
سېغىنماسقا يوقتۇر ئامالىم ،
سەن قەلبىمنى ئەپكەتكەن بولغاچ .
مىسكىن يۈرەك تولدى زەردابقا ،
كۆيمەس بۇندا مايلانغان ياغاچ .

سېغىنماسقا يوقتۇر ئامالىم ،
ئاشىقلىقىڭ چىقماس ھېچ ئەستىن .
ئەپسۇس ، ۋەدەڭ تەسلىمكار ئىكەن ،
چىقالمىدىڭ دۈشمەن قەستىدىن .

سېغىنماسقا يوقتۇر ئامالىم ،
كۆرگىنىمدە سۆيگۈ خېتىڭنى .
ئاللىقاچان ئۇنتۇدۇڭ بەلكىم ،
خاتىرەمنىڭ گۈزەل بېتىنى .

سېغىنماسقا يوقتۇر ئامالىم ،
تېپىشماقتەك ئۆتكەن كۈنلەر ھەم .
قاچۇرساقمۇ ھەرقانچە قىلىپ ،
ئۇچراشتۇرغان باغلار دەممۇ – دەم .

سېغىنماسقا يوقتۇر ئامالىم ،
قىيىن چاغدا قولۇڭ سۇنغىنىڭ .
رەقىبلىرىم يولۇم توسقاندا ،
زەرب بىلەن خەنجەر ئۇرغىنىڭ .

سېغىنماسقا يوقتۇر ئامالىم ،
كىرپىكلىرىم لەرزان چۈشكەندە .
« سېغىنارمىش » دەيدىكەن ، ئەمما –
قانداق بولار ئوتلار كۆچكەندە ؟