گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1644 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    مېنى سېغىنغانلارنى مەنمۇ سېغىندىم .

  • admin 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى،خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلە.

  • لالە1224 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزۇن بىر زامان بولۇپ كېتىپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى....

  • شاختۇرا 2013-6-26 20:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ھەر-بىر كۈنۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۇن ...

  • بۇرادەر 2013-6-24 17:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام مۇنەرداشلار. بۇرادەردىن سالام كەتتى.

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلىرىم

  • يەھيا618 2013-6-22 02:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام   ئەلەيكۇم    ياخشىمۇسىلەر .ئاڭلىسام   كايسى  كۈنى  بايدا  مولدۈر  يېغىپتىمىش    بۇ   راسما   ؟

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل ئۈچۈن تىكىنى بولغاچقا قالقان ، ۋىسال يۈرەكنى قىلىدۇ قان - قان .

  • شۇڭقار 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا ئەجەپ قىززىپ كېتۋاتدۇ يا؟

  • مۇختەرجان 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ تىنجىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دىسە ؛ دوستلار بىلەن   سۇغا چۈمۈلۈپ كەلگۈم بار .

  • مۇختەرجان 2013-6-26 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاۋا نىمانداق بەك ئىسسىپ كەتتى ؟ ئەزىز دوستلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمىسۇن ، دىققەت قىلىڭلار .

  • شۇڭقار 2013-6-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سەلتەنەتلىك گۈزەل باي . دېسە دېمسە گۈزەل جاي  يۇرتۇمنىڭ نامى گۇيا. ئاسماندكى گۈزەل ئاي

  • يەھيا618 2013-6-23 22:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمانداق زېرىكشلىك   كۇنلەر  بۇ   .ئۆينى ھەجەپ  سېغىندىم ...ھۇھۇھۇھۇھۇھ

  • بۈركۈت 2013-6-21 19:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار!ئامانمۇ سىلەر؟

كۆرۈش: 253|ئىنكاس: 1

سۆيگۈ ياپرىقى (تۇنياز ھېيت سەرئالىپ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

106

تېما

4

دوست

7925

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى(Rank: 6Rank: 6)

يوقلىما
119
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 4600
تۆھپە : 435
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-27

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ ياپرىقى
تۇنياز ھېيت سەرئالىپ
ئىلتىجا
چېقىن چېقىپ ئۆتكىنىڭدە يولۇمدىن ،
سىرغىپ چۈشەر كۆزلىرىمدىن مۇڭ يېشى .
تەشۋىشلىنىپ ئۈزگىنىمدە گۈلۈڭدىن ،
ئۈمىد ئاتا قىلار ماڭا قۇت تېشى .

نىچۈن سېنى سۆيەلمەيمەن يۈرەكتىن ،
كىملەر كېلىپ دەردلىرىمنى ئوۋلىغان ؟
قاناتلىنىپ مۇھەببىتىم بىلەكتىن ،
ناخشىسىغا جورا قىلىپ توۋلىغان ؟

شۇل چۈشلەردىن زاھىر بولسا كۆرگىنىم ،
يېتەلىسەم ئويغاق پېتى مەنزىلگە .
قەھ – قەھ ئۇرۇپ ھايات پەيزى سۈرگىنىم ،
جۆر بولاتتى ھايات يولۇم پەللىگە .

سەن قەلبىمدە گويا بىر چوغلۇق
تەڭلەپ سالساڭ بىر قۇچاق ئازاب ،
كۆز دېڭىزىم چاچراتماس قەترە .
بۈيۈكلىكىڭ قەلبىمدە يايراپ ،
ئايلاندۇرار مەست قىلغۇچ ئەترە .

چوقۇۋالساڭ تۇمۇچۇق بولۇپ ،
بار جىسمىمنى قىلاي سەدىقە .
دىل قەسرىڭگە سالساڭمۇ قۇلۇپ ،
يالقۇن بولۇپ كۆيەر ئەقىدە .
باھار قارلىغىچى
باش باھاردىن بىر قۇچاق يۈدۈپ ،
دەرىزەمنى چەكتىڭ جىممىدە .
قايسى شامال ئۇچۇرتۇپ سېنى ،
بىلەلمىدىم ، ئەپكەلدىكىنە ؟

مامكاپ گۈلى سېغىندۇردىمۇ ؟
ۋىچىرلىشىڭ گويا بىر ئازاب .
سىرلىرىمنى تۆكۈپ بېرەيمۇ ؟
يار ئۇزاتقان يوللارغا قاراپ .

تىلىمىز بىر ، دىلىمىزمۇ ھەم ،
ئىستىكىمىز ئىللىق بىر ئۇۋا .
ۋىسال تامان باسىمىز قەدەم ،
مەنزىلىمىز بولىدۇ لاۋا .

تىلىكىم بار ، باھار قالىغىچى ،
ئېلىپ كەتكىن قوشۇپ يۈرەكنى .
ئۈششۈك ئاسمان ئاچسا نۇر چىراي ،
يولاتمايمەن سەندىن بۆلەكنى .

كېلىۋەرگىن باھار ئەلچىسى ،
سىرداش بولۇپ ئۆتەيلى ئىجىل .
ئۆسسۇن تېمەن سۆيگۈ ياپرىقى ،
ئاشىقلارنى قىلايلى خىجىل .
(ئاپتور: باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)

1

تېما

4

دوست

284

جۇغلانما

رەسمى ئەزا(Rank: 2)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1712
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 156
تۆھپە : 2
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 21:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز،تېخىمۇ كۆپلەپ مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلارنى يېىزىپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن! قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2013-7-4 23:05 , Processed in 0.179272 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش