گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1644 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    مېنى سېغىنغانلارنى مەنمۇ سېغىندىم .

  • admin 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى،خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلە.

  • لالە1224 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

  • شاختۇرا 2013-6-26 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ھەر-بىر كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن ...

  • بۇرادەر 2013-6-24 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام مۇنەرداشلار. بۇرادەردىن سالام كەتتى.

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلىرىم

  • يەھيا618 2013-6-22 02:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام   ئەلەيكۇم    ياخشىمۇسىلەر .ئاڭلىسام   كايسى  كۈنى  بايدا  مولدۈر  يېغىپتىمىش    بۇ   راسما   ؟

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل ئۈچۈن تىكىنى بولغاچقا قالقان ، ۋىسال يۈرەكنى قىلىدۇ قان - قان .

  • شۇڭقار 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا ئەجەپ قىززىپ كېتۋاتدۇ يا؟

  • مۇختەرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ تىنجىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە ؛ دوستلار بىلەن   سۇغا چۈمۈلۈپ كەلگۈم بار .

  • مۇختەرجان 2013-6-26 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا نىمانداق بەك ئىسسىپ كەتتى ؟ ئەزىز دوستلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمىسۇن ، دىققەت قىلىڭلار .

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سەلتەنەتلىك گۈزەل باي . دېسە دېمسە گۈزەل جاي  يۇرتۇمنىڭ نامى گۇيا. ئاسماندكى گۈزەل ئاي

  • يەھيا618 2013-6-23 22:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمانداق زېرىكشلىك   كۇنلەر  بۇ   .ئۆينى ھەجەپ  سېغىندىم ...ھۇھۇھۇھۇھۇھ

  • بۈركۈت 2013-6-21 19:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار!ئامانمۇ سىلەر؟

كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 1

جۇش ئۇرىدۇ ياشلىق ھېسلىرىم (ئەركىن قەييۇم يالچىن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

106

تېما

4

دوست

7925

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى(Rank: 6Rank: 6)

يوقلىما
119
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4600
تۆھپە : 435
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-27

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 23:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇش ئۇرىدۇ ياشلىق ھېسلىرىم
ئەركىن قەييۇم يالچىن

ئاشۇ كېچە

ئاشۇ كېچە ساقلىدىم سېنى ،
گاھ شىۋىرغان سوغۇق بولسىمۇ .
كۆز يېشىمنى تۆكمىدىم ئەمما ،
يۈرەكلىرىم دەردكە تولسىمۇ .

مەھەللەڭگە باردىم نەچچە رەت ،
چۈشلىرىمدە سېنى قولتۇقلاپ .
ۋىسالىڭغا تېخى يېتەلمەي ،
ئۆتكەن كۈنگە كۈلدۈم قاقاقلاپ .

كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتىڭ پەقەت ،
گاھ نامايان بولاتتىڭ خىرە .
كۆزلىرىمنى كۆزۈڭگە تىكسەم ،
سەن بوينۇمغا سالاتتىڭ گىرە .

ئاشۇ كېچە يۈردۈم مەن تەنھا ،
تاپالمىدىم يار سېنى ئىزلەپ .
كۈتكەن ئىدىم سەندىن زور ئۈمىد ،
لېكىن ماڭا بەرمىدىڭ پۇرسەت .

سۆيمىسەڭمۇ مېنى يۈرەكتىن ،
مەن سۆيىمەن سېنى ئەي نىگار .
مەيلى كۆڭلۈڭ بولسۇن ئۆزگىدە ،
پاك سۆيگۈمگە بەرمىگىن ئازار .

يارغا مەكتۇپ

كۆك تىكەنگە ئوخشاتماڭ قىزچاق ،
بېغىمدىكى گۈل – چېچەكلەرنى .
مەن يوق چاغدا قوغلاپمۇ يۈرمەڭ ،
ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەرنى .

ياشنىتىمەن باغرىمدا سېنى ،
ئاداققىچە ئەزىزلەپ سۆيۈپ .
تېز جاۋاب بەر ، يۈرىمەن ئەنە ،
ھېجرانلاردا ئوتۇڭدا كۆيۈپ .

تەكلىپىمدىن دېلىغۇل بولۇپ ،
غەم يەپ يۈرمەڭ مېنىڭدىن لېكىن .
بىر تىلەك بار يۈرەك قېتىمدا ،
بولسىكەن دەپ ئانامغا كېلىن .

سۆيگۈ دېگەن

قىزىلگۈلگە ئوخشايسەن جانان ،
يۈزۈڭگە خال بەكمۇ ياراشقان .
شۇڭا سېنى ئاللاھ ئېگەممۇ ،
پەقەت ماڭا ئاتاپ ياراتقان .

ئالما تاپسام يېرىمى سېنىڭ ،
ئۆزۈم يالغۇز يىمەيمەن ئەسلا .
چۈنكى سېنىڭ مۇبارەك ئىسمىڭ ،
دىل بېتىمغا يېزىلغان تۇرسا ؟

ئۆزگىلەرگە قىلمايمەن بايان ،
كۆڭلۈمدىكى مەخپىيەت – سىرنى .
يۈرىكىمدە پەقەت سەنلا بار ،
سۆيمەيمەن ھەم باشقا بىرسىنى .

سۆيگۈ بىلەن ياشايلى گۈلۈم ،
سۆيگۈ دېگەن گويا بىر سەنئەت .
پۇراق چاچسۇن سۆيگۈ گۈلىمىز ،
سۆيگۈ دېگەن گۈزەل تەبىئەت .

ئانا

سېغىنغاندا سېنى جان ئانا ،
سۈرىتىڭگە قاراپ تويمايمەن .
بىر ئاللاھدىن تىلەپ ئۆمرۈڭنى ،
شاماللاردىن سالام يوللايمەن .

ئۇزاتقاندا ئوقۇشقا مېنى ،
كۆزلىرىڭگە ياش ئالدىڭ ئانا .
ئەركە ئوغلۇم يىراق كەتتى دەپ ،
يۈرەك – باغرىڭ بولدىغۇ يارا .

غەم قىلمىغىن مېھرىبان ئانا ،
ئۈمىدىڭنى چوقۇم ئاقلايمەن .
ياخشى ئوقۇ دېگەن سۆزۈڭنى ،
ئىشەن ماڭا ، دىلدا ساقلايمەن .

مەكتۇپ يازدىم ساڭا ئانىجان ،
ناتونۇش بۇ ھەيۋەت شەھەردە .
تىلە مېنىڭ بەختىمنى ئانا ،
گۈل يۇرتۇمدا ، سۈزۈك سەھەردە .
( ئاپتور: باي ناھىيە تيەنچىن كۆمۈرچىلىك شىركىتىدە)

1

تېما

4

دوست

284

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1712
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 156
تۆھپە : 2
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 21:27:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2013-7-4 16:56 , Processed in 0.164811 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش