەر ئەپلىك جۇغراپىيىلىك شارائىتتىن پايدىلىنىپ، تەپرىقىچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىدىغان، ئۆز ئارا تالاش – تارتىش قىلىدىغان بولۇپ قالدى. نەتىجىدە قاراخانىلار خانلىغىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ، زىددىيەتلەر كۈچەيدى. «ئېكىسپالاتاتسىيە قىلغۇچىلار بىلەن ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپى كۆرەش – فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئاساسىي بەلگىسى.»① ئەمگەكچى خەلقلەر بىلەن ھۆكۈمران سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ، كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى.
شۇنىمۇ ككرسىتىپ ئكتۈش كېرەككى، قاراخانىلار خانلىغى فېئودال ئاقسوڭەك خانزادىلەر ۋە دىنىي يۇقۇرى قاتلام ۋەكىللىگىدىكى ھاكىمىيەت بولغاچقا، بۇ خانلىق ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايتتى. بۇ ھال قاراخانىلارنىڭ مۇستەھكەم بولماسلىغىغا، بۆلۈنۈشى، ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولدى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ھەر قايسى جايلاردا خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتىرىلدى. قاراخانىلار خانلىغى دەل مۇشۇنداق خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا ئاجىزلىشىپ يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن ئىدى.
1 – بۆلۈم قارا خىتايلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى
خەنزۇچە تارىخ كىتاپلىرىدا غەربىي «لياۋ» دەپ ئاتالغان قارا خىتايلار (ئەسلىدە قارا قىتان. بىز ئادەت بويىچە قارا خىتاي دەپ ئالدۇق). مىلادىنىڭ 1124 – يىللىرى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا زاۋاللىققا يۈزلەندى. مۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا، قارا خىتايلاردىن يەللىغ تاشىن دىگەن بىر ئاق سۆڭەك بىر قىسىم ئادەمنى باشلاپ غەربىي شىمال تەرەپكە قېچىپ كەلدى. ئۇ ئاخىرى بۇ رايونغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بۇ جايدا «لياۋ» خانلىغىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىدى. بۇ خانلىق ئىسلام تارىخلىرىدا «قارا خىتايلار» دەپ ئاتالدى.
قارا خىتايلارنىڭ خانىنى يەرلىك خەلقلەر «گورخان» دەپ ئاتايتتى. بۇ خانلارنىڭ خانى دىگەنلىك بولاتتى. ئۇ ئۇرخۇن دەرياسى بويىدىكى خاتۇن شەھرىگە، ئۇندىن كېيىن غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، يەنسەي ۋادىلرىدىكى قىرغىز (خاكاسلار) رايونىغا باردى. قىرغىزلار ئۇنى يەنسەي ۋادىسىدىن ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، بېشبالىق (جىمسار ئەتراپى) غا كېلىپ ئورۇنلاشتى. يەللىغ تاشىن جىن سۇلالىسىدىن قىساس ئېلىش ۋە قارا خىتاي خانلىغىنى قايتا قۇرۇش مەقسىدىدە بۇ جايدا قۇرۇلتاي ئېچىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ، 40 مىڭدەك ئادەم توپلىدى. ئۇ غەربىي رايونغا ئىچكىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئېمىل دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. كېيىنچە چۆچەك رايونىغا كېلىپ ھەركەتلەندى. ئۇندىن كېيىن قوچۇ خانلىغى (ئۇيغۇر ئىدىقۇتى) چېگرىسىغا قەدەر بېسىپ كىردى. جىن سۇلالىسى مىلادىنىڭ 1129 – يىلى يەللىغ تاشىننىڭ قايتا تىرىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۈزۈل – كېسىل زەربە بەرمەكچى بولۇپ غەربىي رايونغا قوشۇن ئەۋەتكەندە، قارا خىتايلار بۆلۈنۈپ قېچىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاراخانىلار دائىرىسىدىكى يەتتە سۇغا يېقىن كەلگەندە، شىمالىي ئېلىك خان ئۇلارغا تاغ يوللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلەش شەرتى بىلەن يەر، سۇ كۆرسىتىپ بەردى ۋە مەلۇم دەرىجىدە خىزمەت ھەققى بەردى. ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت قارلۇق، قىپچاق، قانقىلى قاتارلىقلارنىڭ قاراخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدى. قارا خىتايلارنىڭ يەنە بىر قىسمى قاراخانىلارنىڭ مەركىزى قەشقەر چېگرىسىغا بارغاندا، قاراخانىلارنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ ھەيدىۋەتتى.
يەتتە سۇ ھاكىمى (تارىخىي كىتاپلاردا قايسى ئېلىك خان ئىكەنلىگى ئېيتىلمىغان) قاراخىتايلارنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغاندا، قارا خىتايلا رەت قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ھىساۋىغا ئېلىك خان تەرەپتىن قويۇلغان ھەممە تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىپ، خانغا تولۇق بوي سۇنىدىغانلىغىنى بىلدۈردى (ئۇلارنىڭ ئېتىقات قىلغان دىنى مانى دىنىمۇ ياكى خىرستىيان دىنىمۇ، ھازىرچە ئىسپاتلاش قىيىن)، ئەمما قارا خىتايلار ماكانلىشىپ بولغاندىن كېيىن، «چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداش» ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىچكى جەھەتتىن كۈچ توپلاپ، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىنى پىلانلىدى. 1137 – يىلى قارلۇقلارنىڭ شىمالىي ئېلىك خانغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، قارا خىتايلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالىي ئېلىك خانغا قارشى پىتنە قوزغاپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى.
مىلادىنىڭ 1137 – يىلى، خۇجەند يېنىدىكى ئۇرۇشتا تامغاچ مەھمۇت خاننىڭ ئەسكەرلىرى يەللىغ تاشىن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. بۇ مەغلۇبىيەت ماۋرا ئۇننەھر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بالايى – ئاپەت ئېلىپ كەلدى. قارا خىتايلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ يەنسەي دەرياسىدىن تالاسقا قەدەر سوزۇلغان كەڭ رايوننى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇپ، قارا خىتايلار ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى.
قارا خىتايلارنىڭ خانى يەللىغ تاشىن زور تۈركۈمدىكى ھەربى قوشۇن بىلەن ئىسسىق كۆل ئارقىلىق قاراخانىلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، قەشقەرنى بېسىۋالدى، ئارقىدىنلا يەركەنت، خوتەن، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق يەرلەرنى بوي سۇندۇرۇۋالدى. قەشقەر قارا خىتايلار تەرىپىدىن تامامەن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، قاراخانىلار قارا خىتاي خانلىغىغا بېقىندى بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قارا خىتايلار شەرققە يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، قوچۇ خانلىغىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىمۇ بوي سۇندۇردى.
1141 – يىلى، قارا خىتايلار غەرپتىكى قاراخانىلار خانى تامغاچ مەھمۇت خان ئۈستىگە ئەسكەر تارتىپ بېرىپ، ئۆزكەنت، كاسان قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. تامغاچ مەھمۇت خان سەمەرقەنتتىن ھەربى قوشۇن كەلتۈرۈپ، قارا خىتايلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاجىز كېلىپ سۈلھى تەلەپ قىلدى. يەللىغ تاشىن تامغاچ مەھمۇت خاننىڭ تەلىۋى بويىچە سۈلھى تۈزۈشكە قوشۇلدى. سۈلھى بويىچە تامغاچ مەھمۇت خان «ئىچكى جەھەتتىن مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىپ، مەلۇم مىقداردا باج تاپشۇرۇش» شەرتى بىلەن قارا خىتايلارغا تەۋە بولدى.
مىلادىنىڭ 1141 – يىلى 9 – ئايدا، قارا خىتايلار غەرپتىكى سولتان سەنجەر سالچۇقىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى. سولتان سەنجەر سالچۇقى قارا خىتايلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىگىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەسكەر باشلاپ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ سەمەرقەنتكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. قارا خىتايلار بۇخارا بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدىكى كاتۋان چۆلىگە ئەسكەر توپلىدى. مىلادىنىڭ 1141 – يىلى 10 – ئايدا، سولتان سەنجەر سالچۇقى بىلەن قارا خىتايلارنىڭ قوشۇنلىرى كاتۋان چۆلىدە ئىنتايىن دەھشەتلىك ئۇرۇش قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا سولتان سەنجەر سالچۇقىنىڭ ئەسكەرلىرى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى؛ ئىككى تەرەپتىن 30 مىڭ ئادەم ھالاك بولدى. سولتان سەنجەر تىرمىزغا قاچتى. 1141 – يىلىنىڭ ئاخىرى، قارا خىتايلار بۇخارانى ئىشغال قىلىپ، ئالىپ تېگىننى بۇخاراغا ئەمىر قىلىپ بەلگىلىدى.
سولتان سەنجەر سالچۇقىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى خارەزىم شاھى ئاتسىز ئۈچۈن خۇددى قارا خىتايلارنى چاقىرىپ كەلگەندەك خەۋپلىك بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. قارا خىتايلارنىڭ قوماندانى ئەزبەر خارەزىمگە نۇرغۇن ھەربى قوشۇن باشلاپ بېرىپ، خارەزىم شاھىنى يەڭدى. بۇنىڭ بىلەن خارەزىم شاھى ئاتسىزنىڭ مەملىكىتى ئۇزۇنغا قالماي قارا خىتايلارنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تالان – تاراج قىلىندى. خارەزىم شاھى قارا خىتايلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ھەر يىلى 30 مىڭ دىنار (30 مىڭ تىللا) ئالتۇن تۆلەش ۋە مەملىكىتىدە ئۇنىڭ بىر ئالى دەرىجىلىك ۋەكىلىنى تۇرغۇزۇش شەرتى بىلەن قارا خىتايلارغا بېقىندى ئەل بولدى.
2 – بۆلۈم قارا خىتاينىڭ زۇلمى
قارا خىتايلار ئەسلىدىكى لياۋ خانلىغىنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى داۋاملاشتۇردى. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قارا خىتايلار ئوتتۇرا ئاسىيانى بوي سۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇخارا، سەمەرقەنت، خارەزىم ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنى قەدىمقى لياۋ خانلىغىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش سېستىمىسى بويىچە باشقۇردى. ئۇلار قاراخانىلارنىڭ ئەسلىدىكى بىر يۈرۈش چارىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، يەرلىك ئاھالە ئۈستىدىكى سىياسى زۇلۇمنى تېخىمۇ كۇچەيتتى. قارا خىتايلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلار ۋە رايونلارنى تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل بىلەن ئىدارە قىلدى:
1. بوي سۇندۇرۇلغان يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرى (باسقاق) نى ئەۋەتىپ، يەرلىك ھۆكۈمدارلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. مەسىلەن، قارا خىتايلار قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغىدا كەنجى باسقاق ناملىق ۋەكىلىنى تۇرغۇزدى. ئۇلار باشقا جايلاردىمۇ شۇنداق قىلدى.
2. مەلۇم مۇددەتتە باج – خىراج يىققۇچى ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، باج – خىراج يىغدى.
3. ئۆز ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدىكى جايلارنىڭ ئەمەلدارلىرىغا كۈمۈشتىن ياسالغان دەستەك (پەيزە) بېرەتتى. بۇ دەستەكنى ئالغانلار ئۇنى دائىم يېنىدىن ئايرىمايتتى، بۇ دەستەك قارا خىتايلارغا تەۋە بولغانلىغىنىڭ بەلگىسى ئىدى. قارا خىتايلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ باسقاق (ئەملدارلىرى) نى ئەۋەتىپ داۋاملىق ئېغىر ئالۋاڭ – ياساقلارنى ئېلىپ، خەلقنى دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە قىلدى. ھەر بىر ئائىلە باشلىغىنى بىر دىنار (بىر تىللا) باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ باجدىن باشقا يەنە خىراج دەپ، مەھسۇلاتنىڭ 10 دىن بىرسىنى تارتىۋالاتتى. بۇ باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارنى دەرھال جازالايتتى. قارا خىتايلارنىڭ چىرىكلىرى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ خوتۇن – قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى دەپسەندە قىلسىمۇ، ھېچقانداق جاۋاپكارلىققا تارتىلمايتتى.
مىلادىنىڭ 1143 – يىلى، قارا خىتايلارنىڭ خانى يەللىغ تاشىن ئۆلدى، قارا خىتاي خانلىغىنىڭ تەخت ۋارىسى يەللىغ ئېلى كىچىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىغا يەللىغ تاشىننىڭ خوتۇنى كوياڭ ياكى «پوسوۋەن خان» خان بولدى. بۇنىڭ خانلىق ۋاقتىنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىغى تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق ئېيتىلمىغان. ئەمما، يەللىغ تاشىن (گورخان) ئۆلگەندىن كېيىن، قارا خىتايلار ئىچىدە خانلىق تالىشىش كۆرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، نەتىجىدە «كوياڭ» ئۆلتۈرۈلدى. مىلادىنىڭ 1150 – يىلى، قارا خىتايلار تەختىدە يەللىغ ئېلى («شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا چورۇن دەپ ئاتالغان) ئولتۇردى، قارا ختايلارغا قاراشلىق جايلارنى گورخاننىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىدارە قىلدى.
مىلادى 1156 _ يىلى، ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت قاراخان قەشقەردە ۋاپات بولدى. شۇ يىلى ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەت تاۋغاچ قاراخان قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى. ئۇمۇ قارا خىتايلارغا تەۋە بولۇپ، مەلۇم مىقداردا باج تۆلەپ تۇردى.
مىلادىنىڭ 1156 – يىلى، خارەزىم شاھى ئاتسىز ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئېل ئارسلان خان تەختتە ئولتۇردى. مىلادىنىڭ 1157 – يىلى، سولتان سەنجەر سالچۇقى ۋاپات بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 71 ياشتا ئىدى. سەنجەر سالچۇقى خانلىغىنىڭ نەسلىدىن (مەلىكشاھ نەسلىدىن) غىياسىدىن مۇھەممەت ئىبنى مەھمۇت ئىراققا خان بولدى. بۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنتتە قاراخانىلاردىن ئىبراھىم ئارسلان خاننىڭ ئوغلى تامغاچ مۇھەممەتنىڭ قارا خىتايلارغا بېقىندى ھاكىمىيىتى مەۋجۇت ئىدى، تامغاچ مۇھەممەت خان ھاكىمىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا قارلۇقلار قارا خىتايلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى، تامغاچ مۇھەممەت خان قارلۇقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. تارىخچى جامال قارشى بۇ ۋەقەنى مىلادىنىڭ 1156 – يىلى بولغان دەپ كۆرسىتىدۇ.
تامغاچ مۇھەممەت ئىبراھىم خاننىڭ ئورنىغا يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت قاراخان بولۇپ، سەمەرقەنتتە تەختتە ئولتۇردى. يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت قاراخان تەختكە چىقىش بىلەن، قارلۇقلارنىڭ قاراخانغا قارشى قوزغىغان ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن دەرۇر تەدبىر قوللىنىپ، قارلۇقلارنىڭ رەئىسى قاراخان ياپغۇنى ئولتۇردى، قارلۇقلارنىڭ ئىسيانى تىنجىتىلدى.
قارلۇقلار ئىسيانى تىنجىتىلغاندىن كېيىن، قارلۇقلارنىڭ بىر قىسمى خارەزىم شاھى سولتان ئېل ئارسلان خان قېشىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇنىڭدى پانالىق تىلىدى. خارەزىم شاھى ئېل ئارسلان قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ، مىلادىنىڭ 1158 – يىلى، ماۋرا ئۇننەھرگە يۈرۈش قىلدى. سەمەرقەنتتىكى قاراخانىلار خانى تامغاچ ئىبنى مۇھەممەت قارا خىتايلارنىڭ خانى گورخاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. قارا خىتايلار ئېلىك تۈركمەن قوماندانلىقىدا 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتتى. خارەزىم شاھى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش سۈلھى يولى بىلەن ھەل قىلىندى. خارەزىم شاھى ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلىگى ئۈچۈن قارا خىتايلارغا ھەسسىلەپ باج تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ۋاقىتتا بۇخارادا جالالىدىننىڭ ئوغلى قىلىچخان مەسئۇت ھۆكۈم سۈرۇۋاتاتتى. خارەزىم شاھى ئارسلان خان مىلادىنىڭ 1172 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا كىچىك ئوغلى سولتان شاھ تەختكە چىقتى. بۇ چاغدا، ئارسلان خاننىڭ چوڭ ئوغلى تەكەش جەندىنى ئىدارە قىلاتتى. خارەزىم شاھلىغىنىڭ ھۆكۈمران گوروھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، ئاكا – ئۇكا ئىككىيلەن تەخت تالىشىپ قالدى. نەتىجىدە، تەكەش سولتان شاھتىن تەختنى تارتىۋالدى. ئۇ مىلادىنىڭ 1172 – يىلى خارەزىم تەختىگە چىقىپ مىلادىنىڭ 1200 – يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. خارەزىم شاھى تەكەش تەختكە چىقىشى بىلەن قارا خىتايلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، قارا خىتايلارنىڭ باسقىغىنى ئۆلتۈردى، قارا خىتايلار بۇ قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇرۇۋەتتى.
1200 – يىلى خارەزىم شاھى تەكەش ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مۇھەممەت خارەزىم شاھلىق تەختىگە چىقتى. بۇ ۋاقتىدا سەمەرقەنتتە قاراخانىلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان سولتان ئۇنۋانى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. قارا خىتايلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى زولمى چېكىدىن ئاشقانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى چەكسىز غەزەپ – نەپرەت پۈتۈن سەمەرقەنتنى قاپلىغان ئىدى. شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە جايلىرىدا قارا خىتايلارنىڭ زولمىغا قارشى ئوت ئۇچقۇنلىرى يېنىپ، خەلقنىڭ نارازىلىغى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى. قارا خىتايلارغا قارشى قوزغىلاڭ ئالدى بىلەن خوتەندە كۆتىرىلدى. قارا خىتايلار قارلۇقلارنىڭ باشلىغى ئارسلان خانغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق قىلدى. ئارسلان خان قارا خىتايلارغا قارشى بولغاچقا، قارا خىتايلار مۇشۇ تەدبىر ئارقىلىق ئارسلان خاننىڭ قارشىلىغىنى بوشىتىپ، ئۇنىڭ دىققەت – ئېتىۋارىنى خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بۇرىماقچى بولدى. ئارسلان خان قارا خىتايلارنىڭ بۇيرۇغى بويىچە، نائىلاج ھالدا خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇردى. لېكىن كۆرەش يۇشۇرۇن ھالدا داۋاملىق راۋاجلاندى.
مىلادىنىڭ 1204 – يىلى، چىڭگىزخان نايمانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ باشلىغى تايان خاننى ئۆلتۈردى. تايان خاننىڭ ئوغلى كۈچلۈك شىنجاڭغا – قارا خىتايلارنىڭ يېنىغا پانا تارتىپ قېچىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى قوزغىلاڭلىرى خۇددى لاۋىلداپ يانغان ئوتتەك ھەممە جايغا تۇتاشقان ئىدى. قارا خىتايلارنىڭ خانى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش مەقسىدىدە كۈچلۈكنى دەرھال قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىپ، ئۇنى كۈيئوغۇل قىلدى. كۈچلۈك قارا خىتاي خاننىڭ قېشىدا بىر مەزگىل تۇردى.
مىلادىنىڭ 1205 – يىلى، قەشقەردە قاراخانىلار خانى يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى. قەشقەر خانى گەرچە قارا خىتايلارغا بېقىندى بولسىمۇ، ئەمما قارا خىتايلارغا قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىدى.
قارا خىتايلارنىڭ خانى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چىرىكلەشكەن ۋە لىڭشىپ قالغان ھاكىمىيىتىنى جېنىنىڭ بېرىچە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، قاراخانىلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ئېلىك خانى سولتان ئوسمانغا كۈيئوغۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. سولتان ئوسمان خان قارا خىتاي خانىنىڭ بۇ تەلىۋىنى قاتتىق رەت قىلدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ سەمەرقەنتكە ئەۋەتكەن ۋەكىلىنى دەرياغا تاشلاپ، قارا خىتايلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىگىنى جاكارلىدى.
سولتان ئوسمان خان قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خارەزىم شاھى مۇھەممەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىدىدە مۇھەممەت شاھنىڭ قىزى بىلەن نىكالىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خارەزىم شاھى مۇھەممەت سولتان ئوسمان خاننىڭ بۇ تەلىۋىنى قوبۇل قىلدى.
غەربىي قاراخانىلارنىڭ خانى سولتان ئوسمان قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خارەزىم شاھى مۇھەممەت بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. ئەسلىدە خارەزىم شاھى مۇھەممەتنىڭ ئانىسى تۇركان خاتۇن قاراخانىلار ئەۋلادىدىن ئىدى. خارەزىم شاھى مۇھەممەت بىلەن سولتان ئوسمان قارا خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، بىرلەشمە قوشۇن تەشكىل قىلىپ، ئوتراردا قارا خىتايلارنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا سولتان ئوسماننىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قارا خىتايلارنىڭ تانىكو باشچىلىغىدىكى قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل تارمار قىلىپ، نۇرغۇنلىرىنى ئەسىرگە ئالدى، تانىكو قېچىپ قۇتۇلدى.
ۋەزىيەتنى كۈزەتكەن كۈچلۈك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەرھال ئىسيان كۈتىرىپ، مىلادىنىڭ 1211 _ يىلى قارا خىتايلارنىڭ خان ئوردىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ خانى چورۇقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قارا خىتايلار ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيىتى مۇنقەرز بولدى. كۈچلۈك قارا خىتايلارنى يوقاتقانلىغىنى داۋراڭ قىلىپ، قارا خىتايلارنىڭ قول ئاستىدىكى رايون ۋە جايلارنى ئۆز تەۋەلىگىگە ئېلىۋالدى.
كۈچلۈك قارا خىتايلارنىڭ ئورنىنى باستى. كۈچلۈك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن غەربىي قىسىم قاراخانىلار خانى سولتان ئوسمان ۋە خارەزىم شاھىغا قاراتتى. شۇ يىلى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. مۇشۇ ئۇرۇش جەريانىدا، ماۋرا ئۇننەھردىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتكە ھەربى يۈرۈش قىلىپ، بۇ جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى.
كۈچلۈك قەشقەر ئەتراپىدىكى قارشىلىقنى باستۇرۇشتا، دەل دىخانچىلىقنىڭ ئۈزۈكچىلىك پەسلى ۋە ھوسۇل _ يىغىن ۋاقتىدا قوشۇن ئەۋەتىپ، سۆرەلمە خاراكتىرلىق ئۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇ جايلارنى بولاڭ _ تالاڭ قىلىپ، ئىشلەپچىقرىشنى، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئاشلىقتىن قىسىش ئارقىلىق خەلقنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، قەشقەر رايونىنى بوي سۇندۇردى. يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق ھەربى يۈرۈش قىلىپ، يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىنى قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق، بۇ جايلارنىمۇ ئۆزىگە بوي سۇندۇردى، ئۇ كۇچا، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئارقا _ ئارقىدىن ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى.
قارا خىتايلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ۋە ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش نەتىجىسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇلار ئوتتۇرا رايوندا ئۆزىگە كېرەكلىك كىيىم _ كېچەك، يىمەك _ ئىچمەك ۋە ئات _ ئۇلاقلارنى خالىغانچە بۇلىدى، بولۇپمۇ قەشقەرىيە خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق تالان _ تاراج قىلدى.
كۈچلۈك ئەسلى نىستورىيان دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. غەربىي يۇرتلارغا كەلگەندىن كېيىن، بۇددا دىنغا ئېتىقات قىلدى. كۈچلۈك قەشقەرىيىدىكى بولۇپمۇ خوتەندىكى مۇسۇلمانلارنى بۇددا ياكى نىستورىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىشقا زورلىدى. بۇددا دىنغا كىرىشنى خالىمىغان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇردى، خوتەندە قۇرئاننى تەپسىر قىلىش، ئىسلام تارىخىنى، ئەدىبىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى، تىببى كىتاپلارنى ئوقۇشنى مەنئى قىلدى، ھەتتا مەدرىسلەرنىڭ ئىشىكلىرىنىمۇ ئېتىۋەتتى؛ خوتەندە 3000 دەك مۇسۇلمان دىنى ئولىمالىرىنى، دامۇللا، ئىماملارنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە زورلىدى. خوتەننىڭ ئاتاقلىق دىنى ئالىمى ھەزرىتى ئىمام ئالاھىددىن مۇھەممەت خوتەنىنى خوتەن خەلقىنى ئىسلام دىنىدىن قايتىشقا ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئالاھىددىن كۈچلۈكنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغاندا، كۈچلۈك ئۇنى خوتەن سېپىلىنىڭ قوقتىسىغا مىخلاپ ئۆلتۈردى؛ 3000 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئولىمالىرى، داموللىلارنى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇل بىلەن قىرىپ تاشلىدى؛ ئىسلامىيەتنىڭ قەدىمقى يادىكارلىقلىرىنى، مىللى مىراسلارنى ۋە ھەر خىل ئىلىم _ پەنگە دائىر تارىخىي ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى؛ ھەتتا مۇشۇ چاغلاردا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ قوليازما نۇسخىلىرى نابۇت قىلىۋېتىلگەن ئىدى.
3 – بۆلۈم چىڭگىز ئىستىلاسى
13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل دالىسىدا چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىقتى.
چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى ئىسمى تىمۇرچىن بولۇپ، ئۇ ھەربى ئاقسۆڭەك تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان. چىڭگىزخاننىڭ قەبىلىسى دەسلەپتە ئىرغونان دەرياسىنىڭ ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كېيىن ئونان دەرياسى بىلەن كورۇلۇن دەرياسى ئوتتۇرىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. موڭغۇل قەبىلىسى بىلەن بىللە گوبىنىڭ شىمالىدا يەنە نۇرغۇن قەبىلىلەر بار ئىدى. بۇ قەبىلىلەر ئىچىدىن تاتارلار (شەرقتە بۇيۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان)، ئوڭغۇتلار (سەددىچىن ئەتراپىغا جايلاشقان)، توڭراتلار (ئوڭغۇت ۋە تاتارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايلارغا جايلاشقان). كىرەيلەر (قاڭقاي تېغى بىلەن كىنتىك تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان)، مەركىتلەر (كىرەي قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان)، نايمانلار (قاڭغاي تاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان) قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئويراتلارمۇ بار ئىدى (مىڭ خانلىغى دەۋرىدە ئۇلار ئويرانغۇت دەپ ئاتىلاتتى. مانجۇ خانلىغى دەۋرىدە ئويرات ياكى ئويرۇت دەپ ئاتالدى). بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى بىر بىرىگە ئوخشىمايتتى: بەزىلىرى چارۋىچىلىق، بەزىلىرى ئوۋچىلىق ۋە بەزىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى؛ ئوڭغۇتلار، توڭراتلار دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. شىنجاڭغا خوشنا بولغان نايمانلار باشقىلارغا نىسبەتەن ئىلغارراق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يېزىغى بار ئىدى. ئۇلار دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. خىرىستىيان دىنىنىڭ نىستورىيان مەزھىبىگە ئېتىقات قىلاتتى.
تىمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە يۈرۈش قىلدى، موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بۇ ئەينى دەۋردىكى بىرلىشىش ئىستىگى تارىخنىڭ تەرەققىيات يۈنۈلۈشىگە ئۇيغۇن ئىدى. شۇڭا تىمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن مەركىتلەر ۋە كىرەيلەرنى مەغلۇپ قىلدى. باشقا موڭغۇل قەبىلىلىرى تىمۇرچىننىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، ئارقا – ئارقىدىن ئۇنىڭغا تەسلىم بولدى. مىلادىنىڭ 1206 – يىلى، ھەر قايسى ئاقسۆڭەكلەر ئونان دەرياسى بويىدا قۇرۇلتاي ئېچىپ، تىمۇرچىننى پۈتۈن موڭغۇللارنىڭ خاقانلىغىغا سايلىدى، ئۇنىڭغا «چىڭگىزخان» دىگەن ئۇنۋاننى بەردى.
چىڭگىزخان پۈتۈن موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ غەرپ ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى.
مىلادىنىڭ 1218 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ جەبە نويۇن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلىرى قەشقەرىيىگە يۈرۈش قىلىپ كۈچلۈككە ھۇجۇم قىلدى. موڭغۇللار كۈچلۈك بىلەن قەشقەرىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك ئۈستىدىن تېز غەلىبە قازاندى. كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت ۋە خەلقلەر ئارقا – ئارقىدىن كۈچلۈكنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخانغا تەسلىم بولدى. كۈچلۈك قەشقەرنىڭ غەربىدىكى پامىر ئىگىزلىگىگە قاراپ قاچقاندا، جەبە نويۇننىڭ ئاۋانگارت قوشۇنىدىكى ئىسمايىل سارىققۇلغىچە قوغلاپ بېرىپ ئۇنى ئەسىر ئېلىپ ئۆلتۈردى. ئارقىدىنلا موڭغۇل قوشۇنلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى. قەشقەردىكى قاراخانىلار خانى، يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇللارغا تەسلىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار قەشقەرىيىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلدى.
موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1219 – يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، مىلادىنىڭ 1222 – يىلى ماۋرا ئۇننەھردىكى قاراخانىلارنىڭ ئېلىك خانلىغى ۋە خارەزىم شاھنى بوي سۇندۇردى.
چىڭگىزخان ماۋرا ئۇننەھر ۋە قەشقەرىيىنى بوي سۇندۇرغارندىن كېيىن، بۇ رايونلاردا چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى تىكلەندى، قاراخانىلار خاندانلىغى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى.
ئىزاھات:
① ستالىن: «دىيالېكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتىرىيالىزىم».
قاراخانىلار تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر يىلنامىسى
840 – يىل      قىرغىزلار ئوتوكەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى. قاراخانىلارنىڭ جەمەتىدىن پان تېگىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە غەربتىكى قارلۇق زىمىنىغا كۆچۈپ بېرىپ، يەتتە سۇ رايونىدا قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇردى.
سامانىلار خاندانلىقىدىن نوھ ئىبنى ئەسەد ئەسكەر چىقىرىپ ئىسپىجاپنى ئىشغال قىلدى.
9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا      بىلگە قادىرخان ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بازىر چوڭ خاقان بولۇپ، بالاساغۇننى ئىدارە قىلدى، ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخان ئۇنۋانى بىلەن تالاسنى ئىدارە قىلدى.
893 – يىلى    ئوغۇلچاق قادىرخان قەشقەرنى پايتەخت قىلدى.
10 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا    ساتۇق تېگىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم ساتۇق تېگىن دەپ ئاتالدى.
10 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا ساتۇق تېگىن ئىسلام دىنىنى تېخى قوبۇل قىلمىغان ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ، قەشقەردە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۆزىنى قاراخان دەپ ئېلان قىلىپ، قەھرىمانلىقنى ئىپادىلەيدىغان ”بۇغراخان“ ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى.
942 – يىلى      ساتۇق بوغراخان سۇياپ شەھىرىنى ۋە بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ، ئۇ جايلارنى قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى.
955 – يىلى      ساتۇق بوغراخان ۋاپات بولدى، قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىدە دەپنە قىلىندى.
956 – يىللار      ساتۇق بوغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم (تۈركچە ئىسمى بايتاش) بۇغرا قاراخان بولدى.
960 – يىلى        قاراخانىلار بالاساغۇننى قاراخانىلارنىڭ يەنە بىر پايتەختى قىلدى.
971 – يىلى      مۇسا بۇغراخان ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، بۇددىزىمنىڭ مەركىزى بولغان ئودۇن (خوتەن) خانلىقى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى.
992 – يىلى      مۇسا بۇغرا قاراخان ۋاپات بولدى. ئۇ ئاتۇشتىكى قاراخانىلار قەۋرىستانلىقىدا دەپنە قىلىندى. بۇ ئورۇن ئاتۇشتا ”بۇغرام“ مازىرى نامى بىلەن ئاتالدى.
ھارۇن بوغرا قاراخان تەختتە ئولتۇردى. ئۇ زېمىن دائىرىسىنى پەرغانە، سەمەرقەنت ھەتتا ماۋرائۇننەھرگىچە كېڭەيتىپ، بۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى.
997 – يىلى      ھارۇن بۇغراخان بۇخارادىن قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە ۋاپات بولدى.
يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى.
999 – يىلى          قاراخانىلار خانلىقى سامانىلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئىگەللەپ، سامانىلار دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى.
1000 – يىللار          غەزنە ھۆكۈمدارى سولتان مەھمۇت قاراخانىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىۋىنى قويدى، دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
1007 – يىللار          قاراخانىلار بىلەن غەزنە ھۆكۈمدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى. ئاخىر غەزنە خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى مەھمۇت سۈلھى تەلەپ قىلدى.
1010 – يىلى            خوتەندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان خەلقلەر ئىسلام دىنىدىن يېنىپ، قاراخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى.
يۈسۈپ قادىرخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىپ نۇرغۇن كۈچ توپلاپ، دىنىي ئولىمالار بىلەن بىرلىكتە خوتەنگە غازات قىلىپ، خوتەندە ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى.
1026 – يىلى            قاراخانىلارنىڭ خانى يۈسۈپ قادىرخان بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى.
1032 – يىلى        قاراخانىلار خانلىقىنىڭ خانى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى ۋە قەشقەردە دەپىن قىلىندى.
1032—1056– يىللارغىچە      سۇلايمان تېگىن ئارسلان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. بۇ مەزگىلدە قاراخانىلار خانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخت، قەشقەرنى قىشلىق پايتەخت قىلدى، قەشقەرنى ئوردا كەنت نامى بىلەن ئاتىدى.
1039 – يىلى        ئىبراھىم ئىبنى ناسىر ئېلىك خان ”تابغاچ ئىبراھىم خان“ ئۇنۋانىنى قوللاندى.
1041 – يىلى            تابغاچ ئىبراھىم خان سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلدى ۋە ماۋرەئۇننەھرىنى كونتۇرۇل قىلدى. سالجۇقلار سولتانى ئالىپ ئارسلان تابغاچ ئىبراھىم خانغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. تابغاچ ئىبراھىم خان باغداد خەلىپىلىگىدىن ياردەم سورىدى، باغداد خەلىپىلىگى بۇ ئۇرۇشقا قول سالمىدى، تابغاچ ئىبراھىم خانغا ”مۆمىنلەرنىڭ ئەزىزى“ دېگەن ئۇنۋاننى ھەدىيە قىلدى.
1056 – يىلى          قاراخانىلارنىڭ خانى سۇلايمان ئارسلان قاراخان ۋاپات بولدى.
ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخانىلار خانى بولۇپ ”بۇغرا ئارسلان قاراخان“ ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى.
1068 – يىلى            غەربتە تابغاچ ئىبراھىم خان سالجۇقىلار سولتانى ئالىپ ئارسلان خان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ۋاپات بولدى.
ناسىر ئىبنى ئىبراھىم شەمسىئۇلئەلمۇلۇك تەختتە ئولتۇردى.
1069—1070– يىللىرى          بۆيۈك مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ «قۇتادغۇ بىلىك» نى تاماملاپ، قاراخانىلار خانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا ئارسلان قاراخانغا تەقدىم قىلدى؛ قاراخان يۈسۈپكە ”خاس ھاجىپ“ ئۇنۋانىنى بەردى.
1072—1075– يىللىرى        ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى تاماملاپ، باغداد خەلىپىسىگە تەقدىم قىلدى.
11 – ئەسىرنىڭ 70 – ۋە 80 – يىللىرىدا        تارىخشۇناس ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى «قەقەشقەر تارىخى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى.
1105 – يىلى            ئەھمەت ئىبنى ھەسەن قاراخان خانلىق تەختىدە ئولتۇردى.
قاراخانىلار مەھمۇت ئىبنى ئابدۇجەلىل قەشقەرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىگىنى باغداد خەلىپىلىگىگە ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى يولغا قويدى.
1124 – يىلى            قارا خىتايلار خانى يەللىغ تاشىن قارا خىتايلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ كەلدى ۋە قۇرۇلتاي ئېچىپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ 40 مىڭدەك ئادەم توپلاپ، ئىلى دەريا ۋادىسى، ھەتتا چۆچەك رايونىغا قەدەر كېلىپ ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار تارىختا ”قارا خىتاي خانلىقى“ دەپ ئاتالدى.
1128 – يىلى            قاراخانىلار خانى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت بۇغرا قاراخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قارلۇق، قىپچاق ۋە قاڭلىلار ئىسيان كۆتۈردى. ئىبراھىم قاراخان بۇ ئىسياننى تىنجىتىش ئۈچۈن، يەتتە سۇغا كەلگەن قارا خىتايلاردىن ياردەم سوراپ، ئۇلارنى شىمالىي ئېلىك خانلىقتىكى يەتتە سۇغا ئورۇنلاشتۇردى. كېيىن قارا خىتايلار يەتتە سۇنى ئىشغال قىلىۋالدى.
1133 – يىللار          غەربتىكى قارا خىتايلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرىلەپ، قاراخانىلارنىڭ قارلۇقلاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى يېڭىپ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى.
1141 – يىللار          قوچۇ خانلىقىمۇ قارا خىتايلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.
قارا خىتايلار خانلىقى سالجۇقىلار سولتانى سەنجارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. كاتۋان چۆلىدىكى ئۇرۇشتا سالجۇقىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى.
خارەزىم قارا خىتايلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.
1156 – يىلى        ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت ۋاپات بولدى. مۇھەممەت ئىبنى ئىبراھىم قاراخانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى. بۇ مەزگىلدە ماۋرا ئۇننەھر، يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا قارا خىتايلار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭلار كۆتۈرۈلدى.
1158 – يىلى        قارلۇقلار خارەزىم شاھى بىلەن بىرلىشىپ، ماۋرا ئۇننەھردىكى سەمەرقەنت خانىغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى.
1200 – يىلى        غەربتە قاراخانىلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان قاراخانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
بۇ دەۋرلەردە ماۋرا ئۇننەھردە، قەشقەردە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى. ئوسمان قاراخان قارا خىتايلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلىنى دەرياغا تاشلاپ، قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى.
1204 – يىلى        نايمانلارنىڭ باشلىقى كۇچلۇك قەشقەرىيىگە قېچىپ كېلىپ، قارا خىتايلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ھەركەت قىلدى.  قەشقەردىكى قاراخانىلار خانى يۈسۈپ ئىبنى مۇھەممەت ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى ۋە قارا خىتايلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى.
1211 – يىلى   نايمانلارنىڭ باشلىغى كۇچلۇك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، قارا خىتايلارنىڭ ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ باشلىغى چۇرۇقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. قارا خىتاي خانلىقى يىمىرىلدى.
1211—1212– يىللىرى    كۇچلۇك قارا خىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالدى.
1218 – يىللى   چىڭگىزخاننىڭ جوبە باشچىلىقىدىكى قوشۇنى قەشقەرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، كۇچلۇكنىڭ قول ئاستىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى.
1219 – يىلى          چىڭگىزخان غەربتە قەشقەردىكى قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلدى.
1221 – يىلى   شەرقىي قاراخانىلار خانلىقى يىمىرىلدى. پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشتى.

پايدىلانغان كىتاپلار
«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 1- قىسىم، خەنزۇچە، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىرى.
ۋ. بارتولد: «يەتتە سۇنىڭ تارىخىي ئوچرىگى»، رۇسچە نەشىرى.
شۇەن جۇاڭنىڭ «غەربىي رايونغا ساياھەت خاتىرىسى»، خەنزۇچە.
ئېنگېلس: «ليۇدۋىگ فېيېرباخ ۋە نېمىس كىلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى».
«ماركىس، ئېنگېلس، لېنىن، سىتالىن، ماۋزېدۇڭ ئەسىرلىرىدىن تاللانما» 1979 – يىل، مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىرى.
ۋ. بارتولد: «موڭغۇللار ئىستىلاسى»، 1931 – يىل، تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشىرى.
ئەبۇ جاپپار مۇھەممەت ئىبنى جەبىر تەبرى: «تارىخ تەبرى»، پارىسچە، 2 – توم.
«ئۆزبېكىستان س س  س ر تارىخى»، 1956 – يىل تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشىرى.
ف. ئېنگېلس: «ديۇرىڭغا قارشى»، 1972 – يىل مىللەتلەر نەشىرى.
ئابابەكرى مۇھەممەت ئىبنى جەپەر نەرشەخى: «بۇخارا تارىخى».
گەردىزى: «زەينۇل ئاخبار».
جيەن بوزەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، خەنزۇچە.
فېڭ جياشېڭ: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار توپلىمى»، خەنزۇچە نەشىرى.
«تاڭ خاندانلىقىنىڭ كونا تارىخى».
ئوبۇلغازى: «شەجەرەئى تۈرك».
بېرنشتېين: «قازاق پەلسەپە تارىخى»، رۇسچە نەشىرى.
«تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى».
گۇباۋ: «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر»، 1981 – يىل.
ئەھمەت زەكى ۋەلىدى توغان: «قەدىمقى كۇچا خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى»، 1945 – يىل «شىنجاڭ گېزىتى».
ۋىليام سامۇلىن: «12 – ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان»، ئېنگلىزچە.
«ھۇدۇدۇلئالەم»، رۇسچە نەشىرى.
بېرنشتېين: «ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللار تەتقىقاتى»، رۇسچە.
«قەدىمكى تۈركىي تىللار لوغىتى»، 1968 – يىل لېنىنگرات نەشىرى.
ئىبنۇلئەسىر: «تارىخى كامىل»، 1883 – يىل سىبىرىيىدە بېسىلغان.
پروفېسسور رەشىد رەھمەتى ئارات: «قۇتادغۇ بىلىككە يېزىلغان كىرىش سۆز»، 1979 – يىل، ئىستانبۇل.
«تەزكىرەئى بۇغراخان»، 1830 – يىل قولدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.
«خوجا ئەبۇنەسرى سامانى تەزكىرىسى»، قوليازما.
موللانىياز: «تورت ئىمام تەزكىرىسى»، 1797 – يىل قوليازما.
نىزام ئارودى: «بۇخارا تارىخى».
مۇھەممەد ئىبنى خاۋەندە شاھ ئىبنى مەھمۇت مىرخۇند: «تاۋارىخ رەۋزەتۇسسافا»، 1831 – يىل، بومباي.
مىرزا شاھ مەھمۇت جاراس: «تارىخى رەشىدى زەيلى».
ج. كلوسۇن: «ئۇيغۇرلارنىڭ نامى توغرىسىدا»، رۇسچە نەشىرى، 1965 – يىل ئالمۇتا.
«يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ئىسمايىل تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
ستالىن: «دىيالېكتىك ماتېريالىزىم ۋە تارىخىي ماتېريالىزم».
«جۇڭگو – غەرب قاتنىشى توغرىسىدىكى ماتېرياللار توپلىمى»، خەنزۇچە.
دوكتۇر ب. ن. شەھسۇۋار: «فارابىنى تونۇشتۇرۇش»، تۈركچە، 1951 – يىل، ئىستانبۇل.
پروفېسسور ئاقجان ماشانۇر: «فارابى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 – يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن»، تۈركچە، 1950 – يىل نەشىرى.
جامال قارشىنىڭ «سۇراھ» قا يازغان كىرىش سۆزى، ئەرەبچە.
«ماركوپولو ساياھەتنامىسى».
چىڭ سۇلۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشى»، 1981 – يىل.
«تارىخنامە. ھونلار تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
«ۋېي سۇلالىسى تارىخى. دوۋۇ پادىشاھ تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
«تاڭ خانلىقىنىڭ يېڭى تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
«شىمالىي سۇلالە تارىخى. تېلىلار تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
«سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. قوچۇ تەزكىرىسى»، خەنزۇچە.
ەېڭ شىمىن: «قاراخانىلار توغرىسىدا بايانلار»، 1982 – يىل «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1 – سان.
ئو. پرىتساك: «قاراخانىلار تارىخى. قارلۇقلاردىن قاراخانىلارغىچە»، خەنزۇچە.
«ۋاڭ يەندى ساياھەت خاتىرىسى. ئىدىقۇت تەزكىرىسى».
دوكتور ئارسلان تەرزىى ئوغلى: «تۈرك تارىخى كونگىرىسى» 2 – جىلد، ئەنقەرە 1981 – يىل نەشىرى.
خەلق نەشىرياتى 1983 – يىل 1 – ئاي 1 – نەشىرى
(تۈگىدى).
مەنبە:ئوغۇز تور بېكىتى


نەتىجە قانچە جاپا بىلەن قولغا كەلسە ئۇنىڭ ھالاۋىتى شۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2013-7-4 17:26 , Processed in 0.236817 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش